قىزلارغا نەسىھەت! - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
قىزلارغا نەسىھەت!

 

بىرىنچى دەرس:قىزلار،قانچە بالدۇر ئويغانسا،تەقدىرى شۇنچە ياخشى بولىدۇ
1.بىر ئۆمۈر گۆدەك قىز بولماڭ.

2.رىئاللىقتىن چەتنىگەن چوپلانلار سوپۇن فىلىمىدىن يىراق تۇرۇڭ.

3.ياش ۋاقتىڭىزدا چوقۇم بەربات بولىدىغان چۈشلىرىڭىز
(1):پىشانىگە پۈتۈلگەن تەقدىر

(2):ئۇنىڭ سۆيىدىغىنى سىزنىڭ قەلبىڭىز،تاشقى قىياپىتىڭىز ئەمەس

(3):مەن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قىز

(4):ئۇنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن چوقۇم ھەممە نەرسەمنى ئاتىشىم كېرەك،ئەگەر ئۇ سىزنى سۆيسە،ھەممە نەرسىڭىزنى ئاتاشقا زورلىمايدۇ.

(5)ئۇ بولمىسا مەن قانداقمۇ ياشامەن؟ئېسىڭىزدە چوقۇم چىڭ تۇتۇڭ،دۇنيادا كىم كىمدىن ئايرىلسىمۇ ئوخشاشلا ياشىيالايدۇ،كۆڭلىڭىزدىكى ئورۇننى ئۇنداق كەڭ قىلىۋەتمەڭ!

 

ئىككىنچى سائەت دەرس
سىز ئائىلە كېلىپ چىقىشىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،لېكىن تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

مۇكەممەللىكنى بەكلا قوغلىشىپ كەتمەڭ.

دۇنيا ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق ئادالەتسىز.

يېتەرسىزلىكلىرىڭىزگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.

 

ئۈچىنچى سائەتلىك دەرس
نەچچە ئون قېتىم مۇھەببەتلەشسىڭىزمۇ،كەلسە كەلمەس سۆيۈپ يۈرمەڭ.

يالغۇزلۇق ھەم زېرىكىشلىكتىن خالىغانچە بىرىنى تېپىپلا يۈرىۋالىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

نەچچە قېيىققا تەڭ دەسسىڭىز چوقۇم قېيىقتىن چۈشۈپ كېتىسىز.

ئەرلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىپ يېتەلەيدىغان،سېزىۋالالايدىغان بولۇڭ.

دۇنيادا سىزنى ھەممىدىن بەك سۆيىدىغان يەنىلا ئۆزىڭىز.

سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئەر بولسا دادىڭىز.

ئەگەر سىزگە سوۋغا ئېلىپ بېرىدىغان ئادەم بولمىسا،ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزگە سېتىۋىلىڭ.

24سائەتنىڭ ھەممىسىدە بىرلا ئادەمنى ئويلىماڭ.


بىر ئادەمنى سۆيگەنلىك ھەممىدىن ۋاز كەچكەنلىك دېگەنگە تەڭ ئەمەس.

چىرايلىق ھەم ئەقىللىق قىزدىن بولۇڭ.

تاشقى قىياپىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ،ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسۇن،كىيىم-كېچەك،يۈرۈش-تۇرۇشىڭىزغا دىققەت قىلىڭ.


كىتاب ئوقۇشقا،لىرىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا ئادەتلىنىڭ.

 

سىز يېتەرلىك مۇنەۋەر بولغاندا،مۇھەببەت ئۆزى ئىشىكىڭىزنى چېكىپ كېلىدۇ.

 

ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولۇڭ،بۇنداق بولغاندا سېھرىي كۈچىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.

 

سىز پۇلغىلا كېلىپ قالىدىغان قىز بولماڭ.
 


نەرگىلا بارسا كىشىنىڭ ئامراقلىقى كېلىدىغان ئىللىق چىراي قىز بولۇڭ.
 

ھاكاۋۇر،ئادەم ياراتمايدىغان قىزدىن بولماڭ.
 


كۈندە 10مىنۇت «ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويۇڭ».
 


ماختانچاقلىق خۇددى زەھەرلىك دورىغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭغا ھەرگىز خۇمار بولۇپ قالماڭ.

 

نىكاھىڭىز ياخشى بولسا ياقۇتقا ئوخشايدۇ،ناچار بولسا قۇرۇپ قالغانم ئوت-چۆپتىن پەرقى بولمايدۇ.

 

سىزنىڭ ياتلىق بولىدىغىنىڭىز بىر ئەرلا بولۇپ قالماستىن يەنە تۇرمۇش.



بىر ئەرنىڭ سىزنى شەرتسىز سۆيىشىگە ھەم قۇلدەك سۆيۈشىگە ئۈمىد باغلىماڭ.

 

«سىزنى سۆيىمەن»دېگەن گەپكە قارىغاندا«سىزنى ئەمرىمگە ئالىمەن»دېگەن گەپنىڭ بەكەرەك جېنى بار.

         كۆرۈلۈشى:2911     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-4-14 21:07:50يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

قىزلارغا نەسىھەت!..
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقي م..
ئاتا-ئانامنى يەنە قا..
«تۈركىيە فىلىملىرى ق..
مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى..
باشقىلارغا تەسەللى ب..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682