ئانىنىڭ كۆز يېشى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئانىنىڭ كۆز يېشى

ئانىنىڭ كۆز يېشى

(ھېكايە)

ئەمەر ھېمىت

ــ تاك، تاك، تاك...
ئىشىكنىڭ چېكىلىشى بىلەن دىققىتىم بۇرۇلدى، 60 ياشلاردىكى چىرايى سولغۇن بىر ئايال ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنى ئورۇندۇققا باشلىدىم.
ــ سودىيە ئەپەندىم، ئالدىلىرىغا ئوغلۇمنىڭ گۇناھىنى تىلىگىلى كەلدىم...
ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش تامچىلايتتى. ئۇنىڭ يىغىسى ھېچبىر توختايدىغاندەك ئەمەس، ئۇ يىغلىغاچ سۆزلەيتتى.
ــ ئاچا، يىغلىمىسىلا، كىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، جىنايىتىگە تۇشلۇق جازا بەرمىسەك بولمايدۇ، لېكىن ئەھۋاللىرىنى رەھبەرلىككە دوكلات قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا دائىرىسىدە يېنىكرەك بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىمىز. ــ دېدىم ئايالنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.
ــ ماقۇل، گېپىمنى ئاخىرى دەۋالدىم، ئىچىممۇ خېلى بوشاپ قالدى، تېنەپ-تەمتىرەپ بۇ يەرنى ئاران تېپىپ، سىلىنى بىسەرەمجان قىلدىم. بالامنىڭ ئاتىسى بۇرۇنلار تۈگەپ كەتكەن. ئوغلۇمنى قاتارغا قوشقۇچە نۇرغۇن جاپا تارتتىم. ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى مۇشۇ ئوغلۇم قىلاتتى. كېلىنىم ئۆتكەن يىلى ئىككىنچى تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتتى، بەش ياشقا كىرگەن نەۋرەم كۈندە: «ئاتام قېنى، ئۇ قاچان كېلىدۇ؟» دەپ يىغلاپ زادى ئارام بەرمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ باقاي، دەپ ئويلاپ كېلىشىم، گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈممۇ تەسەللى تاپقاندەك بولدۇم. بالامنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئۈچۈن قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇپمۇ قالار، ئەمىسە مەن قايتاي، بالام!
ئايال خوشلىشىپ، ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم. ئانا ئۇلۇغ، ئانا باغرى كەڭ ئىنسان. ئۇ ئوغلىنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگىنىنى بىلگەن بولسىمۇ، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈپ كەپتۇ.
بۇ ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ دېلوسىنى ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم، سوت ئېچىلىشقا يەنە بەش كۈن بار ئىكەن. ئۇ ئىككى شېرىكى بىلەن تۆت دېھقاننىڭ قوتىنىدىن 21 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 19 قوينى ئوغرىلاپ تۇتۇلغانىكەن. كۆز ئالدىمدا يەنە تاراملاپ ياش تۆكۈۋاتقان، چىرايى سۇلغۇن ئانا. شۇ تاپتا ئۇنىڭ گۇناھكار ئوغلىمۇ قاماقخانىدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي ئازابلىنىۋاتقاندۇ-ھە! شۇلارنى ئويلىغاچ: «ئۇ ئايالغا ئوغلى تۈرمىدىن جازا مۇدىتتىنى ئۆتەپ چىققۇچە ئۆمۈر نېسىب بولار» دېدىم ئىچىمدە.

                                  
                                                                                                                        ـــــ  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

         كۆرۈلۈشى:2001     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-6-11 20:27:55يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش (..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(2..
ئەركەكلەر دىققەت! چە..
ۋەھىمىلىك كەچۈرمىش(1..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..
ئەجەل تونى (ھىكايە) ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682