|
ئەجەل تونى (ھىكايە) ئىككىنچى بۆلۈم |
|
|
ئەجەل تونى (ھىكايە) ئىككىنچى بۆلۈمى
خەيرىگۈل ئۆمەر ئەل قىزى
ئۇ بىردەم بىردەم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ قاراپ قوياتتى ، بىراق نە چولاق تىلەمچى نە تىلەمچىنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغان تازلىقچىلار كۆرۈنمەيتتى... -قىزىق ئىش ، بۈگۈن بىرمۇ خېرىدار يوق ...- دېدى شاگرت قىز ئېسىقلىق كىيىملەرنى رەتلىگەچ ... توساتتىن سىرتتىن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىغا قارىدى، ئىككى تازلىقچى نېمىنىدۇر تالاش تارتىش قىلىشىۋاتاتتى...ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا يۈگۈرۈپ چىقتى ... -نېمىنى تالىشىۋاتىسىلەر،بۈگۈن تولىمۇ كېيىن ئىشقا چىقتىڭلارغۇ ؟! -خېنىم، سىز بىر ساخاۋەتلىك ئىش قىلىپ قويسىڭىز...ئۇلارنىڭ چىرايىدىن سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى . -گېپىڭلارنى چۈشەنمىدىم ...سىلەرگە قانداق ياردىمىم كېرەك ... -خېنىم ، بۇ يەردە كۈندە ئولتۇرىدىغان بىر قولى يوق يىگىتنى سىزمۇ تونۇيسىزغۇ دەيمەن ... -ھەئە...- ئۇ جىددىيلىشىكە باشلىدى ، كۆڭلى نېمىدىندۇر خاتىرجەمسىزلىنىپ تۇراتتى ،- ئۇنىڭغا ...بىرەرئىش بولدىمۇ ؟ -ئەتىگەن بىز كوچا تازلاۋاتاتتۇق ...توساتتىن ماشىنىنىڭ كۈچلۈك تورمۇزلانغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىساق بىرى قانغا بويىلىپ يېتىپتۇ ، سوقىۋەتكەن ماشىنا بىز بارغىچە كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ چاپىنىدىن تونىدۇق ، تۈنۈگۈن تېخى ئۇنىڭ يېڭى چاپىنىنى بەك يارىشىپتۇ دەپ ماختاشقانتۇق ...ئىتتىك بېرىپ ئۆرىسەك شۇ ئاغىنىمىز شۇكەن ...ئۇ قولىدا بىر نېمىنى چىڭ سىقىمدىۋاپتۇ ... ھەرقانچە قىلىپ قولىنى ئاجرىتالمىدۇق... بۇرنىنى تۇتساق تىنىق باركەن ، بىز ھېچنىمىنى ئويلىمايلا ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتىمىز ،دوختۇرلار ئۇنىڭ جىددىي كېسەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىراپ كارىۋاتقا ئالدى ... ئەپسۇس... -ئۇ قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمىدى شۇنداقمۇ ؟...ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتتى ... -ياق ، دوختۇرلار ئۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ دەيدۇ... بىراق بىز رەسمىيەت ھەققىگىمۇ چىقىش قىلالمىدۇق... ئۇلار ئۇنى زالدىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇشتى...- ئۇلار دېگىچە يىغلاپ تاشلىدى، بىزئۇنى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تونىساقمۇ ، بىراق ئۇنىڭ نەدە تۇرىدىغىنىنى قانداق تۇغقىنى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز ...تازلىقچىدا پۇل نېمە قىلسۇن ...شۇ بىچارىنىڭ رەسمىيەت ھەققىگىمۇ چىقىش قىلالماي، ئۇنى شۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ ، باشقا بىرەر ئامال قىلايلى دەپ كېلىشىمىز ... قوشنىلاردىن ياردەم سورىدۇق، ئەمما ھېچقانچە-تازلىقچى مەيۈسلەنگەن ھالدا قولىدا سىقىمداقلىق پارچە پۇللارنى كۆرسەتتى... ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق بىر تەۋرەنگەندەك بولدى ، ئۇ ئۆزىنى قانداقتۇر بىر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلماقتا ئىدى... -باشقىنى كېيىن دېيىشەيلى. مەندە يەتكىدەك پۇل بار ...مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭلار بولامدۇ ... تاكسى ھەش – پەش دېگۈچە دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى. ئۇلار دوختۇرخانا ئىچىگە كىردى ... -ئۇ بايا مۇشۇ يەردە ئىدىغۇ...