ئەجەل تونى (ھىكايە) بىرىنچى بۆلۈم - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئەجەل تونى (ھىكايە) بىرىنچى بۆلۈم
  ئەجەل تونى (ھىكايە)
بىرىنچى بۆلۈمى

خەيرىگۈل ئۆمەر ئەل قىزى


  -دىت ... -ئىشىك قوڭغۇرىقى بېسىلدى ، ئۇ يۈگرىگىنىچە بېرىپ ئالدىراپ ئىشىكنى ئاچتى ، كۆز ئالدىدا كېلىشكەن بىر يىگىت بىردەستە قىزىل گۈل تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى ، ئۇ خوشاللىق بىلەن گۈلگە قولىنى سۇندى...
جىررىڭ... - سائەتنىڭ ئەنسىز بىر سايرىشى بىلەن ھەممە نەرسە غايىپ بولدى ، ئۇ كۆزىنى ئاچتى ، كۆز ئالدىدا بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنگىنى يەتتىنى كۆرسەتكەن سائەت بولدى ... ئۇ چۆچۈپ كۆزىنى چوڭ ئاچتى ، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرماق بولدى –يۇ،ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتىنى مىدىرلىتالماي قالدى ، چۈنكى ئۇ كېچىچە كىيىم تىكىپ تاڭ ئاتاغا يېقىن كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا بېشىنى قويۇپ تىككەن چاپاننى قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغانىدى.
 ئۇ قىينالغىنىچە ئورنىدىن تۇردى ، بۈگۈن مەيلى نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئورنىدىن تۇرماي بولمايتتى ،قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر سائەت سەككىزدىن بۇرۇن دۇكىنىغا بېرىشى كېرەك ئىدى ...
 بۈگۈنئۇ قەۋەتلا خوشال ئىدى ، ئۇ ئالدىرىماي يۈز كۆزىنى يۇيۇپ كەينىدىنلا ئەينەككە قارىدى ، بۇ ئۇنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى يۈزىنى يۇيۇپ تۇنجى نۆۋەت ئەينەككە قارىشى ئىدى ، ئادەتتە ئالدىراش يۈزىنى يۇيۇپ چېچىنىمۇ ماڭغاچ بوغىدىغان ئۇنىڭدەك قىز ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك پۇرسەتنىڭ كەلمىكى ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە . ئۇ ئەينەكتىكى ئۆزىگە بېرىلىپ قارىدى ، يۈزىنى يۇيغىچە ھۆل بولۇپ يۈزىنى يېپىۋالغان چاچلىرىنى قولى بىلەن ئاستاغىنە قايرىۋەتتى ، ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر گۈزەل قىز ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتاتتى ، ئۇ چاچلىرىنى ئالدىرماي تارىدى ، قاپقارا قويۇق چاچلىرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھۆسىن قوشاتتى ، ئۇ تاغاقنى ئاستاغىنە جايىغا قويدى-دە، ئەينەكتىكى ئۆزىگە يېڭىباشتىن قاراپ چىقتى ، گۈزەل ھۆسنىگە قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى ... ئۇ ئاستاغىنە ياتاق ئۆيىگە كىردى-دە، تام ئىشكاپىنى ئاچتى ، ئاسقۇدا بىر نەچچە قۇر كىيىم بولۇپ پوسۇنى ۋە رەڭگى كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيتتى ، ئۇ ياندىكى سۇلياۋ خالتىنى ئاچتى-دە، ئىچىدىن چىرايلىققىنە قاتلانغان بىر كۆينەكنى چىقاردى...
 بۇ نۆۋەت  ئۇ ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئالدى كەينىگە ماڭماقتا ئىدى ، ئۆمرىدە كىيىپ باقمىغان سېرىق رەڭلىك كىيىم ، سېرىق ئاياق ، ئالتۇن ھالقا ...يەنە كېلىپ ئۇبۇنۆۋەت ئۆمرىدە قويىۋېتىپ باقمىغان چېچىنى قويىۋەتكەن ئىدى ،  
 ئۇ ئەينەككە يېنىش – يېنىشلاپ قارايتتى، ئوڭ سولغا ئۆرىلەتتى، كىيىمىنىڭ قەيەرىلىرىدۇر قاملاشماي قېلىۋاتقاندەك تارتىپ قوياتتى ...
