سودىگەر ۋە ماتروس - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
سودىگەر ۋە ماتروس

 

مەلۇم بىر ئۈنچە مەرۋايىت سودىگىرى ئوغلىنى ئېلىپ بىر يەشىك ئۈنچە مەرۋايىت بىلەن  نەنياڭغا سودا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ ھەمدە بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن بىر چوڭ پاراخوتنى ئىجارىگە ئاپتۇ .
بىر كۈنى كەچتە ، سودىگەرنىڭ ئوغلى ماتروسلارنىڭ ئۆيى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇلارنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلىشىۋاتقىنىنى بايقاپتۇ ، بالا ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە قىزىقىپ دېرىزىنىڭ تۈۋىگېرەك كەپتۇ. ئەسلىدە ، ماتروسلار سودىگەر ۋە ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قىممەت باھالىق ئۈنچە – مەرۋايىتلارغائېرىشىش توغرىسىدا پىلان تۈزىۋاتقان ئىكەن ، بۇنى ئاڭلاپ سودىگەرنىڭ ئوغلى چۆچۈپ كېتىپتۇ ! ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دادىسىنىڭ خانىسىگە كىرىپتۇ ۋە قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق مەسلىھەت  سوراپتۇ .
سېنىڭچە قانداق قىلىش كېرەك ؟ ياندۇرۇپلا ئوغلىدىن سوراپتۇ دادىسى ؛
- « ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ ئۇلار بىلەن ئېلىشىش كېرەك ! » دەپتۇ ئوغلى مۇشتىنى تۈگكەن ھالدا
- « بولمايدۇ !» سودىگەر كەسكىنلىك بىلەن رەت قىپتۇ ، ئەگەر شۇنداق قىلساق بىز ئۈنچە -مەرۋايىتلىرىمىزدىن ئايرىلىپلا قالماستىن يەنە ھاياتىمىزمۇ تەھتىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن ؛
- ئۇنداقتا ئۈنچە –مەرۋايىتلىرىمىزنى ئۇلارغا مۇشۇنداقلا تۇتقۇزۇپ قويامدۇق؟ ئوغلى تاقەتسىزلىك بىلەن دادىسىدىن سوراپتۇ .
- « ئۇنداق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ ، ئۇلار بەلكىم ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ جىنايەت پاكىتىنى يوقىتىشى مۇمكىن ، بىز ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك »دەپتۇ سودىگەر ئېغىر سۈكۈتكە چۆمۈپ .
 -« ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟ قارىغاندا بىزگە ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرماقتىن باشقا يول يوق ئوخشايدۇ » دەپتۇ ئوغلى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ؛
- « بەلكىم ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن ، بالام ، يەنە بىر ئامال بار ...» سودىگەر ئوغلىنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇ پىچىرلاپ « بەلكىم بۇنداق قىلساق مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشىمىز ناتايىن ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ ھاياتىمىز ئامان قالىدۇ ».
ئوغلى ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ .بىردەمدىن كېيىن دەرغەزەپكە كەلگەن سودىگەر ئوغلىنىڭ قۇلىقىدىن تارتقىنىچە پالۇبىغا قاراپ ئېتىلىپتۇ ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنى تىزلىنىشقا بۇيرۇق قىپتۇ : ھۇ دۆت كالۋا ، ئەخمەق ، سەن نېمىشقا مېنىڭ نەسىھىتىمنى ئاڭلىمايسەن ؟
ئوغلى دادىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمايلا قالماستىن دادىسىنى ئىتتىرىپ مەنسىتمەسلىك بىلەن دادىسىنى تىللاپتۇ : « ئۆلمەيدىغان قېرى ، سېنىڭ دىگەنلىرىڭنىڭ قانچىسى نەسىھەت ؟ بىلەمسەن ، دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ ! »
 بۇ ۋاقىتتا ، ماتروسلارنىڭ ھەممىسى ئويغىنىپ كېتىپتۇ ، ئۇلار بىر – بىرلەپ ياتىقىدىن چىقىپ بىر چەتتە تۇرۇپ ئويۇن كۆرۈشۈپتۇ . بۇ ۋاقىتتا سودىگەر خانىسىگە كىرىپ بىر يەشىك ئۈنچە – مەرۋايىتنى ئېلىپ چىقىپتۇ ۋە ،« بەرىبىر مەن مەندەك بىر داداڭنى تونۇمىغاندىكىن ئەمدى مېنىڭمۇ سەن ئۈچۈن جاپا تارتىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى ، بۇ مال – دۇنيالارغا ئېرىشىمەن دەپ خام – خىيال قىلما !» ئۇ شۇنداق دەپلا يەشىكنى ئېچىپ ئىچىدىكى  ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى بىر – بىرلەپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىپتۇ ، ماتروسلار سودىگەرنىڭ قولىدىكى ئۈنچە – مەرۋايىتلارنىڭ ئۆزلىرى بۇلىماقچى بولغان مال – دۇنيالار ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ تۇرۇشىغا سودىگەر يەشىكنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋېتىپتۇ ، شۇ ۋاقىتتا ،ئون نەچچە ماتروس ھەيرانلىق ۋە ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە لېۋىنى چىشلىگىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ .
سودىگەر بۇرۇلۇپلا ماتروسلارغا ۋارقىراپتۇ : پاراخوتنى كەينىگە قايتۇرۇڭلار !ئەمدى نەنياڭغا بېرىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى !» بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ماتروسلار پاراخوتنى كېچىچە ھەيدەپ قايتىپ كېتىپتۇ .
پورتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن سودىگەر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى دەرھال شۇ يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ماتروسلارنىڭ بۇلاڭچىلىق ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش غەرىزى توغرىلىق ئەرز ئېيتىپتۇ ، سوتچى ماتروسلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۇلاردىن : « سىلەر سودىگەرنىڭ ئۈنچە – مەرۋايىتلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكىنىنى كۆردۈڭلارمۇ ؟ » دەپ سوراپتۇ.
« كۆردۇق !» دەپ تەڭلا جاۋاب بېرىپتۇ ماتروسلار .
« قانداق كۈچ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر قان – تەرىنى سەرپ قىلىپ يىغقان مال – مۈلكىدىن شۇنداقلا ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ پەقەت ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىلا ئادەم مۇشۇنداق قارار چىقىرىدۇ ، سىلەر بۇنى بىلەمسىلەر » دەپتۇ سوتچى . نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان ماتروسلار ئامالسىز گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ سودىگەرنىڭ يوقاتقان بارلىق مال – مۈلكىنى تۆلەپ بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ ، سوتچى ئۇلارنىڭ جازىسىنى يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىپتۇ .

         كۆرۈلۈشى:1216     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-8-23 16:18:13يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش (..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2..
ئەركەكلەر دىققەت! چە..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682