تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يۈرەك ئىقتىدارىغا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يۈرەك ئىقتىدارىغا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن
  • مەنبە: www.zhibeidy.com
  • 2012-04-06 01:49

  •   تىبىي تەتقىقاتچىلار يېقىندا يۈرەك ئىقتىدارىغا پايدىلىق بىر قىسىم خىل كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئىلان قىلغان بولۇپ،بۇلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،يۈرەك كېسلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى تۆۋەنلىتىش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان.
       ئۆرۈك مېغىزى: ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك خولېسېرىن بولۇپ، بۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ناچار خولېسېرىننى ئازايتىپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
       پەمىدۇر: پەمىدۇر تەركىبىدىكى مول توماتىننىڭ يۈرەك، قان تومۇرنى قوغداش رولى بار بولۇپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.
       تاتلىقياڭيۇ: ئۇنىڭدا يۇقىرى تالا ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قالغان ئارتۇقچە كېسلاتالىق تەركىبنى نېيتراللاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدىكى كوللاگېن ھەمدە يېپىشقاق كۆپ قەنتلىك ماددا ئارتېرىيە قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.
    پالەك: پالەك قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ. تۇرۇپ: تەتقىقاتچىلار تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرا ياش- ياشانغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ۋە يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
        قارا ئۆرۈك: قارا ئۆرۈك ھەزىم قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ ۋە ناچار خولېستېرىننى تېزدىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، قاندىكى شېكەر تەركىبى ۋە خولېستېرىننى ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە ساقلاشقا پايدىلىق.
       قارا پۇرچاق: قارا پۇرچاق تەركىبىدە سىنىك،كىتون، ماگنېي، سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتەك مۇھىم رولغا ئىگە، كۈندە ئازراق قارا پۇرچاق ئىسېمال قىلغاندا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
       قارا قېرىنقۇلاق: قارا قېرىنقۇلاق تەركىبىدىكى قان پىلازمىسىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان ماددا ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.
       ئانار: ئانارنىڭ تەركىبىدىكى كۆپخىل ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئاشقازان جاراھىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرنى يۇمشىتىپ، قاندىكى ياغ ۋە شېكەر ماددىسىنى، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىۋېتىشتەك رولىغا ئىگە.
       چېچەكسەي: چېچەكسەينىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلىنى تەڭشەش رولى بار.
       كۈدە: كۈدىدىكى مۇچ ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى كۆيدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، مىتابولىزىمنى غىدىقلايدىغان تەبىئىي قان زەرداربى ھېسابلىنىدۇ.
             كۆرۈلۈشى:838     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-4-6 11:07:24يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    تەتقىقاتچىلار بىر قى..
    ئاغرىتماي جاننى ئالى..
    جىنسىي تۇرمۇشقا ئائى..
    ئەيدىزدىن يۇقۇملانغا..
    ئانارنىڭ شىپالىق رول..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682