پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى..

  • 2009-04-21

    گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى - [تارىخ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38276737.html

    مۇنارخىيىنىڭ قەلبى

    بۇنى ئاۋۇسترىيىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتسەك، ئەھۋال ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايمىز:
    قانۇنۇنلۇق ھۆكۈمەت، نېمىسلاردىن باشقا كۆپ سانلىقلار بىلەن بىرگە نېمىس ئۆچمەنلىك ئەقىدىسىگە، يەنى پارلامېنتنىڭ نېمىسلارغا ئۆچ ۋەكىللىرىگە، شۇنىڭدەك يەنە نېمىسلارغا قارشى تۇرىدىغان خاندانلىققا تايىناتتى. دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرى بۇ ئىككى ئامىل ئاساسىدا شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرىنىڭ تەغدىرىنى يوقۇرقىدەك ئامىللارغا تايىنىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بەكلا كۈلكىلىك بىر ئىش ئىدى. ئەمما بىزدىكى ‘قانۇنىي ئۇسۇل’ غا قىزىققۇچىلىرىمىزنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، بۇنىڭ مەنىسى نېمىسلار بارلىق نارازىلىقلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىدىكەن. چۇنكى، بۇنداق بىر تىركىشىش قانۇنغا خىلاپ كىلەرمىش. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا مۇنارخىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان نېمىس ئىرقى تېز ئارىدىلا يوقۇلۇش يولىغا قىستىلىشى مۇقەررەردۇر. ئەسلىدە ئاۋۇسترىيىلىك نېمىسلار پەقەت دۆلەتنىڭ ئاغدۇرۇلىشى نەتىجىسىدىلا بۇنداق قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتتىن ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىن ئىدى.
    شۆبھىسىزكى، كۆزئەينەكلىك نەزەرىيىچىلىرىمىز ئۆز نەزەرىيىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈشنى مىللىتى ئۈچۈن ئۆلۈشتىن چوڭ بىلىدۇ.
    يەنى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشىدۇ. شۇندىن كېيىن ھېلىقى كۆزئەينەكلىك نەزەرىيىچىلىرىمىز ئوتتۇرغا چىقىپ ئىنسانلار ئەنە شۇ قانۇنلار ئۈچۈن ياشايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ.
    ئاۋۇسترىيىدىكى كونا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، بۇ قۇرۇق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى نەزەرىيىچىلەرنىڭ ۋە باشقا دۆلەتنى بۇت ئورنىدا كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي ئىككىلەنمەي سىرىپ سۈپۈرۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلماقتا ئىدى.
    ھابسبۇرگ خاندانلىقى بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ نېمىسلارنى ئاخماق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان كۈنلىرىدە، پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسى ‘دەبدەبىلىك’ خاندانلىققا قىلچە ئىككىلەنمەي ھۇجۇم قىلالىغان ئىدى.
    ئەسلىدە، چىرىگەن بۇ دۆلەتنىڭ ئىچىنى تۇنجى قېتىم چوڭقۇر قېزىپ كۆرسىتىپ يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغانلار ئەنە شۇ پارتىيە ئىدى. شۇنداق قىلىپ، كۈچلۈك ۋەتەن سۆيۈش دېگەن بۇ ئۇقۇم نېمىسلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان خاندانلىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇلغان ئىدى.
    دەسلىۋىدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغانلار سەلدەك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىك پائالىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. مەن ۋىېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا خرىسيان سوتسيال پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ خېلى يوقۇرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ ئاساسى جەھەتتىن قىممىتىنى يوقۇتۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
    ئۇ ۋاقىتلاردا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن ئۇنىڭ يوقۇلۇشقا يۈز تۇتىشى، خرىستىيان سوتسيال پارتىيىسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنى تەكشۈرۈش ئىشى مېنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشىم بولۇپ قالغان ئىدى. ۋېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىگە چىن قەلبىمدىن بىرىلگەن ئىدىم.
    ئۇ كۈنلەردە ئاۋۇسترىيە پارلامېنت زالىدا “ياشىسۇن خوھەنزوللېرنلار!” دەپ شۇئار توۋلاشتىن، بۇنداق بىر شۇئار توۋلاشقا جاسارەت قىلالايدىغانلىقىمدىن خوشال بولۇپ چەكسىز ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئاۋۇسترىيىنى گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق بۆلۈنۈپ تۇرغان بىر پارچى دەپ قاراش، بۇنى پۇرسىتى كەلگەن ھامان ئىپادىلىيەلىشىم ماڭا ئىشەن، جاسارەت ۋە غەيرەت بېغىشلاپ تۇراتتى. گېرمانىزم ئۈستىدە گەپ بولىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە ساپ ۋە قىلچە شەرت قوشماستىن مۇئامىلە قىلىش، ئۇرۇقىمىزنى ئازات قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما دەسلىۋىدە ئىنتايىن ئىستىقباللىق بولۇپ كۆرۈنگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. ھەتتا خرىستىيان سوتسيال پارتىيىمۇ دەل شۇ پەيتلەردە مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدىم. بۇ پارتىيىنىڭ تەسىرى شۇ كۈنلەردە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ئىدى.
    بۇ ئىككى ھەرىكەتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، تەلىيىم بىلەن پەرىشان ھالىتىم بۇ ئىشنى يېشىشىم ئۈچۈن ماڭا ئەڭ ياخشى ساۋاق بەرگەن ئىدى.
    ئاۋال بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىرى بىلەن پارتىيە قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئىككى كىشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئىشنى باشلىدىم. بۇ ئىككى كىشى گېئورگ فون شۆنېرېر بىلەن دوكتور كارل ليۇگېر ئىدى.
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا پارلامېنت مۇھىتىدىكى مەسئۇل كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئىكەن.
    دەسلىۋىدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغانلار سەلدەك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىك پائالىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. مەن ۋىېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا خرىسيان سوتسيال پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ خېلى يوقۇرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ ئاساسى جەھەتتىن قىممىتىنى يوقۇتۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
    ئۇ ۋاقىتلاردا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن ئۇنىڭ يوقۇلۇشقا يۈز تۇتىشى، خرىستىيان سوتسيال پارتىيىسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنى تەكشۈرۈش ئىشى مېنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشىم بولۇپ قالغان ئىدى. ۋېناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىگە چىن قەلبىمدىن بىرىلگەن ئىدىم.
