مۇھەببەتنىڭ ھەقىقي ماھىيتى،ھەقىقەتەن توغرا! - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقي ماھىيتى،ھەقىقەتەن توغرا!

 

1.مۇھەببەت يېڭى باشلانغاندا بەكمۇ تاتلىق،لېكىن بارغانسىرى ئادەمنى ھاردۇرۇپ قويىدۇ،كۆيەك يامانمۇ كۆنەكمۇ دەپ تېخى كۆندۈرۈپ قويىدۇ،يۈز ئۆرۈيدۇ،زېرىكىدۇ،ئۈمىدسىزلىنىدۇ،سوغۇق كۈلۈمسىرەيدۇ.ئىلگىرى بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈشكە ۋەدىلەشكەنلەر،ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئايرىلىپ كەتكىنىگە بەكمۇ خۇشال بولىدۇ،لېكىن قانداقتۇر بىر ۋاقىتلاردا،بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر ئادەمنى بەكمۇ سۆيىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز.لېكىن بىز ئاخىرىدا،ئۇنىڭ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز.

2.سىز يوقىتىپ قويسىڭىز بولمايدىغان ئادەمنى ئەمەلىيەتتە يوقىتىپ قويالمايمەن دېيەلمەيسىز،سىز يىغلاپ ياشلىرىڭىز قۇرغاندا،يەنە بىر ئادەم سىزگە ئىللىق كۈلۈمسىرىگەندە،سىز ئازابلىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندە،سىزنى سۆيمەيدىغان شۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە قەتئىي سىزنىڭ ئازابلىنىشىڭىزغا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.ھازىر ئويلىسىڭىز شۇنداق كومىدىيەلىك تۇيۇلامدۇ؟يەنە بىر يېڭى دۇنيارىڭىز بولغاندا،بارلىق ئازابلار تارىخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

3.مۇھەببەتنى تەسەۋۋۇر قىلساق رىئاللىقتىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ،تونۇشقاندىمۇ شۇ ئايرىلغاندىمۇ شۇ.بىز شۇنداق چوڭقۇر سۆيگەندەك ھېس قىلىمىز،بەكمۇ چوڭقۇر،لېكىن بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى،ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ پەقەت بىرگە بولغاندا ئاندىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىمىز.

4.مۇھەببەتنىڭ سەۋەبىدىن ئىككى ناتونۇش ئادەم بەكمۇ تونۇش ئادەمگە ئايلىنىدۇ،ئايرىلىش سەۋەبىدىن ئەنە شۇ بەكمۇ تونۇش ئادەملەر يەنە ناتونۇش ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ.ئوخشاش ئىككى ئادەم،ئايرىلغاندا بولسا سەن ماڭا بارغانسىرى ناتونۇش تۇيۇلىۋاتىسەن دەيدۇ،مۇھەببەت دەل مۇشۇنداق،ناتونۇشنى تونۇش قىلىدىغان،تونۇشنى ناتونۇش قىلىدىغان سىرلىق ئويۇن.

5.مۇھەببەت بىر ئادەمنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ،بۇ ياشلىقنىڭ ياخشى تەرىپى ھەمدە دەردى.مۇھەببەت ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،بەلكىم ياخشى ئادەمنى يامان قىلىۋىتىشى،ياكى يامان ئادەمنى ياخشى قىلىۋىتىشى مۇمكىن.

6.ئەر كىشىنىڭ ئۆمرى ئاياللارغا مۇنۇ ئىككى ئىشنى قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ،ئۇنىڭ تەسەۋۋرىدىكىدىن ياخشى بولۇش ياكى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىن يامان بولۇش،ئايال كىشى ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى بىلەن ئۇنىڭ يامان تەرىپىنى كەچۈرىدۇ،ئەگەر بىر كۈنى ئۇلار ئايرىلىپ كەتسە،ئەرنىڭ بەك ئەسكىلىكىدىن ئەمەس بەلكى ئايالنىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىدىندۇر،بىزنىڭ ئۆمرىمىزدە چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشكە ھەم چوقۇم ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك ئىشلار ئوخشاشلا بەك كۆپ.بەزى ئىشلارنى چوقۇم ئۇنتۇپ كەتكەن ياخشى،بولۇپمۇ سىز ئەڭ سۆيىدىغان ئادەمنىڭ سىزگە بەرگەن ئازابىنى.


7.ۋاقىت مۇھەببەتنى چۈشەندۈرىدىغان ياخشى قورال،ئۇ ئادەمگە مۇھەببەتنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ،ئۇنى قوبۇل قىلغۇزىدۇ،بەزىدە بىتچىت قىلغۇزىۋىتىدۇ.ھەرقانداق بىر قايغۇ-ھەسرەتنى ۋاقىت يېنىكلىتەلەيدۇ،ئەگەر ۋاقىت سىزگە ئۇنتۇپ كېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۇنۇتقۇزالمىسا،ئېسىدە ساقلاشقا تېگىشلىك بولمىغان ئادەملەرنى ئەستە ساقلىغۇزۇپ قويسا،بىزنىڭ سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان يىللىرىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ئەگەر بارلىق ئازاب،قايغۇ-ھەسرەت،مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يالغان بولسا،ئۇنداقتا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى؟ئەپسۇس،يالغان مۇھەببەتلەر،يالغان ياخشىلىقلار،ئۆزىمىزنىڭ يەتكۈچە ئازابلىرى،مەغلۇبىيەتلىرىمىز ھەممىسى ئۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغاندەك ھەقىقىي رىئاللىق.

