1.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قىزنىڭ ئالدىدا چوقۇم قەدىرلەشكە تىرىشىڭ،ھەرقانداق توسالغۇلاردىن قورقماڭ،ئەلۋەتتە ئەگەر سىز بۇ قىزنى سۆيۈشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىسىڭىز بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوق،لېكىن سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان قىزنى چوقۇم قەدىرلەڭ،يوقىتىپ قويسىڭىز پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ بىكا.
2.بىر ياش ئادەمنىڭ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق ئوي-خىيالى،نىشانى بولمىسا،دېمەك ئۇنىڭ بىر ئۆمرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇنداقلا بولىدۇ،ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ،خۇددى تىپتىنىچ كۆلنىڭ سۈيىدەكلا.
3.يۈرەكلىك بولۇش كېرەك،ئالاليدىغان قويالايدىغان بولۇش كېرەك.
4.دۇنيادا مۇنداق بىر توپ ئادەم بولىدۇ،كۈندە قولىڭىزغا گېزىتنى ئالسىڭىز شۇلارنىڭ خەۋىرى،تېلىۋىزورنى ئاچسىڭىزمۇ شۇلارنىڭ خەۋىرى،كوچىلاردا باشقىلار مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمۇ يەنە شۇلارنىڭ خەۋىرى،خۇددى بۇ دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغاندەكلا،سىزنىڭ نىشانىڭىزمۇ دەل مۇشۇنداق ئادەملەردىن بولۇشتىن ئىبارەت بولۇش كېرەك.
5.بۇ دېگەن كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يىقىتىدىغان رەھىمسىز جەمئىيەت.
6.ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى 10دوستىڭىزدىن سورىغان سۆزنى توققۇزى بىلمىسە بۇ دېگەن پۇرسەت،ئەگەر ئون دوستىڭىزدىن توققۇزى بىلسا بۇ دېگەن كەسىپ.
7.ھەرقانداق بىر كەسىپ،بىر بازاردا باشتا يەيدىغانغا گۆش بار كەينىدە ئىچىدىغانغا شورپىمۇ يوق بولۇپ قالىدۇ.
8.ياش ۋاقتىڭىزدا سىرتلارغا كۆپرەك چىقىپ ئايلىنىڭ،دۇنيا كېزىڭ!
9.باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا كۆپرەڭ تىڭشاڭ،كۆپ ئاڭلاڭ ئاز سۆزلەڭ،بۇ نېمىشقا سىزنىڭ ئىككى قۇلىقىڭىز بار ئەمما بىر ئېغىزىڭىزنىڭ بارلىقىنىڭ سەۋەبى.
10.كىيىم سېتىۋالغاندا،ئۆزىڭىز تاللاڭ،ئۆيدىكىلىرىڭىزگە ئالغۇزماڭ،گەرچە بىرىنچى ھەم ئىككىنچى قېتىم ئالغان نەرسىلىرىڭىز تايىنلىق بولسىمۇ،بارا-بارا تاللاشقا ئۇستا بولۇپ كېتىسىز.
11.ئالغا ئىلگىرلەيمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىڭ،مۇۋەپپىقىيەت يولى شۇنداق ئەگىر-توقاي بولىدۇ،مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن نېمە دېسە مەيلى چۈنكى مەغلۇبىيەتچىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ،لېكىن سىز ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ ئالدىڭىزدىكى يوللارنى قاراپ باسىسىز،دېمەك ئۆزىڭىزنىڭلا ئىشلىرىدىن ساۋاق ئېلىپلا قالماي مەغلۇب بولغانلارنىڭكىدىنمۇ ساۋاق ئېلىڭ.
12.ئۆگىنىشنىڭ بىلىمنىڭ چېكى يوق،شۇڭا توختىماي بىلىم ئىگەللىگەننىڭ،ئۆگەنگەننىڭ زىينى يوق،چۈنكى رىقابەت كۈچلۈك،ۋاقتى كەلگەندە تاماق قاچىڭىزنى قۇرۇق قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىمەيسىز.
13.ۋاقتىڭىزنى تېلىۋىزور ئالدىدا ئىسراپ قىلماڭ،توردا پاراڭلىشىش،ئويۇن ئويناشلارمۇ شۇنداق.
14.نامرات كىشلەر بەك كۆپ بولغاچقا،شۇڭا توردا قۇرۇق پاراڭ سېلىپ قاقشاپ ئولتۇرامدۇ؟ۋاقىت ئۆتكۈزەمدۇ؟سىز قايسى كارخانا دېرىكتورى ياكى باشقۇرغۇچىسىنىڭ بىكاچىدەك تورنىڭ ئالدىدىن كەتمەي چ چ پاراڭلاشقىننى كۆرگەن.
15.ئادەتتىكى ۋاقىتلىرىڭىزدا دوستلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىڭ،ھەرگىز ئىشىڭىز چىققاندا ياكى ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالغاندا ئاندىن ئىزدەش ياخشى ئىش ئەمەس.جەمئىيەتكە ھەقىقىي چىققان چېغىڭىزدا ھەقىقىي دوستقا ئېرىشىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.
