ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1) - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1)

ئاپتۇرى: پاتىمە ئابدۇشۈكۈر

    كىچىكىمدىنلا جىن دىگەن ئۇقۇمنى بىلگەندىن باشلاپلا مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش ھاسىل بولغان ئىدى.بۇھەرگىزمۇ ماڭا جىن يۇقۇشۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى مىنىڭ ئەزەلدىن سىرلىق نەرسىلەرگە قىزىقىدىغان ئادىتىمدىن ئىدى.
     تەخمىنەن 7-8 ياشلار ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك .مەھەللىدە بىرمۇنچەيلەن يىغىلىشىۋېلىپ جىننىڭ گىپى دىسە قورقۇپ تىترەپ تۇرساممۇ ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلاپ كىتەتتىم.دائىم باشقىلارغا  گىپىنى قىلىپ بەرگىنە دەپ تۇرىۋالاتتىم.  بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاپام ئاغزىمغا ئۇرۇپ‹‹جىن جىن دەۋەرسەڭ جىن سېنى ئىزلەپ كىلىدۇ!›،دەيتتى. باشتا قورقۇپ بىر نەرسە دىيەلمىسەممۇ بىراق كىيىن يەنىلا  ئۆزۈم بىلگەنچە جىننىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ سۆزلەپ يۈرەتتىم.                          
     بىر قىتىمقى يازلىق تەتىلدە بىز يۇرتتىكى بىر تويغا باردۇق. بوۋامنىڭ چوڭ قىزى رازىيخان ھاممامنىڭ قىزى تۇي قىلغان ئىدى.بۇ ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى يەنى بىردىنبىر قىزى بولغاچقا پۈتۈن ئۇرۇق تۇققانلار كەلگەنىدى.بوۋامنىڭ ئۈيى، رازىيخان ھاممامنىڭ ئۆيى ۋە بوۋامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇراخمان تاغامنىڭ ئۆيى قاتارسىغا ئورۇنلاشقان بۇلۇپ ئۈچ ئائىلە مىھمانلارغا لىق تولغان ئىدى. ئۇزاقتىن كۆرۈشمىگەن تۇققانلار، ئاچا سىڭىللار، نەۋرە –چەۋرىلەر بىراق يىغىلغان بۇلۇپ ھەممە ناھايىتى خوشال ئىدى. بىز كىچىكلەرمۇ قىزىپ كەتكەن ئىدۇق. يېزا بولغاچقا توي ئۆيدىلا بولاتتى. شۇڭا ھەممەيلەن مۇشۇ يەرگە يىغىلغان ئىدى.
    ھەممىدىن خوشال بولغىنى بوۋام بۇلۇپ ئۇنىڭ ئېغىزلىرى يۇمۇلماي قالغان ئىدى. بىزگە ئىتىزدىن سەۋزىلەرنى يۇلۇپ ئەكىلىپ بەرسە خوشاللىقىمىزدىن ئەزەلدىن سەۋزە يەو باقمىغاندەل يەپ كېتەتتۇق. بوۋام قىزلىرى ،ئوغۇللىرىنىڭ ‹‹دادا سەن بىر ئىش قلىمەن دىمەي تۆردە چوڭ سۈپەت ئولتۇرۇپ بەرسەڭ بولدى›› دىگىنىگە قارىماي ئىشلارغا قارىشىپ يۈرەتتى .ئاياللار سەۋزە تۇغرىشاتتى ، سۇغۇق سەي قىلىشاتتى.ۋە رازىيخان ھاممامغا ئەتە نىمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتاتتى. ئەرلەر بولسا قۇيلارنى سويۇپ، پۇشۇرۇپ، پارچىللاپ دىگەندەك ئشلارنى قىلىۋاتاتتى. ئەتىكى توينىڭ تەييارلىقى مانا مۇشۇنداق قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.                                                 
     كەچمۇ بولدى.ھەممە تەييارلىقلارمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى.كىچىدە ھەممەيلەن ئۇخلاش تەييارلىقىنى قىلىشتى . بوۋامنىڭ بارلىق قىزلىرى، بالا چاقىلىرى بىلەن بىر چوڭ ئۆيدە يىتىشماقچى بولدى. ھەرنىمە بولسا ھەممە ئۆي چوڭ كاڭ بۇلۇپ سىقىلىشىپ ياتسا پىتىشىپ كېتەتتى. مەن ئۇخلاشقا ئۇنىماي ئەسكىلىق قىلىپ پەگادا ئولتۇرىۋالغان ئىدىم.ئاپام يىنىمغا چىقىپ يات دىگىنىگە كۆندۈرەلمەي‹‹ ئەمىسە شۇ يەردە ئۇخلا ھىلى جىنلىرىڭ كىلىدۇ ››دەپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرگەن ئىدى. مەن يەردە ئولتۇراتتىم.                                                                             
ياتىىڭلارمۇ قىزلىرىم؟!-بوۋام كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ قولىدا بىر شام چىراق تۇراتتى.                               
-ئوبدان ياتتۇق دادا . سەنچۇ نەدە ياتتىڭ –دىدى ھامىلىرىم باشلىرىنى كۆتىرىپ.            
-مەن قازناقتا ياتاي دەيمەن. ياز كۈنى بولغاندىن كىيىن، كۈيوغوللىرىمنى قىستىماي كەڭتاشا ياتاي دەيمەنغۇ-دىدى بوۋام يەنە شۇنداق يىقىملىق كۈلۈپ.                  
-رازىيخان ئاچام تۇي قىلىپ كەتكەندە سەي ئورىسىغا چۈشىۋېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭ .ئەمدى ئۇنىڭ قىزى توي قىلسا قازناققا كىرىپ يىغلاي دىدىڭمۇ دادا!-دىدى ئاپام . ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى                                 
-ھى ھى ھى.. –بوۋام يەنە شۇ كۈلكىسى بىلەن ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇردى. ۋە ماڭا قاراپ
-قىزىم سەن داق يەردە نىمە قىلىپ ئولتۇرىسەن؟-دىدى يىنىمغا كىلىپ.                              
-ئاپىسىنى قاقشىتپ ئۇخلاشقا ئۇنىماي ئولتۇرىدۇ-دىيىشتى ھاممىلىرىم.                        
- بوۋام بىلەن قازناقتا ئۇخلايمەن!-دىدىم مەن دەررۇبوۋامنىڭ قولىغا ئېسىلىپ.                                         
- ئەتە توي دەۋاتسا توپا باستۇرۇپ قازناقتا نىمە بار؟-ئىككىنچى ھاممام.                      
- بوپتىلا مەريەم ئاچا . ئۇ يەرگە چىقىپ ياتسا ياتسۇن .دادامغا ھەمرادارچىلىق بولۇپ. بۇبالىنىڭ سەل بوينى قاتتىق.ھە دىمىسەڭمۇ قىلىدىغىنىنى قىلىدۇ. بوپتۇ چىقىپ بوۋاڭنىڭ يىنىدا ياتقىن .كەپسىزلىك قىلما جۇمۇ!             
-جۈرە قىزىم ساڭا ھىكايە ئېيتىپ بېرىمەن.-مەن قىن-قىنىمغا پاتماي بوۋام بىلەن چىقىپ كەتت
     بوۋام بىلەن ئىككىمىز بوغداي تاغارلىرىنىڭ ئۈستىدە ياتساقمۇ لىكىن بوۋام ئاستىمىزغا نۇرغۇن سامان ۋە باشقا كىگىز دىگەندەك نەرسىلەرنى سىلىپ شۇنساق راھەت قىلىۋەتكەن ئىدى
-بوۋا سەن جىننى كۆرۈپ باققانمۇ ؟- سۇرىدىم مەن كونا خۇيۇم بۇيىچە.                    
- كۆرگەن ، -دىدى بوۋام.                                                                  
-دەپ بەرگىنە بوۋا نەدە كۆرگەن ئىدىڭ؟ قانداقكەن ئۇ جىن دىەەن نەرسە؟- مەن قىزىقىپ سورىدىم.                  
-قىزىم مەن ساڭا  بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي. بىراق قورقۇپ يىغلىمايسەن-ھە!- دىدى بوۋام.  
