-ئاخىرى ئەسلىڭىزگە قايتتىڭىز.››دىدىم مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ . ‹‹تېز بىز ئەمدى ئاكىڭىزنى قۇتقۇزاايلى››دىدىم ئۇنى تۇرغۇزۇپ.
توغرا مۈشۈكۈم!مەن ئۇنىڭ يىنىغا كەلدىم. ئۇ بىشىنى بوشقىنە كۈتۈرۈپ ماڭا قاراپ قويدى، ‹‹سەن ھىچىنىمە بولمايسەن بورادەر!سىنى بىللە ئېلىپ كىتىمەن.ئۇ ئاغزىنى بوشقىنە ئاچتى. مەن ئۇنى ئاۋايلاپ سىلىۋىدىم ئۇ زورىغا ئورنىدىن تۇردى. بىر دەمدىن كىيىن ئۇ جانلىنىپ ماڭا قاراپ دەس تۇردى.‹‹رەخمەت››دىدىم.مەن مۈشۈككە قاراپ. ھىپىزەم بۇنداق دىيىشىمگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. بىراق تۇيۇقسىز ئۇ ‹‹ئۇنى مەن مۇشۇنداق قىلىپ قويدۇم››دىدى. ھەمدە بىشىنى قالماللاپ تۇرۇپ قالدى.ۋە تۇيۇقسىزلا‹‹مەن يەنە بىر موماينى ئۆلتۈرىۋەتتىم . ئۇ مىنى قۇتقۇزۋال ››دىگەن ئىدى،بىراق مەن ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم.توغرا!مەن يەنە سىزنى ئۆلتىرىۋەتمەكچى بولدۇم،،،››ئۇ ھەممە ئىشلارنى .ئىسىگە ئېلىۋاتاتتى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى قورقۇنۇچلۇق چۈش دەپ بىلىڭ!ھازىر بىر ئاكىڭىزنى قۇتقۇزايلى!-دىدىم ئۇنى قولىدىن تارتىپ،
-ئۇلارغا سىز كېرەك .-دىدى ئۇ تۇيۇقسىز بىشىنى كۆتىرىپ.
-نىمىشقا!-دىدىم مەن ھەيران بۇلۇپ ، -ئەجىبا ئۇلار مىنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلەمدۇ؟
ھىپىزەم مىنى باشلاپ بىر خىرىستال تامنىڭ يىنىغا ئېلىپ كەلدى.بۇ تامغا نۇرغۇن غەلىتە رەسىملەر سىزىلغان بۇلۇپ،ھىلىقى ئالۋاستى تەخىتمۇ باردەك قىلاتتى. ھىپىزەم ‹‹بۇ يەرگە قاراڭ ››دىدى قولى بىلەن نېرىراقتا بىر يەرنى كۆرسىتىپ،مەن ئىنچىكلەپ قارىدىم، بۇ بىر كىچىك ھايۋاننى كۆتىرىۋالغان بىرئادەم بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئارقىدا يەنە بىر ئەر بىر ئايالنىڭ رەسىمى بار ئىدى. ئەجىبا بۇ مەن مۈشۈك ۋە قىييۇم ھىپىزەملەر؟ بىزنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىمىز ئاللىقاچان .ئىنىق بۇلۇپ بولغان؟مەن ھەيرانلىق بىلەن ھىپىزەمگە قارىدىم،
-شۇنداق .بۇ ئالۋاستى تەخىتنىڭ ئۇرۇندۇقى دەل سىز ئارقىلىق پۈتۈشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن جىن پادىشاھى بۇ تەخىتكە چىقىدۇ دە يورۇق دۇنياغا قايتىپ چىقالايدۇ.
-بۇنداق بۇلۇشقا يول قۇيۇشقا بولمايدۇ!-دىدىم مەن قەتئىىيلىك بىلەن.
- بايا ئاكامنى سىز دەپ خاتا تۇتىۋېلىشتى.-دىدى ئۇ
-نىمىشقا؟
-ئۇلار ئۇنىڭدىن سەن جاپپارمۇ دەپ سورىغاندا ئۇ‹ ھەئە ››دەپ جاۋاپ بەردى.-دىدى ھىپىزەم.
-ئاھ قەدىرلىك دوستۇم مىنى دەپ نىمىشقا ئۆزۈڭنى قۇربان قىلىسەن؟›-مەن قاتتىق قايغۇ ئىچىدە قالدىم. - بىز دەرھال ئۇنى قۇتقۇزايلى!
-ئالدىرىماڭ !ئۇنى ئالدىراپ ئۆلتۈرۈشمەيدۇ . بۈگۈن كىچە ئاي تۇلۇق چىققاندە ئاندىن بۇ ئۆڭكۆۈرنىڭ ئۈستى ئېچىلىدۇ ئاندىن ئۇلار ئاكامنى ئەڭ ئاخىرقى قۇربانلىق قىلىشىپ بۇ جاھاننىڭ خوجايىنى بۇلىدۇ. بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەس ئاكام سىز ئەمەس. بۇ قائىدىدە بەلگىلەنگەن پەقەت سىز بىلەنلا بۇ تەخىت پۈتىشى كېرەك. بىراق ھىلىقى مىنىڭ تىنىمدىكى ئۇنىڭ ئايال جىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىۋالسا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشكارلىنىپ قالىدۇ.خۇددى ئۇنىڭ تىنىدىكى ئىشلار ماڭا ئايان بۇلغاندەك مىنىڭ ھىسياتىممۇ ئۇنىڭغا ئايان . بىز ئىككىمىز ھازىر بىر تەن،-دىدى ھىپىزەم.
-ۋاي ۋۇي بۇ نىمە دىگەن مۇرەككەپ ئىشلار،ئۇنداق بولسا ئۇ روھ ئالۋاستىنى قىزىل كۆز بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەككەندە؟!-دىدىم ئويلانغان ھالدا.
