|
ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە) |
|
|
تۇنجى بالام دۇنياغا كۆز ئاچقاندا مەن شۇنچىلىك خوش بولغان ئىدىمكىن گويا ئاللاھ ماڭا پۈتۈن ئالەمنى بىرىۋەتكەن ئىدى. لېكىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ دوقۇرىشىپ قالغان يېقىن بىر بۇرادىرىمنىڭ « ئايالىڭ نېمە تۇغدى» دەپ سورىغان سۇئالىغا «قىز »دەپ جاۋاب بىرىشىم بىلەن بۇ دوستۇمنىڭ چىرايىدىن چىققان ئېچىنىش ئىپادىلىرى مېنىڭ خوشاللىقلىرىمنى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ تاشلىدى . كىيىنكى بىر قانچە كۈ ندەھەتتا ئۇرۇغ- تۇققانلىرىمنىڭ ئۈنسىز ئىنكاسلىرىدىن پەرزەنتىمنىڭ قىز بولۇپ قالغانلىقىنىڭ يۇرىكىمگە شۇنچىلىك ئىغىر تىنىقلار ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىمەن. لېكىن ھەر قېتىم قىزىمنىڭ كۆزلىرىگە قارىغىنىمدا ئۇ ماڭا خۇددى ئاللاھنىڭ غەزىينىسىدىن ئىلىپ كىلىنگەن بىباھا گۆھەر كۆرۈنەتتى. چۇنكى ماڭا توننىلاپ ئالتۈن بەرسىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەيدىغانلىقىم ئېنىق يەنە ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىق جېنىمنى بېرىشكىمۇ رازىلىقىم شۈبھىسىز ئىدى . ھېچكىم قىزىمنى كەمسىتمىسۇن ۋە قىزىم ئۆزىنىڭ ئاشۇ سالاھىيىتى بىلەن ئاخىرقى تىنىقىغىچە توغرا دۇرۇس ياشسۇن دەپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم
بىرىنچى باب ئادەم ھاياتىدا 70-60يىل ھەتتا بەزىلەر 100يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ . دۇنيادىكى باشقا جانلىقلارنىڭ ئۆمرىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت . بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى تىنىق كۆلدەك بىر خىل ئۆتىۋەرمەيدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل تەدرىجىي شەكىللەنگەن ھايات مەزمۇنى بەزىدە بىر مىنۇت، بىر سېكۇنت ئىچىدىكى قارار، مەلۇم ھەرىكەت ياكى كۆرۈنۈش ۋە ياكى سۆز بىلەن باشقىچە ئۆزگىرىپ شۇ ئادەمنىڭ قالغان ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بەلگىلىنىپ قالىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن بېشىمنى ساڭگىلىتىپ غەمكىن ھالەتتە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان ھازىرقى ھاياتىمنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇنداق بىر قىسقا مەزگىلدىكى كۆرۈنۈشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىم ئىكىنچى باپ كىتاب-لۇغەتلەر بىلەن لىق تولغان سومكامنى ياغاچ كارىۋاتنىڭ بىر قىرىغا ئېسىپ قويۇپلا ئورنۇمغا چىقىپ يېتىۋالدىم. بىر ئازدىن كېيىنلا ياتاقتىكىلەرنىڭ قايتىپ كىرىپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق . ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇنداق پاراڭلارغا ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. شۇڭا ئاراملىق ئىزدەپ تىڭشىغۇچنى ئېلىپ قۇلىقىمغا تىقىۋالدىم. بېتخوۋىننىڭ «تەقدىر» مۇزىكىسى باشلاندى
بۇ ئورۇننى چەكسىڭىز Flash قويىلىدۇ
چوڭ ئېكران كۆرۇش ئۈچۈن قوش چېكىڭ
1808 يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى بۇ مۇزىكا تۇنجى قېتىم ۋېنادىكى ئاندېرۋېين تىياتىرخانىسىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغاندا كونسېرتقا قاتناشقان ھەربىر ئادەم دۇنيا مۇزىكا ئىجادىيەت تارىخىدىكى ئاجايىپ بىر سەلتەنەتكە گۇۋاھ بولغانىدى. -قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئېتىلىپ چىققان نۇر،-دەيدۇ مۇزىكىشۇناس ئەلجىمىن مۇشۇ مۇزىكا ئۈستىدە توختىلىپ.-زېمىندىكى ھەربىر بۇلۇڭنى يورۇتۇپ قەلبمىزگە چېچىلدى. بىز ئازابلاندۇق . لېكىن ئازاب ئىچىدە يەنە خۇشاللىق سەزدۇق. چۈنكى بۇ نۇر ۋۇجۇدىمىزدىكى يالغۇزلۇقنى، موھتاجلىقنى، بىچارىلىكنى ئاشكارىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىمىزدىكى يولنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەندەك قىلاتتى. بېتخوۋىندىن كېيىن مۇزىكىشۇناسلاردىن بۇنداق چوڭقۇر پىكىر سىڭگەن مۇزىكىنى ئىجاد قىلالىغانلار ناھايىتى ئاز چىقتى. چۈنكى مۇزىكانتلار كىشىلەرنىڭ ئاراملىقى ھەتتا كەيپ -ساپاسى ئۈچۈن خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىش بىلەن ئالدىراش. بېتخوۋىنغا ئوخشاش ھەم مۇزىكانت ھەم يازغۇچى- پەيلاسوپ ئادەم ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا مەن بۇ مۇزىكىنى ئالى مەكتەپتىكى ھەمراھىم قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىكى شەخسلەرنىڭ تەقدىر بىلەن ئېلىشىش يولىدىكى ئۈمىدسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ۋە جۇشقۇنلۇق ئارىسىدىكى ھېس تۇيغۇلىرى ۋە ئاخىرىدىكى غەلبە تەسۋىرلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمچە روھلىنىپ قالىمەن. بولۇپمۇ باشتىن – ئاخىر مۇزىكىغا ھەمراھ قىلىنغان يۈرەكنىڭ سوققان ئاۋازى مېنى ھاياجانغا سالىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم مۇزىكا كۈچلۈك رىتىمى بىلەن مەندە قوزغايدىغان ھاياجىنى ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكى تۈرلۈك غەشلىكلەردىن توغرىسىنى ئېيتقاندا كاللامدىكى ئەينەككە ئوخشايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە سۈركەلگەندە چىقىدىغان ئاۋازىدەك ئاۋازلاردىن مېنى قۇتۇلدۇرالمىدى. ...تاھىر-زۆھرە قەبرىسى بار چوققىغا چىققۇچە نەچچە يەردە ئارام ئېلىپ تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشقان ئىدۇق. زەنجىر بىلەن رىشاتكىلانغان پەلەمپەيلەردىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا: «گۈزەلنۇر ، قاراڭا، نېمىدېگەن خەتەرلىك ، بۇ يەردىن يىقىلىپ كەتكەن ئادەم ھايات قالمىغۇدەك » دېگىنىمدە ئۇ: « مەن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق قىلىسىز؟»دەپ سورىغانىدى. ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە: ئاستا رېشاتكىدىن ئاتلاپ سىرتىغا چىقىپ خەتەرلىك ھەرىكەتتىن بىرنى ئىشلىۋېدىم، گۈزەلنۇرنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايى تاتىرىپ:«مۇھىد! ئۇنداق قىلماڭ...