ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2) - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2)
ئۇلارنىڭ كاتتىبىشى بولسا كېرەك ئۇلاردىنمۇ ھەيۋەتلىك قاپقارا كىيىم كىيگەن كۆزى قىزىل يانىدىغان بىر قارا يۈز مەخلۇق ، چەمبەرنىڭ تەخمىنەن 50 مىتىر نېرىسىدىكى قارا تاشتىن ياسالغان مۇئەللەقتىقى  بىرئىشىكتىن چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر مەخلۇق چىقىپ كەلدى. ئۇ مەخلۇق چىرايى ھىساپسىز قۇرۇقلار قالپىغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ چىرايى پۇرلىشىپ كەتكەن ماتادەك كۆزلىرى،ئېغىزلىرى بولسا ماتانىڭ يىرتىلىپ كەتكەن تۈشۈكىدەك،بۇرنى ماتانىڭ چىگىپ قويغان تۈگۈنىدەك تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى. پەقەت ئۇنىڭ چىچى ئاپپاق بولسا كېرەك ئۇنىڭدىن كۈكۈچ نۇر تاراپ تۇراتتى               
 .    ‹‹ھىپىزەم!!!كۆزۈڭنى ئاچ!››مەن قىييۇمنىڭ شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىدىن كىيىنلا نەزىرىمنى ئۇ تەرەپكە ئاغدۇردۇم. ئۇ ھىپىزەمنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنى كۈتۈرۈپ ئېلىپ كەتمەكچى بولىۋاتاتتى، بىراق ئۇنى ئورنىدىن قوزغىتالمايۋاتاتتى. ھىلىقى ئىككى غەلىتە مەخلۇق بولساداۋاملىق ئۇنىڭغا يىقىنلىشىۋاتاتتى.مەن قىييۇم تەرەپكە قاراپ ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇ يەردىكى بۇ مەخلۇقلار بىزنى كۆرمىگەندەك سۈكۈتتە تۇرىشاتتى. بۇ يەردە پەقەت مىنىڭ ۋە قىييۇمنىڭ ئاۋازى ياڭراپ تۇراتتى.بىزئىككىمىز خۇددى بۇ يەردىكى ئىشلاردىن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك ھېپىزەمنى ئورنىدىن قۇزغىتىش ئۈچۈن كۈچەيتتۇق. بىراق خۇددى ئۇنى بىر نەرسە بىلەن قاتۇرۇپ مىقلاپ قۇيغاندەك مىدىر قىلاي دىمەيتتى. مەن ھېپىزەمنىڭ پۇتىنى يەردىن ئاجىرتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقىنىمدا تۇيۇقسىز بىر سوغۇق ھىدنىڭ بۇرنۇمغا ئۇرۇلغانلىقىنى سەزدىم. كۆزلىرىم بولسا يىنىمدىلا سېلىنىپ تۇرغان قارا پەرەنجىگە كۆزۈم چۈشتى. ھىلىقى كاتتىباش جىن ئېنىقلا كەينىمدە تۇرغان ئىدى. پۇت قۇلۇم جاقىلداپ تىترىگەن پېتى بىشىمنى كۆتىرىپ ئاستا قىييۇمغا قارىدىم . بىراق ئۇئۈزلۈكسىز ھالدا يەنىلا سىڭلىسى بىلەن قالغان ئىدى.ھېپىزەم ئۇنىڭ بارلىقى ئىدى. بۇنى بۇ دۇنيادا مەندىن باشقا چۈشىنىدىغان ئادەم يوق ئىدى.مەن بۇلارنى ئويلىغىنىمدا تۇيۇقسىز غەيرەتكە كەلدىم—دە ھىلىقى كاتتىباش جىننى تۇسۇپ قالماقچى بولدۇم،ھىچ بولمىسا ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قۇچاقلىۋېلىپ ھىپىزەمگە يىقىنلاشقىلى قويمايمەن. ئورنۇمدىن شاققىدە ئارقامغا قارىدىم ،كۆزلىرىم ئۇنىڭ قىزىل كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا پۈتۈن بەدىنىم تۇرمۇزلىنىپ قالغاندەك قىتىپلا قالدىم. ئالۋاستى ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .ئۇنىڭغا قاراپ كۈتۈرۈلگەن قۇلۇم جايىدا قىتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.      بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ كۆككە كۈتۈرۈلگەنلىكىمنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم.مىنى تۇيۇقسىزتوم ئارغامچىلاردەك چىڭ سانسىزلىغان دەرەخ يىلتىزلىرى مىنى چەمبەرچەس ئورىۋالدىكى ھەتتا ئېغىز بۇرنۇمنىمۇ مىدىرلىتالمايتتىم.بۇ دەرەخ يىلتىزلىرى يەنە يىلاندەك تولغىنىپ مىڭىپ مىنى بىر تاش تامغا چاپلاشتۇرۇپ باغلىغاندىن كىيىن توختىدى. بىر دەمدىلا جاققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن قىييۇممۇ يىنىمغىلا كىلىپ چاپلاندى. بىز ئىككىمىز بىشىنمىزنى مىدىرلىتىپمۇ بىر بىرىمىزگە قارىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چىڭ باغلانغان ئىدۇق.بىراق بىز ئۇ ئەبلەخلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى يۇچۇقلاردىن ئىنىق كۆرىۋاتاتتۇق.                                                                                                   