-شۇنداق بىراق ئۇ ھازىر مۇشۇ يەردە ئۇنى سىرتقا چىقارماسلىق كېرەك.ئۇنى تۇتۇپ بىر يەرگە بەنىت قىلىشىمىز كېرەك.-دىدى ھىپىزەممۇ خۇددى .ئاكىسىغا ئوخشاشلا بىر خىل قەيسىرانە ھالدا. ئۇنى ئەزەلدىن بۇنچە تەمكىن بۇنچە قەيسەر ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن.ئۇنى پەقەت ئاكىسىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان بىر يۇۋاش سىڭىلچاق دەپلا ئويلىغان ئئكەنمەن، بىراق ئۇنىڭمۇ بۇنداق خەتەرلىك ئېغىر شارائىتلاردا بۇنچە ئەتراپلىق ھۈكۈم چىقىرىپ بۇنچە ئەتراپلىق ئويلايدىغانلىقىنى تىخىمۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭغا باشقىچە ھەۋەس بىلەن قارىدىم. نىمىلا دىگەن بىلەن ئاكىسىنىڭ سىڭلىسىدە!ئۇنى دورىمىسا بىكار !
-ئۇنداق بولسا بۇ تۈتۈن ئالۋاستىنى نەدىن تىپىش كېرەك؟ئۇنى بىرەر قۇتىغا يىغىۋالغىلى بولمىسا
-مىنىڭ يەنىلا ئالۋاستى قىياپىتىگە قايتىشىمغا توغرا كىلىدۇ-دىدى ھىپىزەم قەيسەرلىك بىلەن.
- بۇمۇمكىن ئەمەس .مەن سىزنى مىڭ تەستە قۇتقۇزغان تۇرسام؟!---دىدىم مەن چۈچۈپ،
-بىراق مىنىڭ تىنىملا ئۇنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالۋاستى بۇ يەرگە كىرىپلا قالسا ھەممىنى بىلىدۇ-دە ئاكامنى قەتلى قىلىۋېتىپ سىزنى ئىزدەيدۇ.بىز ھەممىمىز تۈگىشىمىز . مەن ھازىرچە ئالۋاستى قىياپىتىدە تۇرۇپ تۇرىمەن،سىز بېرىپ كۆرۈنمەس سېھرىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئاكامنى قۇتقۇزىسىز.بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئۇنى ئاي تۇلۇق چىققاندىلا قۇتقۇزسىڭىز بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بىز ئالۋاستىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويىمىزدە ھەرگىزمۇ چىقىپ كېتەلمەيمىز. دەل ئۆڭكۈرنىڭ تورۇسى ئېچىلىشى بىلەن سىز ئۇنىمۇ كۆرۈنمەس ھالەتكە ئېلىپ كېلىىسىزدە قىچىپ كېتەلەيسىلەر.
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ ئەمىسە سىزچۇ؟!سىزنى تاشلاپ كىتىمىزما؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس !سىزنى تاشلاپ كىتىش نىيىتىمىز بولغان بولسا بىز ئاللىقاچان مۈشۈكۈمگە ئەگىشىپ قىچىپ كەتكەن بولاتتۇق!
-بىراق بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. بۈگۈن مانا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئەگەر ئۇلارتەخىتنىڭ ئورۇندۇقىنى بۈگۈن كەچ ياساپ چىقالمىسا يەنە مىڭ يىل ساقلىشىغا توغرا كىلىدۇ.
-ياق ! ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىمەن!سىزنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن.
-پەقەت ھىلىقى ئۇستىخانلىق تەخىتنى يوق قىلىۋەتكەندىلا ئاندىن بۇلارنىڭ يوقاتقىلى بولىدۇ. سىز قىلالامسىز؟بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۇ سېرىق قۇشۇش شەكىللىك ئالۋاستى قورالىنى ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ.براق ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇنى
ئورنىدىن قوزغىتالمايدۇ.
-بولىدۇ !ئۇنى سىز ماڭا بېرىسىز!
-قانداق قىلىپ ، مەن جىنغا ئۆزگەرگەن تەقدىردە ھەرگىزمۇ سىزگە ئۇنى بەرمەيمەن. ئۇلار ماھىيىتىنى تىنىمگە سىڭدۈرۈپ بولدى ، بۇ ئۇلارنىڭ جىنىدىنمۇ مۇھىم نەرسە،
-مىنىڭ پىلانىمنى ئاڭلاڭ ھىپىزەم.ئىشلار مۇنداق بولىدۇ. ......