-ماقۇل . –دىدىممەن بوۋامغا تىخىنمۇ يىقىن كىلىپ.                                                                 
      بۇنىڭدىن 50 نەچچە يىل ئىلگىرى مەن يىگىرمە ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى. ئۇ كۈنلەر ھازىرقىدەك باياشات ئەمەس ئىدى.ئۆتكەن ھەربىر كۈنىمىزگە چوڭ شۈكرى قانائەتلەرنى قىلىشىپ ئۆتەتتۇق. ياچۇقىمىز يىل يىللاپ تۆت تەڭگىنى كۆرمەيتتى. مىنىڭ قەييۇم ئىسىملىك بىر ئاغىنەم بۇلۇپ ئۇ شۇنداق قەيسەر جۈرئەتلىك بالا ئىدى. دائىم ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن بىر ئىشلارنى قىلاتتۇق ۋە تاپقىنىمىزنى تەڭ ئۈچكە بۆلەتتۇق.چۈنكى ئۇنىڭ باريوق بىر تاللا سىڭلىسى بارئىدى .                                                                                                              
    بىر كۈنى ئۇ يەنە مىنى ئىزدەپ كەلدى.                                                   
-بىزگە باي بولىدىغان پۇرسەت كەلدى جاپپار. يىقىندىن بۇيان بىزنىڭ بۇياقتىكى قۇملۇقتىن بىر دورىلىق ئۆسۈملۈك كولىشىۋېىتىپتۇ.باھاسى تولىمۇ قىممەت ئىكەن. ھەممەيلەن شۇ ئىشقا ئاتلىنىپتۇ. مەنمۇ بىر ئىشەك ھارۋىسىنى تەييارلاپ قۇيدۇم تەييارلىقىڭنى قىلساڭ ئەتىلا يولغا چىقايلى.-دىدى. مەن ئارتۇقچە ئويلانمايلا ماقۇل بولدۇم                     
    ئۆيگە قايتىپ دادام-ئاپاملار بىلەن مەسلەھەتلىشىپ بولغاندى كىيىن تەييارلىقىمنى قىلىشقا كىرىشتىم.كەچتە ئاپام داداملار بىلەن سەپەر تۇغۇرسىسدا پاراڭلاشتۇق.         
 نەگە بارىسىلەر ئەمدى؟-،دىدى دادام.                                                     
- شۇ قۇملۇقنىڭ ئىچىگەرەك  كىرىپ قالارمىزمىكىن. خۇدايىم بۇيرىسا ئىشىمىز ئوڭ كىلىپ قالسا ياخشىراق بىر نەرسە كولىۋالساق...- .دىدىم مەن ھاياجانلىنىپ ھازىر لا يانچۇقۇمغا تەڭگىلەر شاراقلاپ چۇشىۋاتقاندەك.                    
-دىققەت قىلىڭلار . ئۇقۇملۇقنىڭ ئىچىدە بىر ئورمانلىق بار دەيدۇ. كىچىكىمدە ئاڭلىغانمەن شۇنداق دەپ..سىنىغۇ خۇدايىمغا تاپشۇرۇپ يولغا سالىمەنغۇ ئەمدى، قۇم ھايۋانلىرى بار خەتەرلىكرەك، دىققەت قىلىڭلار - دىدى يەنە دادام.شۇ ئارىدا ئۆيىمىزدىكى بىر كۆزى قارغۇ مۈشۈك تۇيۇقسىز كىچىك بالا يىغلىغاندەك ئەنسىز غىڭشىپ مىياڭلاپ كەتتى. مەن بۇ مۈشۈكنى ئۆتكەن يىلى قىشتا سىرتتىن تىپىۋالغان بۇلۇپ قايسى مەلئۇن ئۇنىڭ كۆزىنى ئويىۋەتكەنكىن سىرتتا يېرىم جان بۇلۇپ ياتقان يېرىدە كۆتۈرۈپ ئەكىرىۋالغان ئىدىم. بۇ بوز رەڭلىك مۈشۈك ھازىرغىچە بۇنداق ئەنسىز مىياڭلاپ باقمىغان ئىدى، گىپىمىزنى ئاڭلاپ ماڭا قىيالمايۋاتقان چېغى. ‹‹ئەنسىرىمە مۈشۈكۈم .مەن قايتىپ كىلىپ باي بولغاندا ساڭا بىلىق ئىلىپ بېرىمەن   ››دىدىم ئۇنىڭ بىلەنمۇ قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ.                                                     