      ھىلىقى ماتا يۈز مەخلۇق قۇرۇتتەك ناھايىتى ئاستا مىڭىپ ،ھېپىزەمنىڭ ئالدىدا تۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۇنىڭ يۈزىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان بۇلۇپ ،بىراق ئۇنىڭ يۈزى بىر تۇرۇپ ئادەمنىڭ يۈزىگە بىر تۇرۇپ ئادەمنىڭكىگىمۇ ئوخشايتتى.ئۇ نىڭ ئارقىسىدا ھىلىقى قىزىل كۆز ئالۋاستى كاتتىباش تۇردى.ئۇلار بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە تۇرغاندا ئاندىن ھىلىقى قىزىل يۈز ئەبلەخنىڭ قول تەرىپىدىكى كۆتۈرۈلۈپ بىر ئوتتۇز سانتىمىتىر ئوزۇنلۇقتىكى قۇشۇش بەلگىسى شەكىللىك بىر نەرسىنى چىقاردى. پۈتۈن ئۆڭكۈر ئىچىدە مانا شۇ نەرسىنىڭ رىڭى كۆزگە ئىنىق كۆرىنىدىغان بۇلۇپ ،ئۇ يىقىملىق ئالتۇن رەڭ تارقىتىپ تۇراتتى. بۇ كۈكۈچ رەڭسىز دۇنيادا مانا ئۇلا ئۆز رىڭىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى، ئۇ ئۇ قۇشۇش بەلگىسىنى ئالدىدىكى ماتا يۈزگە توغۇرلىۋىدى، ھەممە ئالۋاستىلارمۇ دەل شۇنىڭغا قاراپ تۇردى .                                                         
    ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھىپىزەمگە قاراپ قولىنى ئۇزاتتى. ئۇ چەمبەر بىزدەمدىلا سۇس تۇماننىڭ ئىچىدە قالدى. ھىپىزەم ۋە ھىلىقى ئىككى ئالۋاستىنىڭ قىياپىتىنى بىز غۇۋا كۆرۈپ تۇراتتۇق. قىييۇم چىدىمىدى بولغاي بىر نىمىلەرنى قىلىپ بوشىنىشقا ئۇرۇناتتى. ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. بىراق ئۇنىڭ ھىچ پايدىسى بولمايۋاتاتتى.                                 
 ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى نامەلۇم. بىراق ئۇلارنىڭ ھىپىزەمگە بىرەر شۇملۇق قىلىۋاتقىنى ناھايىتى ئىنىق ئىدى.تۇيۇقسىز بىر خىل غەلىتە چىقىرىغان ئاۋاز .ئاڭلاندى .بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ھىلىقى يەردىكى تۇمانلارنىڭ ھەممىسى ھىپىزەمنىڭ تىنىگە يىغىلىشقا باشلىدى،بۇتۇمانلار تۈگىگەندىن كىيىن ھىلىقى ماتايۈزنىڭ تىنىدىنمۇ بىر خىل غەلىتە ئاقتۈتۈن كۆتۈرۈلۈپ تېز سۈرئەتتە ھىپىزەمنىڭ تىنىگە يىغىلىشقا باشلىدى.ھىلىقى ماتا يۈز دەلدەڭشىشكە باشلىدى، ئۇ ئاق تۈتۈن ھىپىزەم تەرەپىدىن سۈمۈرۈلۈپ تۈگىگەندە بولسا ماتا يۈز يەرگە گۈپلا قىلىپ چۈشتى. ئۇ ناھايىتى تۈۋەن ئاۋازدا ھالسىراۋاتقاندەك يەنە نىمىلەرنىدۇر دەۋاتقاندەك ئىدى. بىراق دەل شۇ چاغدا ھىپىزەم توك تىپىۋەتكەندەك جاققىدە تىترىدى دە بىشىنى ئاستا كۆتۈردى. ۋە ھىلىقى قىزىل كۆزگە قاراپ ماڭدى.بىراق ئالدىغا ئىككى قەدەم ماڭغاندا ئۇنى ھىلىقى ماتا يۈز تۇسىۋالدى، ماتا يۈز خۇددى ئۇنىڭ يۈلىۋىلىشىنى كۈتكەندەك قۇرۇپ قاقشالدەك بۇلۇپ قالغان قوللىرىنى ائۇنىڭغا مىڭ تەستە ئۇزىتىۋاتاتتى ،بىراق ھىپىزەم ئۇنى قولى بىلەن يىنىك شىلتىپ قويىۋىدى ئۇنىڭ ئۇ ئاجىز بەدىنى بىر چەمبەر رايونىدىن پاققىدە چۈشۈپ كەتتى، بىچارە مەخلۇقنىڭ بىشى خۇددى سىسىپ قالغان پەمىدورنى يەرگە ئاتقاندەك يەرگە مالاچچىدە ئېزىلىپلا چۈشتى. شۇندىلا ئۇنىڭ بۇ يەردىكى بىز ئۈچىمىزدىن باشقا بىردىنبىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىدىم.