مەن پىلانىمنى ئۇنىڭغا سۈزلەپ بەردىم. ئەڭ ئالدى بىلەن كىرىستالدىن سېرىق رەڭلىك ئالۋاستى قورالىغا ۋە ئۇنىڭ ئورنىتىدىغان ئۈچبۇلۇڭ ئەسۋابىغا ئوخشاش ئىككى نەرسىنى ياسىدىم .ھىلىمۇ مىنىڭ ئاز تولا ئاتا كەسىپ ھەيكەلتىراشلىق ھۈنىرىم بار ئىكەن.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ تىنى ئارقىلىق ھىلىقى تۈتۈن ئالۋاستىنى تۇتۇش كېرەك. بىز بىرلىكتە قۇشۇش بەلگىسى ئالدىغا كەلدۇق. ئۇ شۇ قۇشۇش بەلگىسىگە توغۇرلىنىپ تۇردى. شۇ چاغدا كىرىستال خانىنىڭ ئىچىدىن بۇلۇڭ بۇلۇڭلىرىدىن ھىلىقى تۈتۈن ئالۋاستى يىغىلىپ كىلىپ تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ تىنىگە يىغىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزى يەنە بارا بارا قىزىرىشقا باشلىدى. مەن ھىلىقى سېرىق بەلگىنى ئاستىدىكى ئەسۋابى بىلەن چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇراتتىم. بىر چاغدا بىر سىلكىنىپ ئالۋاستى قىياپىتىگە كەلدى –دە مىنىڭ ھىلىقى قۇشۇش بەلگىسىنى كۆتىرىۋالغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا غەزەپ بىلەن ئېتىلدى. ئۇ كىلىپ قۇلۇمدىن ئۇنى زەرىپ بىلەن تارتىۋالدى دە قۇشۇش بەلگىسىنى ئورنىدىن قوزغىتىپ قولىغا ئالدى. ۋە ئۇنىڭ ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك تۇرار جايى كىرىستال پولغا تاققىدە چۈشتى. مەن بۇ پۇر سەتتە دەرھال سىھىرلىك تاشنى ئاغزىمغا سالدىم -دە. مەن ئەسلى رەڭگە قايتتىم.ئۇ مىنى كۆرەلمىدى. مەن تېز سۈر ئەتتە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈچبۇلۇڭنى ياسىغان كىرىستال ئۈچبۇلۇڭغا ئالماشتۇرىۋالدىم. ئالۋاستىغا ئۆزگەرگەن ھىپىزەم مىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىمدىن تولىمۇ ھەيران قالدى بولغاي رەقىبىنىڭ ئەمدى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندەك يەردىڭى ئالماشتۇرۇلغان ساختا ئورناتقۇچنى ئېلىپ قۇشۇش رەڭلىك ئالۋاستى قورالىنى ئۇنىڭغا سانجىدى-دە ئۇنى كىرىستال تەكچىدىكى ئورنىغا قويدى. ئاندىن ئاستا مىڭىپ بايىقى جايى يەنە كىرىستال ساندۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاستا ياتتى. بۇ چاغدا مەن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ئالۋاستى قورالىنى ناھايىتى ئاسانلا چىقىرىۋالدىم.ۋە يىنىمدىكى يەنىلا كىرىستالدىن ياسالغان ساختا ئالۋاستى قورالىنى ئۇنىڭغا تىقىپ قويدۇم. ئىسىڭدە بولسۇنكى ئالۋاستىلار رەڭنى كۆرەلمەيدۇ. بۇنىڭ سېرىق رەڭ ئىكەنلىكىنى پەقەت بىزلا بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ كالۋالار ئىشلەتمىگۈچە بۇنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلمەيدۇ- ئەلۋەتتە.مەن تەرەپىدىن ئالماشتۇرىلىدىغانلىقنى بىلسە نۇمۇستىن ئۆلۈپ ،جىن بولغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ كېتەرمىكىن! ھاھاھا!ئەمدىكى مەقسەت بۇ يەردىن چىقىپ كېتىش.
قىييۇمنى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىش!ئەلۋەتتە ھىپىزەمنى بۇنداق تاشلاپ قۇيمايمەن. ۋاقتى كىلىپ ئاي كۆتىرىلگەندە، مەن قىييۇمنى قۇتقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن بىللە بۇ قورالدىن پايدىلىنىپ ھىپىزەمنىمۇ قۇتقۇزىمەندە ئالۋاستى تەخىتنى كۈل قىلىۋىتىپ ، بۇ ئالۋاستى غارىنى جاھاندىن يوقىتىۋېتىمەن.مەن چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن.
مەن مۈشۈكنى قولتۇقۇمغا قىسىپ بايا بىز كىرگەن جايدا ئۈن چىقارماي تۇردۇم . ئويلىغىنىمدەك بىر دەمدە بۇ يەردە
بىر ئىشىك پەيدا بۇلۇپ ھىلىقى قىزىل كۆز كاتتىباش جىن كىرىپ كەلدى. ئىشىكنىڭ يىپىلىپ يوقاپ كىتىشىدىن بۇرۇن مەن دەرھال بۇنىڭ ئىچىدىن چىقىۋالدىم.مەن يەنە قاپقارا تاشلار بىلەن قورشالغان ئالدىمغا ھەيۋەتلىك ئۇستىخانلىق تەخىت قەد كۆتۈرگەن ۋە ھىلىقى ۋەھشىيلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان قارا غارغا قايتىپ كەلگەن ئىدىم.ھازىر بۇ يەردە ئالۋاستىلار قالمىغان ئىدى. پەقەت قىييۇم قۇشۇش بەلگىلىك يوغان تاشقا شۇ پېتى باغلانغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ يىنىغا باردىم.
- ‹‹قىييۇم!››ئۇ بىشىنى كۆتۈردى.‹‹ھىپىزەمچۇ؟››دىدى ئۇ
-مەن ئۇنى تاپتىم . ھازىرقىدەك شارائىتتا ئۇ ھەممىدىن بىخەتەر ، پەقەت سەن بىر ئاز جاپا تارتىدىغان بولدۇڭ شۇ!-مەن بىر باشتىن ھىپىزەم ئىككىمىزنىڭ پىلانلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.
-بىراق ئۇ كەچتە بۇ يەرگە كەلمىسە قانداق قىلىمىز؟
-ئۇ كىلىدۇ. ئالۋاستى ئۇنى چۇقۇم ئېلىپ كىلىدۇ.ئاۋال سېنى باغلاقتىن بوشىتىمەن-دە ئىككىمىز بىرلىكتە كۆرۈنمەس بۇلىۋالىمىز. ئاندىن جىنلارنىڭ پاتپاراق بۇلۇپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بېرىپ ھىپىزەمنى مانا ماۋۇ قورالدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇپ ئۇنىمۇ كۆرۈنمەس ھالەتكە ئېلىپ كىلىپ،ماۋۇ ئالۋاسىتى تەخىتنى گۇمران قىلىمىزدە بىللە قىچىپ كېتىمىز.