     ئەتىسى مەن قىييۇم ۋە قىييۇمنىڭ سىڭلىسى ھىپىزەم ئۈچىمىز قۇملۇقنىڭ ئىچىكىرسىگە كىرىپ كەتتۇق. ‹‹ئۇزاقراق مىڭىپ ھىچكىم بارمىغان يەرگە بارساق ،كۆپ كولىيالايمىز ››دىدى قىييۇم. كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چۇڭ بۇلۇپ ھىپىزەم ئىككىمىز ئاساسى جەھەتتىن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ زىيان تارتىپ باقمىغاچقا ئۇنىمىلا دىسە ھەدەپ قارشىلىق قىلماي جىم ئولتۇردۇق.                                                                                                 
....بىزبىر كۈن مىڭىپ تۇختىغاندىن كىيىن ئەتراپنى كۈزىتىپ ئىشنى باشلىۋەتتۇق . قىيۇم ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چىچىكىنىڭ رەسىمىنى سىزىۋالغان بۇلۇپ  بىز شۇ بويىچى ئىزدەشكە باشلىدۇق . بىراق ئۇنى تىپىش تولىمۇ تەس ئىدى. بىز تۈت سائەتنىڭ ئىچىدە ئاران بىر چىچەكنى تاپتۇق. ۋە ئۇنى كولاشقا باشلىدۇق. توۋا تىپىشتىن كولاش تولىمۇ تەس ئىكەن . مۇشۇ بىرسىنىڭ ئۇچىمۇ خېلى تەستە كۆرۈندى. كولاپ چىقىرىپ بولغىچىمۇ تۈن يېرىمى بۇلۇپ قالغان ئىدى. بىراق بۇ ھەقىقەتەن بەك چوڭ نەرسە ئىكەن .ئۇزۇنلىقى بىرمىتىر توملۇقىمۇ 40-50 سانتىلار كىلەتتى. بىز ئۇنى كولاپ بولغاندىن كىيىن ھارغىنلىقتا ئۇخلاپ قالدۇق.ئەتىسى يەنە چۈشكىچە بىرنى ئاران تاپتۇق. بۇچاغدا قىيۇم ‹‹ سەن كولاپ تۇرغىن مەن ئىشەكنى مىنىپ ئەترپنى ئايلىنپ باقاي›› دىدى دە مىڭىپ كەتتى. مەن ھىپىزەم بىلەن ئۇنى كولاپ قالدىم . بىز بۇقىتىمقىسى ئانچە مۇنچە غولى بار بۇلۇپ بىز .ئۇنى پۈتۈن چىقىرىمىز دەپ خېلى كۈچ سەرىپ قىلدۇق. قيىيۇم ئۇنىڭ پوستىنىڭ ئازراقمۇ زەخىم يىتىشىگە بولمايدۇ. بولمىسا بىر سائەتنىڭ ئىچىدە نەملىكىنى يوقىتىپ ھىچقانداق قىممىتى قالمايدۇ  دىگەنىدى.                                                                                                   
 بىر چاغدا ئاخىرى كولاپ چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن قارىساق گۇگۇم چۈشەي دەپ قالغانىدى.شۇندىلا بىز قىييۇمنى ئەسكە ئالدۇق. ھىپىزەم تولىمۇ ئەنسىرەپ كىتىپ باراتتى. مەن بىر دەم ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسەم بىر تەرەپتىن ئۆزۈممۇ قاتتىق ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتىم. شۇ ئارىدا قىييۇمنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈندى ، ئۇ بىچارە ئىشەكنى ئايىماي چاپتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇبىردەمدە كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. ئۇ قاتتىق ھاياجانلانغان بۇلۇپ باشلىرىدىن تەرلەر تامچىپ        تامچىپ ئېقىپ تۇراتتى                                                                                                 
-بىز باي بولىدىغان بولدۇق جاپپار . مەن تاپتىم ! مەن تاپتىم!- بىركىلوسى ئون كوي بولسا ئۇ يەردىكى بىر توننىمۇ كىلىپ قالدۇ. جاپپار ئەمدى چوڭ بايلاردىن بۇلۇپ قالدىغان بولدۇق. ھا ھاھا! ئۇ توختىماي مىنى بىر دەم ھىپىزەمنى قوچاقلاپ كۆتۈرۈپ كىتەتتى،. مەنمۇ ئۇنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم.                          