 كۆڭلۈم ۋىژژىدە ئاينىپ پۇت قولۇمدە ماغدۇر قالمىدى.ھىپىزەمنىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا تىخىمۇ ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى. ھىلىقى قىزىل كۆز مەخلۇق ئۇنىڭغا قولىنى سوزغان ئىدى ئۇ بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاستا ئۆرۈلدى. شۇندىلا ئۇنىڭمۇ كۆزلىرىنىڭ قىپقىزىل بۇلۇپ نۇر چىچىۋاتقىنىغا كۆزۈم چۈشتى. ئەسلى بۇقىزىل كۆز ئۇنىڭ روھىنى كونتىرول قىلىۋالغان ئىكەندە. ۋۇ ئەبلەخ !!


 ...ئۇنىڭغا بولغان غەزىپىم ئاشتى.مىنىڭچە قىييۇمنىڭمۇ ئاللىقاچان ئۇنىڭ قىزىل كۆزىگە ياغاچ تىقىۋەتكىسى كىلىپ كەتتى بولغاي جىنىنىڭ بارىچە ئىنجىقلايتتى. بىراق بىزگە ئامال يوق ئىدى. بۇ يىلتىزلار بىز قانچە كۈچىگەنچە شۇنچە چىڭىيىپ باراتتى. مەن ئاخىرى ھالسىزلىنىپ ھۇشۇمنى يوقاتتىم.
 بىر چاغدا مەن بىرىنىڭ چاقىرىشىدىن ئاستا ئەسلىمگە كىلىشكە باشلىدىم. كۆزۈمنى ئىچىۋىدىم ھىلىقى روھ ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغان جايدا بىرەر جىنمۇ قالمىغان ئىدى.‹‹جاپپار...››مەن يەنە شۇ ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن بارا بارا ئەسلىمگە كەلدىم. مەن باغلاقتىن ئاللىقاچان بوشانغان بۇلۇپ يىنىمدا ھىلىقى يىلتىزلار تىلىم –تىلىم بۇلۇپ تۇراتتى، قىييۇمنى ئەسكە ئالدىم . چۇقۇم شۇ مىنى قۇتقۇزىۋالدى. مەن قىييۇم تەرەپكە قارىدىم، بىراق ئۇ يەنىلا شۇ پېتى باغلاقتا ھۇشسىز ئىدى. ‹‹جاپپار.....››يەنە بىرەيلەننىڭ يىنىك چاقىرغان ئاۋازىدەك بىر تۇرۇپ كىچىك بالىنىڭ غىڭشىغان ئاۋازىدەك بىر ئاۋاز چىقىۋاتاتتى. مەن بۇرۇلۇپ ئارقىمغا قارىدىم، بۇ مۇمكىنمۇ؟!‹‹ھىلىقى ئۆيۈمدىكى بوز مۈشۈكۈم ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئەجىبا دادام كەلگەنمىدۇ؟
 -جاپپار..بۇمەن››مۈشۈكۈم سۆزلەۋاتاتتى.
 -توۋا..سەن قانداق قىلىپ ...،،سەنمۇ جىنمۇ؟
 -مەن مۈشۈك،
 =كەچۈر.- ئارتۇق سۆزلەشكە ماجالىم قالمىدى.
 -سىنى ئەينى چاغدا بۇ يەرگە كەلمە دەپ ئاگاھلاندۇرسام زادى ئاڭلىمىدىڭ-دىدى ئۇ يەنە شۇ ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن.
 - كەچۈر مەن خاتا قىپتىمەن .گىپىڭنى ئاڭلىماي-دىدىم مەن بىشىمنى سېلىپ تۇرۇپ.
 -ئۇنداق بولسا يۈر سىنى ئېلىپ چىقىپ كىتەي!- دىدى مۈشۈكۈم ئارقىغا بۇرۇلۇپ!مەن تولىمۇ خوشاللىققا چۈمۈپ كەتتىم. ۋ ەئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم. تۇيۇقسىز جانسىز ئىڭرىغان ئاۋاز مىنى سەگىتتى. توغرا قىييۇم! ‹‹بوز مۈشۈك !مىنى سەن بۇ باغلاقتىن قۇتۇلدۇردۇڭمۇ؟››دەپ سورىدىم.
 -شۇنداق -دىدى ئۇ يەنە ئاستا ئايلىنىپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ.
 - ئاغىنەمنىمۇ قۇتقۇزىۋالساڭ بۇلۇپتىكەن . مەن ئۇنى تاشلاپ قويالمايمەن.- دىدىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ. ئۇ بىشىنى تۈۋەن سىلىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن يۈگرۈپ بېرىپ قىييۇمنى ئورىۋالغان دەرەخ يىلتىزلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن چىشلەپ تىرناقلىرى بىلەن تاتىلاپ بىر ھازا ھەپىلىشىۋىدى ھىلىقى ئالۋاستى يىلتىزلار بارا-بارا ئۆزىنى قويىۋەتتى. قىييۇم ئاستا سېيرىلىپ يىنىمغاچۈشتى. مەن ئۇنى يۈلىدىم. ئۇمۇ مەڭا ئوخشاش بارا –بارا ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا  مۈشۈكۈمنىڭ كارامىتىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ بىزنى ئېلىپ چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ېيتتىم ،
 -مەن ھىپىزەمنى تاشلاپ بۇ يەردىن كىتەلمەيمەن.-دىدى ئۇ.
