پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى.. |
-
2009-04-21
گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى - [تارىخ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38276405.html
ئۈچىنچى بۆلۈم
ۋىېنادىكى سىياسىي كۆز قاراشلىرىم
بۈگۈن مەن شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتالايمەنكى، پەۋقۇلئاددە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئادەم ئوتتۇز ياشقا بارماي تۇرۇپ سىياسىيون بولۇش يولىغا كىرمەسلىكى لازىم. ئادەم بۇ ياشقا كەلگىچە سىياسىي كۆز قاراشلىرى ئۈچۈن بەزى ئاساسلارغىلا ئېرىشەلەيدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىگە خاس مۇستەقىل سىياسىي كۆز قاراش تىكلەپ كىتەلىشى ناتايىن. شۇنداق بولغاچقا ئادەم بۇ ياشقا كەلگىچە بەلگىلىك بىر سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزەلەيدىغان، بۇ جەھەتتە مۇستەقىل خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. ئادەم بۇ تەييارلىق باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزى مۇستەقىل خۇلاسە چىقىرىش ئاساسلىرىغا ئىرىشىپ تەمتىرىمەي ھۆكۈم قىلالايدىغان مىجەزىنىمۇ يىتىلدۈرەلىشى مۇمكىن. كىشى ئەنە شۇ باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن سىياسىي سەھنىلەرگە ئۆزىنى ئاتىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن يىتەرلىك دەرىجىدە بىلىمى بولماي تۇرۇپ ئالدىراپلا سىياسيون بولۇش يولىغا ئاتلانسا، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بۇنداق كىشى ئۆزى ئىشىنىپ كېلىۋاتقان تۈپكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇر يولدا ئۆزگەرتىشكە ياكى ئىدىيىۋىي ئاساسلىرى خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلمىگەن بىرەر كۆزقاراشقا چىڭ ئېسىلىۋېلىشقا مەجبور بولىدۇ. ئەگەر رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ تۈپكى كۆزقاراشلىرىنى پات-پاتلا ئۆزگەرتىپ تۇرغىدەك بولسا، بۇنداق بىرسى ئۆزىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان تەرەپتارلىرىدىن ئاسانلا ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا قالماي، پۈتۈن سىياسىي پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى رىقابەتچىلىرى ئالدىدىمۇ نومۇسقا قېلىپ يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتىنى پالەش ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
خاتا قارىشىدا چىڭ تۇرىۋالىدىغان مىجەزى سەۋەپلىك سىياسىي پائالىيەتلەردە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ۋەقەلەر ئادەتتە ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدىغان ھادىسىلەردۇر. خاتا ئەقىدىنى ئىدىيىۋىي ئاساس قىلىپ تاللىۋالغان بىرسى كۆپۈنچە ھاللاردا ئۆز ئەقىدىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگىمۇ تولۇق ئىشەنچ قىلىپ كىتەلمەيدۇ. ئۆز ئەقىدىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلىپ كىتەلمەيدىغان بىر رەھبەر، قانات يايدۇرىۋاتقان ھەرىكىتىدىمۇ ھەردائىم ئەھمىيەتسىز، ئاقىۋىتى مەلۇم بولمىغان، قىممىتى يوق ئىشلارنى تاللاپ پائالىيەت قىلىشقا مەجبور بولىدۇ. بۇنداق بىرسىنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغانلارمۇ بۇ تۈردىكى خاتالىقلارنى دەرھال ھىس قىلىشىپ، ئۇنىڭ يولىدىن ئايرىلىشقا تىرىشىدۇ. چۇنكى ئادەم ئىشەنگەن نەرسىلىرىگىلا ئۆزىنى پىدا قىلالايدۇ. بۇ جەرياندا يىتەكچى بولغان كىشىمۇ ئۆزىگە ئەگەشكەن كىشىلىرىگە مەسئولىيەتسىزلىككە سەۋەپ بولىدىغان بەكلا تۆۋەن تەلەپلەرنى قويۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر يىتەكچى بولغان كىشىنىڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرى نەتىجىسىز بولۇپ چىققىنىدا، بۇنىڭ مەسئولىيىتىنى ئامال قىلىپ باشقا بىرسىلىرىگە ئارتىپ قوتۇلۇشقا تىرىشىدۇ. ھەتتا قىلغان ھەر بىر ئىشىنى توغرا قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، رەزىللىك ۋە پەسكەشلىك قىلىشتىنمۇ باش تارتماس ھالغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇنداق بىرسى ئۆزىنىڭ داھىلىق سالاھىيىتىنى يوقىتىپ ھىلىگەر بىر سىياسەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر بۇنداق بىرسىنى خەلق بىلمەستىن ۋەكىل قىلىپ سايلاپ ئالىي قۇرۇلتايغا كىرگۈزۈپ قويغان بولسا، ئۇ كىشى قۇرۇلتايغا كىرگەن كۈنىدىن باشلاپ قولىدىكى ‘سىھىرلىك قاينام چۆگۈن’ نى تارتتۇرۇپ قويارمەنمۇ دېگەندىن باشقا ھېچ نىمىنى ئويلىمايدىغان، ھەممە ئىشتا ئۆز شەخسى مەنپەتى ۋە بالا-چاقىسىنىڭ تۇرمۇش غېمىنىلا ئويلايدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تۇرمۇش غېمىنى دەپ قۇرۇلتايغا كىرگەن ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ كىشى دۈچ كېلىدىغان ھەر بىر ھەرىكەتتە، ئىشلىرى روناق تېپىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە سەۋەپچى بولىۋاتقان ئادەم دەپ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشنىڭلا پېيىدا بولۇپ يۈرىدۇ.