 ئۇ سومكىسىدىن كىچىك ئەينەكنى چىقاردى، تام ئىشكاپىنىڭ ئاستىنقى كۆزىدىن گىرىم قېپىنى ئالدى، قاپ ئىچىدىكى ھەممىسى ئاغزى ئېچىلمىغان يېڭى گىرىم بولۇپ ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا دۇكاندىكى ياردەمچى قىز بىلەن بىرگە سېتىۋالغان ئىدى.ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن گىرىم قىلىشقا باشلىدى ...
 ئۇ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇردى ، شۇ تاپتا ئۇكۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتى...
ئۇ كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدىكى خەتنى ئېلىپ چىڭ سىقىمدىدى-دە، مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى ۋە خەتنى چاپاننىڭ ئوڭ يانچۇقىغا سالدى ...
 تېرەكلىك تار كوچا . ئىككى تەرىپىنى تېرەك قاپلىغان بۇ كوچا گەرچە تار بولسىمۇ ئىنتايىن گۈزەل ئىدى، بولۇپمۇ مۇشۇنىڭدەك كۈز ئايلىرىدا ئۇ تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتەتتى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى قاپلىغان سارغۇچ يوپۇرماقلار ...بىلىنەر بىلىنمەس چىققان شاماللار ئۇلارنى ئۇياقتىن بۇ ياققا ئۇچۇرۇپ قارىغان كىشىنى خىيال دەرياسىغا غەرق قىلاتتى ... ئەلۋەتتە بۈگۈنكىدەك كۈندە تېخىمۇ شۇنداق...
 «ئۇ كېلىپ كىيىمنى كىيسە... چوقۇم بەك يارىشىدۇ...ئۇ چوقۇم مەندىن مەمنۇن بولىدۇ...-ئۇ يەنە بىر قېتىم مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسرىدى،-ئاندىن يانچۇقتىكى خەتنى كۆرىدۇ... » ئۇ ئويلىغانسىرى خوشال بولاتتى ...
     ئۇ شېرىن خىياللار بىلەن دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنىمۇ ھېس قىلماي قالغانىدى .
-       خېنىم دۇكان بۇياقتا قالدى ،-چولاق تىلەمچىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۇزىۋەتتى، ئۇ چۆچىگەندەك بولۇپ كەينىگە قارىدى، دەرۋەقە خىيال بىلەن دۇكىنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى . ئۇ ئاستاغىنە تىلەمچىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە كونا ئادىتى بويىچە يانچۇقىدىن پارچە پۇل ئالدى –دە ، ئۇنىڭغا تەڭلىدى ، ئۇ بۇنى ئادەت قىلغانىدى، ھەركۈنى دۇكاننى ئېچىشتىن بۇرۇن تىلەمچىگە پۇل بېرىپ بولۇپ ئاندىن دۇكاننى ئاچاتتى، ئۇ تىلەمچى بولسا، مەيلى بوران–چاپقۇن، مەيلى تومۇز–ئىسسىق بولسۇن ،ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن نېرى بارمايتتى.
-       خېنىم ، خۇدا سودىڭىزنى روناق تاپقىلى نېسىپ قىلسۇن!  سىزگە بىر گەپ دېگىم بار ئىدى، دېگىلى يول بارمىدۇ؟-بۇ تىلەمچىنىڭ دۇئادىن سىرت قىزغا قىلغان تۇنجى گېپى ئىدى .
-       قېنى دېگىن ، نېمە گەپ ئىدى ، ئەگەر مەن ياردەم قىلالىغىدەكلا ئىش بولسا...
-       ياقەي خېنىم، ھېلىمۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئاۋەلى خۇدا ئۇنىڭدىن قالسىلا سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە كۈنۈمنى كۈن قىلىپ كېتىۋاتىمەن، سىزدىن يەنە ياردەم سوراشقا نەدىمۇ يۈزۈم بولسۇن، مەن... - تىلەمچى بىلىنەر بىلىنمەس قىزارغاندەك بولدى ،-بۈگۈن بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسىز دېمەكچى ئىدىم .
     قىزنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى :
-       رەھمەت ساڭا، خۇدا سېنىمۇ بالدۇرراق مۇشۇ كۈندىن قۇتۇلغىلى نېسىپ ئەتسۇن، رىسقىڭنى كەڭ قىلسۇن، تېنىڭنى سالامەت قىلسۇن- قىز شۇنداق دېدى –دە ئورنىدىن تۇردى .