-ياق ئاۋال ھىپىزەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئاندىن مىنى يىنىمغا كەل !ئۇلار مىنىڭ يوقلۇقىمدىن كۆرۈپ ھىپىزەمگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ-دىدى ئۇ
-مەيلى!دىدىممەن ئۇنىڭغا گەپكە كىرگۈزۈپ بولالماي. بىز بىرلىكتە كەچ بولىشىنى كۈتتۇق. كەچ بولىشىنى كۈتتۇق دىگەندىن كۆرە تورۇسنىڭ ئېچىلىشىنى جىنلارنىڭ كىلىپ سويىشىنى كۈتتۇق دىگەن تۈزۈكرەك!بۇ يەردە نەدىمۇ كۈندۈز بىلەن كىچە دىگەن ئۇقۇم بولسۇن.
-رەخمەت ساڭا بۇرادەر!ئۆزەڭنى مەن دەپ جىنلارنىڭ بۇ سورىقىغا قالدىڭ!
-توغرا ! ئۇلارنىڭ ئىزدىگىنى سەن ئىكەنسەن.بىراق مەن ‹مەن جاپپار ئەمەس ›دىسەم، ئىككىلىمىز تۇتۇلۇپ قالساق ھىپىزەمنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟
-توغرا،بىراق ھىپىزەم بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاجىز ئەمەس ئىكەن، ئۇنىڭدا ساڭا ئوخشاشلا باتۇر قورقماس يۈرەك بار ئىكەن-دىدىم مەن
-توغرا!بىز ئۈچ يىقىن دوستلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق باتۇر-سەنمۇ شۇ!دىدى قىييۇم
-ياق!ھىپىزەم سىلەر مەندە جاسارەت پەيدا قىلدىڭلار . باشتا سەن، ئۇندىن كىيىن ھىپىزەم.ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىز.=دىدىم مەن تاش قا يۈلىنىپ.ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇپ.
-ئەگەر ماڭا بىر .ئىش بۇلۇپ قالسا ئۇنى ساڭا تاپشۇرسام ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ياخشى قاراشقا ۋەدە بېرەلەمسەن؟-دىدى قىييۇم توساتتىن ماڭا قاراپ.
-بۇ نىمە دىگىنىڭ سىنى تاشلاپ ھەرگىزمۇ بۇ يەردىن كەتمەيمىز!
-ئۇنداق بولسا كىيىن ئۇ ھامان مەندىن ئايرىلىشى كېرەك، ئۇنى قۇبۇل قىلالامسەن؟
مەن تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدى بەكمۇ قىزىرىپ كەتتىم، گەرچە ئۇ ئاغىنەم بولسىمۇ بىزنىڭ دىيىشمەيدىغان گىپىمىز بولمىسىمۇ نىمىشقىكىن بۇ يەردە مەن كىكەچ بۇلۇپ قالغانىدىم.
-مەن؟! ئۇ شۇنداق ياخشى تۇرسا، مىنى يارىتارمۇ؟مىنىڭ يا پۇلۇم بولمىسا...
-ساڭا دىسەم ئۇ كىچىكىدىن ساڭا ئامراق، پەقەت سەنلا ئۇنىڭغا زەڭ سالماي يۈرگەن خالاس
-ھە ھىھىھى ئۇنداق بولسا مەيلى----دىدىم مەن قىزىرىپ .
-ماڭا ۋەدە بەر ئەمىسە ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ياخشى قارايمەن ،ئاسرايمەن دەپ بولمىسا مەن قوشۇلمايمەن!
-مەن ۋەدە بېرەي!مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر خۇددى سەن ئۇنى ئاسرىغاندەكلا ئاسرايمەن!
-ماۋۇ گىپىڭ جايىدا !
مەن خىجىللىق بىلەن كۈلۈپ قويدۇم. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ھىپىزەمگە تولىمۇ ئامراق بۇلۇپ پەقەت قىييۇمنىڭ ئۇنىڭ مەندەك بىر كەمبەغەلگە ئۇنى ھەرگىز تاشلاپ بەرمەيدۇ دىگەن ئوي بولغاچقا مەندە بۇ ئىشقا نىسبەتەن قىلچە باشقىچە ئوي بولمىغان ئىدى مانا ئەمدى تۇيۇقسىز بىر خىل خوشاللىق قاينىمىغا چۈمگەن ئىدىم. مەن ئۇنى چۇقۇم قۇتقۇزىمەن.
ئاخىرى ئاي چىقىشقا ئاز قالغان بولسا كېرەك ئالۋاستىلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى، بۇلار مەن ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىدى.ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىمۇ ئاستا ئاستا ئىچىلىشقا باشلىغان ئىدى.ھىلىقى ئىشىك ئېچىلىپ قىزىلكۆز كاتتىباش جىن بىلەن ھىپىزەم چىقىپ كەلدى.ۋە ئالۋاستى تەخىتنىڭ يىنىدىكى ئىككى تاش چەمبەر تاختىغا كىلىپ ئۆرە تۇردى.قىزىل كۆز جىن ئاستا سۈرۈلۈپ قىييۇمنىڭ يىنىغا كىلىۋاتاتتى. باشقا جىنلار بولسا ئۇنى ئورىۋېلىشقان ئىدى، ھىپىزەم يەنە شۇ جايدە قىمىر قىلماي تۇراتتى.