خەتەرلىك»دەپ مېنى يېنىغا تارتىپ:« يىقىلىپ چۈشسىڭىز مەنمۇ كەينىڭىزدىن سەكرەيمەن» دېگەنىدى . بۇ مۇشۇنداقلا دېيىلگەن گەپمۇ؟.ئۇ يەردە قىلىشقان قەسەملىرىمىزچۇ تېخى! - مەڭگۈ ئايرىلمايمىز! مۇشۇ تاغۇ-ئاسمان ۋە قەبرىدە ياتقان تاھىر-زۆھرە گۇۋاھ بولسۇن،- دېگەنىدى گۈزەلنۇر يەرگە قاراپ تۇرۇپ . - بۇ گەپنى سىز دېدىڭىزمۇ ياكى مەنمۇ؟-دېدىم قولۇمدىكى ياغاچنى ئۇنىڭغا قارىتىپ . - سىز دېدىڭىز . - مەن ؟ ئىزچىل ئاغزىمنى ئاچمىغان تۇرسام ، قانداق گەپ قىلىمەن؟ - ياق، ياق. سىز دېدىڭىز ،يەرگە قاراڭ بۇ خەتلەرنى جىن يازمىغاندۇ؟ - دېدى ئۇ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغاندەك. - ئەمىسە قەسىمىمىز بۇزۇلسا مېنىڭ قولۇم سۇنۇپ ئۈزۈلۈپ كەتكەي.سىزنىڭ تىلىڭىز قۇرۇپ كەتسۇن. - شۇنداق بولسۇن! بۇ ئارتىسلار گىرىم قىلىپ رول ئالغان كىنو ئەمەستىغۇ؟ ئۇ راستتىنلا شۇنداق دېگەن. ئۇنىڭ چىرايىدا ساختىلىقنىڭ قىلچىلىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەنىدىغۇ؟ «تەقدىر» مۇزىكىسى ئاخىرلىشىپ كېيىنكى مۇزىكا باشلىنىش ئالدىدىكى بىر پەس جىمجىتلىقتا گۈزەلنۇرنىڭ «مەن ئەسكى قىز؟ راستتىنلا ئەسكى قىز. مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ماڭا ئۆچ بۇلۇڭ »! دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا جاراڭلىدى. گۈزەلنۇرغا قانداقمۇ ئۆچ بولالايمەن؟ مېنىڭ ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ھاياتىم مۇشۇ قىزنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ كۈچىدە ھەممىسىنى ھەيران قالدۇرۇپ ناچار ئوقۇغۇچىدىن بىراقلا مۇشۇ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتكەن ئەمەسمىدىم؟ مۇزىكىغا داۋاملىق ئەگىشەلمىدىم ، خىيالىم بىلىپ –بىلمەي ئۆتكەن ئىشلارغا كېتىپ قالدى. ...ئەسئەت مۇئەللىم كۈلۈمسىرىگىنىچە چاقىرىق قەغىزىنى ماڭا سۇنۇۋېتىپ :« مانا مۇھىد، سېنىڭ ئۇقتۇرۇشۇڭ ، شىئەندىن كەپتۇ» دېدى. ئۇ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر قېتىم مەن خىمىيە تەجرىبە دەرسىدە ھەر خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنى ئالماشتۇرىمەن دەپ ئوغرىلىقچە تەجرىبە ئىشلەپ بۇ مۇئەللىمنى خاپا قىلغانىدىم. لېكىن ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇقتۇرۇشنى ئىللىق كۈلۈپ تۇرۇپ بەردى. چاقىرىق قەغىزىنى ئالغاندا قوللىرىم تىترەپ كەتتى. كۆزۈمگە ، قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم ، ھەتتا بۇ چاقىرىق قەغىزى ماڭا خاتا كېلىپ قالغاندەك بىلىندى. كونۋېرت ئۈستىدىكى خەتلەرگە قارىدىم. قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت بەلگىسىدىكى 1896-يىل دېگەن رەقەمنىڭ ئۇدۇلىغا چىرايلىق قىلىپ مېنىڭ ئىسمىم يېزىلىپتۇ! ...ۋېلىسپىتىمنى چاپتۇرۇپ شەھەر سىرتىدىكى قەبرىستانلىق يېنىدىكى كۆل بويىغا كېلىپ كونۋېرتنى ئاچتىم. بۇ قېتىم ئىسمىمنى ئۇنىۋېرسىتېت بەلگىسى ئاستىدىكى بوش ئورۇندا كۆردۈم. دېمەك ، مەن راستتىنلا قوبۇل قىلىنىپتىمەن. بىراق مەن ئەزەلدىن ياخشى ئوقۇمايدىغان كەپسىز بالا ئەمەسمىدىم؟ دەرۋەقە ، كىچىكىمدىنلا ياخشى ئوقۇماي ھە دېسىلا بالىلارنى بوزەك قىلىپ ئۇرىۋالاتتىم. سىنىپ مەسئۇلىمنىڭ مەن توغرىلىق بېشى قاتاتتى. مەنمۇ بۇ مۇئەللىمىمگە ئۆچ ئىدىم. ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن ئىككى شاپىلاق يېيىشكە رازى بولاتتىمكىن ، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيتتىم. ئەزەلدىن سىنىپتىكى بۇرۇقتۇم مۇھىتقا ئۆچ ئىدىم تولۇق ئىككىنچى يىللىققا چىققان چېغىمىزدا بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىمىز بىزنى مەكتەپتىن خېلى يىراق بولغان بىر يېشىللىققا باشلاپ بېرىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىڭلار دەپ ئىختىيارى قويۇۋەتتى. مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىشىدىن ئاجايىپ خۇش بولۇپ كەتتىم. بىز كەلگەن بۇ يەر شەھەر ئەتراپى بولۇپ كىچىك بىر ئۆستەڭدە سۇ ئېقىپ تۇراتتى. ئىككى يېقىدا شاخلىرى خۇددى بىرى كېسىپ تەكشىلەپ قويغاندەك چىرايلىق قايرىلىپ تۇرىدىغان سۆگەت تال دەرەخلىرى بولۇپ يىراقتىن قارىسىڭىز خۇددى ياپيېشىل تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى. مەن بۇ جايغا دائىم كېلىدىغان بولغاچقا ساۋاقداشلارغا ئەڭ قويۇق ئۆسكەن بىر چىملىقنى تېپىپ بەردىم. مەن تاپقان بۇ چىملىقنى ئوقۇتقۇچۇممۇ ياقتۇرۇپ قېلىپ مېنى ماختاپمۇ قويدى. ئەزەلدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ باقمىغان مەن بۇ ماختاشتىن ئاجايىپ خۇش بولۇپ كەتتىم. كاللامغا بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بىر يەر كەلدى. ئۇ يەر ھازىر بىز ئولتۇرغان يەردىنمۇ بەك چىرايلىق بولۇپ ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ كېتەتتى. ھەممەيلەننىڭ ئۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. لېكىن ئۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقي يادىمغا يېتىپ بۇ گەپنى مۇئەللىمگە قىلالمىدىم. بالىلار ئېلىۋالغان گېزىتلىرىنى سېلىپ ئولتۇرۇپ تەكرارغا چۈشكەندە تۇيۇقسىزلا كاللامغا يېڭى خىيال كېلىپ قالدى . ئاستا بالىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ھېلىقى جايغا بېرىپ بىر دەستە گۈل تىزدىم. بۇ گۈللەرنى مۇئەللىمگە بېرىمەن. كۆڭلۈمگە مۇئەللىمنىڭ گۈللەرنى قولىغا ئالغان چاغدىكى كۈلۈمسىرىشى كېلىپ ئۇچقاندەك چېپىپ ئۇلار تۇرغان يەرگە كەلدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۈلنى چاپىنىمغا ئورىۋالغانىدىم. مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ گۈلدەستەمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم . - مۇئەللىم! - نېمە بۇ؟- مۇئەللىمنىڭ چىرايىدا جىددىيلىك كۆرۈندى. - ھە، مۇھىد، يەنە ئويۇن ئويناۋاتامسەن؟ بۇ چىرايلىق گۈللەرنىڭ ئارىسىغا نېمە قۇرت-قوڭغۇز سېلىۋەتتىڭ؟ سىنىپنىڭ ئىشىكىنى قىيا ئېچىپ ئۈستىگە سۈپۈرگە ئېلىپ قويىدىغىنىم ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بورلىرىنى سۇغا چىلاپ نەمدەپ قويىدىغانلىقىم ، پارتىلارنىڭ ئارىسىغا تانا تارتىپ قويۇپ ساۋاقداشلىرىمنى يىقىتقانلىقىم راست، لېكىن بۇ قىلىقلىرىمنىڭ مۇئەللىملەرنى ماڭا ئىشەنمەس ، ئىش – ھەرىكەتلىرىمدىن گۇمانلىنىدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئادەتتە ھازىر جاۋاب ئاغزىم ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۇ گېپىدىن يۇمۇلۇپلا قالدى. نېمە دېيىشىمنى ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. - مۇئەللىم، مەن قاراپ باقاي.-تۇيۇقسىز كەلگەن ئاۋازدىن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم. دەرەخلەر ئارىسىدىن، شاخلاردىن ئۆتكەن قىزغۇچ نۇر ئۇنىڭ چاچلىرىنى پارقىراتقانىدى. بىر جۈپ بۇلاقتەك چوڭ ھەم قاپقارا كۆز، ئېقىپ چۈشكەندەك بۇرۇن، دەل جايىغا قويۇلغان ئېغىز، ئەگمە قاش پارقىراپ تۇرغان نۇر ئارىسىدا ئۆز ئورنىنى تېپىپتۇ. بۇ قىزنى مەن نەدە كۆرگەن؟ تۆۋە، ئۇ مەن ھەركۈنى سىنىپتا كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆگىنىش باشلىقىمىز گۈزەلنۇر كېرىممۇ؟ ئۇ كېلىپ گۈلنى ئالدى ۋە ئارىسىغا ئېھتىيات بىلەن قاراپ: - مۇئەللىم ، مۇھىد سىزگە خۇشامەت قىپتۇ، ئۇ سىزنى بەلكىم بىزنى دائىم مۇشۇنداق جايلارغا ئېلىپ كەلسىكەن دەۋاتسا كېرەك.- دەپ گۈلنى مۇئەللىمگە سۇندى. مۇئەللىم شۇ چاغدا نېمە دېگەنىدى ؟ « مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دېگىن» دېگەنمۇ ياكى «ھۈنىرىڭ جىقكەن» دېگەنمۇ؟ نېمىلا دېگەن بولسۇن شۇ كۈنى مەن گۈزەلنۇرنىڭ چىرايىغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم. ئۇنى مەن ئالتە يىلدىن بۇيان ساۋاقداش دەپ كەلگەنىدىم. بەزىدە ئۇ ماڭا دەرس چۈشەندۈرىمەن دەپ يېنىمدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسا زېرىككىنىمدىن ئۇنى« گۈزەلنۇر مايمۇن» دەپ تىللايتتىم . چۈنكى ئۇنىڭ چېچى قوڭۇر رەڭدە ئىدى. ئۇ بىر قانچە قېتىم شۇنداق تىللىغىنىمنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتكەنىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ بىچارە قىز قېرىشقاندەك مەن قاپاقباش بۆلۈنگەن سىنىپقا ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ قالغانىدى. شۇ كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ گۈزەلنۇرنىڭ نۇرلار ئارىسىدىكى چىرايىنى پەقەت ئۇنتۇيالمىدىم. مەن مەنزىرە رەسىملەرنى ياخشى كۆرىمەن . ھەرخىل تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرە رەسىملىرىنى كۆرۈشكە ئامراق ، ھەتتا قىشتا قارنىڭ ھەممە يەرگە ئاق لىباس ياپقانلىقىنى كۆرۈپ شۇ مەنزىرىدىن ئۆزۈمچە مەنە چىقىرىپ خۇشال بولاتتىم . گۈزەلنۇرنىڭ ئاشۇ قىياپىتى، شۇ دەقىقىدىكى ھالىتى مەن كۆرگەن مەنزىرىلەردىن كۆپ ئېسىل بىلىنمەكتە ئىدى. ئادەممۇ شۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن! بۇرۇن راستتىنلا ئادەملەرنىڭ چىرايىنى تاماشا قىلىپ باقماپتىكەنمەن. ئۇخلاش ئالدىدا ئەينەكنى ئېلىپ ئۆزۈمگە قارىدىم ،جىرتاق كۆز، شالاڭ قاش، كەڭ پېشانە ، بۇنىڭدا نېمە گۈزەللىك بولسۇن؟ تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ كۆرۈمسىزلىكىمنى ھېس قىلدىم. كۆزۈم ئېڭىكىمدىكى بوينۇمغىچە كىرىپ كەتكەن تارتۇققا چۈشتى.بۇ تارتۇق مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا قالغان. ھەريىلى قار قېلىن ياغقان چاغلاردا مەكتىپىمىز ئالدىدىكى يولدا ئاستا كېتىۋاتقان ماشىنىلارغا ئېسىلىپ ئوينايتتۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئالدىدىن چىرايلىق بىر ماشىنا ئۆتۈپ قالدى. بالىلار چۇقان سېلىشىپ ئۇ ماشىنىغا ئېسىلماقچى بولىۋېدى ، شوپۇر سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ماڭىمەن دەپ ئالدىدىكى جېپ ماشىنىغا سوقۇۋالدى ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئېسىلغان بالىدىن بىرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ دوستۇم ھەسەن ئىدى. ھەممىمىز بىرچەتتە قاراپ تۇردۇق. لېكىن پىكاپنىڭ ئىگىسى ئۇنى قويۇۋەتمەي ئۇرىۋەردى.ئاخىرى مەن رەگەتكەمنى چىقىرىپ ئۇ ئادەمنىڭ بېشىغا توغرىلاپ ئاتتىم. ئۇنىڭ «ۋايجان» دېگىنىنىلا بىلىمەن، كېيىنكى ئىشلار يادىمدا يوق. چۈنكى مەن تاشنى ئېتىپ بولۇپ ئۆرۈلۈپلا قاچقان ئىدىم.ئۆرۈلگەن چېغىمدا تېيىلىپ مۇزدىن ئىككىلىك چىقىپ تۇرغان بىر چوماققا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن . كېيىن دادامدىن ئاڭلىسام دوختۇرلار ئېڭىكىمدىكى يارىنى يەتتە يىڭنە تىكىپتۇ. دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقتىمدا دادام باشقىلارغا مېنى «ئوكۇلدىن قورقمايدۇ، جېنى بار»دەپ ماختاپ بەرگەنىدى. بۇرۇلۇپ دادامغا قارىدىم.دادام كرېسلودا ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى . تاماكا ئىسى ئاستا تولغىنىپ كۆتۈرۈلۈپ دادامنىڭ چىرايىنى تۇتۇقلاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ ئىس تارقىلىپ بولماستىنلا ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ بولدۇم . كان بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئىشچىلىرىنىڭ چىرايىنى كەسىپكە قاراپلا پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر يىلدا ئۆيدە بولىدىغان ۋاقتى ئالتە ئايغا يەتمەيدۇ. قالغان ۋاقىتلاردا تاغلاردا يۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ. دادام ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۆگىنىش ئەھۋالىمنى سوراپمۇ قويمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىدا پۇت-قولۇم كاللامدىن بەكرەك ئىشلەپ كەتكەن مەن ئۆگىنىشكە ماس كەلمەيدىكەنمەن ،دادامنىڭ پىلانى بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشچىنىڭ پەرزەنتى دېگەن قالپاق بىلەن جاھاندارچىلىق قىلسام بولىدىكەن. دادامدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ ئاپامغا قارىدىم. ئىككى مەڭزى ئىچىگە كىرىپ سۆڭىكى پولتىيىپ چىقىپ قالغان ئورا كۆز ،ئورۇق خۇددى بىرى قېنىنى سۈمۈرۈۋالغاندەك ئاق بۇ ئايال مېنىڭ ئاپام. ئۇ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىرىۋېلىپ دادامنىڭ، مېنىڭ ۋە ئىككى سىڭلىمنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇۋاتاتتى. ئاپام ھېچقانداق مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولۇپ خەت تونۇمايتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ، دېگەن ئاتالغۇلار چەتئەل تىلىدەك بىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆگىنىشىمگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلەلمەيتتى. بۇ چىرايدىن يۆتكىلىپ كىرلەرنى بالكونغا ئېلىپ چىقىپ يېيىۋاتقان ئىككى سىڭلىمغا قارىدىم. ھېچ نەرسە يوق، بەك ئادەتتىكىچە، كۆز ئالدىمغا يەنە گۈزەلنۇرنىڭ كۈن نۇرى ئاستىدىكى چىرايى كەلدى... ئىككىنچى كۈندىن باشلاپ مەن سىنىپتىكى باشقا قىزلارنىڭ چىرايىغا سەپ سېلىپ باقتىم . لېكىن يەنىلا گۈزەلنۇرنىڭ ئاشۇ ھالىتىگە يېقىن كېلىدىغان بىرمۇ چىراي- شەكلى يوق . نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. ھەرقېتىم گۈزەلنۇرنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كېتىدىغان، بىلىپ- بىلمەي بۇرۇنقىدەك تەبىئىي ھالدا گەپ قىلالمايدىغان، دۇدۇقلايدىغان بولۇپ قالدىم. قولۇمغا قاچانلاردا رەسىم تاختىسى چىقىپ قالغىنىنى بىلمىدىم. لېكىن شۇ چاغلاردىن باشلاپ گۈزەلنۇرنىڭ نۇرغا چۆمۈلگەن قىياپىتىنى سىزىشقا كىرىشتىم. سىزغانچە ئۇنى سېغىنىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم. رەسىمدىكى رەڭلەرنىڭ جاي-جايىغا كېلىشى، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئاق قەغەز يۈزىدە ئاستا-ئاستا ئېنىق بولىشىغا ئەگىشىپ ئۆگىنىشكە تەدرىجىي بېرىلىدىغان بولدۇم. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى مەن يەنە كىتاب ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. لېكىن ھېسسىياتىمنى زورىغا بېسىپ باشقىلاردىن بولۇپمۇ گۈزەلنۇردىن يوشۇردۇم. لېكىن ھېسسىيات دېگەننى قانچە يوشۇرسا شۇنچە ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. گۈزەلنۇر خۇددى ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغاندەك مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ مۇنداق قىلىشى مېنى ئۇنىڭغا مۇھىم بىر نەرسىنى بېرىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشكە ئېلىپ باردى. - بۇ نېمە ؟ - بۇ...بۇ...سىزگە ...- ئاغزىمغا گەپ كەلمەي قالدى، -كۆرۈپ بېقىڭ. - نېمە بۇ ؟ - ئۇ كونۋېرتنى ئېچىشقا تەمشەلدى. گەرچە سىنىپتا ھېچكىم قالمىغان مۇشۇ پۇرسەتنى ئىزدەپ بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزگەن بولساممۇ كونۋېرتنىڭ ئاغزى ئېچىلغان ھامان ئىچىدىكى نەرسىنى دۇنيادىكى ھەممە ئادەم كۆرۈپ قالىدىغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم. شۇ ۋاقىتتا يۈرىكىم خۇددى قەپەسگە سولىنىپ سىرتقا چىقىشقا ئۆزىنى ئۇرغان ياۋا قۇشتەك كۆكرىكىمگە ئۇرۇلۇپ دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەنىدى. 1994-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر يەنى مەن گۈزەلنۇرغا كونۋېرتنى بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى كوچىدىكى مەسچىتتىن چىققان ئەزان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە بۇنداق سەھەردە ئويغىنىپ كەتسەم ئەزان ئېيتقان قېرىنىڭ ئاۋازىنىڭ سەتلىكىدىن زارلىنىپ كۆزۈمنى ئۇۋىلاپمۇ قويماي يەنە بىر يانغا ئۆرىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. لېكىن شۇ كۈنى سەھەر كۆزۈمنى قايتا يۇمىۋالماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى كىيىپ ئۆيدىكىلەرگە چاندۇرماي بىنانىڭ ھويلىسىغا چىقتىم .كېچىدە نېپىز قار ياغقاچقا جاھان يورۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالغانىدى، مەن چىقىپ بەش مىنۇت ئۆتمەيلا دەرۋازىغا قارايدىغان مۇسا ئاكا ئىككى بىنانىڭ ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ چىراغنى ياندۇرىۋەتتى. چىراغ نۇرىدا ئاق قارلار تېخىمۇ چاقناپ كۆزلىرىمنى چاقتى. قارغا دەسسىدىم . لېكىن خۇددى بۇلۇتقا دەسسەۋاتقاندەك يېنىكلەپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئەتىگەندە مەكتەپكە بېرىپلا سىنىپىمىزغا بۆلۈپ بېرىلگەن مەيداننى سۈپۈرۈپ تازىلىدىم. بىزنىڭ مەكتەپ يول ياقىسىدىكى بىر يالغۇز بىنا،بۇ بىنانىڭ كەينى توپ مەيدانىچىلىك كېلىدىغان كەڭ مەيدان ئىدى. مەيدان تار بىر بولدىن ئايرىلىپ تام بىلەن قورشالغان بولۇپ شۇ تار كوچىغا چىققىلى بولىدىغان بىر كىچىك ئىشىك بار بولۇپ بىزنىڭ سىنىپ تازىلايدىغان يەر مۇشۇ ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى. مەيداننىڭ ئىككى يېقىغا دەرەخلەر تىكىلگەن، مەكتەپ بۇ دەرەخلەرنى سۇغىرىش ئۈچۈن كىچىك ئېرىق چاپقان بولۇپ بۇنداق بولغاندا ئېرىقتىن پايدىلىنىپ ھەم دەرەخلەرنى سۇغارغىلى ھەم مەيدانغا سۇ چاچقىلى بولاتتى. مەيداننى سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن داسنى ئېلىپ چىقىپ سۇ چاچتىم. ۋاھ،خۇددى يامغۇر ياغقاندەك بىر داس سۇ بىلەنلا نۇرغۇن جاينى نەمدىۋەتتىم. سۇنى تەكشى چېچىشنىڭ بىر خىل ماھارەت ئىكەنلىكىنى ھەممە ئوغۇللار بېلەتتى . سۇنى بۇنداق ياخشى چاچقانلىقمنى گۈزەلنۇرنىڭ كۆرمەي قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ كەتتىم. لېكىن ئەتىگەندىلا يېنىكلەپ ۋۇجۇدۇمغا كۈچ تولۇپ كەتكەندەك بولغاچقا يەنە بىر قېتىملا ئەمەس، نەچچە مىڭ قېتىم مۇشۇنداق چاچالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. بېرىپ يەنە بىر داس سۇ ئېلىپ كېلىپ قولۇمنى سەل قىيسايتىپ كۈچەپ تۇرۇپ شۇنداق چاچتىمكىن، سۇ مەكتەپنىڭ كەينى ئىشىكى ھېسابلىنىدىغان ھېلىقى ئىشىككە يېتىپ بېرىپ، بىر قىزىل ئاياغ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .كەينىدىن «ۋاي» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ پادىچىلار ئىشتىنى ۋە قىزىل ئۇزۇن چاپان ھۆل بولۇپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى بالىلار تازىلىقنى باشلاپ بولغان چاغدىكى سۇ ئەمەسكەن، (ئېرىقتىن سۇ ئېلىنىۋەرسە سۇ چايقىلىپ مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.) مەن تازىلىقنى باشلىغاندا مەيداندا تېخى ھېچكىم يوق ئىدى. بولمىغان بولسا لاي-توپا ئاياغنىلا ئەمەس كىيىملەرنىمۇ تۈگىتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تەكشى چېچىلىپ ماڭغاچقا ھۆل بولغان يەر چوڭ بىلىنگەن بىلەن بىر دەمدىلا قۇرۇپ كېتىدۇ. بىراق مەن ئۇ ئاياغنىڭ ئىگىسىنى كۆرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغۇدەك ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىپ قويغاندەك قورقۇپ كەتتىم، ئالدىمدا تۇرغىنى باشقا بىرى ئەمەس گۈزەلنۇر ئىدى. - مۇھىد، سىز بۈگۈن دىجۇرنىمۇ؟ - دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ. گۈزەلنۇر گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى چىقىرىپ كىيىملىرىنى سۈرتتى. لېكىن ھېچقانداق مەينەت چىقارماي قولياغلىقىنى يانچۇقىغا سېلىۋالغاندىن كېيىن ئايىقىنى ئۇيان- بۇيان قىلىپ كۆرۈپ ماڭا قارىدى. - سىزدە قەغەز بارمۇ؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتىم. ئۇ مەندىن قەغەز سوراۋاتاتتى. مەندە بۇنداق ھېسسىيات ئەزەلدىن بولۇپ باققان ئەمەس. بۇ ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان خىجىللىق ، خۇشاللىق يەنە باشقا مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئارىلاشقان ھېسسىيات ئىدى. ئەسلىمەمنى ئاختۇرسام ئۇ ھېسسىياتنى بۇرۇن ئۆزۈمدە بولغان ھېچقانداق تۇيغۇغا ئوخشىتالمايمەن. كىچىكىمدىنلا رەگەتكە ئېتىشقا، تاش سەكرىتىپ ئويناشقا ئۇستا ئىدىم. كۆلدە تاش سەكرىتىش مۇسابىقىسىدە مەن ھەمىشە سۇ يۈزىدە تاشنى 5 قېتىمدىن ئارتۇق كۆكلىتەتتىم. رەگەتكە بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىكى بوتولكىلارنى چىقىپ دوستلىرىمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتىم. بۇلار خۇشال ، يارقىن سەزگۈ ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇخىل سەزگۈمگە پەقەت ئوخشىمايۋاتاتتى... ئەتىگەن سوغۇقتا سىرتقا چىقىپ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىمدىن بۇرنۇمنى تارتىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن ئاپامنىڭ يانچۇقۇمغا قەغەز سېلىپ قويغانلىقى يادىمغا كېلىپ ، ئۇنى ئېلىپ گۈزەلنۇرغا بەردىم. - مۇھىد، سىزنىڭ 72 خىل ھۈنىرىڭىز بارمۇ نېمە ؟ رەسىمنى بەك چىرايلىق سىزىدىكەنسىز، سىزگە قايىل بولدۇم. لېكىن ...- گۈزەلنۇر بېشىنى يەرگەسېلىۋالدى،- لېكىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى، ياخشى تەكرار قىلىڭ. - بەرىبىر ئۆتەلمەيمەن. – ئاغزىمدىن بۇ گەپ شۇنداق تەبىئىي چىقىپ كەتتى. گۈزەلنۇر گېپىمنى ئاڭلاپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆمرۈمدە ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغان بىر سۆزنى قىلدى: - ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسىڭىز مەندىن ئۈمىد كۈتمەڭ! گۈزەلنۇر ئايىغىنى سۈرتۈپ بولۇپ مەندىن جاۋاپ كۈتمەيلا تېز-تېز مېڭىپ كەتتى. ئاھ خۇدا، بۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن قانچە-قانچە كېچىلەرنى چىراغ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزمىدىم!...ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىدا ئايلىنىپ يۈرىيدىغان، ھاراق، تاماكىدىن يىراق ئۆلچەملىك ئوقۇغۇچى بولمىدىممۇ! ھەر تەتىلدە گۈزەلنۇر بىلەن كەسپىمىز، يېڭى ساۋاقداشلار ۋە كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزنى سۆزلىشىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتۇق. قانداقلا ئاشخانىغا كىرمەيلى «تاماق چىقماي كەتتىغۇ» دەپ قاقشىمايتتۇق. ئۇ كۈنلەر قانداق كۆڭۈللۈك ئىدى-ھە! بىر كۈنى گۈزەلنۇر مېھمان قىلسا، يەنە بىر كۈنى مەن مېھمان قىلاتتىم. ھەر ئىككىمىزدە پۇل قالمىغان كۈنلىرى يانچۇقلىرىمىزنى كولاپ بىر نەچچە يۈەن پۇللارنى قوشۇپ تولا ھاللاردا لەڭپۇڭ ئالاتتۇق، گۈزەلنۇر لازىغا بەك ئامراق ئىدى. مەن پەقەت يېيەلمەيتتىم. لېكىن گۈزەلنۇرنىڭ«ئېلىڭ، بېقىڭ» دېگەن گەپلىرى بىلەن لازا، ئاچچىقسۇغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. گۈزەلنۇر يەنە يېڭى قىسقا،تار كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق ئىدى. ئۆزىنى بەكمۇ تۈزەيتتى. ھەر قېتىم ئۆيىدىن ھېلىلا مۇنچىدىن چىققاندەك چاچلىرىنى پارقىرىتىپ چىقاتتى. بەزىدە كىنومۇ كۆرەتتۇق. ئۇ قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرۈشكە ئامراق ئىدى. بۇنداق كىنولارنى خەقلەرنىڭ نېمىشقا كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىسەممۇ ھەتتا مۇنداق كىنولارنى ياقتۇرمىساممۇ، ھەرقېتىم گۈزەلنۇرنىڭ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۇشلەر چىققاندا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋېلىشىنى ياقتۇرغاچقا قارشى چىقمايتتىم. بىر قېتىم كىنوخانىدا ئۇنى قوچاقلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. ئۇ قولۇمنى سىلكىپ چۈشۈرىۋەتتى ۋە مەندىن يامانلاپ ئىككى كۈن قېچىپ يۈردى. بۇ ئوسال ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۇچۈن بىر گۈل دۇكىنىدىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر دەستە گۈل ئەۋەتتىم. لېكىن قېرىشقاندەك گۈلچى بىر مۇنچە ۋاقىتتنى ئىسراپ قىلىپ گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيىنى تەستە تېپىپ گۈلنى گۈزەلنۇرغا ئەمەس ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يەتكۈزۈپتۇ. ئەسلى مەن ئۇلارنىڭ چۈشتىن بۇرۇن سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ گۈلچىگە گۈلنى سائەت 11:00دىن ئىلگىرى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئېيتقانىدىم. «ئەمدى كۆرگىلىكىمنى كۆرىدىغان بولدۇم» دەپ تىتىلداپ ئولتۇرسام گۈزەلنۇر ئۆزى ماڭا تېلېفون بېرىپ ئارىمىزدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»نى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ كۈنى قىزىلتاغ باغچىسىغا بېرىپ كېمىگە چۈشۈپ ئويناپ كەلدۇق. كەچتە گۈزەلنۇرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىچە پاراڭلىشىپ بىر بېكەت پىيادە ماڭدۇق. ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى. شۇ چاغدا گۈزەلنۇر ماڭا قىزىقارلىق بىر ئىشنى دەپ بەردى. ئەسلىدە تۈنۈگۈن دەل ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 22يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەن. ئۇلار بۇ بىر دەستە گۈلنى ئېلىپ بەك خۇش بوپتۇ. گۈزەلنۇر ئۇنى «مەن ئەۋەتكەن ئىدىم » دەپ ئىشنى بېسىقتۇرۇپتۇ. ئۇ شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپلا مېنى يېنىككىنە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ يۈگۈرگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بۇ سۆيۈش بىزنىڭ ئارىمىزدىكى تۇنجى شۇنداقلا ئۆمرۈمدىكى تۇنجى ئىدى. جايىمدا ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە ئىچىمدە «گۈزەلنۇر سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن، سىز بىلەن توي قىلىمەن، بىز بەخىتلىك ئائىلە قۇرىمىز» دەپ پىچىرلىدىم. مەن مۇشۇ قىزنى بەختلىك قىلىمەن دەپ يەنى مۇشۇ قىز بىلەن توي قىلىپ بەختلىك ئائىلىدە خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ بۇ ئۇنۋېرسىتىتتا تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە يەنى 2000يىل 12ئاينىڭ6-كۈنى، ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەكلا بىر ئىش بولدى. يەنە بىر قېتىم بۇتتەك قېتىپ ، ئۆزەم ئاڭلىغۇدەكلا ئەمەس ، پۈتۈن ياتاقتىكىلەرگە ئاڭلىتىپ:«گۈزەلنۇر سىزگە نېمە بولدى؟»دەپ ۋارقىرىدىم. بىراق ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىدى. قۇلىقىم ماڭا ساتقىنلىق قىلىۋاتامدۇ؟ ماڭا خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ كاللامنى ئېزىقتۇرىۋاتقانمىدۇ؟
- مۇھىد، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، مېنى كەچۈرۈڭ ... ،- ئۇ يىغلاپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدى ۋە تېلىېفوننى قويۇۋەتتى. قايتۇرۇپ تېلىفون قىلدىم. لېكىن ئاڭلىعىنىم كىشىنى بىزار قىلىدىغان «دىت...دىت» ئاۋاز بولدى. ياندۇرۇپ يەنە قىلدىم. يەنە شۇ ئاۋاز. تېرىكىپ گۈزەلنۇرنىڭ دوستى رىسالەتكە تېلىفون قىلىۋىدىم، تېزلا ئۇلاندى. - ۋەي. - رىسالەتمۇ ، مەن مۇھىد. - ھە، ياخشى تۇرىۋاتامسىز مۇھىد، شىئەتگە ساق –سالامەت چۈشىۋالدىڭىزمۇ؟ گۈزەلنۇرچۇ؟ -ئۇ ھىجىيىپ سورىدى. - گۈزەلنۇر ؟! سىز ئۇنىڭ بىلەن قاچان كۆرۈشكەن؟ - تۈنۈگۈن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئالدىدا. - خاپا بولماي ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ باقامسىز ، ئۇ ھازىر ياتىقىدا. - گۈزەلنۇرغا بىر ئىش بولدىمۇ؟ - بىلمىدىم، سىز كىرىپ باقسىڭىز بوپتىكەن. - ماقۇل، 20 مىنۇتتىن كېيىن تېلىفون قىلامسىز! - بولىدۇ، رەھمەت. 20 مىنۇت 20يىلدەك ئۇزاق بىلىنىپ كەتتى. مەن تېلىفون قىلماستىلا ياتاق تېلىفونى سايرىدى. قارىسام ئالدىدىكى تۆت خانە0991، ئالدىراپ تېلىفوننى ئالدىم. - ۋەي؟
- مۇھىد، مەن رىسالەت ، قىزىق ئادەمكەنسىز؟ بىكاردىن بىكار ئادەم ئاۋارە قىلىدىكەنسىز. گۈزەلنۇر ياخشى تۇرمامدۇ! لېكىن ئۇنىڭ سىز بىلەن ئەمدى كۆرۈشكۈسى يوق ئىكەن. ماڭا تېلىفون قىلمىسۇن دەيدۇ. - نېمىشقا ؟ - ئالدىراپ سورىدىم. - ئوتتۇراڭلاردىكى ئىشنى مەن نەدىن بىلەي، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، خوش. - توختاڭ...-تېلىفوندىن مېنى بىزار قىلىدىغان رىتىملىق ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. مەن يەنە بىر قانچە ساۋاقداشلىرىمغا تېلىفون قىلدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابلىرى ھەرخىل بولدى. - تۈنۈگۈن مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىللە تاماق يېگەنتۇق - بۈگۈن ئەتىگەن دەرستە كۆردۈم. - ...نېمە ئۇنى خاپا قىلدىڭمۇ؟ ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرمۇ ئۇرىشامسىلەر؟ تۆۋە... - ئۇنى سىز بىلەرسىز؟ - گۈزەلنۇرنى دىمىسەڭ ماڭا تېلىفون قىلمايسەن دېگىنە . چۈشتىن كېيىنلا مەكتەپ قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان يۇقىرى يىللىقتىكى ئەلىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاغرىق ئىسپاتىدىن بىرنى يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈنمەكچى بولدۇم. ئۇمۇ مەكتەپتىكى ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ بىرى بولغاچقا تەتىللەردە مەكتەپتىن تەڭ قايتىپ قالاتتۇق. ئەلىنى ئىنگىلىزتىلى سالونىدا كۆپ كۆرەتتىم. ئۇنىڭ تىلى بەكمۇ يەڭگىل، راۋان ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىگە ئولتۇرۇشقان كۆزلىرى، قوڭۇر چاچلىرى، بېشىنىڭ گەۋدىسىگە قارىغاندا كىچىك،يۇمىلاق بولىشى مەلۇم مەنىدىن بۇ ئورۇق بايقۇشنى ئەڭ بولمىغاندا ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن چەت ئەللىكلەرگە ئوخشىتىپ قويغاچقا، خەنزۇلار ئۇنى چەتئەللىك ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى. ئۇنى قورشىۋېلىپ گەپكە سالاتتى. لېكىن مەن كۆپىنچە ئۇنى ئامېرىكىلىق ياكى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ سوئال سوراۋاتقان ھالدا كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئىنگىلىزلاردىن سورايدىغان سوئاللىرى مۇرەككەپ تېمىلاردىن چىقاتتى. مەسىلەن: « ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى مەدەنىيەتلەرنىڭ قوشۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ياكى توقۇنۇشىنىمۇ؟ سىزچە تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالامدۇ؟ روھى-پىسخىكىلىق داۋالاش ئىلمى ھازىر غەرپ ئەللىرى جەمئىيىتىدە قانداق رول ئويناۋاتىدۇ؟» ۋە ھاكازالار. مەكتەپتىكى ھەممە مىللىلار ئىنگلىز تىلىدا ياخشى دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلغان بۇ بالىنىڭ مىجەزى غەيرىرەك بولۇپ مەن قىزىقمايدىغان تارىخ، پەلسەپە توغرىلىق گەپ ساتاتتى. گەرچە ئۇ يۇرتداشلار ئولتۇرىشىغا قاتناشمىسىمۇ توپنى ياخشى تەپكەچكە ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشاتتىم. لېكىن ئۆتكەن يىللىق تەڭرىتاغ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە (شىئەندىكى مىللى ئوقۇغۇچىلار يىلدا بىر قېتىم مەكتەپلەر ئارا شۇ نامدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. ) بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن چاڭئەن ئۇنۋېرسىتىتى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ قاتتىق ئېلىشتى، كوماندىمىز مۇسابىقە ئاياغلىشىدىغانغا يەتتە مىنۇت قالغۇچە ئىككىگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى، مۇشۇ يەتتە مىنۇتتا بىز چاڭئەن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توساپ تۇرالىساقلا ئۇتۇۋالاتتۇق. بىراق ئوتتۇرا مەيدان ئوڭ يۆنىلىش توسقۇچى بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەلى دەل مۇشۇ ئارىلىقتا قوغداش رايونىدىن ئايرىلىپ ھۇجۇمچى بولۇپ كەتتى. ھۇجۇمچى ھەم كوماندا باشلىقى بولغان مەن تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ نەچچە قېتىم ئىشارەت قىلدىم، لېكىن ئەلى باش لىڭشىتىپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى، مېنى ھەممىدىن بەك ئاچچىقلاندۇرغىنى ئۇ خەتەر رايونىغا ئېلىپ كىرگەن توپىنى ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ئورنى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ماڭا بەرمەي قارشى تەرەپكە تارتقۇزۇپ قويدى، ئىشنىڭ تېخىمۇ يامان بولغىنى چاڭئەن ئۇنۋېرسىتىتى كوماندىسى دەل ئەلىدىن تارتىۋېلىنغان توپ بىلەن تۇيۇقسىز قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىزنىڭ ۋارتاغا بىر توپ كىرگۈزىۋەتتى، ئاخىرى جازا توپقا چۈشتۇق، لېكىن يېڭىلىپ قالدۇق. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بولسا كېرەك، ئۇ ماڭا قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئادەمدەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالغاچقا ئۇنىڭ بىلەن كېلىشەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. شۇنداقتىمۇ بېرىپ ئۇنى ئىزدىدىم. ئەلى ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلار ئىشخانىسىدا قەلەي تاختايلىق دەپتەرگە بىر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى يېزىۋاتقان ئىكەن. ئىشخانىغا كىرىپ شۇنچە تۇرساممۇ ئۇ بېشىنى كۆتۈرمىدى. ئاخىرى ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم. - ئەلى، ماڭا رۇخسەت سوراش خېتى كېسىپ بەرسەڭ بوپتىكەن. - قانچە ۋاقىتلىق؟- ئۇبېشىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ ئىشىنى داۋام قىلدى. ئەلىنى ئىزدەپ كېلىشتىن ئىلگىرى نەچچە كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. تۆت كۈن بېرىپ كېلىدىغان يولغا كېتىدۇ. بىرەر – ئىككى كۈن تۇرارمەن. بىر ھەپتە بولسا بولغۇدەك. - بىر ھەپتىلىك. - بىر ھەپتە؟!-دىدى ئۇ قايتا بېشىنى كۆتۈرۈپ.- مۇھىد، مەن مۇدىر ۋىراچ ئەمەس، پىراكتىكانت . بىز پىراكىتىكانتلار ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت خېتى يېزىپ بېرەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ بالىسى ، تەس جۇمۇ. ئۇ نىمە ئىش بولدى دەپ سورىمىدى، مەنمۇ دېمىدىم. گەپ قىلمايلا سىرتقا چىقىپ كېتىپ باشقا يۇرتلۇق تونۇشلارنى ئىزدىدىم، لېكىن ئامال بولمىدى. - ئۇ يوق، - دېدى تېلىفوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى قىز. تېلىفون تۇرۇپكىسىنى جاقىلدىتىپ قويۇۋېتىپ 1.5يۈەنگە چوڭ ئىستاكانغا لىق كولا ئېلىپ بىر كۆتۈرىشىمدە گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتىم. گۈزەلنۇرنىڭ گېپى يەنە يادىمغا كېلىپ قالدى. ...- ئادەملەر ئىچى پۇشسا، ئاچچىقى كەلسە ئىشقىلىپ بىئارام بولسىلا بېرىپ تاماكا چېكىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ. لېكىن مۇھىد، سىز ئۇنداق قىلماڭ. بۇلار زىيانلىق. - مېنىڭ ئىچىم پۇشمامدۇ؟ ئاچچىقىم كەلمەمدۇ؟ - مۇزىكا ئاڭلاڭ، كولا ئىچىڭ ،ۋا...ئۇنى ئىچسىڭىز سىز چۈچۈمەل تەمگە ئايلىنىسىز، چۈچۈمەل تەم سىزگە ئايلىنىدۇ. دۇنيا تەمگە ئۆزگىرەيدۇ. مۇھىد، كولا ئېلىپ بېرىڭە... كولانى ئىچىپ بولۇپ يېنىمدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ماگىزىنىدىن بىرىتىۋا سېتىۋالدىم- دە، ئۇدۇل مەكتەپ قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىغا كىرىپ نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆتۈپ ،جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتىم. نېرۋا كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ جىگەر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىلەن تام قوشنا بولۇپ قالغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئەتراپقا ئوغرى مۈشۈكتەك قاراپ ئولتۇردۇم. چۈنكى چۈشتىن بۇرۇن شۇنچە تىرىشساممۇ ماڭا نېرۋىسى ئاجىزلاپتۇ دەپ دىئاگنوز قويۇپ بەرمىگەن دوختۇر تاسادىپى كىرىپ قالسا بىر كۈندە ئۈچ خىل كېسەل بولغان ئادەم بولۇپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم. دوختۇر ئۈمىد قىلغىنىمدىكىدەك ماڭا بىر قاتار تەكشۈرۈش بۇيرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە سۈيدۈك تەكشۈرۈش تۈرىمۇ بار ئىدى. باشقا تەكشۈرۈشلەرنى نورمال ئۆتكۈزۈپ سۈيدۈك تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە چىقىپ ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان بىرىتىۋا بىلەن باش بارمىقىمنى كەستىم. بىر تامچە قان سۈيدۈك ئېلىنغان كىچىك سۇلياۋ قاپقا تېمىپ تەكشى يېيىلدى، ئۈستىدىن يەنە يېنىك چايقىۋېتىپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ سىرتىدا مېنى كۈتۈپ تۇرغان سېستىراغا قىزغۇچ رەڭگە كىرىپ قالغان سۇلياۋ قاپنى بەردىم. ئۇ گەپ قىلماي ئۇنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئەتىسى «جىگەر كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويۇلغان قەغەزنى ئېلىپ سىنىپ مەسئۇلىغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇ ماڭا ياخشى داۋالىنىشىم كېرەكلىكىنى، ھەرگىز كېسەل بىلەن ئويناشماسلىقىمنى ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ دەرسلەرگە يېتشۋېلىشىمغا ياردەم قىلىدىغانلىقى دىگەندەك بىرمۇنچە ھېسداشلىق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. شۇ كۈنى كەچ ھېچكىمگە.