ئۇ دۇكانغا كىردى،  تۈنۈگۈن خېلى كەچكىچە دۇكاننى رەتلىگەچكە دۇكان باشقىچىلا رەتلىك ۋە پاكىز ئىدى .
-       ۋوي ، ھەدە، بۈگۈن نېمانچە چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز،- شاگرت قىزنىڭ ئاۋازى ئۇنى چۆچىتىۋەتتى، ئۇ ئاستا كەينىگە بۇرۇلدى،- راسلا بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسىز، توۋا ، مەن ھېس قىلماپتىكەنمەن، سىز ئەسلى بەكلا چىرايلىقكەنسىز ئەمەسمۇ ؟!
-       رەھمەت،- ئۇ ئاستاغىنە بېشىنى لىڭشىتتى،- بۈگۈن ئەپ كېتىدىغان كىيىملەر تەييار بولدىمۇ؟-ئۇ گەپنى تېزلا بۇرىۋەتتى .
-        ھەئە، بۈگۈن ئەتىگەندە ئىككى چاپان، چۈشتىن كېيىن بىر كۆڭلەك بار، ھەممىنى تەييار قىلىپ بولدۇق، توغرا ھېلىقى ئاكىمىز بۇيرۇتقان چاپاننى سىز تىكىمەن دېۋىدىڭىز...
-       تەييار بولدى،- ئۇچاپاننى ئاستاغىنە ئىلغىغا ئېسىپ قويدى ۋە ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ كۆزى چاپاندا ئىدى، ئۇ چاپانغا قارىغانسىرى خوشال بولاتتى، يىگىتنىڭ چاپاننى كەيگەندىكى كېلىشكەن ھالىتىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ ئىچ –ئىچىگە پاتماي قېلىۋاتاتتى. توختىماي ئىشىككە قارايتتى، ئۇ كىرىپ قالسا قانداق قىلارمەن دەپ جىددىيلىشەتتى .
     ئۇ سائەتكە قارىدى، سائەت سەككىزدىن ئون بەش مىنۇت ئېشىپ كەتكەنىدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە يەنە قارىدى، يول تازلاۋاتقان تازلىقچىلاردىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى ...
سائەت توققۇزمۇ بولدى ، ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، قىز بولسا ئىشىكتىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى، ئۇنىڭ كۆزىگە نە دۇكاننى بېسىۋالغان خېرىدار نە يولدىن ئۆتكىچە دۇكانغا قاراۋاتقان ئادەملەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇ پەقەت يىگىتنىڭ تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولىشىنى كىرىپ كىيىمنى ئاسقۇدىن ئېلىپ كىيىشىنى ئويلايتتى.
سائەت ئون بولدى. ئون بىرمۇ بولدى .ئەتىگەن سائەت سەككىزگە دېيىشىپ قويغان يىگىتىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ تېلفوننى قولىغا ئالدى، يىگىتنىڭ نومۇرىنى باستى – يۇ، ئۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
ئۇ « ئۇ يولدا كېلىۋاتقان بولسا ئالدىرىتىپ قويارمەنمۇ، ياق، تېلىفون قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، چوقۇم كېلىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن يالغان سۆزلەپ باقمىغان ...»دېگەنلەرنى ئويلايتتى.
تۇيۇقسىز سايرىغان تېلىفون ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى، ئۇ ئىتتىكلىك بىلەن تېلفونغا قارىدى ، تونىمايدىغانلا نومۇر ئىدى .  ئازراق ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولدى – يۇ ، كىمنىڭ تېلفونى ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماق بولۇپ تېلفوننى ئالدى :
-       ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ سىز كىيىم لايىھىلەيدىغان قىز بولامسىز ؟-تېلفوندىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەتراپتىن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ تۇراتتى :
-       ھەئە، مەن شۇ ، سىز ؟
-        مەن بۈگۈن ئەتىگەن كىيىم بۇيرۇتقان خېرىدارنىڭ سىڭلىسى بولىمەن،- ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق بىر ئېغىشقاندەك بولدى،-بۈگۈن ئاكامنىڭ تويى تويغا باشقا يەردىن كىيىم بۇيرۇتقانىدۇق ، شۇڭا سىزنى زاكالەت پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ، باشقا خېرىدارغا سېتىۋەتسۇن دېمەكچىدۇق، ئاكام نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ يەردىن كېتىدۇ ، شۇڭا بېرىپ كىيىمنى ئەكىتەلمەيدۇ، سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمىز ئۈچۈن خىجىلمىز، ئاكام بۈگۈن چوقۇم سىزگە ئېيتىشىمنى تاپىلىۋىدى، كەچۈرۈڭ ...
      گەپ تۈگىمەيلا تېلفون ئۇنىڭ قولىدىن سېرىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇمۇ لەسسىدە بولۇپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى .
 ئۇشتۇمتۇت كەلگەن تېلفون ھەممىنى يوق قىلدى، ئۇنىڭ كېچىدىن تارتقان جاپاسى، كۆرگەن شېرىن چۈشى، سۈرگەن شېرىن ئوي خىياللىرى ... ھەممىسى يوق بولدى، ئۇ يىگىتنىڭ بۇ كىيىمنى ئۆز تويى ئۈچۈن بۇيرۇتقىنىنى بىلمەيتتى، يىگىت ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا بىرەر قىزنى تىلغىمۇ ئېلىپ باقمىغاچقا ئۇ بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ قىزغا ئۆز تويى ئۈچۈن كىيىم تىكتۈرىشىنى ئېيتقان بولسىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇنچە يېرىم بولمىغان بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ بېقىشى ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. دۇكاندىكى خېرىدارلار ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى-دە، بىر-ئىككىدىن چىقىپ كېتىشتى.
-       ھەدە ، نىمە بولدىڭىز ؟! بىرەر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟ كىمدىن كەلگەن تېلفونكەن ؟ ...  ھەدە گەپ قىلىڭە ؟-ئۇ يېنىدا پاي– پېتەك بولىۋاتقان شاگرت قىزغا قارىدى :
-       ئاسقۇدىكى ئاۋۇ چاپاننى ئىشىك ئالدىدىكى تىلەمچىگە بېرىۋېتىڭ...-ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى،-ئەمدى كۆزۈم كۆرمىسۇن ...
-       لېكىن ئۇ چاپان تېخى يېڭى تۇرسا ؟!.. ئۇ خېرىدار سىزنى بىرەر نەرسە دېدىمۇ ھەدە ؟-شاگرت قىز ئاسقۇدىن كىيىمنى ئالغاچ توختىماي سۇئال سورايتتى .
-       تىلەمچىگە يېڭى كىيىم بەرسە يامان بولامدىكەن، بەرگىڭىز بولمىسا ئۆزۈم بېرەي ،- ئۇ قىزنىڭ قولىدىن كىيىمنى سىلكىپ ئالدى –دە ، سىرتقا قاراپ ماڭدى ، بۇ ئۇنىڭ دۇكاننى ئېچىپ مۇشۇ چاققىچە تۇنجى قېتىم ئۆز شاگرتىغا قوپاللىق قىلىشى ئىدى.
     ئۇ چاپاننى تىلەمچىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى-دە ، كەينىگە بۇرۇلدى .
-       خېنىم بۇ نېمە ؟ بۇنى ماڭا بەردىڭىزما ؟
-       ساڭا بەردىم ،يېڭى چاپان ، سەن كەيگىن ... -ئۇ كەينىگە بۇرۇلمايلا جاۋاپ بەردى ، ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ تىلەمچىگىمۇ يىغلىغان چىرايىنى كۆرسەتكۈسى يوقتى.
-       رەھمەت خېنىم مەن بەك خوش بولدۇم، خۇدا سودىڭىزنى بەك روناق تاپقىلى نېسىپ قىلسۇن، لېكىن مەن بىر چولاق بۇنى كىيىشكە ئامالسىز قالدىم ، مومكىن بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ...
      ئۇ پۇتىنى دۇكان تەرەپكە ئالدى–يۇ، يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ تىلەمچىنىڭ يېنىغا كەلدى .
     ئۇ ئاستاغىنە چاپاننى قولىغا ئالدى ۋە ئاۋايلاپ تىلەمچىگە كەيگۈزۈپ قويدى، ئۇنىڭ كۆزىگە نە خوشاللىقىدىن ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلىۋاتقان تىلەمچى، نە ئۇنىڭغا ھەيرانلىقتىن قاراپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار كۆرۈنمەيتتى ...