 -بىراق سەنمۇ كۆردۈڭ .ئۇ موماينىڭ ئورنىغا ئۇنى ئالماشتۇرىۋالدى. ئۇمۇ قىزىل كۆز جىنغا ئايلاندى . بەلكىم شۇ تاپتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋاتقاندۇ.-دىدىم ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرالماي،بىراق ئۇ قوللىرىمنى سىلكىۋەتتى ۋە :
 -ئۇلارغا مەڭگۈلۈك بەخىت تىلەيلى دىمىدىڭ ھەر ھالدا!- دىدى دە پىشىنى قىقىپ ئۇدۇل كەلگەن يولغا كىتىپ باراتتى.
 -بىزنىڭ يا ئۇلارغا كۈچىمىز يەتمىسە !- دەپ ۋارقىرىدىم ، بىراق يەنە مەخلۇقلارنىڭ ئاڭلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ يىنىغا يۈگرۈپ باردىم ئۇنىڭغا قايتىش تۇغۇرلۇق نەسىھەت قىلدىم بىراق ئۇ گىپىمنى ئاڭلار دىمەيتتى.ئاخىرى ئاچچىقىمدا مەنمۇ پىشىمنى قىقىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلدىمۋە ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ مۈشۈككە‹‹مىنى بۇيەردىن ئېلىپ چىقىپ كەت !››دىدىم.مىنڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بۇ مۇدھىش جايدىن چىقىپ كەتكىسىمۇ كىلىپ قالار دەپ ئويلىغانىدىم.  مىنىڭ كۆزۈم ئارقامدا ئىدى.بىراق ئۇمۇ ئارقىغا ياناي دىمەيتتى. ئۇنىڭ قارىسىمۇ بىر تاشنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپلا يوقالدى.
ياق مەن ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كەتسەم بولمايدۇ.ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايمەن.‹‹بوز مۈشۈك مەن دوستۇمنى تاشلاپ كىتەلمەيمەن، بىزگە ياردەم قىلالامسەن ؟ بىز ئۇنىڭ سىڭلىسىنى قۇتقۇزماقچى . ئۇنى ئۇلارنىڭ قىزىل كۆز كاتتىبىشى تۇتقۇن قىلىۋالدى.››دىدىم خۇددى بۇ مۈشۈك ھەممىدىن خەۋەرداردەك.                                                          
  مىنىڭ بۇ يەردە ئەسلى رەڭگىمدە تۇرغانلىقىمغا دىققەت قىلدىڭمۇ.مانا بۇ ماۋۇ سىھىرلىك تاشنىڭ كارامىتى.-دىدى ئۇ ئاغزىدىكى بىر سېرىق تاشنى كۆرسىتىپ.سەن بۇنى ئىككى پارچە قىلىپ بىرنى ئۆزۈڭ ئېلىپ بىرىنى ماڭا بەر،سىنى ئۇلار كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ قاراڭغۇلۇقتا رەڭلىك نەرسىلەرنى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى.. مەن دەرھال تاشنى ئالدىم ۋە تۇرۇپ قالدىم.‹‹ياق بۇنى تۆت پارچە قىلىشىم كېرەك مەن قىييۇم ھىپىزەملەرمۇ بۇنىڭغا مۇھتاج. مەن ئۇنى تۆت پارچە قىلدىم.                                                                                          
 ئۇنى ئىككى ئالقىنىڭغا چىڭ باستۇرساڭلا سىنى جىنلار كۆرەلمەيدۇ-دىدى مۈشۈك. مەن دەرھال شۇنداق قىلدىم. تۇيۇقسىز مەندىكى بۇ كۈكۈچ رەڭ يوقاپ تەبىئەتنىڭ ئەسلى رەڭگى پەيدا بولدى. مەن چۈشەندىم ئەسلىدە بۇ ئالۋاستىلار كۆك بىلەن ئاقتىن باشقا رەڭنى كۆرەلمەيدىكەندە. مەن تولىمۇ خوشال ھالدا ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قىييۇمنى ئىزدەپ ماڭدىم. بوز مۈشۈك بولسا مەن بىلەن تەڭ قالماي ئەگىشەتتى.                                                                   
   مەن قىييۇم كىرىپ كەتكەن تاش تامنىڭ .ئارقىسىغا ئۆتتۈم. بۇيەردە بىر جىننىڭ ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۈردۈم، قورقۇپ كەتتىم. بىراق ئۇنىڭ مىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكە ئالغىنىمدا كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشتى. مەن تامغا چاپلىشىپ تۇردۇم ئۇ ئۆتۈپ كەتتى. توغرا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مىڭىش كېرەك.مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم.