تازلىقچى زالىنىڭ بۇلۇڭىنى كۆرسەتتى ... -دوختۇرلارمۇ ئادەم ...ئۇلار پۇلنى ئالماي تۇرۇپ داۋالاشقا ئەكىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ... بايا چىرايى سۇلغۇنلىشىپ كەتكەن تازلىقچىلارنىڭ چىرايىغا بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە يۈگۈردى ... ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى . -دوختۇر ئەپەندى ، بايىقى كېسەلنى داۋالاش ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتىڭلارمۇ ؟- ئۇلار ئۇدۇل كېلىۋاتقان ئېگىز بويلۇق دوختۇرنىڭ ئالدىنى توسۇپ سورىدى. ـ سىلەرگە بالدۇر كېلىڭلار دېمىگەنمىدىم ... ئۇ سىلەر كەتمەي ئۇزۇن ئۆتمەيلا تىنىقتىن توختىدى ...ھازىر بەلكى جەسەت ئۆيىدە بولىشى مۇمكىن! -دوختۇر دېگەنمۇ ئادەممۇ ...- تازلىقچى ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى،- تىلەمچى بولسىمۇ تۇغقىنى بولمىسىمۇ، ئۇ بىر جان ئەمەسمۇ... بۇنداقمۇ ۋىجدانسىزلىق بولامدۇ ... -كەچۈرۈڭ بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىز، رەسمىيەت ئۆتىمىسەڭلار بىزمۇ داۋالاش ئېپ بارالمايمىز ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يارىسى يېنىك ئەمەسكەن ...! – دوختۇر يادلىۋالغاندەك بىر نەچچە ئېغىز سۆزنى ئىتتىككىنە دەۋەتتى–دە، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يولىنى داۋام قىلدى ... ئۇ بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ نە ئوڭى نە چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى... سېستىرا ئۇلارنى جەسەت ئۆيىگە باشلاپ كىردى . ئۇنىڭ پۇت قولى ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىدى ، چۈنكى ئۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . ئاتا – ئانىسى بەك كىچىك چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ،ئۇ ئۇلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى ...ئۇلار بىر كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى .كارىۋات ئۈستىدىكى لاتا قانغا بويالغان ئىدى . ياندىكى تازلىقچى يىگىت ئاستاغىنە لاتىنى تارتتى . لاتا ئېلىۋېتىلىشى بىلەن تىلەمچىنىڭ قانغا بويالغان كۈلگەن چىرايى كۆرۈندى . ئۇ قورققىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى . چولاق تىلەمچى نېمىدىندۇر مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك كۆرىنەتتى . -بىچارىنىڭ بۇ دۇنيادا قىيالمىغان بىرەرى بولسا كېرەك ، كۆزى ئوچۇق كېتىپتۇ...- تازلىقچى يىگىت قولىنى ئاپىرىپ ، ئاستاغىنە جەسەتنىڭ كۆزىنى يېپىپ قويدى . - ئۇ ئادەتتىمۇ كۈلۈپ تۇرىدىغان يىگىتتى ، كۈلگەن پېتى كېتىپتۇ ،- دېدى يەنە بىرى ،- بىز ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگىچىمۇ ئۇ توختىماي كۈلدى ، توۋا ، بىچارىنىڭ ئۆمرى تىلەمچىلىكتە ئۆتۈپ كەتتى، ئاللا سەكراتىنى ئاسان قىلغان ئوخشايدۇ- ئۇلار كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭمۇ قورقىنىشى يوقاپ يۈرىكىنى ھەسرەت قاپلىدى، ئۇ تىلەمچىنىڭ چىرايىغا يەنە بىر قېتىم قارىدى، خۇددى تىلەمچى كۆزىنى ئېچىپ نېمىنىدۇ دەيدىغاندەك ... سول قولىنى كۆتۈرۈپ « ئاللا ، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن » دەيدىغان دەك . ئۇنىڭ كۆزى ئىختىيارسىز ئۇنىڭ سول قولىغا تىكىلدى ، قانغا بويالغان قول ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويۇلغان بولۇپ نېمىنىدۇر چىڭ سىقىمداپ تۇرغاندەك قىلاتتى ، ئۇ ئىختىيارسىز قولىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئاپاردى، ئۇ قولنىڭ ئىچىدىن پۇرلەنگەن بىر ۋاراقچىنى تەسلىكتە تارتىپ چىقتى، قولىغا ئالدى–دە ، كەينىگە داجىدى. ئۇ دەل ئۇنىڭ ھېلىقى يىگىتكە يازغان كۆڭۈل سۆزى بولۇپ، پۈرلىشىپ قانغا بويالغان بولسىمۇ چىرايلىق قىلىپ يېزىلغان «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن » دېگەن خەت ئېنىق كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ پۇت قولى بوشىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ تۈنۈگۈندىن بېرى ئىزدەۋاتقىنى دەل شۇ خەت ئەمەسمىدى، ئەمدىلىكتە بۇخەت تىلەمچىنىڭ قېنى بىلەن بويالدى ، ئۇقانداق قىلىشى كېرەك خەتنى تاشلىۋەتسۇنمۇ ؟ ياكى تىلەمچىگە قايتۇرۇپ بەرسۇنمۇ ؟ ... ئۇ ھوشىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى ، ئۆزىنىڭ جەسەت ئۆيىدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىنى ، قانداقلارچە ساقچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيتتى. -سىلەر ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىمۇ ؟ ئۇ ئاستاغىنە باش لىڭشىتتى ، ئۇ تىلەمچىنىڭ داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن بولسىمۇ ، ئاخىرەتلىك رەسمىيەتلىرىنى تۆلىۋېتىش ، ئۇنى دوختۇرخانا جەسەت ئۆيىدە ئەمەس بەلكى قەۋرىدە ياتقۇزۇشنى ئويلايتتى . -بۇ ئەپەندىم تۈنۈگۈن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، ۋاقتى ئورنىنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ يارلانغۇچىنىڭ ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈردۇق. قانۇن بويىچە سىلەر تۆلەمنى قۇبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۇ ئېسىنى يىغقاندەك بولدى . ئالدىدىكى دوختۇر ئەمەس بەلكى ساقچى ئىدى ، ئۇ ئۆرۈلۈپ بىرگە كەلگەن تازلىقچىلاردىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىن سورىماقچى بولدى ، ئەمما ئۇلار يوق تۇراتتى . بىرەيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قېتىپلا قالدى . بۇ دەل ئۆزى ساقلىغان ھېلىقى يىگىت ئەمەسمۇ ؟ئۇ قانداق بولۇپ... ئۇ مېڭىسىنىڭ يەنە بىر سىلكىۋەتتى، ئۇ ئۆزىنى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن قارىدى، ئالدىدىكى بېشىنى سېلىپ تۇرغان يىگىت دەرۋەقە ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئىدى، ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالغان ئىدى . -مېنى كەچۈرۈڭ خېنىم، مەن ئەسلى نەخ ۋاقتىدا ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەپ كېلىشىم كېرەك ئىدى. دادامنى يۈزىنى كۆرۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ، كەينىمگە يېنىشقا ئامالسىز قالدىم... مەن بۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىنى ئويلىماپتىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ، سىز قانچە پۇل تەلەپ قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر مەن بېرىمەن، يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى . -بەلكى بۇمۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ. مەن تۆلەم ئېلىشقا مۇناسىپ ئەمەس ، مەن ئۇنىڭ تۇغقىنى ئەمەس، ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىمۇ تونىمايمەن... مەن باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى ئۇنىڭ دوختۇر پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن كەلگەن، ئەپسۇس...كېچىكىپتىمەن ! سىزنىڭ دادىڭىزچۇ؟