    ئۇ كۈنلەردە ئاۋۇسترىيە پارلامېنت زالىدا “ياشىسۇن خوھەنزوللېرنلار!” دەپ شۇئار توۋلاشلىرى، بۇنداق بىر شۇئار توۋلاشقا جاسارەت قىلالىغانلىقىدىن خوشال بولۇپ چەكسىز ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئاۋۇسترىيىنى گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق بۆلۈنۈپ تۇرغان بىر پارچى دەپ قاراشلىرى، بۇنى پۇرسىتى كەلگەن ھامان ئېلان قىلىشقا تەييار تۇرالايدىغانلىقى ماڭا خوشاللىق، ئىشەن، جاسارەت ۋە غەيرەت بېغىشلاپ تۇراتتى. گېرمانىزم ئۈستىدە گەپ بولىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە ساپ ۋە قىلچە شەرت قوشماستىن مۇئامىلە قىلىش، ئۇرۇقىمىزنى ئازات قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما دەسلىۋىدە ئىنتايىن ئىستىقباللىق بولۇپ كۆرۈنگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالغانلىقىنى زادىلا ئۇقالمىغان ئىدىم. ھەتتا خرىستىيان سوتسيال پارتىيىمۇ دەل شۇ پەيتلەردە مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدىم. بۇ پارتىيىنىڭ ئابرويى بىلەن جەمىيەتتىكى تەسىرى شۇ كۈنلەردە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ئىدى.
    بۇ ئىككى ھەرىكەتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، تەغدىرىم بىلەن ۋەيرانە ھالىتىم بۇ ئىشنى يېشىشىم ئۈچۈن ماڭا ئەڭ ياخشى يول كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.
    ئاۋال بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىرى بىلەن پارتىيە قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئىككى كىشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىدىم. بۇ ئىككى كىشى گېئورگ فون شۆنېرېر بىلەن دوكتور كارل ليۇگېر ئىدى.
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا پارلامېنت مۇھىتىدىكى مەسئۇل كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ يوقۇرى ئورۇنغا ئېرىشكەن كىشىلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى سىياسىي مۇھىتنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرىدىن پەقەتلا بۇلغانماي ساپ قالالىغان كىشىلەر ئىدى. مەن دەسلىۋىدە پان گېرمانىزمچى شۆنېرېرگە بەكلا قىزىققان ئىدىم. ئەمما كېيىنچە خرىستىيان سوتسيال پارتىيىنىڭ داھىسىغا قىزىقىشقا باشلىدىم. بۇ ئىككى لىدېرنىڭ قىزىقىشلىرى بىلەن قابىلىيەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۆنېرېرنىڭ پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلىق بىرسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. بۇ كىشى، ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ چوقۇم يوقىلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەمدىن ئېنىق مۆلچەرلىيەلىگەن ئىدى. ئەگەر، رېيچ ھۆكۈمىتى شۆنېرېرنىڭ ھابسبۇرگ خاندانلىقى مەسىلىسىدە ئوتتۇرغا قويغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا بالدۇرىراق قۇلاق سالغان بولسا ئىدى، گېرمانىيىنى ياۋرۇپا بىلەن دۈشمەن ھالغا كەلتۈرگەن دۇنيا ئۇرۇشى پالاكىتى ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان بولار ئىدى.
    ئەپسۇسكى، شۆنېرېر مەسىلىلەرنى شۇنچە چوڭقۇر تەھلىل قىلالىغىنى بىلەن، كىشىلەرگە توغرا باھا بېرەلمىگەن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېر، بۇ جەھەتتە شۆنېرېردىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى.
    دوكتور ليۇگېرنىڭ ئادەم مىجەزى ھەققىدىكى چوڭقۇر بىلىمى ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك كۈچلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن ئىدى. ئۇ، بۇ تۈردىكى بىلىملىرىگە ئاساسەن ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا سەل قارشتىنمۇ خالى بولالىغان ئىدى. ھەتتا بۇ تۈردىكى بىلىملىرى ئۇنىڭغا مەۋجۇت ئورگانلاردىن ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىر ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىش چۈشەنچىسىنىمۇ بەرگەن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېر، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ بۇرجۇئازىيىنىڭ سىياسىي كۈرەش كۈچىنىڭ ئۇنچە بەك قىممىتى يوقلىقىنى، بۇ كۈچ داغ-دۇغىلىق بىرەر ھەرىكەتنى نەتىجىلىك قانات يايدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن ئالغاندا خەۋىپ ئاستىدا قالغان سىنىپلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق يول تۇتىشى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇش ئورنىغا كۈچەيتىپ بەرمەكتە ئىدى. مەۋجۇت كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە بار بولغان چوڭ-چوڭ مۇئەسسەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەتىراپىغا مەركەزلەشتۈرۈشكىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ ئارقىلىق كونا كۈچ مەنبەلىرىدىنمۇ باشلىغان ھەرىكىتىدە ئۆنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشقان ئىدى. قۇرغان پارتىيىسىگە ئاساسى كۈچ قىلىش ئۈچۈن ھاياتى خەتەر ئاستىدا قالغان ئورتا سىنىپنى تاللاپ ئېلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان، كۈرەش ئۈچۈن جەڭگىۋار، ساپ تەرەپتار قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن كاتولىك چىركاۋلىرىنىڭ پوپلىرىنىمۇ ئۆز يېنىغا ئېلىۋالىدۇ. بۇ جەھەتتە شۇنچىلىك ئۇتۇق قازاندىكى، دىنىي ساھەدىكىلەر بۇرۇنقى پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ بۇ پارتىيە بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتتى.