 بىراق ئۇ ئۇدۇل بىز باغلانغان جايغا كەلدى. بىراق بۇ يەردىكى ھالى خاراپ يىلتىزلارنى كۆرۈپ ئۇ غەزەپ بىلەن بىرنى ھۇۋلاپ قويدى دە تېز سۈرئەتتى ئارقىغا يۇگۈردۈم.بىر چاغدا ئۇ توختىدى مەن قاتتىق ھالسىرىغانچە بىشىمنى كۆتىرىپ قارىدىم
 بۇ ناھايىتى ھەيۋەت بىر قورغاندەك يەر ئىدى، ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا تولىمۇ ھەيۋەتلىك بىر تەخىت تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا قارىغانچە كۆزلىرىم قورقۇنۇچتىن يوغىناپ كەتتى. بۇ بىر ئادەم ئۇستىخانلىرىدىن ياسالغان تەخىت بۇلۇپ قانچىلىك ئادەملەرنىڭ ئوستىخىنى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. بۇ ئادەم ئۇستىخانلرى بىر بىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،يەنە كىلىپ بۇ پۈتۈنلەي پۈتۈن ئىسكىلىت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈز مىتىرچە كىلىدىغان بۇ ھەيۋەتلىك ئالۋاستى تەخىت قەد كۈتۈرۈپ تۇراتتى.
مۈشۈكۈمنىڭ مىياڭلىشى بىلەن ئىسىمنى يىغدىم ۋە ئۇ كۈرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. ئۇ يەردە بىرمۇنچە ئالۋاستىلار نىمىلەرنىدۇر قىلىپ يۈرەتتى. مەن قۇرقۇنۇچتىن يۈرىكىم دۈپ-دۈپ قىلىپ سوقۇپ تۇرسىمۇ ئاستا- ئاستا ئۇلارنىڭ يىنىغا باردىم.بۇ يەردە بىر مۇنچە ئادەملەر قۇشۇش شەكىلىك تاختايلارغا باشلانغان بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇشسىز ھالدا بىشىنى ساڭگىلىتىشىۋالغان ئىدى.كۈزۈم ئاغىنەم قىييۇمغا چۈشتى. ئۇ بىر ئالاھىدە تاش تاختىغا مىقلانغان بۇلۇپ باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا تولىمۇ چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى،ئۇنىڭ ئورنى باشقىلانىڭكىدىن يۇقۇرى تۇراتتى. مەن بۇنىڭدىن تۇلىمۇ ھەيران قالدىم.  بۇ زادى نىمەئۈچۈن؟ قىييۇمنىڭ يىنىغا قاراپ .ئاۋايلاپ ماڭدىم..ئاھ تەڭرىم! بۇلارنىڭ قىىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايۋاتاتتىم.
      باغلانغان ئادەملەرنىڭ نېرىسىدا بىر چوڭ تۇڭدا بىر نەرسە بۇژغۇدەك ئىسلارنى چىقىرىپ قايناۋاتقان بۇلۇپ ئاچچىق پۇرىقىنىڭ دىماقنى ئىيچىشتۇرىشىدىن مەن بۇنىڭ قىزىل مۇچ قىيامىغا ئوخشاش بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.ئۇنىڭ ،ئالدىدا ئۇزۇنلۇقى كەڭلىكى ئون مىتىرچە كىلىدىغان بىر تاش تاختاي بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر ئادەم ئېغىز بۇرۇنلىرىغىچە چىڭڭىدە قىلىپ ماتادەك بىر نەرسە بىلەن ئورالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن بىر خىل سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇراتتى. مەن بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايتۇرغان ۋاقىتتا،بىر ئالۋستى باغلاقتىكى يەنە بىرەيلەننى يىشىپ ئالدى ۋە ئۇنى تاش تاختايغا ئالدى.، ئاندىن يەنە بىر ئالۋاستى ھىلىقى چوڭ تۇڭنى ئىلەشتۇرۈپ ئۇنىڭغا ھىلقى ئاچچىق سۇيۇقلۇققا مىلەنگەن ماتا پارچىسىنى بەردى. يەنە
بىر ئالۋاستى ھىلىقى ئادەمنى يالىڭاچلاپ ئۇنىڭ بەدىنىنى ھىلىقى ماتا بىلەن ئورىدى. بىچارە ئادەم نىڭ ئۇلارغا قارشى چىققۇدەك كۈچى يوق ئىدى. .مەن ئىختىيارسىز غەزەپ بىلەن ئۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم بىراق بىر نەرسىگە قاتتىق ئۈستۈم بۇ يەردە خۇددى ئەينەك تام باردەك مەن قانچە ئالدىغا قاراپ ئىتىلساممۇ ھامان بۇ مەۋھۇم تامغا ئۈسۈپ ئارقامغا قاراپ سەلتۈرۈلىنەتتىم. بىراق ھىلىقى ئالۋاستىلارنىڭ رەھىمسىزلىكىگە قاراپ ئىچىمدە بىر ئاچچىق ئوت ياناتتى


 ئالۋاستى كىيىن ئۇنىڭ يىنىدىكى ماتاغا ئورالغان  ئادەمنىڭ قىشىغا كەلدى، ۋە ئۇنىڭ تاپىنىغا ئۇزۇن يىڭىدىن ھىلىقى كاتتىباش جىننىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدىغان قۇشۇش بەلگىلىك نەرسىسىنى چىقاردى. بىراق ئۇنىڭ سېرىق نۇر چىقارمايتتى، بىراق ئۇ ئۇ نەرسىسىنى بىچارە ئادەمنىڭ تاپىنىغا تىققىنىدە ئۇ ئادەم خۇددى توك تىپىۋەتكەندەك تۇختىماي سىلكىندى.ۋە ئىچىنىشلىق بىرخىل ئاۋازنى چىقاردى. ئۇنىڭ ئازاپلىق ۋارقىراشلىرى ئىنىقكى ھىلىقى ئېغىزبۇرنىغىچەتىڭىۋېتىلگەن ماتا يۇچۇقلىرىدىن قىسىلىپ ئىتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بۇلاتتى 
    كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى. بىراق ھەممىدىن ۋەھشىيسى تېخى كەينىدە ئىدى. ئۇ ئەسۋابىنى تارتىۋالغاندىن كىيىن
ھىلىقى ماتانى يىشىشكە باشلىدى،ئەڭ ئاخىرقى بىر قەۋەتنىڭ يىشىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تېرىسى خۇددى پەمىدۇرنىڭ پوستىنى سويغاندەك ماتا بىلەن قۇشۇلۇپ شۈلۈنۈپلا چىقتى. ھىلقى كىشى لەختە-لەختە قان ئىچىدە قالدى.بىراق ئۇ ئۆلمىگەن ئىدى.غەزەپلىرىم يالقۇنجاپ ئۇلارغا قاراپ‹‹قويىۋېتىش،ۋۇ بەتبەشىرە مەخلۇقلار ھەممىڭلارنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن!!››دەپ ۋارقىرايتتىىم. بىراق ئۇلارنىڭ ھەركىتى داۋاملىشىۋاتاتتى.ئۇلار ھىلىقى شۇم پىشانە ئادەمنى ئۇنىڭ نېرىسىدىكى بىر پەلەمپەيگە ئېلىپ كەلدى –دە ئۇنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ پۇتىنغا جاڭڭىدە بىر قوزۇقنى قاقتى، ئىككى پۇتىغا قىقىپ بۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ يىنىغا ئۇنىڭ بەدىنىنى ئاستا ئاستا تىكلىدى ، ھەيران قالارلىقى ھىلقى يېرىم جان بىشىنىمۇ تىككىدە كۆتىرەلەپ ياغاچتەك قىتىپ قالغان ئىدى. ئىنىڭدىن كىيىن يەنە بىر ئالۋاستى كېلىپ ئۆزىنىڭ قۇشۇش بەلگىسىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاستا ئۈستىدىن پەسكە سېرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن ئىسلار چىقىپ توزۇنلار ئۇچۇشقا باشلىدى.بىر دەمدىلا ئۇ يەردە بىر دۈۋە توزۇن پەيدا بولدى.ھىلقى قان بەدەن بولسا ئىسكىلىتقا ئايلانغان ئىدى.
     بۇ جاللات ئالۋاستى بۇ ئىسكىلىتنى قوزۇقتىن ئاجرىتىپ ئالۋاستى تەخىتكە جىپسىلاشتۇردى. ۋە يەنە ئورنىغا قايتىپ كەلدى.بۇ چاغدا ئۇلار يەنە بۇ ئىشلارنى تەكرارلىماقچى بولۇشىۋاتاتتى. ئۇلارغا قاراپ شۇنى بىلدىمكى ئۇلار بىرمۇنچە شۈلۈنگەن تېرىلەرنى بىر بىرىگە ئۇلاۋاتاتتتى. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ماتاسى يەنىلا شۇ ئادەم تېرىسى ئىدى.
 مىنىڭ ئىچىم ئېلىشىپ ، بىشىم ئايلىنىپ ئاللىقاچان مەۋھۇم تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالغان ئىدىم‹‹مۈشۈك ماڭا دىگىنە ؟مەن ئۆلۈپ كەتكەن بولسام گۇنايىم بەك ئېغىر بۇلغاچقا دوزاققا كىردىممۇ؟كۆڭلىمگە ئالمايمەن راستىنى دەۋەرگىن.››،دىدىم مەن. ‹‹بۇ يەر .ئاستىغا بەنىت قىلىنغان ئالۋاستىلار ، بۇ دوزاق ئەمەس خاتىرجەم بۇل،لىكىن ئەمدى  ئورنۇڭدىن قوپمىساڭ دوستۇڭغا نۆۋەت كىلىپ قالدى.-دىدى بوز مۈشۈك !توغرا مەن يۈگرۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. بۇ نىمە دىگەن قورقۇنۇچلۇق؟!ئۇ باغلاقتا تۇرغاندا يىشىۋالمىسام ئۇنى مەۋھۇم تامغا ئىلىپ كىرىپ كەتسە..ياق!!!مەن ئۇچقاندەك ئۇنىڭ يىنىغا باردىم،
   ئۇ يەنىلا ھىلىقىدەك يىلتىز لاربىلەن باغلانغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كىلىپ چاقىردىم.‹‹ قىييۇم؟..كۆزۈڭنى ئاچ!مەن سىنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم!قىييۇم!››ئۇ كۆزىنى ئاستا ئاچتى. مۈشۈكۈم ئاللىقاچان يىلتىزلارنى چىشلەشكە باشلىغان ئىدى. بىراق شۇ ئارىدا يەنە تۇيۇقسىز مۇئەللەقتىن يەنە ھىلىقىدەك ئىشىك ئېچىلىپ قىزىل كۆز ئالۋاستى ۋە ھىپىزەم قول تۇتۇشۇپ چىقىپ كەلدى. ھىلىقى قاتتىق ئىش ئۈستىدىكى ئالۋاستىلار ئۇنىڭ يىنىغا ئاستا كەلدى. ئۇنىڭغا قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن دوكلات بەردى بولغاي ئۇ ھىلىقى ئۇستىخانلىق تەخىتكە رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قۇيدى. شۇ ئارىدا ھىپىزەم ئۇنىڭ قولىنى ئاستا قۇيۇپ بەردى-دە ئرقىغا بۇرۇلۇپ مۇ ئەللەقتىكى ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
-تېز بول جاپپار ئۇنىڭ ئارقىدىن ماڭ !ئۇنى قۇتقۇز!-دىدى قىييۇم.