16.ئۆزىڭىزگە بەش يىللىق پىلاندىن بىرنى تۈزۈڭ،ئاندىن ئۇنى بىر يىل بىر يىلدىن،يېرىم يىل يېرىم يىلدىن،ئۈچ ئاي ئۈچ ئايدىن بىر ئاي بىر ئايدىن بۆلۈپ،ئىجرا قىلىڭ.شۇنداق بولغاندىلا سىز نىشانىڭىز بىلەن يۆنىلىشىڭىزنى تاپالايسىز.
17.قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن قەدىر-قىممەت دېگەن بۇ سۆزنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ،ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى ھەم ئەڭ تۆۋەن چېكى بولۇش كرەك.بولمىسا ھېچكىم سىزنى ھۆرمەتلىمەيدۇ.
18.دۇنيادا بىكارلىق چۈشلۈك تاماق بولمايدۇ،مەڭگۈ چىغىر يولدا ماڭماڭ.
19.نېمىشقا ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا ھەم ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشكە بولمايدۇ؟سىز ئۆزىڭىزنى ئەڭ ياخشى دەپ قارىسىڭىزمۇ،پۈتۈن مەكتەپ،پۈتۈن شەھەر ياكى پۈتۈن دۇنيا سىزنى ئۇنداق دەپ قارىشى ناتايىن،شۇنىڭغا ئوخشاش سىز ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن ناچار دېسىڭىز بولىدۇ،لېكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ناچار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالامسىز؟شۇڭا ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرمەڭ ھەم ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭ.
20.ياشقا چوڭايغانسىرى باشقىلارنىڭ قارايدىغىنى سىزنىڭ چىرايىڭىز ياكى قەددى-قامىتىڭىز بولمايدۇ ئەكىسچە سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىز.سىزنىڭ غەيرەت-شىجائىتىڭىز بولىدۇ.
21.بۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ھەم تالانتلىق كىشلەر بولىدۇ،لېكىن ئۇلار ئاز ساننى ئىگەللەيدۇ،شۇڭا بىز ئۇلاردىن ھوزۇرلانساق بولىدۇ لېكىن سېلىشتۇرۇپ بەسلەشسەك بولمايدۇ.
22.نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنى خۇشاللىقنى يوقاتقان ،خۇشاللىق مەندىن يىراق دەپ ئويلايدۇ،باشقىلارنىڭ بىر ئېغىز باھاسىغا بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ خاپا بولۇپ يۈرىيدۇ،بۇ خىل پىسخىك ھەقىقەتەن بەك خەتەرلىك،چۈنكى سىز باشقىلار ئۈچۈن ياشىمايسىز.
23.كۈندە تىرىشىڭ،يەنە كېلىپ باشقىلاردىن بىر سائەت ئارتۇق.
24.ھەرقاچان ۋاھ كەچمىگەندىلا يەنە ئۈمىد ھەم پۇرسەت بارلىقىغا ئىشىنىڭ،پەقەت ئارزۇ-ئارمان بولىدىكەن،تىرىشسىلا يېتەلمەيدىغان نەرسە يوق،ئەگەر ئەركىشى بولسىڭىز سىزنىڭ تەقى-تۇرقىڭىز بىلەن ئىقتىدارىڭىز تەتۈر تاناسىپ بولىدىغان بولسۇن،بۈگۈن بەكمۇ رەھىمسىز،ئەتە تېخىمۇ رەھىمسىز،لېكىن ئەتىسىنىڭ ئەتىسى چوقۇم بەكمۇ گۈزەل.ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش وبلسىمۇ،بۈگۈنكى كۈندىن ۋاز كەچمەڭ.
25.باشقىلار بىلەن تەلەي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارماڭ.
26.بىر ئىش قىلغاندا ھەممە ئادەمگە،خەلقى-ئالەمگە بىلدۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
27.ئەگەر بالدۇر تۇرغان قۇشقاچنىڭ يەيدىغانغا قۇرۇت بولمىسا،دېمەك ئۇنى باشقا قۇچقاچلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەپ بولغان.
28.ياخشى پىسخىكا بولغاندىلا ياخشى كەيپىيات بولىدۇ.
30.زىياننى يەتكۈچە تارتىپ بولۇپ،تارتقۇچىلىقى قالمغىان چاغدا ئاندىن ھەقىقىي زىيان تارتمايدۇ،جاپانى قانچە كۆپ تارتسا ھالاۋەتنى شۇنچە كۆرگىلى بولىدۇ.
31.ئادەم پۇلنى گۆرىگە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ،لېكىن پۇل ئادەمنى گۆرلۈكىگە ئېلىپ كىرەلەيدۇ.
32.بىر ئادەمنىڭ خۇشال بولۇشى ئۇنىڭ ئېرىشكەن نەرسىسىنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس بەلكى ھېسابلاشقان نەرسىسىنىڭ ئازلىقىدىندۇر.