 

8.ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار،لېكىن سىزنى سۆيمەيدۇ،مانا بۇ سىز مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدىغان كەمچىلىك.بىر ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى شەخسىيەتچىلىكى،ئارتۇقچە ئويلىشى،ياۋايى،بوينى قاتتىقلىقى بولماستىن،بەلكى ئۆزى سۆيمەيدىغان ئادەمنى سەۋدايىلارچە سۆيۈشىدۇر.يوشۇرۇن كۆيۈش ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنگە تەڭ،ئۇلۇغ قۇربالىق ھېسابلىنىدۇ،يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈش ئەمەلىيەتتە بەك بىچارە ئەھۋال،خۇددى ئۆزىنى شۇ ئادەمنى ھەقىقىي سۆيىدىغاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.
9.ئەڭ رومانتىك بولغان مۇھەببەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ،ئەڭ رومانتىك مۇھەببەتلىك سۆز بولسا،سىز ئايرىلىپ كەتكەن ئادەم سىزگە تېلفۇن قىلىپ ياخشىمۇسەن؟ دېيىشى.سىز خۇددى ھەيران قالغىنىڭىزنى چاندۇرمىغاندەك مەن ناھايىتى ياخشى دەيسىز،ئەمەلىيەتتە سىز ئۇنى ھېلىھەم سۆيىسىز،ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ كۈنىڭىز ئۆزىڭىز دېگەندەك ياخشى ئۆتمەيۋاتىدۇ،ئەرلەر ئۆزىنى قەيسەر كۆرسىتىشىدىكى سەۋەب ئۆزىنى قىزنىڭ ئالدىدا بىچارە ھەم ئاجىز كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن،قىز بالىنىڭ ئۆزىنى بەختلىك كۆرسىتىشى بولسا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنى ئەرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈندۇر.


10.مۇھەببەت بەزىدە ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىدىغان بىر ئىش،ئەقلىنى ئىشلىتىپ تاللىغان ھەم قارار چىقاردىم دېگەن گەپ پەقەت ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەن سۆزلەردۇر خالاس.مۇھەببەت ئەزەلدىنلا ئاسارەت ھېسابلىنىدۇ،مۇھەببەتنى قوغلاشقانلىق ئەركىنلىكنى قوغلاشقانلىققا باراۋەر ئەمەس.ئەركىنلىك بەك قىممەتلىك،دەل شۇ قىممەتلىك نەرسىنى بىز مۇھەببەت دېگەن نەرسىگە ئالماشتۇرىمىز،چۈنكى بىر ئادەمنى سۆيگەندە،بىز بىلىپ تۇرۇپ ئەركىنلىكنى قۇربانلىق قىلىمىز،ھەمدە ۋەدە بېرىشكە رازى بولىمىز.


11.يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتى ھەم مۇددىتى بولىدۇ،لېكىن قىز بالا يېمەكلىك ئەمەس،ياشلىقنىڭمۇ چېكى بار،سەۋر-تاقەتنىڭمۇ چېكى بار،شۇڭا مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنى ياخشى سۆيۈڭ،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭ،چۈنكى ئۇ سىزنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرالمايدۇ.ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بولىدۇ،ئادەم تۇغۇلىدۇ،قېرىيدۇ،كېسەل بولىدۇ،ئۆلىدۇ.مۇھەببەتمۇ ئادەممۇ تۇيمىغان ھالدا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.


12.مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان قىز دائىم بۇ جەڭدە يېڭىلىپ قالىدۇ،مۇھەببەت ئەسلىدىلا بەكمۇ ئېچىنىشلىق نەرسە،يەڭگەنلەر پادىشاھ.مۇھەببەتنى يۆتكىگىلى بولىدۇ،نىكاھنىمۇ ھەرۋاقىت توڭلىتىپ قويغىلى بولىدۇ،مۇھەببەت ھەم گۈزەل ھەم كىشىنى ئازابلايدىغان نەرسە،شۇڭا بۇ يولغا كىرگەندە ئەڭ بىرخەتەر ئەڭ ماس كېلىدىغان كوچىدا مېڭىش كېرەك.

13.يوقاتقاندىن كېيىن ئاندىن قەدرىنى بىلىسىز،مۇھەببەتنىمۇ شۇ،ھەقىقىي يوقاتقان چېغىڭىزدا ئاندىن نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز،نېمىشقا يېنىڭىزدا بار ۋاقىتتا قەدىرلىمەيسىز،شۇڭا بار ۋاقتىڭىزدا قەدىرلەڭ.يوقاتقاندا ئۆكۈنگىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق.مۇھەببەت ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ،ئۇنىڭ مۇقىم ئۇقۇمى يوق،مىڭ كاللىدىكى مۇھەببەت مىڭ خىل بولىدۇ.شۇڭا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىش شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا باغلىق.

14.ئادەم ئۆمرىدە كىشلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ،تونۇشىدۇ،ئايرىلىدۇ،لېكىن ھەممە ئادەم ئايرىلىش دېگەن بۇ سۆزگە بەك ئۆچ.بۇ دۇنيا مۇھەببەت گۈزەل ھەم مۇھەببەت بىلەن شۇنچە رەزىلدۇر.

         كۆرۈلۈشى:2026     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-4-11 0:27:38يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

قىزلارغا نەسىھەت!..
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقي م..
ئاتا-ئانامنى يەنە قا..
«تۈركىيە فىلىملىرى ق..
مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى..
باشقىلارغا تەسەللى ب..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682