-بىراق سەنچۇ؟-مەن ئۇنى قانداق تاشلاپ كىتىمەن.
-ئۇ مىنىڭ ھاياتىمدىنمۇ مۇھىم. ئۇنى قۇتكۇزساڭ مەن سەندىن بىر ئۆمۈر رازى ، تېز ۋاقىتنى قالمىدى تېز بول ئۆتىنەي!دوستۇم.-دىدى ئۇ قاتتىق ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىدا.
-مەن چۇقۇم قايتىپ كېلىپ سىنىمۇ قۇتقۇزىمەن!-دىدىم ۋە ھىپىزەم تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. ئىشىككە كىرىپ كىتىشكە ئىككى قەدەم قالغاندا ئۇنىڭغا يىتىشتىمدە ئىشىككە تۇتاشقان پەشتاقتىن .ئىككى ئاتلاپلا ئۇنىڭ كەينىدىن كىرىپ كەتتىم. .
   مەن يەنە بىر ئاجايىپ –غارايىپ ئۆڭكۈرگە كىرىپ قالغان ئىدىم.بۇ يەر خۇددى بىر كىچىك سارايغا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇلۇپ ھەممە جاي سىپسىلىق خىرىستال تاشلار ساڭگىلاپ تۇراتتى،ھەممە نەرسە كىرىستاللار بىلەن ياسالغان ئىدى. بىراق ھەممە جاي يەنە بىر قەۋەت سۇس تۈتۈن ئىچىدە تۇراتتى، مەن تولىمۇ ھەيران قالدىم.ھىپىزەم ئۇدۇل برىپ بىر خىرىستال ساندۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ پۇت قۇلىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتتى. مەن .ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى تۇنىتىشىم كېرەك. ئالدى بىلەن چۇقۇم ئۆزۈمنى ئۇ كۆرەلەيدىغان قىلىشىم كېرەك.
  مۈشۈكتىن سورىدىم.‹‹ مەن قانداق قىلسام ئۇ كۆرەلەيدىغان بۇلىمەن؟››،‹‹سەن تاشنى ئاغزىڭدىن ئېلىۋەتسەڭلابۇلىدۇ.›› دىدى ئۇ. تاشنى ئاغزىمدىن ئېلىۋېتىشىمگە يەنە ھىلىقى مۇدھىش كۆكۆچ رەڭگەقايتتىم. ۋەخىرىستال ساندۇق يىنىغا كەلدىم. ‹‹ھىپىزەم!››دەپ بوشقىنا ۋارقىردىم مەن. بىراق ئۇ ئاڭلىمىدى. مەن قولۇمنى سۇزۇپ ئۇنى يىنىك تەۋرەتتىم. شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۇنىڭ تىنى شۇنچىلىق سوغۇق ئىدى،بىراق قۇلۇ،م ئۇنىڭغا تىگىشىگە ئۇ بىردىنلا ئورنىدىن قۇزغىلىپ ئالدىمدا تىككىدە تۇردى. پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇلغان ئارلىقتا بۇ ھادىسىدىن چۈچۈپ ئارقىمغا داجىپ كەتتىم.. ئۇ قىزىل كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا قاراپ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇراتتى،
    ‹‹ھىپىزەم بۇمەن!جاپپار . تۇنىمىدىڭمۇ؟،،دىدىم مەن جاقىلداپ تىترىگەنلىكتىن تۈزۈكمۇ چىقمايۋاتقان ئاۋازىمنى زورىغا چىڭايتىپ بىراق ئۇنىڭ ماڭا قارىتىپ قولىنى بىر سىلكىشىدىن بىر نەچچە مىتىر نېرىسغا قاڭقىپ كەتتىم. مەن جاققىدە بىر خىرىستال تامغا ئۇرۇلدۇم. مەن ھۇشۇمنى بىلىپ بولغىچە ھىپىزەممۇ ئالدىمغا پەيدا بۇلۇپ بولغانىدى. ئۇنىڭ قولىنى كۆتىرىشى بىلەن مىنىڭمۇ تىنىم يەردىن كۆتىرىلدى. ئۇ ئەمدىن مىنى ئاتىدىغان بۇلسا ئىنىقكى ئۇستىخانلىرىم كۈكۈم تالقان بۇلۇپ كېتەتتى. ‹‹بۇنداق قىلما ھىپىزەم. مەن جاپپار .مىنى قويىۋەت،››ئۇ مىنى داۋاملىق ئىگىزگە كۆتىرىۋاتاتتى،‹‹مەن ھىچ بولمىسا ئۇستىخان تەختىڭنىڭ بىر بۇرجىكى بۇلۇشقا يارايمەن››ئۆلۈم بۇرنۇمغا پۇراپ تۇرغان بۇ پەيتتە نىمىلەرنى بىلجىرلاۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم. بىراق بىردىنلا يەرگە قاڭقىپ چۈشتۈم، ئۇ مىنى قۇيىۋەتكەن ئىدى .