    بۇ دېگەنلىرىمگە قاراپ دوكتور ليۇگېرنىڭ قابىلىيىتىنى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ دەپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى ئارىسىدا يەنە كامىل تاكتىكچى ۋە جاسارەتلىك ئىسلاھاتچى قابىلىيىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. تەبىئىكى، بۇ جەھەتلەردە ئۇنىڭ بەزى يىتەرسىز تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىغىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
    ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان بۇ كىشىنىڭ غايىلىرىمۇ ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىدى. ئۇ، ۋىېنانى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان ئىدى. چۇنكى، ۋىېنا شەھىرى خاندانلىقنىڭ قەلبى ئىدى. ھارغىن ئىمپىرىيىنىڭ كېسەل كۆرپىسىگە ئايلانغان كىلەڭسىز ۋۇجۇدىدىكى زەئىپلىشىپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ تىترەپ سوقىشىنى ۋىېنادا غۇۋا ھېس قىلىشقا بولاتتى. ئەگەر بۇ قەلپنىڭ سوقۇشى كۈچەيتىلسە، ھارغىن ئىمپىرىيىنىڭ گەۋدىسىنىمۇ قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىمكانى بولىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق قاراش پىرىنسىپ جەھەتتى خاتا قاراش ھېساپلانمىسىمۇ، بۇنداق تىرىك تۇتۇپ تۇرۇش ئۇزۇن داۋام قىلالىشى ناتايىن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېرنىڭ ئاجىزلىقى مانا بۇ نوقتىدا كۆرۈلمەكتە ئىدى.
    شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ۋىېنا شەھەر باشلىقى بولغان ۋاقىتلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئۆلمەس ئەسەر دەپ قاراش مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بەكلا كېچىكىپ باشلانغان تىرىشچانلىق بولغاچقا، خاندانلىقنى قۇتقۇزۇشقا يەتمەي قالىدۇ.
    ليۇگېرنىڭ رەقىبى بولغان شۆنېرېر بولسا، خاندانلىقنى ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىشقا بولمايدىغان بۇنداق بىر ئاقىۋەتنى ئالدىن كۆرۈپ يىتەلىگەن ئىدى.
    دوكتور ليۇگېر بولسا ئۆز پىلانىنى شۇنچىلىك ئۇتۇغلۇق ئىجرا قىلالىغىنى بىلەن، ئىمپىرىيىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ.
    شۆنېرېرمۇ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەي، مولچەرلىگەن پالاكەت بەكلا قورقۇنۇشلۇق شەكىلدە يۈز بېرىدۇ. يەنى، دوكتور ليۇگېر ئاۋۇسترىيىنى قۇتۇقۇزۇپ قالالمىغان ئىدى. شۆنېرېرمۇ نېمىس خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.
    بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى سەۋەپلەرنى تەتقىق قىلىش ئىشى بۈگۈن ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇ دەۋىردىكى ۋەزىيەت بىلەن بۈگۈنكى ۋەزىيەت نۇرغۇن تەرەپلەردىن بىر-بىرسىگە ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا ھەرىكەتلەرنىڭ بىرسىنى مەغلوبىيەتكە سۆرەپ ماڭغان، يەنە بىرسىنى نەتىجىسىز قالدۇرغان سەۋەپلەرنى بۈگۈن يەنە قايتا تەكرارلىماسلىقىمىز ئۈچۈن چوقۇم ياردىمى تىگىدۇ.
    ئاۋۇسترىيىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
    بىرىنچىسى، يېڭى قۇرۇلغان ئىنقىلاۋى پارتىيىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تاللىۋالغان ئىدىيىسى بىلەن تۇتقان يولى خاتا ئىدى. شۆنېرېر بىلەن ئۇنىڭ سەبداشلىرى يىگانە نېمىس بۇرجۇئازىيە سىنىپىغىلا خىتاپ قىلىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى. بۇنداق ئاقنانچىلارغا تايانغاندا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نەتىجىمۇ ئاران شۇنچىلىك بولاتتى.
    نېمىس بۇرجۇئازىيىسى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يوقۇرى تەبىقىسىدىكىلەر دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ئۆز نەپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ جىم بولىۋېلىپ بەكلا تېنچلىقپەرۋەر قىياپەتكە كىرىۋېلىشىدۇ. ۋەزىيەت ياخشى ۋاقىتلاردا، يەنى بۈگۈنكىدەك ۋاقىتلاردا مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان دۆلەتمۇ ئۇلارنى تولا ئەتىۋارلاپ بەكلا مەنمەنچى ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت ئاجىزلىشىپ كەتكىدەك بولسا ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىجەزى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنى ئوتۇغلۇق قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق پائالىيەتلەردە بۇرجۇئازىيىگىلا تايىنىۋالماي، ئاساسلىغى كەڭ خەلق ئاممىسىنى قوزغۇتۇش ئۈچۈن كۆپىرەك كۈچ سەرىپ قىلىشىغا توغرا كېلەتتى. ئۇلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، تۇنجى زەربىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەغلوپ بولدى.
    بۇ يېڭى پارتىيە، يوقۇرىقىدەك تۈپكى پىرىنسىپقا ھەرىكەتنىڭ بېشىدىن تارتىپلا سەل قاراپ ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر خاتاغا يول قويغان ئىدى. پارتىيىگە قوبۇل قىلىنغان نۇرغۇنلىغا ھاللىق بۇرجۇئا ئۇنسۇرلىرى تەدرىجى شەكىلدە پارتىيىنىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان مەۋقەسىگە كېلىۋېلىپ، بۇ پارتىيىنى خەلق ئاممىسىغا تايىنىش پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتى بىرقىسىم قۇرۇق داۋراڭلار، قىلچە رولى يوق تەنقىتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ كەسكىن ھەرىكەت كۈچىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ھەرىكەتنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئېتىقات كۈچى بىلەن پىداكارلىق روھىدىن تەدرىجى ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇددى بۈگۈنمۇ كۆرۈلىۋاتقىنىدەك سۇلھىچىلىق، كىلىشتۈرمىچىلىك، قارشى تەرىپىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىق يولىنى تۇتۇشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئاقىۋەت ئۆلۈك تۇغۇلغان بۇۋاقتەك جىمىپ كېتىدۇ.
    خەلق ئاممىسىغا تايىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىغان پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئەنە شۇنداق مەغلوبىيەتلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا بۇرجۇئازىيىمۇ غادىيىۋېلىپ يۇۋاش مۇتەئەسسىپ قىياپىتىنى ئاشكارىلىشىدۇ.
    مانا بۇ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ مەغلوپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى سەۋەپكە ئايلىنىدۇ.