پۇرساتتىن پايدىلىنىپ تېز بېرىپ ئۇنى قۇتقۇز!-دىدى قىييۇم. مەن دەرھال جىنىمنىڭ بېرىچە ھىپىزەم تەرەپكە قاراپ
يۈگۈردۈم ئالۋاستى قىييۇمنىڭ يىنىغا كەتتى. مەن ھىپىزەمنىڭ يىنىغا كىلىپ سرىق رەڭلىك ئالۋاستى قورالىنى ئۇنىڭغا توغۇرلىدىم. ئۇ نىڭ تىنىدىن ئاپپاق بۇس يەنى تۈتۈن ئالۋاستى چىقىشقا باشلىدى. ۋە ناھايىنى تېز تارقىلىپ كەتتى . ھىپىزەم يەنە بۇرۇنقىدەكلا يەرگە يىقىلدى.ئۇنىڭ رۇھى يەنە ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.ماڭا كۆپ ۋاقىت قالمىغان ئىدى. ھىپىزەم كۆزىنى ئاچقان ھامان ،مەن ئۇنىڭ قولىغا سىھىرلىك تاشنى بەردىم.ئۇ ئۇنى ئاغزىغا سالدى- دە كۆرۈنمەس ھالەتكە كەلدى.ئالۋاستى بىر دەمدىلا ھىپىزەمنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ غەزەپلەندى بولغاي ئارقىغا بۇرۇلۇپلا يىتىپ كەلدى ، بىراق بىز بۇ چاغدا قىييۇم تەرەپكە قاراپ يۈگۈرگەن ئىدۇق.بىراق بۇ چاغدا قىزىل كۆز جىنلارغا بىر بۇيرۇق چۈشۈردى بولغاي ئۇلار قىييۇمنى ئېلىپ مېڭىشتى.ھىپىزەم ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى. مەن ئۇنى تۇتىۋالدىم.
-ياق ھىپىزەم ،مەن باراي،- مەن قۇلۇمدىكى مۈشۈكنى يەرگە قويدۇم-دە ،ئاغزىمدىكى سىھىرلىك تاشنى ئالدىم. بىز يەنە كۈك رەڭگە ئۆزگەردۇق.ئۇلار بىزنى كۆردى.
مانا سىلەر تۇتماقچى بولغان ئادەم مەن! مەن جاپپار!! ئۇنى قويىۋېتىش!-مەن شۇنداق دەپ ۋارقىرىدىم.جىنلار قايناۋاتقان سۇغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتكەن ئىدى.مەن قۇلۇمدىكى ئالۋاستى قورالىنى ئۇنىڭغا قاراپ پۇلاڭلاتتىم، ئەگەر ئۇنى قۇيۇپ بېرىشمىسەڭ مەن بۇنىڭ بىلەن بۇ تەخىتنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن!
كاتتىباش جىن سەل سەگەكلەشتى بولغاي ئۇلارغا قارىۋېدى ئۇلار دەرھال قىييۇمنى قويۇپ بەردى. ۋە مەۋھۇم تامنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقتى، قىييۇم مىنىڭ يىنىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى.ھىپىزەم ئىككىسى چىڭڭىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى!
-ھازىر بىزنى ئېلىپ چىقىپ قۇيۇش! –دىدىم مەن ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ. تۇيۇقسىز ھىلىقى قىزىل كۆز ئالۋاستىدىن سادا كەلدى.
-سەن جاپپارمۇ؟=ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قالغان كالىنىڭكىدەك تولىمۇ سەت ھەمدە گىپىمۇ خۇددى ئۇيغۇرچىنى ئىشىكنىڭ يۈچۈقىدىن ئۆگىنىۋالغاندەك ناھايىتى غەلىتە ئىدى.
-شۇنداق! مانا مىنىڭ مۈشۈكۈم! سىنىڭ تىمىڭنىڭكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش!-مەن مۈشۈكۈمنى كۆرسىتىپ شۇنداق دىدىم.
سىلەر ھىچنەگە قاچالمايسىلەر !-ئۇنىڭ شۇنداق ھۇۋلىشى بىلەن قولۇمدىكى ئالۋاستى قورالى تۇيۇقىسىز ئۇچۇپ چىقىپ ئۇنىڭ قولىغا بېرىپ تۇختىدى. ئەسلى ئۇ بىرنىمىلەرنى ئوقۇپ قورالىنى قايتۇرىۋالغان .ئىكەن.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ئۇلار يۇپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى.
مەن دەرھال يەنە ھىلىقى سىھىرلىك تاشنى ئاغزىمغا سىلىۋالدىم.‹‹قىييۇم تېز بول سەنمۇ تېز تاشنى ئاغزىڭغا سال››مەن قىييۇمغا ۋارقىرىدىم. بىراق قىييۇم بايا مەن ئۇنىڭغا بەرگەن تاشنى ياچۇقىدىن تاپالمىدى. مەن ئىنىق ئۇنىڭ يانچۇقىغا سىلىپ قويغان ئىدىمغۇ. ئۇ يانچۇقىنى تەتۈر ئۆرىدى.ئاپلا ئۇنىڭ يانچۇقى تۈشۈك ئىكەن ئەمەسمۇ
بىزنىڭ بۇلارنى قىلىشىمىزغا نەچچە سىكونت كەتكەن بۇلسىمۇ بىراق جىنلار تېزلىك بىلەن ئۇچۇپلا كېلىپ ئۇنى تۇتىۋېلىشتى.ۋەە بىرلا سىلكىنىۋېدى بىز ئۇنى قايناۋاتقان ھىلىقى ئاچچىق قىيام ئالدىدا كۆردۇق،ھىپىزەمنىڭ كۆزىدىن ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى.‹‹ئاكا !!››دەپ ۋارقىرايتتى ئۇ.
-جاپپار ئۇنى ئېلىپ كەت ! مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن –دەپ ۋارقىرىدى قىييۇم.
-ياق بىز بىللە -مىنىڭ گىپىمنىڭ ئاخىرىسى تۈگىمەيلا ۋەھشى ئالۋاستىلار ئۇنى قازان ئىچىگە تاشلىۋېتىشتى.