ئۇنىڭ دۇكانغا كىرگۈسى يوق ئىدى، دۇكانغا كىرگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭ دەردى يېنىكلەپ قالمايتتى، باشقا كۈنى كۆزگە گۈل كۆرىنىدىغان خېرىدارلار بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇقچە ئىدى. ئۇنىڭ قانغۇدەك يىغلىۋالغۇسى، دەردىنى يىغا بىلەن چىقىرىپ يېنىكلەپ قالغۇسى بار ئىدى. ئۇ بار كۈچى بىلەن يۈگۈردى، يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭغا غەيرى نەزەر بىلەن قارايتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆز مەنزىلىنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ...
بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى... ئۇ دۇكانغا قايتمىدى، شاگرت قىزدىن كۈندىلىك ھېساۋاتنى ئۆتكۈزىۋېلىشنىمۇ ئۇنتىدى ... ئۇ پۈتۈن بىر كۈن يىغلىدى ... ئۇنىڭ بۇنداق قانغىچە يىغلاپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغانىدى ...
ئۇ ئۆزىنى قەۋەتلا يېنىك ھېس قىلدى... خۇددى قانداقتۇر بىر ئېغىر نەرسىنى يەلكىسىدىن بىرى ئېلىپ تاشلىغاندەك ...
ئۇ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدى ...
ئۆي ئىچى كۈندىكىدىن رەتسىز ئىدى، ئۇدۇكانغا بالدۇر بېرىشقا ئالدىراپ ئۆينى يىغۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇغانىدى...ئۇ سۇخانىغا كىرىپ ئەينەكتىكى ئۆزىگە قارىدى، چىرايىدا ئەتتىگەنكى خوشاللىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، ئەتىگەن شۇنچە گۈزەل كۆرۈنگەن چىرايى قارىغاسىرى سۇلغۇن كۆرىنەتتى، ئۇ قولىغا چاچ بوغقۇچنى ئالدى– دە ، ئاۋالقى پەدىسىدە چېچىنى بوغىۋالدى . ئەتىگەندىن بېرى ياش بىلەن يۇيۇلۇپ بولغان يۈزىنى يەنە بىر قېتىم يۇيىۋەتتى...ئۇ كىيىمىنى ئالماشتۇرماقچى بولۇپ، ھۇجرىسىغا كىردى، ئۈستەلدە كېچىدىن يېزىپ مەشق قىلغان خەتلىرى ئەلۋەتتە ئۇ يىگىتكە ئەڭ چىرايلىق يازغان بىر ۋاراق خېتىنى بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاراق ئىسراپ قىلغان ئىدى ...
ئۇ پۇرلەنگەن ۋاراقچىلارنى قولىغا ئالدى-دە، توساتتىن بىر ئىش خىيالىدىن كەچكەندەك بولدى ... توغرا... تىلەمچىگە بەرگەن ھېلىقى چاپاننىڭ يانچۇقىدا ئۆزىنىڭ يىگىتكە يازغان خېتى بار ئىدى...ئۇ جىددىيلىك بىلەن سىرتقا قاراپ يۈگۈردى ... مەيلى نېمىلا بولمىسۇن خەتنى ئېلىۋالماي بولمايتتى، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بىرىگە يۈرەك سۆزىنى خەت ئارقىلىق ئىزھار قىلىشى ئىدى، ئۇنىڭدەك ئىچ مىجەز بىرىگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ سىرىنى باشقا بىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئارتۇق ئازاپ يوق ئىدى... ئۇ بىردەمدىلا دۇكاننىڭ ئالدىغا باردى، ئەپسۇس، تىلەمچى ئاللىقاچان كېتىپ بولغان ئىدى ...دۇكانمۇ تاقىلىپ بولغانىدى ...ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى... قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈن خەتنى ئېلىۋالماي بولمايتتى...بىراق ئۇ تىلەمچىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى ...توساتتىن بىر ئىش خىيالىدىن كەچتى... ئۇ خەتنى چاپاننىڭ ئوڭ يانچۇقىغا سالغان ئىدى ...تىلەمچىنىڭ ئوڭ قولى بىلىكىدىن يوق ئىدى ...ئۇ ئوڭ قولى يوق تىلەمچىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ خەتنى كۆرۈپ قېلىشى ئېھتىماللىقتىن يىراق دەپ ئويلايتتى ... ھېچ بولمىغاندا بۈگۈنچە شۇنداق... ئۇ شۇ خىيال بىلەن كەينىگە ياندى ...
 ئۇ دۇكانغا كۈندىكىدىن بالدۇر كەلدى ، ئۇنىڭ ئەس يادى تىلەمچىگە بەرگەن چاپاننىڭ يانچۇقىدىكى خەتنى بىر ئامال قىلىپ ئېلىۋېلىش ئىدى. بىراق كۈندە تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ پەيدا بولىدىغان تىلەمچى، تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.