مەن شۇ ۋاقىتلاردا بۇ تۈردىكى پارلامېنت ‘ھەسەنشىرىكلىرى’ نى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىپ ئۇلارنى چوقۇم خەلقى ئالەم ئالدىدا سېسىتىۋىتىشكە تىرىشىمەن دەپ ئۆزەمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم. شۇڭا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھەققىدە كېيىنكى بابلاردا يەنە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن.
مەن بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، ئوتتۇز ياشقا قەدەم قويىۋاتقان بىرسى قالغان ئۆمۈرىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېھتىياجلىق بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ كېيىن ئۆگۈنۈشكە مەجبور بولغان بىلىملەر ئۇنىڭ شۇ يېشىغا كەلگىچە تىكلىۋالغان كۆزقاراشلىرى ئۈچۈن تولۇقلىغۇچى، مۇستەھكەملىگۈچى بولۇشتەك قوشۇمچە رول ئويناش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يەنى، ئادەم ئوتتۇز ياشتىن كېيىن ئۆگىنىدىغان بىلىملىرى ئۇنىڭ بۇرۇن تىكلىۋالغان تۈپكى پىرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ياكى بۇرۇن تىكلىگەن كۆزقاراشلىرىنى ھەرگىز يىتىزىدىن قۇمۇرىۋىتەلمەيدۇ. بۇنداق يېتىشكەن بىرسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرمۇ داھىسىنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇتامى يوق كۆزقاراشلىرى ئىچىدە تىڭىرقاپ ياكى مىڭىسىنى بۇلغاپ يۈرۈشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئەگەر بىرەر داھىنىڭ تۈپكى چۈشەنچىلىرى باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا يېڭى بىلىملەر بىلەن كۈنسايىن تولۇقلىنىپ مۇكەممەللىشىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئۆز داھىسىغا قەتئى ئىشەنچ بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ كېيىن تولۇقلاپ بارغان بىلىملىرى ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە داھىسىنىڭ پىكىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پاكىت بولۇش رولىنىمۇ ئوينىيالايدۇ.
ئەگەر بىرەر يىتەكچى، ئۆز كۆزقارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ ئۇ ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى بۇ خاتا ئەقىدىسىنى تۈزىتىشكە مەجبور بولغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن، ئۇ رەھبەر قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي سىياسىي پائالىيەتلەردىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى بوشىتىپ دەرھال چەتكە چىقىشى لازىم. چۇنكى، ئىنتايىن مۇھىم بولغان پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بىرەر قېتىم خاتالاشقان بىرسىنىڭ كەلگۈسىدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىش ئېھتىمالىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. بۇنداق بىر كىشى خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ خەلقتىن داۋاملىق داھىي بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھەققى يوق.
بۈگۈنكى كۈندە خاتالىقىنى تونۇپ ئورۇن بوشىتىشقا جاسارەت قىلالايدىغان كىشىلەرنى بەكلا ئاز ئۇچرىتىمىز. بۇ ئەھۋال، ئۆزلىرىنى سىياسىي سەھنىدە ئولتۇرۇشقا تولۇق ھەققىم بار دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نەقەدەر پەسكەش بىرنېمىلەر ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئويلاپ كۆرەيلى، ئەنە شۇنداق پەسكەشلەر ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك بىرەرسى يېتىلىپ چىقالارمۇ؟ ئەپسۇسكى ئۇنداق كىشىلەردىن رەھبەرلىك ئورنىغا سايلىنىدىغانلارنىڭ سانى يەنىلا بەك كۆپ.
مەنمۇ سىياسىي ئىشلارغا ئۆزەمنى ئاتاپ كەلگەن بىرسى بولغىنىمغا قارىماي سىياسەتكە بەك چوڭقۇرلاپ كىرىپ ئۆزەمنى كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشاتتىم. مەن پەقەت سىياسىي مەسىلىلەردە مېنى ئالاھىدە قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرگىلا سۆزلەپ يۈرمەكتە ئىدىم. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنى قانداق قىلىپ قايىل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇلغانغان ئەمما ساددا قەلبلىرىگە قانداق قىلىپ تەسىر كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرگە قانداق خىتاپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئۈگىنىشكە تىرىشاتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەر تۈرلۈك ماتېرىياللارنى ئۆگىنىپ سىياسىي سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىدىم.
بۇنداق بىر ئۆگىنىش ئۈچۈن پۈتكۈل گېرمان مۇھىتى ئىچىدە ۋىيېنادىنمۇ مۇۋاپىق باشقا بىر يەرنى تاپقىلى بولمايتتى.
_____________________历史上的今天:
گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى 2009-04-21گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى 2009-04-21گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى 2009-04-21گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى 2009-04-21گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى 2009-04-21
收藏到:Del.icio.us