ھەتتا ئۆيدىكىلەرگىمۇ بىلىندۈرمەي پويىزغا چىقىپ شىئەندىن ئايرىلدىم ئۈرۈمچىگە چۈشۈپلا ئۇنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ تېلىفون قىلدىم - ئۇنىڭغا ئېيتىڭ، مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە،-شۇنداق دەپ تۇرۇشىمغا گۈزەلنۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. - مۇھىد، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز خار قىلىۋاتىسىز،-بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۆزىنى خېلى تۇتىۋالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. - گۈزەلنۇر ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەيلى، ماڭا يۈر-تۇرانە ئېيتىڭ. زادى نىمە ئىش بولدى؟ مەن ھېچ چۈشەنمىدىم. - ماقۇل، مەكتەپنىڭ ئالدىدا... ئۇ ئورۇقلاپ كېتىپتۇ، كۆزلىرى نۇرسىز. ئادەتتە چاچلىرىنى پارقىرىتىپ كۈلۈمسىرەپ چىقىدىغان گۈزەلنۇر مانا ئەمدى مېيىت ئۇزاتقىلى چىققاندەك پەرىشان. بىز بىللە مېڭىپ خۇيزۇلارنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىسى ساتىدىغان ئاشخانىغا يېتىپ كەلگۈچە گۈزەلنۇر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاخىرى تاماق بۇيرىتىدىغان ۋاقىتتا - نېمە يەيسىز؟- دەپ سورىۋىدىم، - بۇ يەرگە كەلگەن ئادەم نېمە يەيتتى؟- دېدى. ئاۋۋال ئۇنى ئېغىز ئېچىپ قالامدىكىن دەپ ئارتۇق گەپ قىلماي جىم ئولتۇردۇم. ئارىدىن 10مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ زۇۋان سۈرمىدى، يا ئاغزىغا بىرەر نەرسە سالمىدى. - سەۋەبى نېمە؟ نېمىشقا بۇ قارارنى چىقاردىڭىز؟ - مېنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمايدىكەن ! بۇ ماڭا بەك ئادالەتسىزلىكتەك بىلىندى.گۈزەلنۇر مېنىڭ بىر قىسمىمغا ئايلىنىپ كەتكەن تۇرسا، قانداقلارچە ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي تۇرالايمەن ؟ ئۇ مېنىڭ كۆزۈم، مېنىڭ قولۇم...گۈزەلنۇر تېنىمدىكى مۇھىم بىر ئەزا ، بۇگەپ « قېنى مۇھىد، كۆزۈڭنى ئويۇپ ئېلىۋەت، ئۇنىڭ بىلەن نېمە چاتىقىڭ» دېگەندەك بىلىنىپ ئىچىمدىن ئاچچىق ئۆرلىدى. - ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى شۇنچىلىك دەپ ئويلامسىز؟ - گۈزەلنۇر بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۈگۈلۈپ قالدى،-بىز ئويۇن ئويناۋاتامدۇق؟ مەن 23 ياشقا كىردىم. ھېچكىم بىزنى كىچىك بالا دېمەيدۇ. سىز تېخى تېلىفون بىلەنلا ھەممىنى يىغىشتۇرىمەن دەپ قالدىڭىزمۇ؟ گۈزەلنۇر ماڭا سەۋەبىنى ئېيتىڭ ،بۇ يەرگە ئىككى كۈن يول بېسىپ كەلدىم. ئاغزىڭىزدىن ‹نېمىشقا› دىگەن سوئالغا جاۋاپ ئالىمەن دەپ قانداق تىتىلداپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟ نېمە ئىش بولدى؟ تېخى «مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەۋاتقىنىڭىزنى ، قولغا تىغ كىرسە پۈتۈن بەدەن ئۇنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. سىز نېمانداق رەھىمسىز بولۇپ كەتتىڭىز؟ گۈزەلنۇر ئاغزىنى تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. كۆز ياشلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ ئۆرۈلۈپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئەتراپىمىزدىكى ئۈستەللەردە ئولتۇرغانلارنىڭ بىز تەرەپكە قاراپ قالغانلىقىدىن ئاۋازىمنى بولۇشىغا قويۇۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. گۈزەلنۇرغا ئەگىشىمەن دەپ ئورنۇمدىن تۇرىشىمغا قارشى تەرىپىمىزدىكى ئۈستەلدىكى مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئككى قىزنىڭ پىخىلداپ كۈلۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەس-يادىم گۈزەلنۇردا بولغاپقا ھېچ نېمىگە قارىماي ئۇنىڭ كەينىدىن ئالدىراپ ئاشخانىدىن چىقتىم. قارىسام گۈزەلنۇر يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپكە كېتىۋېتىپتۇ. تېزلا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدىم. دەرۋازىدىن كىرىپ ئادەم ئانچە جىق بولمىغان ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ توختىتىۋالدىم.
- سىزگە دەي، مەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلىمەن. توي! مەن توي دېگەن گەپنى ئانچە چۈشەنمەيمەن. ھازىرچە چۈشىنىشنىمۇ خالىمايمەن. مېنىڭ پىلانىم ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كېين ئاۋۋال خىزمەت تېپىش ئاندىن ئۆي ئېلىش ئاندىن توي قىلىش ئىدى. توي دىگەن بۇ سۆز تۇرمۇش مۇساپەمنىڭ تېخى سايىسىنى ئاران كۆرگىلى بولىدىغان يىراقلىقتا بولغاچقا ئىتتىك ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالماي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. - مۇھىد، مەن بىر قىز بالا ، ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلماڭ .ئۇزۇنغا قالماي توي قىلىمەن. ئۆيدىكىلەرمۇ بىلىپ بولدى. مېنى كەچۈرۈڭ مۇھىد. قىز بالا ئاجىزكەن. مېنى ئويلاپ قويۇڭ،- گۈزەلنۇر سومكىسىنى ئېچىپ ئىچىدىن بىر چاغلاردا مەن ئۇنىڭغا بەرگەن چوڭ كونۋېرتنى چىقاردى.- مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. مۇھىد، مەن ئەسكى قىز ، راست مەن ئەسكى، ماڭا ئۆچ بولۇڭ. گۈزەلنۇر شۇ گەپني قىلىپ بولۇپلا ماڭدى. كونۋېرتنى ئېچىپ قارىسام ئۇنىڭ كۈن نۇرى ئاستىدىكى چىرايى كۆرۈندى. قىزىرىپ چۈشكەن نۇر ئۇنىڭ چاچلىرىنى پارقىرىتىپ تۇراتتى. رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. گۈزەلنۇرنىڭ گەپلىرى ماڭا شۇنچىلىك غەلىتە بىلىنىپ كەتتىكىن، گويا بىرى ئۇنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ سۆزلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم |
كۆرۈلۈشى:1302 | قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-2 12:09:30 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
|
|
 |
يېڭى تېمىلار |
|
|
 |
تەۋسىيە تېمىلار |
|
|
|