-ئاكا !!!!!!!!!!!-دەپ ۋارقىرىغىنىچە قىتىپ قالدى بىچارە ھىپىزەم چۈنكى قازان ئىچىدىن قىچىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان قىييۇمنىڭ بىشى قايتا قازان يۈزىدە كۆرۈنگەندە پۈتۈن چىرايىدىن قاپقارا سۇيۇقلۇق ئېقىپ چۈشىۋاتقان بۇلۇپ بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بىر كۆز قارچۇقىمۇ ئېقىپ چىقتى –دە ئارقىدىنلا بۇلدۇق بۇلدۇق قىلىپ چۈكۈپ كەتتى. ھەتتا مەنمۇ دۇستۇمنىڭ بۇ قەدەر ئىچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قاراپ تولىمۇ غەزەپ ئاچچىقىم چىكىگە يەتتى ۋە ھىلىقى كاتتىباش ئالۋاستىنى ئۆلتۈرىۋېتىشتەك نىيەت بىلەن ئارقىمغا شىددەت بىلەن بۇرۇلدۇم
نىمە !بۇ مۇمكىن ئەمەس! ھىپىزەم ئۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېتىپ بارغان بۇلۇپ مۈشۈكۈم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي دوڭغاقلاپ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتاتتى. ھىپىزەمنىڭ مۈشۈكتىنمۇ تېز يۈگرۈپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭمۇ غەزەپ ئاچچىقىنىڭ چىكىگە يەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يىتىشەي دەپ قالغان ئىدىم.
ھىپىزەم بېرىپلا كاتتتىباش ئالۋاستىنىڭ قولىغا ئىسىلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى سېرىق ئالۋاستى قورالىنى تارتىۋالماقچى بولدى، ئالۋاستى گەرچە كۆرەلمىسىمۇ ئۇنى ھىس قىلدى ۋە قولىنى بىر شىلتىۋېدى ھىپىزەم يىراققا ئۇچۇپ كەتتى.ئالۋاستى قولىنى شىلتىغان تەرەپكە قارىتىپ قورالىنى تەڭلىۋېدى ئۇنىڭدىن بىر سېرىق نۇر ئېتىلىپ چىقىپ ئۇدۇل ھىپىزەمنىڭ تىنىگە چۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئەسلى رەڭگى يوقىلىپ يەنە مۇدھىش كۈكۈچ رەڭگە كىردى ئىنىقكى ئالۋاستى يەنە ئۇنى كۆرىنىدىغان ھالەتكە ئەكەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە قورالى ئارقىلىق ئەتراپنى يورۇتىۋاتاتتى ئىنىقكى ئۇمىنى ئىزدەۋەتاتتى.مەن يەنە ھەركەت قىلمىسام ئۇ تېزلا مىنى تىپىۋالالايتتى. مەن دەررۇ بېرىپ ئۇنىڭ قولىغا كانىدەك چىرمىشىۋالدىم. ئۇ قولىنى دەھشەت بىلەن سىلكىيتتى، ئۇنىڭ بۇ سىلكىشى خۇددى ئون ئىككى بال شامالنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دەرەختەك مىنى ئۇيان بۇيان پۇلاڭلىتىپ بىشىم ئۈزۈلۈپ كەتكىلى ئاز قالسىمۇ ،ئاغىنەم قىييۇمنىڭ ھىلىقى ئىچىنىشلىق ھالىتى كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلۇپ قوللىرىم تىخىمۇ كىرىشىپ كىتىپ باراتتى.
-بوزمۈشۈك !تېز بول ! ئۇنىڭ قولىنى چىشلە !-دەپ ۋارقىرىدىم مۈشۈككە ، بۇنىڭ بىلەن مۈشۈكۈم ئېتىلىپلا كىلىپ ئالۋاستىنىڭ قولىنى زەرپ بىلەن چىشلىۋېدى ئۇنىڭ قولىدىكى سېرىق ئالۋاستى قورالى يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن دەرھال قولۇمنى قۇيۇپ بېرىپ يەرگە چۈشۈپ ئۇنى ئېلىۋالدىمدە- ئۇستىخانلىق ئالۋاستى تەخىتنىڭ ئۇستىگە قارىتىپ غەزەپ بىلەن بارلىق كۈچۈمنى چىقىرىپ چۈرىدىم. ئالۋاستى قورال قايسىدۇر بىر ئۇستىخانغا جاڭڭىدە تىگىشى بىلەن ئۇستىخانلىق ئالۋاستى تەخىت تاراقلاپ گۈمۈرلۈشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ جنلارمۇ بىردىن بىردىن يىقىلىشقا باشلىدى!كاتتىباش جىن بولسا ھەيۋەتلىك ۋارقىراپ قاتتىق ھۇۋلايتتى. ئەمدىغۇ تۈگەشكەنسە ۋۇ رەھىمسىز ئالۋاستى .جىنىڭ تىسلىم قىلىنغان تەخىت گۇمران بولدى سەنمۇ گۇمران بول!مۈشۈكۈم ئۇنىڭ قولىدىن ئاجىرلىپ چۈشتى ۋەدەھال‹‹ كەينىمدىن ئەگەش بۇ يەر كۈكۈم تالقان بولغىلىۋاتىدۇ !››–دىدى. مەن بېرىپ ئەمدى ھۇشىنى تاپقان ھىپىزەمنى يۈلەپ تۇرغۇزدۇمدە-ئۇنى يۈدۈپ مۈشۈكنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم.مۈشۈكۈم تاش تاملارنىڭ ئارىلىقىدىن بىر تارچۇق يوللاردىن يۈگۈرۈپ كىتىۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ كىلىۋاتاتتىم. پۈتۈن قارا ئۆڭكۈرنى ئالۋاستىلارنىڭ نالە پەريادى ۋە تاشلارنىڭ گۈمۈرۈلگەن ئاۋازى بىسىپ كەتكەن ئىدى. يەنە خۇددى ئاسماندىن توپا ئارلاش تاش ياغقاندەك پارچە پارچە تاشلار توپىلار ئۈستى بىشىمىزدىن تۈكۈلۈپ تۇراتتى.مەن بۇ تاش پارچىلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ قىچىپ كىتىپ باراتتىم،بىراق ئەمدى تاشتاملار ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىدى ئالدىمىزغا بىر قەدەم مىڭىشىمىزمۇ تەسكە توختىماقتا ئىدى، بىز مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كىتىدىغانغا ئوخشايمىز..دەپ ئويلىدىم مەن.
