ئېسىڭىزدە بولسۇن .... - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
1.ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ھەممە ئادەم سىز ئويلىغاندەك سەمىمىي ۋە راستچىل ئەمەس ،شۇڭا باشقىلارغا بارلىقىڭىز بىلەن ئىشىنىپ كەتمەڭ ؛
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ھەممە ئادەم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ ، شۇڭا ئەمدى ئەخمەقلەرچە باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماڭ .
3. ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ھەممە ئادەم سىز ئويلىغاندەك ۋاپاسىزمۇ ئەمەس ، شۇڭا ساقلاپ قېلىشقا تىگىشلىك مۇھەببەتنى باغرى تاشلىق بىلەن رەت قىلىۋەتمەڭ .
4. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ياش بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا قىممەتلىك كۆز يېشىڭىزنى ئاسانلىقچە تۆكىۋەتمەڭ .
5. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، تىلەش بىلەن ھەممە نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ ، شۇڭا باشقىلاردىن تىلەش ئارقىلىق غورۇرىڭىزنى دەپسەندە قىلىپ ياشاۋەرمەڭ ؛
6. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، كىشى كۆڭلى يېرىم بولغاندا چوقۇم ياش تۆكۈشى زۆرۈر ئەمەس ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭىزگە پىخسىغلىق قىلماڭ ؛
7. ئېسىڭىزدە بولسۇن ،كىشى ئاقكۆڭۈل بولسىلا ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشقا ئېرىشەلمەيدۇ ، شۇڭا ئاسانلىقچە دىلى يۇمشاقلىق قىلماڭ ؛
8. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىز باشقىلارغا ئاتا قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغاچقا ئاتا قىلسىڭىز بولىدىغان ئىش يوق ، شۇڭا باشقىلارغا ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمەڭ ؛
9. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە ھېسىياتىڭىزنى چىرايىڭىزدا ئىپادىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، شۇڭا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاسانلىقچە سىرتقا ئىپادىلىمەڭ ؛
10. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ياخشى كۆرىشى ناتايىن ، شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنلەرگە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ ؛
11. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەسلىكى ناتايىن ، شۇڭا ئۇلارغا  زەھەرخەندىلىك بىلەن ئازار بەرمەڭ ؛
12. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى چۈشىنىشى ناتايىن ، شۇڭا جاھىللىق بىلەن كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيمەن دېمەڭ ؛
13. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىز نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە ئۆزىڭىزنى يارامسىز ھېس قىلماڭ ، چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىشى ناتايىن .
14. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، تۇرمۇشتا پەقەت سىز بىر ئادەملا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتمايسىز ، يەنە نۇرغۇن ئادەملەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ، شۇڭا بەزى ئىشلارغا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەك ، بەلكىم ئەتراپىڭىزدا قىيىنچىلىقى سىزدىن ئېغىر كىشىلەر يەنىلا تىرىشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ؛
15. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان پەقەت بىر ئۆزىڭىزلا دەپ قارىماڭ ، باشقىلارنى مەندىن ۋاز كەچتى دەپ ئويلىماڭ ، بەلكىم يەنە نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ئۈنسىز ياخشى كۆرىدۇ ، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار بولۇڭ ...
         كۆرۈلۈشى:2431     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-10-10 12:34:55يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

10 مىڭ تىللاغا ساتما..
ناھايىتى ئېسىل نەسىھ..
بۇ سەككىز سوئال سىزن..
سۈننەت تويلارغا ئۆزگ..
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى..
ئېسىڭىزدە بولسۇن .....

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682