-ئۇئۇلاپلا سورىدى . -بايىلا يەرلىكىگە قويدۇق...-يىگىتنىڭ كۆزىگە ياش يۈگۈردى. قىزنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ ئېچىشقاندەك بولدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ تۈنۈگۈنلا تويىنى قىلىپ بۈگۈن ئۆلۈم ئۇزاتقان يىگىتكە ھېسداشلىقى قوزغىلىۋاتاتتى. بىراق ئۇ تەسەللى بېرىشكە ئامالسىز ئىدى . ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى – دە ، ساقچىدىن سورىدى : - ساقچى ئەپەندى ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىگە ئۆزۈم ئىگە .مەن جەسەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتسەم بولاتتى . ئۇ ھۆججەتكە قول قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلىۋىدى . يىگىت ئۇنىڭ مۆرىسىگە ئاستاغىنە چەكتى : -بۇ نەرسىڭىز چۈشۈپ قالدى ،- قانغا بويالغان ۋاراقچە ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى . قىزنىڭ يۈرىكى سىلكىنگەندەك بولدى .چۈنكى يىگىتنىڭ تۇتۇپ تۇرغىنى دەل قىزنىڭ ئۇنىڭغا يازغان يۈرەك سۆزى ئىدى . «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دېگەن خەت ۋاراقچىدە ئېنىق كۆرىنىپ تۇرغان بولسىمۇ يىگىت ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىتا يېزىلغانلىقىنى بىلمەيتتى . ئۇ تىترەپ تۇرغان قولىنى تەستە سۇنۇپ، يىگىتنىڭ قولىدىن خەتنى ئالدى. ئۇ چاققانلىق بىلەن كەينىگە ئۆرۈلدى . -مەن يىگىتىڭىزنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇم. سىز نېمىشقا تۆلەم ئالمايسىز ؟ نېمىشقا مېنى قانغىچە تىللىمايسىز ؟ قىزنىڭ قەدىمى توختىدى، بىراق ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈشكە ئامالسىز ئىدى . - ئەسلىدە ،ئۇ يولدىن ئۆتۈپ بولغانىدى ، بىراق بىر نەرسە ئۇچۇپ كەتكەندەك بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى، مەن ماشىنىنى دەرھال تورمۇزلاشقا ئامالسىز قالدىم، سىگنال بەرگەن بولساممۇ ئۇ ئالدىغا مېڭىۋەردى...ئۇ يىگىتىڭىز بولمىسا ، نىمىشقا ... ئۇنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى .پۇت قولى بوشىشىپ لەسسىدە بولۇپ قالدى. شۇتاپتا ئۇ يىگىتنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا ئامالسىز ئىدى . ....................................... -ھوشىغا كەلدى ... ئاخىرى ھوشىغا كەلدى ...-ئۇ ئاستاغىنە كۆزىنى ئاچتى . ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقلارچە دوختۇر كارۋىتىدا ياتقىنىنى بىلمەيتتى . - ھەدە ، ھەرنىم بولسا ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز ، مېنى بەك قورقۇتتىڭىز-شاگىرت قىز ئۇنىڭ يېنىغا قالدى . - ماڭا نېمە ئىش بولدى . تىلەمچى يىگىتچۇ ؟ئۇ قانداق بولدى، مەن ئۇنى دوختۇرخانىدىن ئەپ چىقىپ كېتىشىم كېرەك . -ھەدە ،جىددىيلەشمەڭ ،ھەممە ئىش جايىدا... -شاگرت قىز ئۇنى تۇتىۋالدى ،-ئۇنى ئالدىنقى ھەپتە يەرلىكىدە قويۇشتى.... ياشقىنە بىر سېستىرا ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ بىر قارىۋېتىپ ، تومۇرىنى تۇتقاندىن كېيىن ،شاگىرت قىزغا قاراپ بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى-دە ، چىقىپ كەتتى. شاگرت قىز ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى : -ھەدە دوختۇر سىزنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە ياندى دەيدۇ، ئەتە ئۆگۈن دۇكانغا قايتىدىغان بولدىڭىز ، سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم، بىر ھەپتىدىن بېرى كۆزىڭىزنى ئېچىپمۇ قويمىدىڭىز...مەن بەك قورقتۇم . -مەن بىر ھەپتە ياتتىممۇ ؟ قالغانلارچۇ ؟ مېنى كىم بۇ يەرگە ئەكەلدى؟ -مەن شۇ كۈنى دۇكاننى تاقاي دېيىشىم بىلەن تېلفون كەلدى . جىددىيلىك بىلەن دوختۇرخانىغا كەلسەم سىزنى ياتاققا ئېلىپ بوپتۇ ، مەن رەسمىيەت ئۆتەي دېسەم ، دوختۇرلار يارلاندۇرغۇچى رەسمىيەتنى ئۆتەپ بولدى دېدى، مەن نېمە ئىشلىكىنى ئاڭقىرالماي تۇرسام كۈندە دۇكاننىڭ ئالدىنى تازلايدىغان تازلىقچى ئۇچراپ ئەھۋالنى دەپ بەردى، بەك ئۆكۈندۈم، شۇ كۈنى مەن بىگۇناھ تىلەمچىنى بىرمۇنچە قاغاپتىمەن، بىچارىگە چاپاننى كىيىش نېسىپ بولمايلا-قىز كۆز يېشى قىلدى،-ئۇ يوق مەن كۈندە بېرىدىغان سەدىقىنى يىغىپ قويدۇم، باشقا تىلەمچىلەرنىڭ يېنىغا بارالمىدىم، شۇ ئادەمگىمۇ كۆنۈپ قاپتىكەن كىشى...-ئۇ يوق دۇكانمۇ چۆلدەرەپ قالدى... ئىككەيلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا كۆز يېشى قىلىشتى . .......................................... يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى، بىراق بىرلا قائىدە ئۆزگەرنىدى، ئۇ كۈندە ئەتىگەن شەپىسىز كىرىپ ، كەچتە شەپىسىز كېتىدىغان بولدى . كۈندە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بىر قولىنى كۆتۈرىدىغان تىلەمچى مانا شۇنداق غايىپ بولدى . شاگىرت قىز بىلەن ئىككىسى بەزى بەزىدە ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان ئورنىغا قاراپ تۇرۇپ گېپىنى قىلىشاتتى، قانداقتۇر يېقىن بىر تۇققىنى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلغاندەك كۆز يېشى قىلاتتى . ....................................... -ھەدە ، بىرى سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى ماشىنىسىغا بېسىپ ئېپ ماڭدى ... ئۇ ئالدىراپ قاراپ ، قولىغا يىڭنە كىرىپ كەتتى ... -نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ؟ مەن رەسىمگە چۈشمىسەم خەقتە رەسىمىم نىمە قىلىدۇ ...- ئۇ كۈلۈپ قويۇپ ئىشىنى داۋام قىلىۋەردى . -مەن يالغان سۆزلىمىدىم ، سىز شۇ ، ئۇ سىزغان رەسىمكەن يوغان جازىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى، مەن ئۇلاردىن قەيەردىن ئالغانلىقىنى سورىسام، توت كوچا دوخمۇشىدا يايما قىلىپ سېتىۋاتىدۇ، دېدى. سىز بېرىپ قاراپ بېقىڭ بولامدۇ ؟ مەن يالغان سۆزلىمىدىم ، سىزنىڭ كىيىم تىككەن ھالىتىڭىز ...نەخ ئۆزى... ئۇ قولىدىكى ئىشنى شۇ پېتى تاشلاپ ، تۆت كوچا ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى . يولنىڭ بويىغا بىرمۇنچە ئادەم يىغىلىۋالغانىدى .ئۇ قىستىلىپ ئادەملەر توپى ئىچىگە كىردى .تىزىلىپ قويۇلغان ھەرخىل رەسىملىرىدىن قاتتىق ھەيران بولدى . يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كىيىم تىكىۋاتقان ھالىتى ، چېچىنى بوغقان ھالىتى ، خىلمۇخىل ھالەتلىرى تۇراتتى . -بۇ رەسمدىكى مەنغۇ ؟ بۇ نېمە ئىش...سىز بۇ رەسىملەرنى قاچان سىزغان ... قانداقلارچە مېنىڭ رەسىمىمنى يايما قىلىپ سېتىپ قالدىڭىز ...- ئۇ ھەيرانلىق بىلەن يايمىچىدىن سورىدى .ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراشتى . -كىم بۇنى سەن دەيدۇ ، بۇنى بىر داڭلىق رەسسام نەچچە يىلدىن بېرى سىزغان ، بۇنىڭ سېتىش ھوقۇقى مەندە... رەسىمدىكى مەن دەيدىغان نېمە ئاساسىڭ بار ...- يايمىچى جىدىيلەشكەندەك بولدى –دە ،سۈرەتلەرنى يىغىشقا باشلىدى ، ياندىكى رەسىم كۆرىۋاتقانلارمۇ ئاستا ئاستا تاراپ كەتتى . -سىز كەتمەي تۇرۇڭ ، بۇ زادى قانداق گەپ ...بۇ رەسىملەر قانداق بولۇپ سىزدە بوپ قالىدۇ ، بۇنى كىم سىزغان مەن نېمىشقا بىلمەيمەن ... يايمىچى ھېچنىمە دېمەي رەسىملەرنى ۋەلسىپىتىنىڭ كەينىگە باغلىدى . -توختاڭ سىز بۇ رەسىملەرنى قانچە پۇلغا ساتىسىز؟ مەن ھەممىنى سېتىۋالاي ... -20مىڭ ...-دېدى ئۇ قارىمايلا. -ھەممىسىمۇ ؟ - ئۆيدە يەنە بار... -ئەپەندى مەن ھەممىنى سېتىۋالاي، بىراق ماڭا بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ بولامدۇ؟ مەن بۇنى كىمنىڭ سىزغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۆزۈمنىڭ بۇنچە جىق سىزما رەسىمى بارلىقىنى بىلمەيمەن...ئۆتۈنۈپ قالاي ...-ئۇ يايمىچىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى. يايمىچى توختاپ كەينىگە ئۆرۈلدى ،ۋەلسىپىتىنى يانغا توختىتىپ ، يولنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى : - مەن سىزنى تونىمايمەن ، رەسىمدىكىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن ، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىگىرى بىر چولاق مېنىڭ ئامبار ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئالغان، يېرىم يىل بولدى ،ئۇ قايتىپ كەلمىدى ، يېرىم يىللىق ئىجارىنى بەرمەي قېچىپ كەتتى، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە كىرىپ باقمىغان، ئۇ يېرىم يىلدىن بېرى پەيدا بولمىغاندىن كېيىن ئۆينى بىكالاپ باشقا بىرىگە ئىجارە بېرەي دەپ ئىچىگە كىرسەم پۈتۈن ئۆيدە رەسىم باركەن، ئۇ دائىم بەك كەچ ياتاتتى، ئۇنىڭ بىر قولى بولمىغاندىكىن رەسىم سىزا دېگەننى ئويلاشماپتىكەن...مەن يۆتكەۋاتسام بىرەيلەن كېلىپ بىر پارچە سېتىۋالدى، ئۆيۈمنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 100 يۇەن بولغاندىن كېيىن يېرىم يىللىقىنى ئۈندۈرىۋالاي دەپ 600 دېسەم باھا تالاشمايلا سېتىۋالدى، ئۇ نائەھلى پۇلۇمنى بەرمەي قاچقاندىن كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ نەرسىلىرىنى ساتقىلى ئەپ چىقتىم، تېخى بايىلا ئەپ چىقىشىم ... - چولاق دېدىڭىزما؟ ئوڭ قولى يوق شۇنداقمۇ ؟ -ھەئە...ئۇ ئىككى يىلدىن بېرى مېنىڭ ئامبار ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ... -ئەپەندى ،ئۇ يېرىم يىل ئىلگىرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى ... يايمىچى ئەجەپلەنگەندەك بولۇپ ،يۈزىنى تۆۋەن سېلىۋالدى . -مەن ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئۇنىڭ بىرەر تونۇشىنىمۇ بىلمەيتىم، ماڭا ئۇنىڭ قازا قىلغىنىنى ھېچكىم دېمىدى، ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن . -مېنى ئۇنىڭ تۇرغان ئۆيىگە ئاپىرىڭ، مەن ئىجارە ھەققىڭىزنى بېرەي ، ماڭا بۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىڭ ... ئۇ يايمىچىغا ئەگىشىپ ماڭدى ، يايمىچى يەر ئاستى ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىن كىچىك بىر ئىشىكنى ئاچتى ۋە ئۇنى چاقىردى ، ئۇ كىرگىنىچە ھەيران قالدى ، تامدا ئۇنىڭ ھەرخىل قىياپەتتىكى سىزما رەسىملىرى تۇراتتى ... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دۇكاندىكى قىياپەتلىرى ئىدى . ئۇ كۆرگەنسىرى ھەيران قېلىۋاتاتتى... ئۇنىڭ كۆزى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە سۈرەتكە كېلىپ توختىدى . سۈرەتتە سىزىلغىنى ئۆزىنىڭ بىر قولى يوق بىرىگە چاپان كەيدۈرىۋاتقان ھالىتى بولۇپ ، ئوڭ يانچۇقىغا سۇس قىلىپ « سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دەپ يېزىلغانىدى. |
كۆرۈلۈشى:1981 | قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-17 19:25:26 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
|
|
 |
يېڭى تېمىلار |
|
|
 |
تەۋسىيە تېمىلار |
|
|
|