-تېز ، ئازراق قالدى ئاۋۇ يەرگە كىرىۋالساقلا بۇلىدۇ –دىدى مۈشۈك ئارقىسىغا قايرىلىپ قاراپ مىنىڭ ئۈمىدسىز ھالىتىمنى سەزدى بولغاي.مەن دەرھال شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم راست دىگەندەك بىز تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىدەكلا بىر يۇچۇققا ئەمدى كىرىشىمىزگە تاش غار ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى گۈپپىدە قىلىپ بىر تاش يىپىۋالدى پەرەزىمچە تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى. بىر ھازا گۈمۈرۈلۈشلەر قاتتىق گۈلدۇرلەشلەردىن كيىن ھەممە جاي تىمتاسلىققا چۈمدى ،
بىز ھەممىمىز جىددىيلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىىزنى ئاستا ئاستا ئەسلىگە كەلتۈردۇق.. بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندى ھىپىزەمنىڭ بوينۇمدىن چىڭڭىدە قۇچاقلىغان پىتى يۇم يۇم يىغلاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. مىنىڭ قوللىرىممۇ ئۇنى چىڭڭىدە تۇتىۋالغان ئىدى. بىچارە !مەن ئۇنىڭ دەردىدىنى مەندىن باشقا كىممۇ چۈشەنسۇن. قىيامەتلىك دوستۇمنىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم پىچاق تىققاندەك ئېيچىشىپ ئازاپلىنىۋاتقان تۇرسا ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن مىڭ ھەسسسە ئازاپلىق بولىدۇدە، قىييۇم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاكىلا ئەمەس، دادا ھەم ئاپا ئىدى، مەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ خۇددى قىييۇمغا ئوخشاش سەمىمى ھەقىقى كۆيۈمچانلىق ھىسياتىم بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم.ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قىييۇمدەكلا ئۇنى ئاسرايدىغانلىقىمنى ،مەڭگۈ ئۇنى قوغدايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم، ئۇ گەپلىرىمدىن ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تىپىپ ،ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان پەيتتە مەن مۈشۈكۈمنى ئەسكە ئالدىم.
-مۈشۈك بارمۇ –سەن؟!-دەپ ۋارقىرىدىم مەن. بىر ياقتىن مۈشۈكۈمنىڭ ‹‹مىياۋ‹‹››قىلغان ئاۋازى كەلدى
-بىز ئەمدى بۇ يەردىن قانداق چىقىپ كىتىمىز ؟بۇ يەردە پەقەت ئۆمىلەپ ياكى تۆت پۇتلاپ مىڭىشلا مۇمكىن –دىدىم مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ، چۈنكى بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى. يەنە مىياۋ قىلغان .ئاۋاز كەلدى ئۇنىڭدىن . ئۇ ئەمدى سۆزلىمەيدىغان بۇلۇپتۇ-دە، بۇ بىزنىڭ .ئەمدى ھەقىقى دۇنياغا قايتقىنىمىزدىن دېرەك بېرەتتى. بىز ئۇ مىياڭلىغان تەرەپكە قاراپ ئۆمىلىدۇق،
بىز ماڭاتتۇق ماڭاتتۇق. تولىمۇ ئۇزۇن ئەگرە توقاي ، ئاستى ئۈستى مۇساپىلەرنى بىسىۋاتاتتۇق،. بىز ئالۋاستى ئۆڭكۈرىدىن چىققاننىڭ ياقى ئاچلىق ئۇسسۇزلۇق ئازابىنى تارتىۋاتاتتۇق ، ھەرنىمە بولسا يەرئاستى توپىسى نەمرەك ئىدى. بىز بىر نەچچە قىتىم يۇمشاق توپىلارنى كولاپ يىدۇق. بەزىدە مۈشۈك پاتقىدەكلا تۈشۈكلەرگە دۇچ كىلەتتۇق، ۋە تىرناقلىرىمىز بىلەن كولاپ بۇ تۈشۈكنى ئىچىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيتتۇق، قىسقىسى بىز ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرۈش قىلىۋاتاتتۇق.
بىز ئاخىرى بىر كۈن كىچىككىنە يورۇقلۇقنى بايقىدۇق بىز شۇ تەرەپكە قاراپ ئۆمىلىدۇق، يورۇقلۇق بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى، بىش داۋاملىق ئۆمىلىدۇق ،تىخىمۇ كۈچ بىلەن ئۆمىلىدۇق . سۈيۈملۈك يورۇقلۇق بىزگە كۈچ ئاتا قىلغان ئىدى. مانا بىز ئاخىرى يورۇق دۇنياغا چىقتۇق، مەن يەردە دۈم يىتىپ يەرنى سۈيۈپ كەتتىم كۆزلىرىمدىن ياش تامچىلىرى تۈكۈلدى،
ئاھ ئىللىق قۇياش نۇرى ، يىشىللىق ،،گۈزەل ئاسمان سەن نەقەدەر يىقىملىق ، سۈيۈملۈك، گۈزەل. ھايات سەن نەقەدەر قەدىرلىك !!!!سىنى قەدىرلىمىگەنلەر ھەققەتەن دوزاققا كىرىشكە لايىق !!!!!
مەن مۈشۈك ھىپىزەم ئۈچىمىز ئەمدى قۇملۇق سەپىرىمىزنى باشلىدۇق.بىز ئەمدى ياۋا ئوت چۈپلەرنى تىخىمۇ مەززە قىلىپ يەيتتۇق.بىز ماڭاتتۇق ماڭاتتۇق.. قانچىلىك ئۇزۇن ماڭغانلىقىمىزنى بىلمەيتتۇق.مەيلى مۇشۇ يورۇق دۇنيادا ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلى دەپ ئويلىغىنىم ئىسىمدە ئاخىرقى قىتىم.كۆزۈم ئاستا –ئاستا يۇمۇلغان ئىدى.
بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ئۆز ئۆيۈمدە ياتاتتىم، مىھرىبان ئانام يىنىمدا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى.ئاھ سۈيۈملۈك ئاپا!مەن ئاپامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئاھ ئازاپلىق كەچۈرمىشلەر . ئۆز ئۈيۈمنى ھەرگىز كەمبەغەل دىمەيمەن، يەيدىغان ئىچىدىغاندىن ئىككىنچى زارلانمايمەن ، مەن ئۈچۈن ئەمدى ئۆز ئۈيۈم جەننەت، ئەڭ ئاددى يىمەك ئىچمەكلىرىم بولسا جەننەتنىڭ مىۋىسىگە ئوخشاش . ئاھ ئاپا !سىزنى شۇنچە سېغىندىمغۇ.جىنىم دادا قەدرىڭگە شۇنچىلىك يەتتىمغۇ مەن !!
مەن ياخشى بۇلۇپ كەتتىم بىراق مۈشۈكۈم ئۇ مەن ھۇشۇنغا كىلىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ئۈلۈپ كەتتى. ئاپامدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ مەن ماڭغان كۈنى شۇنچە .ئەنسىز مىياڭلاپ كىتىپتۇ ۋە تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىپتۇ، ئاندىن يەنە مەن تىپىلغان كۈنى تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ دادامنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقاقلىرىنى تارتىپ تالاغا يۈگرەپتۇ، دادام بۇنى ھىس قىلىپ خوشنىمىزنىڭ ئۇچقۇر ناملىق .ئېتىنى مىنىپلا مۈشۈكنىڭ ئارقىدىن چىپىپتۇ –ۋە چۈلدە ھوشسىزلىنىپ قالغان مەن ۋە ھىپىزەمنى تىپىپ ئەكىلىپتۇ.
ۋاپادار مۈشۈكۈم. سەن مىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدۇڭ ساڭا كۆپ رەخمەت . مەن ئۇنى كۈمۈپ قويغان جايغا كىلىپ ئۇنىڭغا شۇنداق تەزىيە بىلدۈردۈم. مەن كىيىن ھىپىزەم بىلەن توي قىلدىم. بىز بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ھىچكىمگە ئېيتمىدۇق. قىييۇمنىڭ جەسىتى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە تىپىلمىغان بولدى خالاس، بەلكىم بۈرىلەر يەپ كەتتىمىكىن دىيىشەتتى ئۇلار كۇسۇلدىشىپ، ئۇنىڭ ئۆلىمى ئۇنىڭدىن ئىچىنىشلىق بولغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا كۆزلىرىمگە باشقىىدىن يىغا ئولىشاتتى.
مانا نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. مەن مانا مۇشۇ كەمگىچە تۇرمۇشۇمدىن شۇنچىلىك رازى بەخىتلىك ياشاۋاتىمەن قىزىم!دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى بوۋام. مەن ئۇزۇنغىچە سۆز قىلمىدىم. پەقەت ئويلىغىنىم مەن بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھاياتىمنى قەدىرلەش دىگەن ئۇقۇم بولدى، يەنە ئاپامنى دادامنى بارلىق نەرسىنى قەدىرلەيمەن.بىزنىڭ كۈنىمىز شۇ جىنلارنىڭكىدىن قانچە گۈزەل-ھە!مەن تىترەك ناسقان قوللىرىمدا بوۋامنىڭ بىلىكىنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ياتتى، تۇيۇقسىز .ئىشىك شىددەتلىك جالاقلاپ كەتتى يۈرۈكۈم دەھشەت بىلەن سۇقۇپ كەتتى .بوۋام ئاستا ئورنىدىن تۇردى-ۋە «نىمە بولدىكىن مەن چىقىپ قاراپ
باقاي» دىدى.«بوۋا بارما!ئاپام جىننىڭ گىپىنى قىلسا ئۆزى كىلىدۇ دىگەن.»دىدىم مەن يىغلامسىراپ. «قورقما قىزىم، باتۇر بول!سەن قورقمىساڭلا ھەر قانداق نەرسە سىنى قورقىتالمايدۇ!»دىدى بوۋام كۈلۈپ تۇرۇپ.ۋە ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئىچىپ چىقىپ كەتتى. مەن يوتقاننى بىشىمغا چىڭ پۈركىگەنچە تۈگۈلۈپ يىتىۋالدىم. بىر چاغدا بىشىمنى بىر نەرسە زورلاپ تارتتى، ۋە يوتقىنىم بىشىمدىن ئېلىۋېتىلدى، مىنىڭ يۈرىكىم قىپىدىن چىقىپ كەتكىلىۋاتاتتى.
-قورقما قىزىم-بوۋامنىڭ ئاۋازى چىقتى-ئېغىلدىكى كالا چىقىپ كىتىپ قاپتۇ، سولاپ قويدۇم . سىنى قورقىتىۋەتتىم-ھە! بولدى ئەمدى يىنىمغا كىلىپ مىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇخلا!ئىسىڭدە بولسۇنكى بوۋاڭ جىنلار ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلغان ئادەم، ھەر قانداق يامان جىنمۇ مىنى قورقىتالمايدۇ، ساڭىمۇ چىقىلالمايدۇ-دىدى. مەن شۇندىلا ئېغىز تىندىم ، توغرا ، بوۋام جىنلارنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەن تۇرسا نىمىدىن قورقاتتىم. مەن بوۋامنى چىڭڭىدە قۇچاقلىغانچە تاتلىق ئۇيقىغا كەتتىم.