|
مېنىڭ ئېرىڭىزگە تەگكۈم بار |
|
|

-مېنىڭ ئېرىڭىزگە تەگكۈم بار. -نېمە؟ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ -ياق، مەن ساراڭ بولمىدىم. قارىمامسىز، ئىنتايىن نورمال تۇرمامدىمەن، شۇ ئېرىڭىزگە تېگەي دەيمەن. سىزدىن ئۆتۈنەي، ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرىڭ، مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىم شۇ. -سىز بىلەن سۆزلەشكۈم يوق، ئىشخانامدىن چىقىپ كېتىڭ! -بۇنداق قىلماڭ ئانۇ. -ئانۇ؟ ئاڭلاڭ خانقىز ئىسمىم ... -ئانامىكا، ئانامىكا پۇلىمۇ كۇمار خانىم، نوپۇزلۇق تۈرنىڭ دېرىكتورى، ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباب، يۈكسەك ئىرادىلىك، رەھىمسىز، يەنە كېلىپ قارا نىيەت خوتۇن. سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى بىلىمەن، مېنى ‹‹خانقىز›› دەپ چاقىرماڭ، مېنىڭ ئىسمىم پۇلىتى، پۇلىمۇ چۇقۇم سىزگە دېدى. -پۇلىتى؟ زادى ئاڭلاپ باقماپتىمەن، مەن سىزنى تۇنىمايمەن، پۇلىمۇ سىز توغرۇلۇق زادى سۆزلەپ باقمىغان، ھەتتا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ تىلغا ئېلىپ باقمىغان. -بەك كۈلكىلىك، شۇنداقمۇ؟ مەن سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىزنى بىلىمەن، ئەمما سىز مەن توغرۇلۇق ھېچ نەرسە بىلمەيسىز. ئېرىڭىز سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن، ھەتتا سىزنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن. قىزىق ئىش، ئۇ سىزگە مەن توغرۇلۇق ھېچنېمە دېمىدىمۇ؟ قارىغاندا سۆيۈملۈك ئېرىڭىز ئىككىمىزنىڭ رومانتىك مۇناسىۋىتىمىزنى سىزدىن يۇشۇرۇپتۇ. -رومانتىك مۇناسىۋەت؟ مەخپىيەتلىك؟ جۆيلۈمەڭ ! -مەن سىزگە ئىككىڭلارنىڭ شېرىن ئاي ئۆتكۈزگەن چېغىڭلاردىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەي، بۇلارنى پەقەت پۇلىمۇ ئىككىڭلارلا بىلىسىلەرغۇ؟ -سىز زادى كىم؟ تۇيۇقسىز ئىشخانامغا ئۈسۈپ كىرىپ... -ئىشخانىڭىزغا ئۈسۈپ كىرگىنىم يوق، مەن سىزگە ئىسىم كارتامنى بەردىم، سىز كىرىشىمگە ئىجازەت بەردىڭىز، توغرىمۇ؟ مېنىڭ ئىسمىم كارتامدا ئېنىق يېزىقلىق. ئېيتىپ بېرەي، مەن سىزنىڭ ئېرىڭىزنىڭ خىزمەتدىشى، بىز ھەتتا بىر ئۈستەلدە ئىشلەيمىز! ئانامىكا ئىسىم كارتىسىغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى. شۇ ئەسنادا، پۇلىتى ئۇنى توستى: -پۇلىمۇغا تېلېفۇن قىلامسىز؟ ياخشىسى ئۇنى ئاۋارە قىلماڭ ئانۇ، پۇلىمۇ ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ. -ئۇخلاۋاتىدۇ؟ ئەتىگەن سائەت 9 غىچىمۇ ئۇخلامدۇ؟ ئۇ ھازىر ئىشخانىسىدا بولۇشى كېرەك. -قاراڭ سىزنى، مۇشۇنىمۇ بىلمەيسىز. -نېمە؟ -ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا ئەقىل چىشىنى تارتقۇزدى، بىچارە پۇلىمۇ ئاغرىققا چىدىماي قالدى، مەن كېچىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدۇم، ئەتىگەن ئۇنىڭغا تىنچلاندۇرۇش دورىسى بېرىپ قويغاندىن كېيىن، ماشىنىنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلدىم. -سىز ئۇنىڭغا پۈتۈن بىر كچە ھەمراھ بولدىڭىزمۇ؟ -ياق، سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، بىزنىڭ بەدىنىمىز ئۇچراشمىدى، پەقەت ئەپلاتونچە روھىي جەھەتتە مۇھەببەتلىشىۋاتىمىز، سىز بۇنى ھېسسىيات دەپ ئاتىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھېسسىياتمۇ مۇھەببەت، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ -مۇھەببەت؟ ئۇ سىزنى قانداقمۇ سۆيسۈن؟ مەن ئۇنىڭ خوتۇنى تۇرسام! -ئوھۇي، خوتۇنى، توغرا، سىزنىڭ ئۇنىڭ قانۇنلۇق خوتۇنى! بىراق، ئانۇ ئېيتىڭە، ئۇ سىزگە ئېھتىياجلىق چاغدا سىز قەيەردە ئىدىڭىز؟ -ماڭا ئېھتىياجلىق چاغدا؟ -قاراڭ، سىز ئۆز ئارزۇ- ئارمانلىرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۇرتىڭىزدىن ئايرىلىپ پۇناغا كەلدىڭىز، ئۇنىڭ بومبايدا ئۆزى يالغۇز قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىز. -مەن ئەلۋەتتە بىلىمەن، مەن كۈندە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇنلىشىمەن. -بىلىمەن، پۇلىمۇ ئېيتقان، ئۇ يەنە ئىككىڭلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۇچرىشىڭلاردىكى ئادەمنىڭ قۇسقۇشىنى كەلتۈرىدىغان يالغان گەپلىرىڭىزدىن زېرىكىپ ئۆلەيلا دېگەنلىكىنى، سىزنىڭ يالغان شېرىن- شېكەر سۆزلىرىڭىزدىن، ياسالمىلىقىڭىزدىن، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ‹‹كۆڭۈل بۆلۈش›› لىرىڭىزدىن زېرىككەنلىكىنى دېگەن. -ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ بىرگە بولغان چاغلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك. -ھا، ھا ! كۆڭۈللۈك؟ ھەپتىدە بىر قېتىم، ھازىر ئايدا بىر قېتىم، شۇنداققۇ؟ سىز ھەپتە ئاخىرىدىمۇ ئىشلەشكە باشلىغاندا، خىزمەت ئۈچۈن دۇنيانى ئايلانغاندا، سىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك چاغلىرىڭلار كەلمەسكە كەتكەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىمەن، بۇ بەك مۇھىم. -ئاڭلاڭ، پۇلىتى خانقىز، مەن خېلى سەۋر قىلدىم، ئەمدى سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئېرىمگە چاڭگال سالغۇچى بولماڭ. -ئېرىڭىزگە چاڭگال سېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئاللىقاچان مېنىڭ بولۇپ بولدى، ئۇنى ئۆزىڭىز مىنىڭ قوينۇمغا ئىتتىزدىڭىز، مەنمۇ ئۇنى قۇبۇل قىلدىم ھەم ئۇنى ئالىقىنىمدا چىڭ تۇتتۇم. -ئەمدى كەتسىڭىز بولارمىكىن،- دېدى ئانۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ. -مەن پۇلىمۇغا ھۆججەتلەرنى تەييارلاتقۇزۇپ قوياي، ئىككىڭلارنىڭ نىكاھىنى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايمەن. -مەن ھېچقانداق ھۆججەتكە قول قويمايمەن. خانقىز، سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، دەرھال ئېرىمدىن ئايرىلىپ كېتىڭ. خوش!!! -سىزنى غەرەز ئۇقسىكەن دەيمەن. بۇ نىكاھتا بىز ئۈچ ئادەم، بۇنداق بولۇشى ياخشى ئەمەس، بىر مۇكەممەل نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئۈچ ئادەم ئەمەس، بەلكى ئىككىلا ئادەم بولۇشى كېرەك. سىز ئۇنىڭ نىكاھىدىكى خوتۇنى، مەن بولسام ئىشخانىدىكى خوتۇنى. مەن ئۇنىڭغا بەكرەك مۇۋاپىق كېلىمەن، شۇڭا سىز چېكىنىپ چىقىشىڭىز كېرەك. مەن سىزگە يېتەرلىك ۋاقىت بېرەي، سىز ياخشىراق