-نەدە كۆردۈڭ . جىقمىكەن؟!                                                                
- ئۇنى بىر دىمە! شۇنىڭ ئېتىزى دىسمۇ بولىدۇ.ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق ھىچكىمگە دىمەڭلار ئۇ بىزنىڭ بايلىق خەزىنىمىز .توۋا!ئەلى باباغا سىھىرلىك ئۆڭكۈر ئۇچراپ قالغاندەك ئىش بولدىغۇ بۇ.-دوستۇم شۇنداق ھاياجاندا سۆزلەيتتى.بىز ئەتىسىلا شۇ يەرگە بارماقچى بولدۇق.ۋە كەلگۈسىمىز توغۇرلۇق نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلارنى قىلىپ يىتىپ قىلىشتۇق.                                                                                                              
   ئەتىسى بىز قىييۇمنىڭ يول كۈرسىتىشى بىلەن ئۇدۇل شۇ يەرگە  ماڭدۇق ئالا- ھەزەل تۆت سائاتلەردىن كىيىن يىتىپ كەلدۇق. بۇ قۇملۇقنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئورمانلىق ئىدى. ھىلىقى ئۆسۈملۈكنىڭ  چىچەكلىرى ھەممە يەرنى بىر ئالغان ئىدى. بىز ھاياجانلىنپ ئۇسۇل ئويناپ كىتىشتۇق . بىر ھازادىن كىيىن بىز ئۆزىمىز گە كىلىپ ئىشنى باشلىۋېتىشتۇق.شۇنداق قىلىپ بىز كەچكىچە ئوندەك دورىنى كولاپ بولدۇق.                                          
- ئەتە قايتايلى !-دىدى قىييۇم بىىز كەچلىك بىر نەرسە يەۋاتقاندا.                                                    
-نىمىشقا ئەمدى ئون تال كولىدۇققۇ-دىدىم مەن .                                           
-ئېسىڭدە بولسۇن بىز يېزىدىن ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتا. يىمەك ئىچمىكىمىز تۈگەپ قالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەرسىلەر قۇۋەتسىز . قوملۇقتا بۇنداق تۇرىۋەرسەك بولمايدۇ. ھازىر قايتىپ بۇلارنى ساتساق راۋۇرۇس ئىككى ھارۋا ئېلىپ سۇ يىمەكلىك دىگەننى تازا بېسىپ. كىلىپ كولىساق ئۇ چاغدا تىخىمۇ بېيىپ كىتىمىز. يىراقنى كۆزلىگەن ئاغىنە!- ئۇنىڭ گىپى توغرا ئىدى، ھەي ئاتا-ئانام قانچە خوش بۇلۇپ كىتەر. بىز نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدۇق       
         يېرىم كىچە بولغاندا بىر نەرسىنىڭ ھۇۋلىشىندىن ئويغىنىپ كەتتىم . دادامنىڭ سۆزى يادىمغا كەلدى . ياۋايى ھايۋانلار بۇلۇپ قالمىسۇن يەنە. دەرھال ئوت ياقايلى جۇمۇ. ‹‹ قىييۇم!›› يىنىمغا ئۆرۈلۈپ چۈچۈپ كەتتىم . قىييۇم يوق ئىدى. بۇ نىمە ئىش ھاجەتكە كەتتىمۇنىمە؟ قىييۇم ئىككىمىز ھارۋىنىڭ ئاستىغا بىر پارچە ئەسكى كىگىزنى سىلىپلا ياتقان بۇلۇپ ، ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ھىپىزەم ئۇخلايتتى.مەن ئۇنى ئويغۇتىۋەتمەي دەپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھارۋا ئاستىدىن چىقتىم . ھارۋىغا قاراپ تىخىمۇ چۈچۈپ كەتتىم .ھىپىزەممۇ يوق ئىدى.بۇلاپ نەگە كەتكەندۇ؟ مەن قاراڭغۇلۇڭتا بىر نەچچىنى ۋارقىرىدىم بىراق ئۇلاردىن سادا يوق ئىدى. بۇنىمە ئىش؟ قۇرقۇپ كىتىپ باراتتىم.  بىراق ئۇلار نەگە كەتكەندۇ. ئۇلارنى تىپىشىم كېرەك.مەن قۇملۇقتىكى ئىزلاردىن ئۇلارنىڭ ئورمانلىق تەرەپكە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدىم. مەن ئوت يىقىپ مەشەلدىن بىرنى ياسىدىم –دە قاپقارا ئومانلىق تەرەپكە قەرەپ ماڭدىم. قاراڭغۇ كىچىدىكى ئورمانلىق شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئىدى.دەرەخ شاخلىرى قانداقتۇر بىر يىرتقۇچنىڭ قوللىرىدەك بىشىمدا سۇزۇلۇپ تۇرىۋاتقاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم. ھىچقىسى يوق جاپپار ئۆزەڭنى ئۆزەڭ قورقۇتما دەيتتىم ئىچىمدە. ئۆز-ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ. ئىچىمدە ئايەتلەرنىمۇ تۇختىماي ئوقۇتتۇم. بىر چاغدا ئېغىر تىندىم . ھەممىمىزگە ئاللاھ بار . ھەممىمىزگە بىر ئۆلۈم.ئۇلارنى ئۆلۈك تىرىكىنى چۇقۇم تىپىشىم كېرەك بۇنىڭ بىلە كۆڭلۈمدىكى قوقۇنۇشۇم خېلى پەسەيدى ۋە ‹‹قىييۇم!!!›› دەپ بىر ۋارقىرىدىم. تۇيۇقسىز يىراقتا بىر ئاق رەڭلىك شولىنى كۆردۈم ئۇ ھىپىزەمدەك قىلامدۇ نىمە؟!-ھىپىزەم ! مەن ۋارقىرىغىمچە ئۇنىڭغا ئېتىلدىم . ھېپىزەم  ئىككى پۇتىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىۋالغان بۇلۇپ يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن يۈگرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنى چاقىردىم.                                