    ئاۋۇستىرىيە نېمىسلىرىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنى پان گېرمانىزم ھەركىتى باشلانغان كۈنلەردىلا ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، دۆلەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەكتە ئىدى. ئۇ كۈنلەردىكى پارلامېنتمۇ نېمىس تەسىرىنى يوقۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋاستىسى ھالىغا كېلىپ بولغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىدىن بىر يولى پارلامېنت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
    بۇنىڭ نەتىجىسىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئۈچۈن پارلامېنتقا تاقابىل تۇرۇشتا قايسى يولنى تاللاش مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرسى بولۇپ قالغان ئىدى:
    پارلامېنتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن پارلامېنتقا كىرىپ تۇرۇپ بەلگىلىك قائىدىلەر بويىچە پائالىيەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى بۇ ئورگاننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى يېڭىپ چىقىش يولىنى تاللىۋېلىش كېرەكمۇ؟
    ئەمما ئۇلار پارلامېنتنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى يېڭىلىپ قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.
    ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ پارلامېنتقا كىرىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
    بۇنداق بىر كۈچكە قارشى سىرتتا تۇرۇپ كۈرەش قىلالىشى ئۈچۈن ھارماس كۈچ-قۇۋۋەتكە، چەكسىز پىداكارلىق روھىغا ئىگە بولىشى شەرت ئىدى.
    يەنى، خۇددى ئۆكۈز سوقاشتۇرۇش ئويۇنىدىكىگە ئوخشاش سىرتتا تۇرۇپ پارلامېنت بىلەن تۇتۇشقاندا مۆڭگۈزىنى تۇتقۇزۇپ قويۇش، ئۈستى-ئۈستىلەپ تاياق يېيىش، كەينى-كەينىدى يېقىلىپ چۈشۈشلەردىن ساقلىنىش تەس. ھەتتا قايتىدىن يېقىلغان يېرىدىن تۇرغىچە قول-پۇتلىرى سۇنۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما باتۇر بىرسى ئەڭ مۈشكۈل چېلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىنى ئىسپاتلىيالىشى مۇمكىن. شۇنچە جاپالىق بىر كۈرەشتىن غالىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە، زور پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال.
    ئەمما بۇنداق مۇشەققەتلىك بىر كۈرەش ئۈچۈن خەلقىنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ پىداكار ئوغلانلىرىنى يېنىغا ئالغان بولىشى لازىم. پەقەت ئەنە شۇ قەھرىمانلارلا بۇنداق قانلىق جەڭلەردە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت كۆرسىتىپ ئاخىرقى غەلىبىگىچە جەڭ قىلىش جاسارىتىگە ئىگە.
    پان گېرمانىزم ھەرىكىتى سېپىدە دەل شۇنداق قەھرىمان پىداكارلار يوق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار پارلامېنت ئىچىدە پائالىيەت قىلىش يولىنى تاللىۋېلىشقا مەجبۇر ئىدى.
    پان گېرمانىزمچىلار بۇنداق بىر قارارنى ئېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپ باققانلىقى ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرگەنلىكى ناتايىن. ياق، ئۇلار بۇنداق قارار ئېلىش جەريانىدا قىلچە ئەنسىرەپ باقمىدى، باشقا يول ئاختۇرۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمىدى. بۇنىڭدىن باشقا يولنىڭ بار-يوقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپمۇ كۆرمىدى. ئۇلارنىڭ قىلچە قىممىتى يوق پارلامېنتقا كىرىپ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاللىمۇ قاچان ۋەيران بولغان بۇ ئورگاننىڭ كۈچىگە، ئۇنىڭ خەلققە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ پارلامېنتقا كىرىش قارارىنى ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان تۈپكى خاتالىقى ئىدى.
    ئۇلار پارلامېنت سەھنىسىدىن پۈتۈن خەلققە خىتاپ قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلالايمىز دەپ قارىغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى سىرتتىن قارشى چىققانغا قارىغاندا پارلامېنت ئىچىدە تۇرۇپ تېخىمۇ ئاسان تۈزىتىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پارلامېنت ئەزالىرىغا قەتئى چېقىلىشقا بولمايدۇ دېگەن قالقانغا تايىنىپ ھەر بىر يىتەكچىنى تېخىمۇ چوڭ كۈچكە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىغا، پائالىيەتلىرىنىمۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى.
    ئەمما ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ كۈتكىنىگە تۈپتىن ئوخشىماي قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پارلامېتتا سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ كۈچى بۇرۇنقىدىمۇ تۆۋەنلەپ، تەسىرى بۇرۇنقىدىنمۇ ئازىيىپ كەتكەن ئىدى. چۇنكى ئۇلار نۇتقىنى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلاش ئىمكانى بار ياكى ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى گېزىت خەۋەرلىرىدىن بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرگىلا ئۇقتۇرالىشى مۇمكىن ئىدى.
    ئەسلىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغۇچىسى بار سورۇن قۇرۇلتاي زالى ئەمەس، بەلكى كاتتا مىتىنگ مەيدانلىرىدىكى خەلق ئاممىسى بولىشى كېرەك. ناتىقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولغان مىڭلىغان خەلق ئاممىسى پەقەت ئەنە شۇنداق كاتتا مىتنگ مەيدانلىرىدىلا ناتىق بىلەن ئۇچۇرىشالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىنچە قۇرۇلتاي زالىدا ئاران نەچچە يۈز ئادەم بار بولۇپ، بۇ نەچچە يۈز ئادەم پارلامېنت زالىدا خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ياكى قانداقتۇ ئۆتكۈر بىلىملىك كىشىلەردىن ئەقىل ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزىۋېلىش نىيىتىدە ئولتۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زالغا يىغىلىۋالغان كىشىلەر ھەر دائىم ئوخشاش كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بولغاچقا، ئۇ سورۇندا ھېچقانداق يېڭى نەرسىنىمۇ ئۆگۈنەلمەيدۇ. چۇنكى، ئۇنداق يېڭىلىقلارنى ئۆگەنمەكچى بولغان كىشىدە ئەقىلنى ئىشلىتەلىگىدەك مېڭىسىنىڭ بار-يوقلىقىنى قويۇپ تۇرايلى، ئۇ كىشىدە ئەڭ بولمىغاندا يېڭىلىق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئىچىدىن ئارزۇسى، بۇنىڭ ئۈچۈن غەيرىتى بولىشى كېرەك.
