ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ! - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!

قۇربان ھېيىت بولسا شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر ،قازاق ،خۇيزۇ ،قىرغىز ،تاتار ،ئۆزبىك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كاتتا بايرىمى .
         «قۇربان»ئەرەب تىلىدا «ئېرد قۇربان »ياكى «ئېرد ئازۇخا»دەپ ئاتىلىدۇ ،«ئېرد»بولسا بايرام دىگەن مەنىدە ،«قۇربان»بىلەن «ئازۇخا»بولسا قۇربانلىق قىلىش ياكى قۇربان بولۇش دىگەن مەنىلەردە بولۇپ شۇڭا بۇ بايرامنىڭ ئىسمى قۇربان ھېيىت ياكى قۇربانلىق قىلىش بايرىمى دەپ ئاتالغان .
          رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ،بۇرۇن ئەرەب شىمالى قىسمىدىكى خەلقلارنىڭ ئەجدادى ئېبراھىم پەيغەمبەر چۈشىدە ئاللاھنى كۆرگەن ھەم ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى مىنار تىغىغا  ئاپىرىپ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈشتەك بىشارەتىنى ئاڭلىغان ،ئاللاھ مۇشۇ ئارقىلىق ئېبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھقا  بولغان ساداقەتمەنلىكىنى سىنىماقچى بولغان . ئېبراھىم پەيغەمبەر ئوغلى ئىسمائىلنى مىنار تىغىغا  ئاپىرىپ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئاللاھ  ئېبراھىم پەيغەمبەرنىڭ   ئاللاھقا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى كۆرۈپ بىر پەرىشتىنى  ئېبراھىم پەيغەمبەرگە بىر قوچقارنى ئەۋەتىپ بېرىشكە ئەۋەتكەن ھەم  ئېبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا بۇ قوچقارنى قۇربانلىق  قىلىشنى بۇيرىغان .مانابۇ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى .شۇندىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئەرەبلىكلەر قۇربانلىق مال تەييارلاپ ،قان ئاققۇزۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان .ئىسلام دىنى شەكىللەنگەندىن كېيىن ئەرەبلىكلەر ئېبراھىمنى ئۆزلىرىنىڭ  پەيغەمبەرى دەپ ئېتىراپ قىلغان .

            ھەم  ئىسلام دىنى كالىندارى بويىچە ھەريىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىنى  قۇربانلىق قىلىش بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن .دۆلىتىمىزدە بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مىلادىيە كالىندارى  ئىسلام دىنى كالىندارىدىن 11كۈن پەرىقلەنگەچكە بىزنىڭ قۇربان ھېيىتىمىزنىڭ ھەريىلىدىكى كۈنى ئوخشاش بولمايدۇ .ئەنئەنىۋى قائىدىلەرگە ئاساسەن ،مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيىت كۈنى ئەتتىگەندە يۇيۇنۇپ ،يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ ،ئەرلەر مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئۆتەيدۇ ،تۇپراق بېشىغا چىقىپ ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ .ھېيىتتىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئائىلىلەردە ئۆيلەرنى تازىلاپ ،ساڭزا سېلىپ ،نان يېقىپ ھېيىت تەييارلىقى قىلىنىدۇ .مۇسۇلمان ئەرلەر ھېيىت كۈنى ئەتتىگەندە مەسچىتتىن كېلىپ ،قويلارنى ئۆلتۈرۈپ .گۆش پۇشۇرۇپ نامرات كىشىلەرگە بىر قىسمىنى بېرىدۇ .ئۆي-ئۆيلەرگە مېھمان بولۇپ ھېيىتلىشىدۇ .ھېيىتلىق كىيىملەرنى كىيىپ ئاتا-ئانا ،ئۇرۇق-تۇغقان ،دوستلىرىنى يوقلايدۇ ھەم ھېيىتلىق سالام يوللايدۇ .مۇسۇلمان ياش بالىلار ئۇسول ئويناپ ،ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قىلىپ ھېيىت تەنتەنىسىگە چۆمىدۇ .

         كۆرۈلۈشى:3101     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-11-14 16:09:33يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

10 مىڭ تىللاغا ساتما..
ناھايىتى ئېسىل نەسىھ..
بۇ سەككىز سوئال سىزن..
سۈننەت تويلارغا ئۆزگ..
ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنى..
ئېسىڭىزدە بولسۇن .....

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682