-ھىپىزەم!-ئۇ بىشىنى كۈتۈردى بىشىم پىررىدە قايغاندەك بۇلۇپ يىقىلدىم .بۇ بەتبەشىرە بىر مەخلۇق بۇلۇپ مۇمايغىمۇ ياكى بىر ئاللىقانداق ھايۋانغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. مەن ئۆلۈكتەك يىتىپ قالدىم . ئۇنەرسە پۇتۇمدىن تارتىپ مىنى بىسېىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇ مەيدەمگە كەلگەندە يۈرۈكۈم قاتتىق سىقىلىپ كەتتى. كۆزۈمنى يەنە بىر غەيرەتتە ئاچقىنىمدا يەنە شۇ ۋەھىمىلىك چىراينى كۆردۈمدە ئاستا –ئاستا ھۇشۇمنى يوقاتتىم  .                                     
  بىر چاغدا ھۇشۇمنى تىپىپ قارىسام بىر قاراڭغۇلۇقتا ياتاتتىم . يۈرۈكۈم قۇرقۇنۇچتا قاتتىق سىلىپ كەتتى. ئۆلۈپ كېتتىپ قەبرە ئىچىدە ياتقاندەكلا ھىس قىلىۋاتاتتىم. قوپسام بىشىمغا تام تاقىشاتتى. ئىككى چىتىممۇ شۇنداق تار ئىدى. قولۇمنى چىشلەپ كۆردۈم. شۇنداق ئاغرىدى. دىمەك مەن ھاياتكەنمەن. مىنى چىقىرىۋېتىڭلار.! مەن ھايات! مەن توختىماي ۋارقىراشقا باشلىدىم .يۈرۈگۈمدە بىر قورقۇنچ مىنى ئىلكىگە ئىلىۋلغان بۇلۇپ غال- غال تىترەيتتتىم. تۇيۇقسىز غۇۋا يورۇقلۇق ھاسىل بولدى. مەن دەرھال ئۇرنۇمدىن قۇپۇپ ئۇ يەردىن ئۆمىلەپ چىقتىم . ئەتراپ شۇنداق غۇۋا ئىدى.ۋە بۇ غۇۋا يورۇقلۇق بىر تونىلدەك ئۇزۇن سۇزۇلغان ئىدى. باشقا تەرەپلەر قاپقاراڭغۇ ئىدى. ماڭا پەقەپ مۇشۇ يورۇقلۇقنى بويلاپ مىڭىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى، ھىچ نىشانسىز مەقسەتسىز بۇ غۇۋا تونىلنى بويلاپ ماڭدىم. قانچە ئۇزۇن يول ماڭغانلىقىم ئېسىمدە يوق ئىشقىلىپ مەن ھىلى ئۇياققا ئەگىلەتتىم ھىلى بۇياققا ئەگىلەتتىم ھىلى ئارقىغا ،ھىلى ئالدىمغا ماڭاتتىم.                             
 بىر چاغدا غۇۋا تۇمان ئارىلاش يورۇقلۇق كېڭىيىشكە باشلىدى. ئەتراپ سۈت رەڭگە كىرىشكە باشلىغانىدى. شۇ چاغدىلا مەن ئۆزەمنىڭ  ئىككى تەرىپى تىگى كۆرۈنمەيدىغان چۇڭقۇر ھاڭنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ،بىر كەڭلىكى 50سانتىمۇ كەلمەيدىغان بىر يولدا مىڭىۋاتقانلىقىمنى بىلدىم. بۇيولنىڭ ئاخىرى بىر مەيداندەك يەرگە تۇتىششاتتى.مەن ئاخرقى بەش مىتىر يەرنى داردا ماڭغاندەك تىترەپ تۇرۇپ ئاران تۈگەتتىم.مەن بۇ كەڭلىككە چىققاندا بولسا  پۇت قولۇم تىترەپ يەرگە پوككىدە يىقىلدىم، تۇيۇقسىز بىرەيلەن مۈرۈمدىن تۇتتى. قاننىق چۈچۈپ سىلكىۋەتتىم، ئارقامغا قارىدىم ئۇ قىييۇم ئىدى.خۇداغا مىڭ شۈكرى  !!

