ئاغرىتماي جاننى ئالىدىغان يەتتە تۈرلۈك قەبىھ راك كېسىلىدىن ھەزەر ئەيلەڭ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئاغرىتماي جاننى ئالىدىغان يەتتە تۈرلۈك قەبىھ راك كېسىلىدىن ھەزەر ئەيلەڭ
  • مەنبە: news.xinhuanet.com
  • 2012-03-26 01:24



  • ئاغرىتماي جاننى ئالىدىغان يەتتە تۈرلۈك قەبىھ راك كېسىلىدىن ھەزەر ئەيلەڭ



    1. قان سىيىش كېسىلى



    قورساق قىسىمىدا ئاغرىش سېزىمى كۆرۈلمەي قانلىق سۈيدۈك كۆرۈلسە بۇ بۆرەك راكى ۋە دوۋساق راكىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر قان سىيىش ئالامىتى بىلەن بىرگە قورساق ئاغرىسىا بۇ ئاجىرتىپ چىقىرىش سېستىسىدا تاش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى . ئوخشاش بىرخىل قان سىيىش ئالامىتىگە نىسبەتەن ئاغرىش ئالامىتىنىڭ بار -يوقلۇقى كېسەللىكنىڭ ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىكنىڭ ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ .



    2. ئاياللاردىكى سۈت بېزى راكى



    ئاياللارنىڭ كۆكسىدە قاتتىق ھۈررەك پەيدا بولۇپ ئاغرىمىسا چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك ، چۈنكى بۇ سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنىڭ بىرى . 


     3. جىنسىي يولدىن قان كېلىش



    ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن تويۇقسىز ئاغرىتماي قان كەلسە ، بۇ  بالىياتقۇ بوينى راكى ياكى بالىياتقۇ راكىنىڭ بىشارىتى .


    4. قان ئارىلاش پوتلا ئېقىش



    باز ئاغرىش ، يۇتقۇنچاق ئاغرىش ، بۇرۇن بوشلۇقى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا  قان ئارىلاش پوتلا ئاقسا ، بۇ بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق راكىنىڭ ئالامىتىدىن دېرەك بېرىدۇ .


    5. تېرە مۇڭگۇزلىشىش

    بۇ ئەھۋال كۆپرەك يۈز ۋە قول تېرىسىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ . تېرىدە يۇمىلاق شەكىللىك قىسمەن جايلىرى كۆتۈرۈپ تۇرغان ، قىسمەن جايلىرى تەكشى بولغان ئەسۋە كۆرۈلىدۇ . ئەمما ئاغرىمايدۇ . بۇ ئەھۋال تېرە راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ .

    6. لىمغا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش


    بۇ ئەھۋال ئاساسەن ئېڭەك ئاستى ، قولتۇق ، چاتراق ، بويۇن ، گەجگە سۆڭىكىنىڭ كەينى قىسمى  ، قۇلاق ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ . ئەمما ئاغرىمايدۇ ، تۇتقاندا قاتتىق سېزىلىدۇ . بۇ ئەھۋال ئاق قان كېسىلى ۋە لىمفا ئۆسىمىسىنىڭ خەتەرلىك سىگنالى .



    7. ئاشقازان يارىسى



    بەزى ياشانغان كىشىلەر ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولغاندا چوڭ تەرىتى قارا رەڭدە كېلىدۇ ، ئەمما قورساق ئاغرىمايدۇ .  بۇچاغدا گاستروسكوپتا تەكشۈرگەندە ئاشقازان يارىسىنىڭ ئاللىقاچان تەرەققىي قىلىپ ئاشقازان راكىغا ئايلانغانلىقىنى بايقايدۇ .

    مەيلى قايسىلا تىپىتىكى راك كېسىلى بولسۇن ، بالدۇر بايقاپ ، بالدۇر داۋالىغاندا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ . ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە سەل قارايدۇ ، شۇنداقلا تەكشۈرتسىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرتمەيدۇ . ئادەتتە بىر يېرى قاتتىق ئاغرىمىسا دوختۇرغا كۆرۈنمەيدۇ . ئاخىرىدا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا ئامالسىز قالىدۇ . شۇڭا ھەممەيلەن ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ ساغلاملىىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى !
             كۆرۈلۈشى:2501     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-26 18:28:59يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    تەتقىقاتچىلار بىر قى..
    ئاغرىتماي جاننى ئالى..
    جىنسىي تۇرمۇشقا ئائى..
    ئەيدىزدىن يۇقۇملانغا..
    ئانارنىڭ شىپالىق رول..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682