 قانداق قىلىش كېرەك ، ئۇنىڭغا نېمە دېيىش كېرەك ...ئەگەر ئۇ بۈگۈن ئۇ چاپاننى كىيىپ كەلمىسىچۇ؟ ئەگەر ئۇ خەتنى ئەسكى قەغەز ئورنىدا تاشلىۋەتكەن بولسىچۇ ؟...
ئۇنىڭ كاللىسىنى خىيال چىرمىۋالدى . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، خەتنى ئېلىۋالماي بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بىر پارچە خەتلا ئەمەس، ئۇ ئۇنىڭ يۈرەك سۆزى، ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. ئۇنى قانداقلا بولمىسۇن ئېلىۋېلىشى كېرەك ئىدى ...
-       قىزىق ئىش، بۈگۈن چولاق تىلەمچى كەلمەپتۇ... ئۇقاتتىق يامغۇردىمۇ، تومۇز ئىسسىقتىمۇ كېلىدىغان، بۈگۈن كەلمىگىنى قىزىق–تە...–دېدى ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى تىلەمچى داۋاملىق ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا قاراپ.
-       ھېلىغىچە كېلەرمىكىن-جاۋاپ بەردى شاگرت قىز...- ھەدە، ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ ... قاراپ تۇرۇپ يېپ يېڭى چاپاننى بىر تىلەمچىگە بېرىۋەتتىڭىز ... ئۇنى شۇنچە جاپادا تىككەن تۇرسىڭىز...ساتقان بولساقمۇ خېلى پۇلغا يارايتتى،كىم بىلىدۇ ، ئۇ چاپاننى ساتقىلى كەتتىمۇ تېخى...
 چاپاننى ساتقىلى؟... ئۇنىڭ كاللىسىدا يەنە بىر يېڭى سۇئال پەيدا بولدى. 
چاپاننى سېتىۋەتسە ياكى باشقىلارغا بېرىۋەتسە قانداق قىلىمەن...ئۇ چاغدا ئۇ خەت كىملەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ، نەلەردە تاشلاندۇق بولۇپ يۈرەر...
  ئۇنى يەنە غەم چىرمىۋالدى...
-       سىز ئۇ تىلەمچىنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىنى بىلەمسىز ؟
-       ھە؟- شاگرت قىز ھەيرانلىقتا سورىدى- سىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چاپاننى قايتۇرىۋالماقچىمۇ ھەدە ؟ مەن ئۇ مەنىدە دېمەكچى ئەمەس ھەدە، پەقەتلا سىزنىڭ جاپايىڭىزغا قاراپ سەل رازى بولماي قالدىم، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلارغا بەرگەن سەدىقىنى قايتۇرىۋالساق بولمايدۇ –دە...
-       ياق مەن چاپاننى قايتۇرىۋالمايمەن... پەقەت ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغىنىنى بىلگىم كەپ قالدى...- دېدى ئۇ زورلاپ ئۆزىنى بېسىپ .
-        مەن بىلمەيمەن ... مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ قاياقتىن كېلىپ قاياققا قايتقىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەتىگەندە كەلسەم مۇشۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. كەچتە ئىشىكنى تاقاپ ماڭساممۇ ئولتۇرغان پېتى قېپ قالىدۇ. مەن ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغىنىنى زادىلا بىلمەيدىكەنمەن...بەلكى سوراپ باقساق بىلگىلى بولا، تىلەمچىلەر كۆپىنچە كۆۋرۈكنى تېگىدە، يەر ئاستى ئۆيلىرىدە، بىنالارنىڭ زاللىرىدا ئۇخلايدۇ... بەلكى تازلىقچىلار بىلىشى مۇمكىن، مەن گاھىدا ئۇلارنىڭ پاراڭلاشقىنىنى كۆرىمەن...
   ئۇ قارىماققا ئىپادىسىز كۆرۈنسىمۇ كۆڭلىدە ھامان تىلەمچىنى تېپىشنى خەتنى بىر ئامال قىلىپ قايتۇرۋېلىشىنى ئويلايتتى...

                                                                        ــــ ئاخىرى بار  (بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ)
         كۆرۈلۈشى:1991     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-17 19:22:57يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش (..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2..
ئەركەكلەر دىققەت! چە..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682