   ‹‹ قىييۇم!!!››مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈشۈپ باقمىغان خۇددى ئۇ دۇنياغا بېرىپ تىپىشقان تۇققىنىمدەك كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشقان ئىدى بىر دەمدىن كىيىن قىييۇم مىنى تۈرتتى. مەن ئىسىمگە كىلىپ ‹‹:ھىپىزەمچۇ؟››دەپ سورىدىم                                                                                       
-يېرىم كىچىدە مەن ئۇ مىنى چاقىرغاندەك ھىس قىلدىم . قۇپۇپ قارىسام، يىراقتىراق ئولتۇرغاندەك قىلدى. يىنىغا بارغىنىمنى بىلىمەن. ئۇنىڭ مۈرىسىگە قولۇمنى قويىشىم بىلەن پۇت-قۇلۇم ماغدۇرسىزلىنىپ ھۇشۇمدىن كەتتىم.مەن جەزىم قىلىمەنكى بىز جىنغا ئۇچرىغان ئىكەنمىز. –دىدى قىييۇم ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنىڭمۇ پۇت قوللىرىمدا جان قالمىدى                                                                                                           
-ئەمدى قانداق قىلىمىز؟توۋا خۇدايىم ، گۇنايىم بولسا كەچۈرگەيسەن...-توختىماي تىلەيتتىم.
-بىز ئاۋال ھىپىزەمنى تاپايلى. ئاندىن ئامال قىلىپ بۇ يەردىن قىچىپ كىتەيلى-دىدى قىييۇم. تۇغرا قىييۇم قىچىپ كىتەيلى دىگەندىن كىيىن بىز چۇقۇم قىچىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن.كۆڭلىمدىكى قورقۇنۇچ بىر ئاز پەسىيىپ قالدى. بىز ئەتراپقا قارىدۇق.بۇ بىرچوڭ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدەك قىلاتتى.ئەتراپ ئاپپاق سۈت رەڭگىدە ئىدى. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ تورۇسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.سۈترەڭ ئۈستىگە بارانسېرى غۇۋالىشىپ ئاخىرىنى قاراڭغۇلۇق باسقان ئىدى.بىز تۇرغان بۇ يەر بىر بۇغداي خامىنىدەك چوڭلۇقتا بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىچكىرسىمۇ ئىگىز-ئىگىز تاش تاملار بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن ئىدى. بىز داۋاملىق .ئىچكىرلەپ كىردۇق. پۈتۈن ئەتراپ سۈترەڭ بۇلۇپ بىزنىڭ چىرايلىرىمىزمۇ ئۈلۈكنىڭكىدەك ئاپپاق تاتىرىپ كەتكەندەك تۇراتتى. ئىشقىلىپ بۇبىر رەڭسىز دۇنيا ئىدى                                                                
    مەن پەقەت قىييۇمنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپلا كىتىپ باراتتىم. قورقۇنچ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى. ‹‹قىييۇم،بىز چىقىپ كېتەلەرمىزمۇ؟››دىدىم مەن تىترەپ تۇرۇپ.‹‹بىز ئۆلمىگەن ئىكەنمىز چۇقۇم چىقىپ كېتەلەيمىز.بىراق ئاۋال سىڭلىمنى تىپىشىمىز كېرەك!.››دىدى قېييۇم.                                                                                    
     مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمگە بىر ئاز تەسەللى تاپتىم. ھەرنىمە بولسا ئىككىمىز بىللە . مەن يالغۇز بۇلۇپ قالغان بولسام قانداق قىلاتتىم.ئىچىمدە بىر سۆرىلەرنى ئوقۇپ ماڭاتتىم.تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر نۇرسىزىقى كۆرۈندى. بۇنۇر سىزىقى سۈت رەڭ بىلەن قىنىق كۆك رەڭنىڭ چىگرىسى بۇلۇپ ھىلىقى قىنىق كۆك رەڭ ئادەمگە شۇنچە سوغۇق تەسىر بېرەتتى.بىز بۇ رەڭ چىگرەسىگە كىردۇق.                                                                                
     پاھ !پۈتۈن ئەتراپ شۇنچە سوغۇق ،شۇنچە سۈرلۈك ئىدى. خۇددى مۇزئۆڭكۈرلىرىدەك ھەيۋەتلىك ئىدى. بىزنىڭ ئۈستى بىشىمىزمۇ شۇ ھامان قارا ئارىلاش كۆكۈچ رەڭگە كىرگەن بۇلۇپ بىر- بىرىمىزگە قارىساق خۇددى بىر-بىرىمىزنى ھازىرلا يەپ تاشلايدىغاندەك سوغۇق تەلەتكە ئۆزگەرگەن ئىدۇق. مىنىڭ قىييۇمغا بىر ئېغىز گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى .چۈنكى ئۇنىڭ شۇ سىڭلىسىدىن ئەنسىرىگەندىكى جىددى قىياپىتى مەن بايا كۆرگەن جىننىڭكىدىنمۇ بەكرەك ۋەھشى كۆرىنەتتى.  
