«ئانا يۇرت»رومانىدىن ئېلىنغان بايانلار - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
«ئانا يۇرت»رومانىدىن ئېلىنغان بايانلار
 1. دۇنيا ھەققىدە:
       سانسىزلىغان ئادەملەر بۇ دۇنياغا يىغا بىلەن كۆز ئاچىدۇ. دەرد-ئەلەم، ئازاب، ئازاب ئوقۇبەت بىلەن ياشاپ ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ. نېمىشقا بۇ دۇنيانىڭ راھىتى ھەممىگە تەڭ بۆلۈنمىگەن؟
                                                                                                
       دۇنيا مانا مۇشۇنداق. بىرلىرى ھاياتنىڭ مېغىزىنى چاقىدۇ، بىرلىرى زۇلۈم- جەبىرىسىنى تارتىدۇ، بەلكى ھاياتنىڭ قىززىقىمۇ، لەززىتىمۇ مۇشۇ راھەت- پاراغەت بىلەن جەبرى- جاپادا بولسا  كىرەك .

       2. ئىنسان ھەققىدە:
        ئىنسان _ ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەشكۈچى. ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى ھەقىقەت ئىزدەشتە. ھەقىقەت ئىزلە، ئۇنى تاپ، ئۇنى قورال قىلىپ ئىشلەت.

        ئىنسان _ ئۇ زېمىندەك كەڭ قورساق، مەردانە ئەمەس. ئۇ بەزىدە قۇياشنىمۇ، ھارارەتنىمۇ ھەتتا بەزىدە قەھرىتان زىمىستاننىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭغا يەر يۈزىگە قۇياش كۈلۈپ قارىمايدىغاندەك، زېمىن يارىلىشىدىنلا گورىستان بولۇپ يارالغاندەك، دەسسەپ تۇرغان بۇ زېمىندا نالە-پەريادتىن باشقا ھېچنىمە يوقتەك بىلىنىدۇ.
      
        نەپسىڭگە بىرىلمە، مۇھەببەتكە قۇل بولما. بۇ ئىككىسى _ مەقسەت يولىدىكى ئىككى تىك داۋان.
   
       3. ھەقىقەت ھەققىدە:
        ھەقىقەت، ئادالەت ھەممە يەرنى كېزىپ يۈرسە، ھەممە يەرگە ئۇچۇپ بارالىسا، قەھرى بىلەن كەلكۈن بولۇپ ناھەقچىلىكنى يىمىرىپ تاشلىيالىسا.

                                                                    ھەقىقەت قۇش بولۇپ ئۇچالمامدىكەن،
                                                                    سۇ كەبى كەلكۈن بوپ تاشالمامدىكەن.
                                                                    بىر غېرىپ كۈلبىسى ئوتتا كۆيگەندە،
                                                                    ئۆزىنى شۇ ئوتقا ئاتالمامدىكەن.

        نەپرەتنىڭ ئۆزى كۈچ، غەزەپنىڭ ئۆزى قورال.
      
       4. مۇھەببەت ھەققىدە:
        مۇھەببەتنىڭ كۈچى ھەممىدىن يامان. ئۇ ئادەمنى ئەقىلدىن، ئىرادىدىن، ھەتتا بىر ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالدىن مەھرۇم قىلالايدۇ.
         
        دۇنيا مۇھەببەت، لەززەت مۇھەببەت، ھاياتنىڭ ئۆزى مۇھەببەت.

        ھايات لەززىتى مۇھەببەتتە. ئىنسان قىممىتى مۇھەببەتتە. تۇرمۇش سىنىقى، ياشلىق تىلىكى يەنە شۇ مۇھەببەتتە...      
        5. گۇگۇم ھەققىدە:
         گۇگۇم- بۈگۈننىڭ دەپنە مۇراسىمى، ئەتىنىڭ تولغىقى.

         گۇگۇم _ ئۇلۇغ قۇياشنىڭ جۇدالىق بەلگىسى، تۈن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەلچىسى. ئۇ ساڭا غەپلەت، جۇدالىق، لەززەت سوۋغا قىلىدۇ. سەن مۇشۇ گۇگۇمنىڭ يادنامىسىنى باغرىڭغا بېسىپ، كېلەچەك توغرىسىدا شىرىن چۈش كۆرىسەن. چۈشۈڭدە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغان شان- شەرەپ چوققىسىغا چىقالايسەن، يەنە بەزىدە سالغا تېشىدەك يىراققا ئۇچىسەن.

         گۇگۇم بىلەن ھاياتىڭنىڭ بىر بېتى ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر بەت _ سۈبھى ئۈچۈن زېمىن تەييارلىنىدۇ. يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن تۇغۇلىدۇ، گويا سەن ئاناڭنىڭ قورسىقىدىن يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندەك. شۇڭا گۇگۇممۇ خاسىيەتلىك. ئۇنى ھەرگىزمۇ قارغىما، بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا......
                                                                                         يۇقارقى يازمىلار << ئانا يۇرت >> رومانىدىن ئېلىندى.
         كۆرۈلۈشى:1295     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-2 12:08:24يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش (..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2..
ئەركەكلەر دىققەت! چە..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682