    بۇ ۋەكىللەرنىڭ ھېچقايسىسى، كېيىن ئۆزلىرىگە ئىش چىقىرىپ بېرىدىغان يېڭى بىرەر پىلاننىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ياق، ياق، ئۇلار بۇنداق بىر باش ئاغرىقىغا ھەرگىز يېقىن يولايدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. بۇنداق يېڭى باش ئاغرىقىدىن قورقمايدىغانلار، بەلكى يەنە بىر قېتىملىق سايلامدا قايتا سايلىنىش تاماسىدا بولىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلىشى ئېھتىمال. بۇنداق كىشىلەر يەنە بىر سايلامدا ئۆزلىرى ئەزا بولغان پارتىيىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى سەۋىبىدىن چوقۇم چەتتە قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېڭى نەتىجىلەر قازىنىپ كۆزگە كۆرىنىۋېلىش ئارقىلىق كېيىنكى قۇرۇلتايدا يېڭىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان باشقا بىر پارتىيىگە يۆتكۈلۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەر ئارىسىدىنلا چىقىشى مۇمكىن. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، بۇنداق پارتىيە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشقا تىگىشلىك كىشىلەر بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇنداق پارتىيە ئالماشتۇرۇشنى ئۆزلىرىچە ئىنتايىن يوللۇق باھانىلارنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاخلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇنداق قىلىپ، كېيىنكى قېتىمقىسىدا قەتئىي مەغلوپ بولىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان پارتىيىدىن كېيىنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى ئېھتىمال بولغان پارتىيىگە سەلدەك ئالمىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى پارتىيىسىدىن يۈز ئۆرۈش دولقۇنى بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ.
    ئەنە شۇنداق پارلامېنت تەييارتاپلىرىدىن تەشكىل قىلغان بىر قۇرۇلتاي زالىدا نۇتۇق سۆزلەيمەن دېيىش، خۇددى ھايۋانلارغا ئۈنچە-مارجان چاچقۇ قىلغاندەكلا بىر ئىش. يەنى، بۇنداق تەييارتاپلارغا بىر نېمە ئۇقتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇش، ھەقىقەتەنمۇ قىلچە پايدىسى بولمايدىغان قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ئىدى.
    نەتىجىدە، پان گېرمانىزمچىلار بۇ پارلامېنت زالدا تۇلا سۆزلەپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمىدى.
    بۇ جەرياندا ھەرقايسى گېزىتلار پان گېرمانىزمچىلارنىڭ بۇ تۈردىكى نوتۇقلىرىنى بىر بولسا ئۆلۈكتەك جىم بولىۋېلىپ ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشتى، ياكى بولمىسا پارچە-پارچە ئۈزۈندىلەرگە پارچىلاپ ھېچنىمىنى ئۇققىلى بولمايدىغان قىلىپ ئېلان قىلىشىدۇ. ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نۇتۇقلارنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا مەنىسىز گەپكە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر ئاممىسى پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ غايىلىرىدىن بەكلا ئاز خەۋەردار بولالايدۇ ياكى خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدۇ. ئەسلىدە بۇ يېڭى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قايسى بىرسىنىڭ نۇتۇق سۆزلىگىنىنىڭ بەك ئەھمىيىتى يوق. ئەھمىيەتلىك بولغىنى سۆزلەنگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىشلىك يەتكۈزىلىشى ئىدى. ئەمما بۇ نۇتۇقلارنىڭ پارچىلىرىنىمۇ بىر نېمە ئۇققىلى بولمايدىغان قىلىپ ئېلان قىلىشىدۇ-دە، شۇ ئارقىلىق گېزىتلارمۇ ئۆز مەقسىتىگە يېتىۋالىدۇ.
    ئەسلىدىنلا پارلامېنتتا سۆزلىنىدىغان بۇ نۇتۇقلارنىڭ ئوبىكتىپلىرى ئارانلا شۇ پارلامېنتتىكى بەش يۈز ۋەكىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئۇقتۇرۇش ئىمكانى يوق ئىدى.
    ئۇلارنىڭ تۈپكى خاتالىقى بۇلا ئەمەس ئىدى. پان گېرمانزىم ھەرىكىتى ئاۋال يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇپ چىقىشنى پىلان قىلماي، بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا يېڭى بىر ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا، بۇ يېڭى ئىدىيىگە قەتئىي ئەمەل قىلغان ئاساستا ھەرىكەت قىلغىنىدىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىشى لازىم ئىدى. چۇنكى بۇنداق زور بىر ھەرىكەتنى ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتە ئەنە شۇنداق بىر غايىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىدى. بۇنداق بىر ھەرىكەتكە ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ غەيرەتلىك كىشىلەرنى مەسئۇل قىلىش ئىشىمۇ شۇ چاغدىلا ئىشقا ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن بولاتتى.
    ئەگەر بىرەر ئىدىيىۋىي غايە ئۈچۈن قانات يايدۇرىلىدىغان كۈرەشنى قەھرىمانلار تېزگىنلەپ يىتەكلىمىگىنىدە ئۇزۇنغا قالماي جېنىنى تىكىپ ھەرىكات قىلالايدىغان جەڭچىلىرىمۇ قالمايدۇ. شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلار ئارىسىدىن ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغانلار بەكلا ئاز چىقىدۇ.