=ساڭا جىن چاپلىشىۋالمىغاندۇ؟-دىدى ئۇ باشتا.                                                                       
-ياق -دىدىم مەن .بوش ئاۋازدا    
-چىرايىڭ بەكلا سەتلىشىپ كەتتى.ساڭا جىن چاپلىشىۋالغان بولسىمۇ سىنى بىللە ئېلىپ كېتىمەن.خاتىرجەم بول.-دىدى ئۇ.
-سىنىڭ چىرايىڭمۇ شۇنداق سەتلىشىپ كېتىپتۇ!بىز بۇ مۇھىتتا مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايمىز. مەن نورمال !سەنمۇ خاتىرجەم بول!-دىدىم مەن بايىقى شەخسىيەتچى خىياللىرىمدىن خىجىل بۇلۇپ. قورقىدىغان جىن تاپالماي ئەمدى قىيامەتلىك ئاغىنەمدىن قورقۇپ يۈرگىنىم نىمىسى.بىز ئىككىمىز نىمىلا بولمىسۇن بىر-بىرىمىزنى تەڭ قوغداپ بىرلىكتە بۇ يەردىن چىقىپ كىتىشىمىز كېرەك. شۇندىلا مەن مەيدەمنى تىك تۇتۇپ ،دادىل مىڭىشقا باشلىدىم.            
 

                            

   تۇيۇقسىز بىر چەتتىن ‹‹ھۇ.........................››قىلغان ئاۋاز كەلدى. بىز شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. بىز بىر تاش  تامنىڭ ئارقىدىن ئاۋايلاپ مارىدۇق. بۇبىر ناھايىتى چوڭ مەيدان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەش .ئالتە مىتىر ئىگىزلىكتە بىر چەمبەر شەكىللىك جاي بار ئىدى. تۇيۇقسىز ئۇ چەمبەرنىڭ ئەتراپى ئىسقا تولدى. ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسى ئىچىلىپ ئىچىدىن بىر نەرسە كۆتىرىلىپ چىقتى.ھىلىقى تۇمانلار تارقاپ تۈگىگەندىن كىيىنلا بىز ئۇنىڭغا سەپ سېلىپ قارىدۇق.     
      توۋا !ئۇ ھىپىزەم ئەمەسمۇ؟!ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كۈكۈچ رەڭلىك ئۇزۇن پۇت-قولى كۆرۈنمەيلا قالغان بىركىيىم كىيگۈزۈلۈپ قويۇلغان بۇلۇپ ، ئۇزۇن چاچلىرى قويىۋېتىلىپ دۈمبىسىگە يىيىلىپ تۇراتتى.ئالدىغا چۈشكەن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭ يۈزىنى يېرىم توسۇپ تۇراتتى. ئۇخۇددى ئۆزىنىڭ پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزدەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمىۋالغان،بىشىنى پەسكە ساڭگلىتىۋالغان ئىدى. قىييۇم بۇنى كۆرۈپلا ‹‹ھىپىزەم!››دەپ ۋارقىرىغانچە بىز تۇرغان يوچۇقتىن ئېتىلىپلا چىقتى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقتىم. بىراق كۆز ئالدىمىزدىكى شۇ مەنزىرىگە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم.ئۇ چەمبەرنىڭ ئەتراپىدا بىرمۇنچە بىشىدىن تارتىپ ئايىغىنى كۆرگىلى بولمىغۇدەك ئورىنىۋالغان مەخلۇقلار تۇرغان بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئورنىدا بىر ئاق نۇر يىنىپ تۇراتتى خالاس. قالغان يېرى قاپقارا بۇلۇپ پەقەت يۆگىۋالغان كۆكۆش رەڭلىك باش كىيىمى ئۇلارنىڭ يۈزىنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى چەمبەرنىڭ يۇقۇرىسى تەرەپكە قاراپ تۇرىشاتتى. مەنمۇ ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە قارىدىم      

(داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ )

         كۆرۈلۈشى:2682     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-2-1 11:56:12يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش (..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2..
ئەركەكلەر دىققەت! چە..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682