ئويلىنىڭ، سىز چوقۇم توغرا چۈشىنىسىز،- پۇلىتى سۆزىنى تۈگىتىپلا ئانۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتى. خوتۇنى قېلىپتىن چىقىپ كەتتى، ئەر قىلغان ئىشلىرىدىن ئۆكۈنۈشى كېرەك ئانۇ لىفىتتا ئولتۇرماي، پەلەمپەيدىن ناھايىتى خاتىرجەم چۈشتى، ئوزايىدىن غەلبە قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. پۇلىتى ماشىنىسىغا چىقىپلا «ئىشخانىدىكى ئېرى' پۇلىمۇغا تېلېفۇن بەردى. -مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتىم. -ئۇقتۇم، ئانۇ بايا ماڭا تېلېفۇن قىلدى،- دېدى پۇلىمۇ،- سىز راستتىنلا ئۇنى ئويغاتتىڭىز، ئانۇ بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپلا بىر ھەپتىلىك روخسەت سوراپ بومبايغا كېلدىغان بولدى، ئۇ بومبايدا بىر ھەپتە تۇرۇپ مەن بىلەن ياخشىراق پاراڭلاشماقچىكەن، ھەتتا مېنىڭ يۇلۇۋەتكەن ئەقىل چىشىمنىمۇ سورىدى، مېنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. -راستمۇ؟ -رەھمەت سىزگە پۇلىتى، سىز مېنىڭ نىكاھ تۇرمۇشۇمنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز. -بۇنداق دېمەڭ، پۇلىمۇ، دوستلار ئارىسىدا «رەھمەت» ۋە «كەچۈرۈڭ» دېيىش كەتمەيدۇ. -شۇنداق، پۇلىتى، سىز مېنىڭ ھەقىقىي دوستۇم! -تەكەللۇپ قىلماڭ، ئەگەر ئۇ بۈگۈن كەچتە كېلىپ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالمىسا، ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنىڭ كېلىشىگە ئىشىنىمەن. -ئېيتقىنىڭىزدەك بولغاي. -ئۇ كەلگەندە مەن ئۆزۈمنى بىر قانچە كۈن دالدىغا ئېلىپ تۇراي، ئىشخانىغا بارغاندىن كېيىن سۆزلىشەيلى، خەير- خوش. -خوش،- پۇلىمۇ شۇنداق دېگەچ ئىچىدە ئۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدى. دەل شۇ پەيتتە، ئانۇ ئىشخانىسىدىن ئايرىلىپ، «ئىشخانىدىكى ئېرى» نىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، ئىشىكنى ئىلىپ قويدى. -سىز ھەرگىز ئىشەنمەيسىز،- دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،- دەۋرنىڭ ئارقىدا قالغان ئادەممۇ مۇھەببەتلىشىپتۇ ئەمەسمۇ! -ئېرىڭىز مۇھەببەتلىشىپتىمۇ؟-ئىشەنمىگەندەك سورىدى ئەر. -پۇلىتى دېگەن بىر خانقىز بۈگۈن ئىشخانامغا كەلدى، ئۇ پۇلىمۇ بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىكەن............ -سىزنىڭ ئېسىڭىزدىمۇ، ئانۇ؟ ئەينى چاغدا سىز ئىنتايىن ئازابلانغانىدىڭىز، شۇ تۈپەيلى ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېرىڭىزگە ئېيتىپ قويغىلى قىل قالغانىدىڭىز. ئەمدى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ -مەن بومبايغا قايتىمەن. ئۇنى سوراققا تارتىپ تازا ئەيىبلەيمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىمەن. ئەڭ ياخشىسى، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ئۆكۈنۈپ تازا ئازابلانسۇن. -توغرا،- دېدى ئەر،- ئەڭ ياخشىسى ئۇمۇ ئازابلانسۇن.... |
كۆرۈلۈشى:2480 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-12-26 18:46:55 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
|
|
 |
يېڭى تېمىلار |
|
|
 |
تەۋسىيە تېمىلار |
|
|
|