    بۇنداق زۆرۈرىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە كىشى شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى،  يېڭى بىر ھەرىكەت ھازىر ئۈچۈن ئەمەس پەقەت كەلگۈسى ئۈچۈن شۆھرەت يارىتالايدۇ. شۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ئەگەر ئىنتايىن ئاسان ئەمەل ۋە ئىستىقبال يارىتالايدۇ دەپ ۋەدە بەرسە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەتىراپى شۇنچە كۆپ ئاچ كۆز ئادەملەر تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىدۇ. ئاخىرى شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، بۇ تۈردىكى پۇرسەتپەرەس سىياسەتچىلەر ھەرىكەتنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىپ بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ھەرىكەتنىڭ قوزغۇلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان جەڭچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ بۈگۈنكى قىياپىتىنى كۆرۈپ بۇ پارتىيە بىز ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇپ چىققان پارتىيە شۇمۇ-ئەمەس، دەپ گۇمان قىلغىدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. يەنى بۇ پارتىيىنى قۇرغۇچىلار يېڭى مەنپەتپەرەس سىياسەتچىلەرنى پەقەتلا خالىمايدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن ۋاقتى، بۇ پارتىيىنىڭمۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ۋاقتى كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    ____________________
    پان گېرمانىزىم ھەرىكىتى ئۆز پائالىيىتىنى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنلا چەكلەپ قويغىنىدا، بۇ پارتىيىنىڭ بۇرۇنقى يىتەكچىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئورنىنى پارلامېنت دىپۇتاتلىرى تارتىپ ئالغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى پارتىيىمۇ قالغان پارتىيىلەردىن قىلچە پەرقى يوق پۇرسەتچى سىياسىي پارتىيىگە ئايلىنىپ قېلىپ، قارشى تۇرىۋاتقان دۈشمىنىگە قارشى چىققىدەك خەلق كۈچىنى ھەرگىز تاپالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بۇ يېڭى پارتىيىمۇ پارلامېنت ئىچىدە نۇتۇق سۆزلەشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان، پۇرسەت تاپالىسا كېلىشتۈرمىچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىر پارتىيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ۋەكىللىرىمۇ باش ئاغرىغى تېپىپ بەرمەيدىغان ئۇسۇللارغا قىزىقىشقا باشلاپ، يېڭى كۆزقاراشلىرىنى قۇرۇلتايدىكىلەرگە قايىل قىلدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇش ئورنىغا نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تېخىمۇ توغرا يول تۇتقانلىق دەپ قارايدىغان بولىۋالىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ دېپۇتات كەلگۈسى نامەلۇم بولغان، ھەر نېمە دېگەن بىلەن بىرەر پايدىسى بولمايدىغان بىر ئەقىدە ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگەندىن كېلىشتۈرمىچىلىك يولىنى تۇتۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بىر دېپۇتاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بۇ پارتىيە پارلامېنتقا كىرىپ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىۋالغىنىدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئەگەشكۈچىلەر نەتىجىسى يوق، ھەتتا ھېچقاچان نەتىجىسى كۆرۈلمەيدىغان بىرەر مۇجىزە ئوتتۇرغا چىقىپ قالارمۇ دېگەن ئۈمىت بىلەن بىھۇدە كۈتۈشكە باشلايدۇ. ئاقىۋەت داۋاملىق كۈتكىدەك سەۋرىمۇ قالمايدۇ. چۇنكى مىنىستىرلارنىڭ دېگەنلىرى بىلەن سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇ قىلغانلىرى پەقەتلا بىر يەردىن چىقماي قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ سەۋىبى بەكلا ئاددى ئىدى: گېزىتلار تەرەپپازلىق قىلىشقا باشلاپ پان گېرمانىزمچى مىنىستىرلارنىڭ ئىشلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەكتە ئىدى. بۇ جەرياندا يېڭى مىنىستىرلار پارلامېنتتا ھەمدە ۋىلايەتلىك قۇرۇلتايلاردا “ئىنقىلاۋىي” كۈرەشلەرنىڭ سىلىقلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلىرىغا بارغانسىرى كۆنۈپ قېلىپ، كۈندىن كۈنگە ھۇرۇنلىشىپ بۇرۇنقىدەك خەلق خىزمىتىگە تېخىمۇ يېقىن تۇرالايدىغان ئامما ئىچىگە كىرىپ بىۋاستە تەشۋىق قىلىشتەك ئۇنداق ئاۋارىچىلىق ئىشلاردىن بارغانسىرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاممىدىن تەدرىجى ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى بولغان خەلق ئاممىسىغا بىۋاستە خىتاپ قىلىش ئۇسۇلىمۇ پان گېرمانىزمچىلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.
    خەلققە خىزمەت قىلىشنىڭ يېڭىچە سورۇنىغا ئايلانغان پىۋىخانىلارمۇ ئورنىنى پارلامېنت زالىغا بوشىتىپ بەرگىنىدىن كېيىن، پان گېرمانىزمچىلارنىڭ نۇتۇقلىرى خەلققە ئەمەس بەلكى ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىلسىز مىڭىلىرىگە خىتاپ قىلىشقا ئۆزگىرەيدۇ. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاممىۋىي ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ، پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسىمۇ خۇددى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىغا ئوخشاش نەزەرىيىۋىي تەتقىقات سورۇنلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بۇنىڭغا يەنە گېزىت تەشۋىقاتلىرىنىڭ بۇرمىلاپ مازاق قىلىپ تەشۋىق قىلىشلىرىمۇ قوشۇلۇپ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويى بارغانسىرى تۈكۈلۈشكە باشلىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىمۇ سىرتقا چىقىپ گېزىتلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بېرىش پائالىيەتلىرىگىمۇ قەتئىي ئەھمىيەت بېرىشمىدى. ئاخىرىدا، بۇ ئېقىم خەلق ئارىسىدا ئىناۋىتىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىدۇ. ئەمما مىڭىسى سىيا بىلەن بويىلىپ كەتكەن بۈگۈنكى پۇرسەتپەرەس يازغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق چوڭ ئىنقىلاپ-ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقايسى قەلەم كۈچىگە تايىنىپلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ياق، ئۇنداق ئىش يوق! يازغۇچىلارغا پەقەت بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ نەزەرىيىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىلا يۈكلىنەتتى.
    سىياسىي ياكى دىنىي ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن بارلىق زور تارىخىي دولقۇنلارنى پەيدا قىلغان كۈچ، ھەتتا بىزگە بىلىنمىگەن دەۋرلەردىن تارتىپلا ھەر دائىم كۈچلۈك ناتىقلارنىڭ سىھىرلىك كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ كەلمەكتە.
    ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ خەلق ئاممىسى ھەر دائىم ناتىقلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان خىتاپلىرىغا بويۇن ئېگىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك، كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىمۇ بىر ئەمەلىيەت. ئەمما بۇ خەلق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ روھى ھىسىياتلىرى، غەزەپ-نەپرىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ناتىقنىڭ ئېغىزچە خىتابى تەسىرىدە يانارتاغدەك پارتىلاپ چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنداق بىر داغ-دۇغىنى سارايلاردىكى قەلەم كۈچىگە تايىنىپ جان بېقىپ يۈرگەنلەرنىڭ قۇمۇش قەلەملىرىنى شېكەر شىرنىسىگە مىلاپ يازغان نەرسىلىرى ھەرگىزمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالىغان ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە مىللەتنىڭ تەغدىرىنى قىزغىن ھاياجان بورىنىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئەمما بۇنداق بىر ھاياجان دولقۇنىنى ئەنە شۇنداق ھاياجانغا ئىگە بولغان كىشىلا قوزغىيالىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك بۇنداق بىر ھاياجانغا ئىگە بىرسى ئۆز تۇيغۇلىرىنى خۇددى بىر بازغاندەك كۈچلۈك خىتاپلىرىغا تايىنىپلا خەلقنىڭ ھاياجىنىنى قوزغىتالىشى مۇمكىن. بۇنداق ھاياجان، جۇشقۇغا ئىگە بولمىغان، بۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان بىرسىنىمۇ تەڭرى بۇنداق بىر ئورۇنغا ھەرگىز يېقىن يولاتمايدۇ.
    ئۇنداقتا، بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن لايىھەسى، بىلىمى ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بار بىرەر يازغۇچى ئوتتۇرغا چىققىدەك قىلسا، بۇنداق بىرسى داھىلىق تاماسىنى قىلماي روشكىسىنى سىيا قۇتىسىغا تەككۈزۈپ بۇ ئىشنىڭ نەزىرىيىسىنى يېزىش بىلەنلا بەنت بولسۇن. چۇنكى ئۇنداق كىشىلەر داھىلىق ئورنىغا كېلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۆرەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلار بۇنداق شەرەپلىك ئورۇنغا تاللىنىش ھەققىگىمۇ ئىگە ئەمەس.
    شۇنداق بولغاچقا، بۈيۈك غايىلار بىلەن يولغا چىققان بىر ھەرىكەت خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەرگىزمۇ ئۈزۈپ قويماسلىقى، بۇ ھەرىكەتكە يىتەكچىلىلك قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە قۇرۇق گەپلەر بىلەن خەلقنى بۇ ھەرىكەتتىن سوۋۇتىدىغان ھەر قانداق سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ھەر قانداق بىر ھەرىكەت، مەيلى ئۇ ھەرقانچە ئۇلۇغ، ھەر قانچە ئەھمىيەتلىك بىر ھەرىكەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، خەلق كۈچىدىن ئايرىلىپلا قالىدىكەن، ھەرگىزمۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.  
    غايىگە بارىدىغان يولنى پەقەت ئەمەلىي ئەھۋال بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەگەر مېڭىشقا تىگىشلىك يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ يولدىن ئۆزىنى قانچىكى يىراق تۇتىمەن دەيدىكەن پان گېرمانىزىم غايىسىدىنمۇ شۇنچە يىراقلىشىشقا مەجبور بولىدۇ.
    پان گېرمانىزم ھەرىكەت پارتىيىسى ئۆز پائالىيىتىنى خەلقنىڭ كۈچى ئورنىغا پارلامېنت كۈچىدىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇلار بۇ جەرياندا بەزى ئۇششاق-چۈششەك نەتىجىلەرنى كۆزلەپ ئۆز ئىستىقبالىنى قۇربان قىلىۋېتىشتى.
    شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شىددەتلىك كۈرەش يولى ئورنىغا ئاسان يوللاردا مېڭىشنى تاللىۋالغانلىقى ئۈچۈن زەپەر قازىنىش لاياقىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدى.
    ۋىېنادىكى ۋاقىتلىرىمدا نېمىس مىللەتچىلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن تىنماي ئويلىناتتىم. ئاخىرىدا شۇنداق خۇلاسىغا كەلدىمكى،  پان گېرمانىزمچىلىقنىڭ تەغدىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ پارتىيىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىكى تۈپكى سەۋەپلەردىن بىرسى ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكى ئىدى.
    ئەسلىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنى مەغلونىيەتكە يىتەكلەپ ماڭغان ئىككى تۈرلۈك خاتالىق بىر-بىرسىدىن كۆپ پەرق قىلىپمۇ كەتمەيتتى. چوڭ-چوڭ ھەرىكەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچنى تونىيالمىغانلىقى ئۇلارنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىگە ئىزچىل سەل قارىشىنى، بۇ كۈچكە يېقىن يولىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. نەتىجىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۈش ئىستىگىنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۈۋەن تەبىقىلىرىنى ئۆزلىرىگە مايىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى يىتەرلىك بولمىدى ياكى بۇنداق ئويغىمۇ زادىلا كېلىپ باقمىدى. ئاقىۋەتتە پارلامېنتقا بەكىرەك كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى.
    ئەگەر ئۇلار ھەر بىر دەۋردىكى ئىنقىلاۋى ھەرىكەتلەردە خەلق ئاممىسىنىڭ سەل قاراپ كېلىنگەن بۇ كۈچ قۇدرىتىنى تونۇپ يىتەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئىجتىمائىي جەھەتلەردە بولغىنىدەك تەشۋىقات جەھەتلەردىمۇ باشقىچە تۈس ئالغان بولاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتنى ئەمەس بەلكى زاۋۇت-فابرىكىلارنى، كوچىلارنى ھەرىكەت سورۇنى قىلىپ تاللىۋالغان بولار ئىدى.
    كېيىنچە كۈزىتىشلىرىم ئارقىلىق مىللەتچىلەرنىڭ ئۈچۈنچى بىر خاتالىقنىمۇ سادىر قىلغانلىقىنى سەزدىم. بۇ خاتالىقمۇ ئوخشاشلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولاتتى. ئەقىللىق كىشىلەر بۇ ئىشقا قول سالغان ئىكەن، كۈچلۈك زەربە بېرەلەيدىغان كۈچ بىلەن تارىخ چاقىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان كۈچلەرنى بەلگىلىك بىر يۈلىنىشكە قاراپ يىتەكلەپ مېڭىشى شەرتتۇر.