ئۇ راستلا ئۇستىخىنىمنى ئاياپ  قالدىمۇ نىمە؟!‹››مەن بىشىمنى سىلكىۋىتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم .نەدىكىنى مۈشۈكۈم ئەسلى ئۇنىڭ پىشىغا ئېسىلىۋالغان ئىكەن. ‹‹تېز! ئاۋۇ ئالتۇن رەڭ قۇشۇش بەلگىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ پىشانىسىگە تۇغۇرلا!››دىدى ئۇ ھىپىزەم زەرپ بىلەن ئۇنى تۇتماقچى بۇلىۋاتاتتى بىراق ئۇ ئۇنىڭ ئۇ يەر بۇيېرىگە چاققانلىق بىلەن يۆتكىلەتتى. مەن ئەتراپقا قارىدىم.بىر خىرىستالدىن ياسالغان بىر مىتىرچە ئىگىزلىكتىكى تەكچە ئۈستىدە يەنە بىر ئۈچبۇلۇڭ خرىستالغا دەل ھىلىقى ئالتۇن رەڭ قۇشۇش بەلگىسى قىستۇرۇلغان ئىدى. مەن دەرھال باردىم بىراق ئۇ نەرسىنى مىدىرتىش مۇمكىن بۇلماي قالدى، زادى قانداق قىلىش كېرەك. خۇددى روھنى كىرگۈزگەندەك بۇ نەرسە ئۇنىڭ پىشانىسىگە توغۇرلانمىسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تىنىدىكى جىننىڭ روھى ھەرگىز چىقمايتتى. بىردىنبىر ئامال ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا توغۇرلاش.
     ھىپىزەم ئاخىرى مۈشۈكۈمنى تۇتىۋالدى ئۇ ئۇنىڭ بۇينىدىن تۇتۇپ ئۇنى ئىككى پارچە قىلىۋەتمەك بۇلدى.‹‹ياق!››مەن يۈگرەپ بېرىپ بايا مەن يىقىلغان جايدىكى بىر سۇنغان ئۇچلۇق خىرىستال پارچىسىنى ئالدىمدە ئۇنىڭغا قارىتىپ چالما ئاتقان پەدەمدە كۈچەپ تۇرۇپ ئاتتىم. بېرىپلا ئۇدۇل ئۇنىڭ بىشىغا تەگدى. ئۇ رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرغان نەزىرىنى ماڭا ئاغدۇر -دىدە مۈشۈكۈمنى نېرىسىغد چۆرىۋەتتى.ۋە مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى. مەن ئۇنى قۇشۇش بەلگىسى بار تەرەپكە باشلاپ ماڭدىم.دەل شۇ ياققا كەلگەندە مەن قۇشۇش بەلگىسىگە ئېسىلىۋالدىم. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ غەزەپلەندى بولغاي ماڭا قاراپ ئېتىلدى، مەن ئۇنىڭ ئۇزۇن چىچىنى تۇتىۋالدىم دە بار كۈچۈم بىلەن ئۇنىىڭ بىشىنى قۇشۇش بەلگىسىگە توغۇرلىدىم. دەل شۇ پەيتتە ئۇ نىڭ تىنى تويۇقسىز قىتىپ قالغاندەك بولدى. دىمەك ئۇنىڭ روھى تورمۇزلانغان ئىدى. مەن ئۇنى قۇيىۋەتتىم . ئەتراپنى يەنە بىر سۇس تۇمان قاپلىدى.ۋە تېز سۈرئەت بىلەن بۇ تۇمان ھىپىزەمنىڭ تىنىدىن چىقىشقا باشلىدى. تۇمان چىقىپ بولغاندىن كىيىن ھىپىزەم يەرگە يىقىلدى. مەن ئۇنى يۈلىدىم . ئۇ ئاستا- ئاستا كۆزىنى ئاچتى ۋە ماڭا قارىدى،‹‹جاپپار ئاكا››دىگەن بۇ سادانى ئاڭلاپ يىغلىۋېتەيلا دەپ قالدىم.

داۋامى بار
         كۆرۈلۈشى:1772     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-2-6 13:50:15يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش (..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2..
ئەركەكلەر دىققەت! چە..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682