    يەنى، بۇ پارتىيىنىڭ رىملىقلارغا (ۋاتىكانغا) قەتئىي قارشى چىقىشىغا مۇنۇلار سەۋەپ بولغان ئىدى:
    ھابسبۇرگ ئوردىسى ئاۋۇسترىيىنى سلاۋيان دۆلىتى ھالىغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلا-قىلماي بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىنى تولۇق ئىشقا سالغان ئىدى. يەنى بۇ ئەقىلسىز خاندانلىق قىلچە ئەنسىرىمەي بارلىق دىنىي مۇئەسسەلەرنى سلاۋىيان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشقا قويغان ئىدى.
    خان ئوردىسىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ئورگانلار بىلەن روھانىلاردىن بۇ ئىشتا پايدىلانغان بۇ ئىشى، ئۇلارنىڭ ئاۋۇسترىيىنى سلاۋىيانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نۇرغۇنلىغان قىلمىشلىرىدىن پەقەت بىرلا مىسال ئىدى. ئادەتتە ئۇلار چېخ روھانىلىرىنى ئاھالىسى پۈتۈنلەي نېمىس بولغان يەرلەرگە تەيىنلىشەتتى. بۇ روھانى پوپلار ئىشەنچىلىك قەدەملەر بىلەن چېخ خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم چىركاۋلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە دەسسىتىشكە تىرىشپ “نېمىسلىكتىن تازىلاش” ھەرىكىتىنى كۈشكۈرتىدىغان كىشىلەرگە ئايلانماقتا ئىدى.
    نېمىس روھانى تەبىقىسىدىكىلەر بۇنداق ئىشلارغا ئاساسەن قارشى چىقالمايتتى. ئۇلاردا نېمىسلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بۇنداق بىر ھەرىكەتكە قارشى نېمىسلار تەرىپىدە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلالىغىدەك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئىقتىدار ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا بۇ تۈردىكى ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇپ ئۆز مىللىتىنى ھىمايە قىلىش دەيدىغان بىر ئاڭمۇ يوق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا دىننىڭ ئاستىرىتىن سۈيىئىستىمال قىلىنىشىغا قارىتا قىلچە تەييارلىقى بولمىغان پان گېرمانىزمچىلار بۇ ئىشتىن توختىماستىن ئاساتا-ئاستا كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
    ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا ئەھۋال بۇنداق بولغىنى بىلەن، چوڭ-چوڭ ئىشلاردا تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇنداق ئەمەس ئىدى.
    ھابسبۇرگ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ نېمىسلارغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان پوزىتسىيىلىرىگە قارىتا نېمىس روھانىلار ھەيئىتىدىكىلەردىمۇ بىرەر نارازىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ نېمىس مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىشلىرى پۈتۈنلەي تاشلاپ قويۇلدى.
    ئادەتتىكى پائالىيەتلەرمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پەرق قىلمايتتى. كاتولىك روھانىي ھەيئىتى ئىگەللىۋالغان ئورۇنلاردىن پايدىلىنىپ نېمىسلارنى دەسسەپ ئېزىپ، ئۇلارغا ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا ئىدى.
    چىركاۋلارمۇ چىن كۆڭلىدىن نېمىس مىللىتى تەرىپىدە تۇرمايلا قالماي، ئېغىر ناھەقچىلىكلەرنى پەيدا قىلىپ نېمىس دۈشمەنلىرى ياردەملىشىپ يۈرمەكتە ئىدى. شوۋنېرېر، بۇ تۈردىكى دۈشمەنلىكلەرنىڭ سەۋەبى قىلىپ كاتولىك چىركاۋلىرىنىڭ باش ئورگىنى گېرمانىيىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن چىركاۋلار مىللىتىمىز مەنپەئەتلىرىگە قارىتا دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتماقتا دەپ ھېساپلايتتى.
    بۇرۇندىن بولۇپ كېلىۋاتقىنىدەك، ئۇ كۈنلەردىمۇ ئاۋۇسترىيىدە مەدەنىي ئىشلار ھەر دائىم سەل قارىلىپ كېلىنگەن ئىدى. پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ كاتولىك چىركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىشلار چىركاۋلارنىڭ بىلىم بىلەن سەنئەتكە قارشى پوزىتسىيىدە بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى نېمىس ھوقۇقىنى ھىمايە قىلالماسلىقى، شۇنىڭدەك يەنە سلاۋيانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىدى.
    ئەسلىدە گيورگ فون شوۋنېرېر چالا ئىش قىلىدىغان بىرسىمۇ ئەمەس ئىدى. چىركاۋلارغا قارشى پائالىيەتلەرگە كىرىشكەنلىكىدىكى سەۋەپ، بۇ كۈرەش ئاخىرى مىللىتىنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرۈش يولىغا يىتەكلەپ بارالايدىغان بىردىن بىر ھەرىكەت دەپ قارىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ رىمدىن ئايرىلايلى دېگەن شۇئار ئاستىدا قانات يايدۇرغان ھەرىكىتىمۇ دۈشمەننى ئىچىدىن يېڭىپ چىقىشتا ئەڭ كۈچلۈك تاكتىكا دەپ ھېساپلىغىنىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىدى. شوۋنېرېر، بۇ كۈرەشتە يېڭىپ چىقالىساق، گېرمانىيىدىكى دىنىي مەزھەپلەرگە پارچىلىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالالىغان، نېمىس مىللىتى بىلەن رېيچنى زور دەرىجىدە كۈچەيتەلىگەن بولىمىز دەپ قارىماقتا ئىدى.
    ئەممە بۇنداق بىر ھەرىكەتنى باشلاش ئويى بىلەن، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس ئىدى.
    شۆبھىسىزكى، نېمىس روھانى ھەيئىتىنىڭ نېمىسلىككە قارشى تۇرغانلارغا قارىتا تىركىشىش كۈچى، نېمىس بولمىغان كەسىپداشلىرى، بولۇپمۇ چېخ روھانىلىرىنىڭ نېمىسلىككە قارشى كۆرسەتكەن كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاجىز قالغان ئىدى.
    نېمىس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كۆزقاراشلىرى ھېچقاچان نېمىس روھانى ھەيئىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ھەتتا ساۋاتسىز بىرسىمۇ ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايتتى.
    ________________

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق