پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى.. |
-
2009-02-24
ساك، ھۇن ۋە تۈركەرنىڭ ئىرقىي ئىنسانشۇناسلىق ئالاھىدىلىكى - [تارىخ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35643298.html
ساك، ھۇن ۋە تۈركەرنىڭ ئىرقىي ئىنسانشۇناسلىق ئالاھىدىلىكى
ساك، ئۇيسۇن، تۈركلەر تارىختا ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر مەھەل دەۋران سۈرگەن قەدىمكى داڭلىق مىللەتلەردۇر. ساكلارنى چەت ئەل ئالىملىرى CaCa دەپ ئاتايدۇ، ئۇلار تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ -Ⅲ ئەسىرلەردە ئالتاي تاغلىرىدىن پامىر ئېگىزلىكىگىچە، يەتتىسۇ رايونىدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئىگىلىگەن، مىللەت تەركىبى ۋە مەدەنىيىتى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان، لېكىن سىكىفلار بىلەن قانداش بولغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردۇر. ئۈسۇنلار بىلەن توخرىلار بولسا ئەسلىدە گەنسۇ خېشى كارىدورىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دۇنخۇاڭ بىلەن چىليەنشەن تېغى ئارىلىقىدا بىر – بىرىگە ياندىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 177- 176- يىللىرى (خەنۋېدىنىڭ چيەنيۈەن 3-4- يىللىرى) توخرىلار ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى غەربكە كۆچۈپ ساكلار تەۋەسىگە، يەنى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئىلى ۋادىسىغا ۋە ئۇنىڭ سەل غەربىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگگ كىردى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 161- يىلى (خەنۋېندىنىڭ خويۈەن 3- يىلى) ئۇسۇنلارمۇ نائىلاج غەربكە كۆچتى ھەم توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىلى ۋادىسى ۋە ئىسسىقكۆل رايونىنى ئىگىلەپ، توخرىلارنىڭ بىر قىسمىنى داۋاملىق غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى. ھۇنلار بايقال كۆلى بىلەن موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدە پەيدا بولۇپ، موڭغۇل چۆللۈكىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ زېمىننى سورىغانىدى. كېيىن خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، مىلادى 48- يىللىرى (گۇاڭ ۋۇخاننىڭ جيەنۋۇ 24- يىلى) جەنۇبىي ھۇن، شىمالىي ھۇن دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. شىمالىي ھۇنلار موڭغۇل چۆللۈكىنىڭ شىمالىدا قېلىۋەردى ھەم غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنى كونترول قىلدى. مىلادى 89- يىللىرى (خېدىنىڭ يۇڭيۈەن تۇنجى يىلى) شىمالىي ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى يەنە بىر قېتىم غەربكە كۆچتى. مىللەتلەرنىڭ بۇ بىر قاتار غەربكە كۆچۈشلىرى ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە تېزلەتتى. تۈركلەر مىلادى Ⅵ ئەسىردە ئالتۇن تاغ (ھازىرقى ئالتاي تاغلىرى) ئەتراپىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. كېيىن ھازىرقى ئورخۇن ۋادىسىدا ھاكىمىيەت قۇردى. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئەڭ كېڭەيگەن چاغلاردا، شەرق تەرەپتە لياۋخەيگە، غەرب تەرەپتە غەربىي دېڭىز (ھازىرقى كاسپى دېڭىز، ئارال دېڭىزى دېگەن گەپمۇ بار)گە، جەنۇب تەرەپتە ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، شىمال تەرەپتە بايقال كۆلىگىچە يېتىپ بارغان. مىلادى 582- يىلى شەرقىي تۈركلەر، غەربىي تۈركلەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى، غەربىي تۈركلەر شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم قاتناش يولىدىن ئورۇن ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا ۋاستىلىك رول ئوينىدى.
ئاسىيا – ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا تارىختا زور تەسىر كۆرسەتكەن بۇ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش – خاراپلىشىش تارىخى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئالاھدىلىكىنى، دىنى، تىلى، مىللىي تەۋەلىكى ئۈستىدە نۇرغۇن جۇڭگو، چەت ئەل ئالىملىرى كۆپلىگەن پىكىرلەرنى بايان قىلدى. لېكىن قەدىمكى ھۆججەتلەردىكى ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلۇش بەلگىلىرى ياكى ئېرقى ئالاھىدىلىكى توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پارچە – پۇرات، شۇڭا چۈشىنىش جەھەتتە ئۇلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى بىلەن ئىرق تەۋەلىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش تۇرغان گەپ. بۇ جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانشۇناسلىرى كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلار قەدىمكى ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك دوكلات ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار توپلىغان ۋە مەلۇم قىلغان ماتېرىياللاردىن بەزىلىرىنىڭ يىل دەۋرى، مەدەنىيەت، مىللەت تەۋەلىكى جەھەتتە ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدىغان يەرلىرى بار. مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىن، بولۇپمۇ شىنجاڭ تەۋەسىدىن تېپىلغان قەدىمكى زامان ئادەم سۆڭەكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا كۆرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا، قازاقىستان ۋە ئۇلارغا قوشنا رايونلارغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى دەسلەپكى قەدەمدە رەتلەپ چىقىپ، ئالىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم. (بۇ يەردە تونۇشتۇرىدىغانلىرىم ئاساسەن 50- يىللاردىن بۇرۇنقى ماتېرىياللار)
1. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىرقلارنى تۈرگە ئايرىشنىڭ مورفولوگىيلىك ئاساس
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى ئىرق ۋە ئىرق تۈرلىرىگە مەخسۇس ئاتالغۇ قوللىنغان ياكى ئات قويۇلغان. ئالىملار تۈرگە ئايرىپ قويغان ئاتلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، ئۇلارنىڭ تۈرگە ئايرىشلىرى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، بۇ ئەسەردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەرھۇم ئىنسانشۇناسى دېبتسىنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەدىمكى ئىنسانشۇناسلىقى» دېگەن كىتابىدىكى تۈرگە ئايرىش پىكرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاساس قىلدىم.
دېبېتسنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ياۋروپا ئىرقى تارماقلىرى تەۋە بولغان ئىرق تىپلىرى مۇنداق تۈپ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسلىنىپ پەرقلەندۈرۈلگەن:
(1) ۋاقىت ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇنىۋېرسال مورفولوگىيلىك ئالاھىدىلىكلەر: باش سۆڭەكلىرىدىن ئېيتقاندا، پىشانىسىنىڭ قىيپاشلىقى، قاش ئەگمىسى بىلەن قاش ئارىلىقىدىكى قوشۇمىنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى، يۈزىنىڭ كەڭلىكى، قاڭشىرىنىڭ ئېگىز – پەسلىكى ۋە باشقىلار.
(2) باش شەكلى ۋە باش كۆرسەتكۈچىدىكى ئۆزگىرىشلەر: كۆرسەتكۈچى كۆپەيسە، باش شەكلى مۇناسىپ قىسقىرىدۇ. ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ باش كۆرسەتكۈچى 79 – 85 ئارىلىقىدا بولىدۇ.
(3) چاچ ۋە كۆز رەڭگىنىڭ سۇس قېنىقلىقى. رەڭگىگە قاراپ ئايرىلىدىغان ھازىرقى زامان ئىرقى بىلەن قەدىمكى زامان تىپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جۇغراپىيە جەھەتتىكى جايلىشىش ۋە تارىخ – مىللەتشۇناسلىق ماتېرىياللىرى ئاساسىدىلا ۋاستىلىك يول بىلەن بېكىتىش مۇمكىن.
بۇ ئەسەردە ئېيتىلغان ئىپتىدائىي ياۋروپا ئىرقىي تىپىنىڭ باش سۆڭىكىدە مۇنداق ئالاھىدىلىككىلەر بار، يەنى ئۇلارنىڭ يۈزى كەڭ، پە، موكىدەك چىقىپ تۇرىدۇ. قاڭشىرى بەك ئېگىز، بېشى ئۇزۇن ياكى ئوتتۇرھال، دوقىسى بىر قەدەر چوڭ، پىشانىسى قىيپاش، قاش ئەگمىسى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئاندىرونوۋو تىپى مۇشۇ تىپنىڭ ئالاھىدە بىر ۋارىيانتىغا كىرىدۇ. بۇ تىپ جەنۇبىي سىبىرىيىدىكى مىس دەۋرىدىكى ئاندىرونوۋو مەدەنىيىتىگە مەنسۈپ قەبرىلەردىن چىققان ئادەم سۆڭىكىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا بېكىتىلگەن. بۇ تىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، قازاقىستانلاردىكى مىس قورال دەۋرىگە ئائىت ئاھالىلەر ئىچىدە ئەڭ ئومۇملاشقان مورفولوگىيلىك تىپلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل تىپ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى تەۋەسىدىنمۇ تېپىلدى.
ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقى دېگىنىمىز ئاساسەن ئوتتۇرا دېڭىز بويىغا جايلاشقان ياۋروپا ئىرقى (جەنۇبىي ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ)نى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقى ئاساسەن ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقىنىڭ شەرقىي تارمىقى تىپىغا يېقىن كېلىدۇ، ئۇلار ھىندى – ئافغان تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، باش سۆڭىكى شەكلى جەھەتتە قاڭشىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېگىزلىكى، ھەددىدىن زىيادە موكا يۈزلىكى، يۈزىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تارلىقى بىلەن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر (ئامۇ دەريا بىلەن سىر دەريانىڭ ئارىلىقى) تىپى (پامىر – فەرغانە دېيىلىدۇ). ئۇلار باشتا تىلغا ئېلىنغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي تارماق تىپىدىن ئاساسەن بېشىنىڭ قىسقا بولۇشى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئىپتىدائىي ياۋروپا ئىرقىغا سېلىشتۇرغاندا، باش شەكلى بىر ئاز ۋىجىك ئازراق موڭغۇل ئىرقىنىڭ «چۆكمە باش» لىق ئالاھىدىلىكىنى ئالغان، شۇڭا ئۇلاردا ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس. بۇ تىپىنى شەكىللەندۈرگەن مورفولوگىيلىك ئاساس ئانچە ئېنىق ئەمەس، بەزىلەر ئاندىرونوۋو تىپىنىڭ بېشىنىڭ قىسقىرىشىدىن ھاسىل بولغان دەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەتتىسۇ رايونىد ياشىغان قەدىمكى ئۇسۇنلارنىڭ باش سۆڭىكى مۇشۇ تىپنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەپ قارالماقتا. بۇنداق باش سۆڭىكى مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىنمۇ تېپىلدى.
دېبېتس سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا دائىر قەدىمكى ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ، ئاسىيا ئىرقى (ئاسىيانىڭ موڭغۇل ئىرقى) تارمىقىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى يۈزى ئېگىز ھەم يايپاڭ، قاڭشىرى ئوتتۇرھال، بېشى ئۇۇزن ياكى ئوتتۇرھال، دوقىسى پەس، پىشانىسى قىيپاش، قاش ئەگمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇش بىلەن خاراكتېرلىنىشى كېرەك دەپ قارىغان. قەدىمكى زاماندا، بۇنداق تىپ بايقال كۆلى بويىدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە قەبرىلەردە ۋە تاشقى بايقال كۆل بويىدىكى ھۇنلارنىڭ قەبرىسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى، شۇڭا قەدىمكى سىبىرىيە تىپى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. لېكىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ھازىرقى زامان تىپىدا، تېخى يۇقىرىقىدەك ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىكلەر ئۇچرىمىغانمىش.
جەنۇبىي سىبىرىيە تىپى (تۇران ئىرقى تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئۇلار قەىدمكى سىبىرىيە تىپىدىن ئاساسەن باش كۆرسەتكۈچىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇشى، يەنى بېشىنىڭ تېخىمۇ قىسقا بولۇشى بىلەن پەرقلىنىدۇ. بۇ تىپىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى قازاق، قىرغىزلارنى، ئالتاي – ساپان ئېگىزلىكى، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئايىغى ۋە ئوكرا ئىنالاردىكى ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە تۈركلەرنىڭ قەبرىلىرىدىن چىققان ئادەم سۆڭەكلىرىنى ۋەكىل قىلىدۇ.
بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان بايقال كۆل تىپى بىلەن قەدىمكى سىبىرىيە تىپى ئوتتۇرىسىدا تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت بار. لېكىن بايقال كۆل تىپىدا قەدىمكى ئىرقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپرەك. بۇ تىپنىڭ ۋەكىلى توڭگۇسلار ئىچىدە مەۋجۈت.
موڭغۇل ئىرقىنىڭ باشقا تارماق تىپلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، مەركىزىي ئاسىيا تىپى دەپ ئاتىلىدىغان موڭغۇل ئىرقىي تىپىدا ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىكلەر ئەڭ گەۋدىلىك ئىپتىدائىي شەكلىدىن پەرقلىنىدىغان ئاساسىي ئالامەتلىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ باش كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى (يەنى بېشى تېخىمۇ قىسقا). ئۇلار بەلكىم ئەڭ كېيىن شەكىللەنگەن بولسا كېرەك. تاشقى بايقال ۋارىيانتى ئۇلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولۇشى مۇمكىن. بايقال كۆلى تىپىنىڭ بۇۋارىيانتىنىڭ تۇران تىپىغا ئارىلىشىشى بىلەن تۇران موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى قاڭشىرىنىڭ پەسلىشىشىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن دەپ پەرەز قىلىنماقتا. بەزى ۋارىيانتلار بايقال كۆلى تىپىنىڭ باش كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرىلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تارماقلىرى ئىچىدە باشقا ئىرقلارنىڭ قېنى ئارىلاشقان. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىغا موڭغۇل ئىرقىنىڭ قېنى ئازراق ئارىلاشقان، تۇرپان تىپىغا ياۋروپا ئىرقىنىڭ قېنى ئارىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق قان ئارىلىشىش تېخى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى يەنىلا مەلۇم بىر چوڭ ئىرقىي تارماققا تەۋە بولغان. بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئورال تىپى يەنى ئورال – ئالتاي تىپى بولسا شەرق ۋە غەربتىكى ئىككى چوڭ ئىرق ئوتتۇرىسىدىكى تىپقا كىرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتۈن تەن قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقى ئوتتۇرىسىدىكى ئوتكۈنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن موڭغۇل ئىرقىغا يېقىنراق. باش شەكلى ئوتتۇرھال. ھازىرقى شورلار بىلەن ئالتاي – سايان ئېگىزلىكىدىكى باشقا مىللەتلەر، تېخىمۇ شىمالدىكى بارا بىنلار، بىر مۇنچە ئوستىياكلار ۋە فۇگارلار مۇشۇنداق ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، ئالتاي – سايان ئېگىزلىكىدىكى بۇ خىل تىپ بايقال كۆل تىپى بىلەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. ئۇلارنى تەشكىل قىلغان ئۇنىۋېرسال تەركىبلەر مىلادىنىڭ باشلىرىدا پارچىلىنىپ، پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن. يەنە كېلىپ ئالتاي تېغىنىڭ ئالدى ئېتەكلىرىدە بۇنداق قوشۇلۇش جەريانى مىلادى 1000- يىلىغىچە پۈتۈنلەي توختاپ كەتمىگەن.
2. قەدىمكى ساكلارغا دائىر سۆڭەك مورفولوگىيسى ماتېرىياللىرى
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندىن قېزىۋېلىنغان ساكلارغا باغلىنىش ئېھتىمالى بولغان مورفولوگىيلىك ماتېرىياللاردىن تۆۋەندىكىچە مىسال كۆرسىتىمىز.
(1) جەنۇبىي پامىردىكى ساكلارنىڭ قەبرىسىدىن چىققان ئادەم سۆڭىكى.
گىنزبۇرگ تەتقىق قىلغان ئىككى تۈركۈم ماتېرىيال. بىر تۈركۈمى 1946- 1948- يىللىرى ئاساسەن تامدى – خارگۇش رايونىدىن تېپىلغان ماتېرىيال؛ يەنە بىر تۈركۈمى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئاقېديت دېگەن يېرىدىن ۋە پامىرنىڭ ئەڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جايلاردىن تېپىلغان. بۇ ئىككى گۇرۇپپا باش سۆڭەكلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات ئىسپاتلىدىكى، ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان ئاھالىلەر ئىنسانشۇناسلىق تىپى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئۇلار ھەممىسى ھازىرقى زامان ئىرقنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز شەرقىي تارماق تىپى (ھىندى – ئافغان تىپى)غا كىرىدۇ. شۇڭا، جەنۇبىي پامىردىكى ساكلارنىڭ ئىرقى مەنبەسى بىر بولۇپ، ئالد ئاسىيا، تاشقى كاسپىي دېڭىز ۋە شىمالىي ھىندىستان رايونلىرىدىكى ئىنسانشۇناسلىق گۇرۇھىنىڭ ئەڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن تېپىلغان ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى يەنى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىس دەۋرىدە بىر خىل ئىنسانشۇناسلىق تىپىغا مەنسۈپ ئاھالىلەر تۈركمەنىستانغا، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماۋرا ئۇننەھر رايونىغا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كەڭ رايونلارغا جايلاشقان. شۇڭا جەنۇبىي پامىر ساكلىرى بۇ رايوندىكى ئەڭ قەدىمكى ئاھالىنىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولۇشى، بۇ قەدىمكى ئاھالىلەر مىس تاش قورال دەۋرىدە ۋە مىس قورال دەۋرىدە ئالد ئاسىيادىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاھالىلەر بىلەن قانداش بولۇشى مۇمكىن.
(2) تىيانشان– ئالاي رايونىدىكى قەدىمكى ساكلارنىڭ ئىنانشۇناسلىق ئالاھىدىلىكى
گىنز بۇرگ تىيانشان- ئالاي رايونىدىكى ساكلار- دەسلەپكى چاغلاردىكى ئۇسۇنلار (بىر نىشتيىن دەۋرگە ئايرىغان)دىن 16 چوڭ كىشىنىڭ (ئونى ئەر، ئالتىسى ئايال)نىڭ باش سۆڭىكىنى تەتقىق قىلغان. بۇ باش سۆڭەكلىرىنىڭ يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى VII - III ئەسىرلەر ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. باش سۆڭەكلىرىنىڭ شەكڭلى ئۈستىدىكى تەھلىلىدىن قارىغاندا، ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان باش سۆڭەكلىرىدىن باشقا، تېخىمۇ يوغان، ئاندرونوۋ تىپىگە ئوخشايدىغان تىپلارمۇ بار. ئالا – مىشىكتىن بىر باش سۆڭىكى چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ باش كۆرسەتكۈچى باشقا باش سۆڭەكلىرىنىڭكىدىن كىچك، شۇنىڭ بىلەن بىللە پىشانىسىنىڭ تېخىمۇ قىيپاش، قاش ئەگمىسى ۋە قوشۇمىسىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن يوغان – يالپا كېلىدىغان تېخىمۇ قەدىمكى ئافاناسىيۋ مەدەنىيىتى تىپىدىكى باش سۆڭەكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن تاگىل تىپىغا تېخىمۇ يېقىن.
بۇ باش سۆڭەكلىرىنى گۇرۇپپىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سېلىشتۇرغاندا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ تېخىمۇ ئىپتىدائىي ياۋروپا ئىرقى تىپى (قازاقىستان ۋە جەنۇبىي سىبىرىيىدىكى مىس قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىكى باش سۆڭەكلىرىگە ئوخشايدىغان ئوتتۇراھال باش سۆڭەك تىپى)دىن تېخىمۇ ئاجىز ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىغا ئۆزگىرىۋاتقان شەكلىگە ۋەكىللىك قىلدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
(3) قازاقىستاندىكى ساكلارنىڭ سۆڭەكلىرى
كىنز بۇرگ تەتقىق قىلغن توققۇز باش سۆڭىكىدىن قارىغاندا، ساك دەۋرى دەپ ئاتالغان دەۋردىكى شەرقىي قازاقىستاندا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىس قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكىسىگە ئوخشايدىغان ئىنسانشۇناسلىق تىپى، يەنى ياۋروپا ئىرق ئاندىرونوۋ تىپى تارقالغان، بۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىرقىي تەركىب جەھەتتىن ئىزچىللىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شەرقىي قازاقىستاندىكى ساكلار ئىنسانشۇناسلىق مۇناسىۋەت جەھەتتە تىيانشان – ئالاي ساكلىرىغا يېقىن كېلىدۇ. لېكىن بۇ دەۋردىكى شەرقىي قازاقىستاننىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرى ئىچىدە، موڭغۇل قېنى ئارىلاشقان شالغۇتلارمۇ ئۇچرايدۇ. مۇشۇنداق شالدىكى شىبىن مەدەنىيىتىگە تەۋە ئاھالىلەرنىڭ باش – سۆڭىكىگە يېقىن. بۇنداق شالغۇتلۇق شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالتاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاھالىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوتتۇرا قازاقىستاندىن تېپىلغان ئاتالمىش ساك – ئۇسۈن دەۋرىدىكى ئادەم سۆڭەكلىرىنىڭ يىل دەۋرى ئېنىق ئەمەس، لېكىن بېرنشتىيىننىڭ قارىشىچە، بۇ رايوندىكى ئاتالمىش «دەسلەپكى كۆچمەن چارۋىچىلار» باش سۆڭەكلىرى تۈر جەھەتتە شەرقىي قازاقىستان (ئېرىتىش دەرياسىنىڭ بېشى) دىكى ساك – ئۇسۇن دەۋرىدىكى باش سۆڭەكلىرىگە يېقىن.
(4) ساكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان باشقا ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى.
ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندىكى ساكلارغا دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرىدىن ئاساسەن گىنز بۇرگنىڭ تەتقىق قىلغانلىرىدىن باشقا، يەنە باشقا ئالىملارنىڭ دوكلاتلىرىمۇ بار. مەسىلەن، تروفىموۋا (1963) مەلۇم قىلغان ئالاي رايونىدىكىساكلارنىڭ باش سۆڭىكىگە دائىر ماتېرىياللار، دېبېتى، ئىسماگولوۋ ۋە گىنزبۇرگلارمۇ قازاقىستاندىكى ساكلار – دەسلەپكى چاغلاردىكى ئۇسۇنلارغا دائىر ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلغان. مىكلاشېۋسكايا بېرېۋوزچىكوۋ ۋە گىنزبۇرگلار تىيانشان ساكلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. گىياتكىنا (1976) شەرقىي پامىر ساكلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئەسلىي ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرەلمىدۇق.
(5) ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان ساكلىرىنىڭ باش سۆڭەك مورفولوگىيسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا باھا.
يۇقىرىقى تەتقىقاتلار، ئاساسەن گىنزبۇرگنىڭ تەتقىقاتى شۇنداق بىر ئاساسىي نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىنكى، جەنۇبىي پامىر ۋە تىيانشان، قازاقىستاندىكى ساك مەدەنىيىتى تارقالغان رايونلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئاھالىلىرى ئىنسانشۇناسلىق جەھەتتە ئوخشىمايدۇ. يەنى پامىر ساكلىرى بىلەن تىيانشان، قازاقىستان ساكلىرى دەۋرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تەركىبى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىنسانشۇناسلىق گۇرۇھىغا، پامىر ساكلىرى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي تارمىقىغا كىرىدىغان ۋە ھىندى – ئافغان تىپىغا يېقىن بولغان شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تىيانشان، قازاقىستان ساكلىرى ئاندرونوۋ تىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىغا ئۆتۈۋاتقان شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرق قىسمىدىكى ئاتالمىش ساكلارنىڭ ئېتنىك مەنبە جەھەتتە ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن.
يېقىنقى يىللاردا، ئالېكسېيېۋ بىلەن گوخمان «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا رايونىغا دائىر ئىنسانشۇناسلىق» دېگەن كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاننىڭ ساك – ئۇيسۇن دەۋرىگە ئائىت ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىيالىرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئالاي تاغلىرى بويىدىكى ۋە قازاقىستاندىكى ساكلارنىڭ تەركىبىدە موڭغۇللارنىڭ قېنى بار دەپ قارىغان.
3. ئۇسۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى
(1) ئىسسىقكۆل يېنىدىن تېپىلغان ئۇسۇنلارنىڭ سۆڭىكى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى ئېلان قىلغان ماتېرىياللار ئىچىدە، ئەڭ بالدۇرقى بىر تۈركۈمى ئۇسۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچ دانە باش سۆڭىكىدۇر. ئىبانوبىسكىي (1890) نىڭ قارىشىچە، بۇ باش سۆڭەكلىرى مىلادى II - IV ئەسىرگە تەئەللۇق ئىكەن. گ. ف. دېبېتس (1948) بۇ باش سۆڭەكلىرىنى پرېژېۋالىسكىنىڭ يېنىدىكى چېلىبېك قەبرىستانلىقىدىن تېپىغان ئۇسۇنلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇھىم پەرق يوق دەپ قارىغان.
پرېژېۋالىسكى (ئىسسىقكۆلنىڭ شەرق قېشىدىكى بىر خارابە) دىن تېپىلغان باش سۆڭەكلىرى (ئەرنىڭ بەش، ئايالنىڭ ئىككى)، باش كۆرسەتكۈچىدىكى پەرقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەيلى ئوتتۇرا تىپتىكىسى بولسۇن، ياكى قىسقا تىپتىكىسى بولسۇن، «ئادەتتىكىچە ياۋروپا ئىرقى ئالاھدىلىكى»نى ئىپادىلەيدۇ.
(2) تاشكەنت ئەتراپىدىن تېپىلغان ماتېرىياللار
گىنز بۇرگ تاشكەنت يېنىدىكى يېڭىيەردىن تېپىلغان ئادەم سۆڭەكلىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ باش سۆڭىكىنى مىلادىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئۇسۇنلارنىڭ دەپ قارىغان، ئىككى قىسقا، بىر ئوتتۇرھال باش سۆڭىكىنى ياۋروپا ئىرقى تىپىگە تەۋە دەپ قارىغان ھەم بۇ باش سۆڭەكلىرىدە ئازراق موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار. تۈر جەھەتتە ھۇنلارنىڭ باش سۆڭىكىگە يېقىن دەپ كۆرسەتكەن.
(3) تىيانشان – ئالاي رايونىدىكى ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى
گىنز بۇرگ 1956- يىلى تىيانشان – ئالاي رايونىدىن چىققان ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلغان. گەپ – سۆزلەرگە قارىغاندا، بۇ بىر گۇرۇپپا ئۇسۇنلارنىڭ باش سۆڭەكلىرىمۇ ئومۇمەن ئازراق مۇڭغۇل ئىرقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، شەكىل جەھەتتە ئاجىزلاشقان ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاندىرونوۋو تىپىغا كىرىدىكەن ھەم ئېنىق ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن. ئالتاي جىلغىسىدىكى ساكلار بىلەن ئۇسۇنلار ئىنسانشۇناسلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتە تىيانشان ساكلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە تەۋە ئىكەن.
(4) قازاقىستاندىكى ئۇسۇن دەۋرىگە ئائىت ئادەم سۆڭەكلىرى
1956- يىلى گىنزبۇرگ قازاقىستاننىڭ شەرق ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمكى ئۇسۇنلارنىڭ باش سۆڭىكىگە دائىر ماتېرىيالنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ئەرنىڭ، ئون ئايالنىڭ باش سۆڭىكى بولۇپ، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى III - II ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. گىنز بۇرگنىڭ تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، شەرقىي قازاقىستاندىن تېپىلغان ئۇسۇن دەۋرىدىكى ئەرلەرنىڭ باش سۆڭىكىدىن 80 پىرسەنتى ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئېنىق ئاندرونوۋو تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار. شۇنىڭدەك بىر ئاز موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھمەتلىرىمۇ بار. ئاياللارنىڭ باش سۆڭىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوتتۇرا قازاقىستاندىكى ساك ئۇسۇن دەۋرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ باش سۆڭىكىدىمۇ ئاندىرونوۋو تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، شەرقىي قازاقىستان، تىيانشان- ئالاي ئۇسۇنلىرى تىپىغا يېقىن كېلىدۇ.
شەرقىي قازاقىستاندىكى ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ قېتىدىن چىققان ئۇسۇنلارغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى II -I ئەسىر قىلىپ بېكىتىلگەن. گىنز بۇرگ (1959) ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ قېتىدىن چىققان ئۇسۇنلارنىڭ بۇ باش سۆڭەكلىرىنىڭ شەكلى غەلىتە، بۇ بىر گۇرۇپپا باش سۆڭىكى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاندىرونوۋو تىپىدىكى موڭغۇل ئىرقى تىپىغا ئۆتۈۋاتقان تىپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىغان.
(5) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەتتىسىمۇ رايونىدىكى ئۇسۇنلارغا دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى ئۈستىدىكى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات
60- يىللارنىڭ بېشىدا، ئىسماگولوۋ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىتتىسۇ رايونىدىن نۇرغۇن ئۇسۇنلارنىڭ باش سۆڭەكلىرىنى ئۆلچىگەن ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغان. بۇ ماتېرىياللارنىڭ يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرى IV ئەسىردىن مىلادى III ئەسىرگىچە. ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاساسىي خۇلاسىسى مۇنداق: يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇسۇنلارنىڭ ئىنسانشۇناسلىق تىپى يەرلىك ياۋروپا ئىرقى تىپىدىكى ئاھالىلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن، ئۇلاردا ئاساسەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئوچۇق ئىپادىلەنگەندىن باشقا، ئاز مىقداردا موڭغۇل ئىرقىنىڭ قېنىمۇ بار؛ يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇسۇنلارنىڭ ئىرقىي تىپىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى مىلادى III ئەسىردىن بۇرۇن بولمىسا كېرەك. يەتتىسۇ ئۇسۇنلىرى بىلەن ھازىرقى زامان قازاقلىرى ئوتتۇرىسىدا گېنېئالوگىيلىك مۇناسىۋەت مەۋجۈت.
(6) ئۇسۇنلار توغرىسىدىكى ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندىكى ئۇسۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى ئاساس قىلىپ، بۇ قەدىمكى ئىرقنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا بىر ئاز مۇھاكىمە يۈرگۈزىمەن.
بىرىنچىدىن، ۋاقتى، تېپىلغان ئورنى ئوخشىمايدىغان، ئۇسۇن مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان يۇقىرىقى ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى ئۇستىدىكى تەتقىقات مۇستەسناسىز ئىسپاتلىدىكى، ئۇسۇنلارنىڭ ئىنسانشۇناسلىق تىپىنى شەكىللەندۈرگەن چوڭ ئىرقنىڭ ئاساسىنىڭ ياۋروپا ئىرقى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئۇسۇنلار تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتە خېلى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئىنسانشۇناسلىق ئورتاق گەۋدىسى بولۇشى مۇمكىن.
لېكىن ئۇسۇنلار ئىرقىنىڭ تەشكىل تېپىشىدا يەنىلا خېلى مۇرەككەپ ئەھۋاللار مەۋجۈت. ئۇسۇنلارنىڭ مىللىي تەركىبىدە، ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان تىپتىن باشقا يەنە كۆپ خىل تىپ مەۋجۈت. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى نىسبىي مۇقىم بولغان ئۇسۇنلار ئىرقىي تىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قانداقلا بولمىسۇن، ھۇنلار باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن ياكى ھېچ بولمىغاندا مىلادىنىڭ بېشىدا ھۇنلار جەنۇبىي ھۇن، شىمالىي ھۇن دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇسۇنلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشىدىكى موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئامىللىرى غەربكە يۈرگەن ھۇنلار بىلەن ئالاقىسىز بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇسۇنلارنىڭ تەن قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە موڭغۇل ئىرقىنىڭ قانداق تەركىبى ئارىلاشقان، بۇ تولمۇ ئېنقسىز مەسىلە.
ئۇسۇنلار سۇس پىگمېنىلىق مىللەتمىدى، قېنىق پىگمېنلىق مىللەتمىدى دېگەن مەسىلىمۇ مۇرەككەپ بىر مەسىلە. ئۇسۇنلارنىڭ ئىسانشۇناسلىق تەركىبىدە، ئاساسى تەركىب ئاندىرونوۋو تىپىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىغا يېقىن يەنە ئاز مىقداردا شىمالىي ياۋروپا تىپىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئاندىرونوۋو تىپى بىلەن شمالىي ياۋروپا تىپى سۇس پىگمېنت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىغا يېقىن بولغان تەركىبلەرنىڭ پىگمېتى تۇتۇقراق بولسا كېرەك.بىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىپتىدائىي ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدىغان ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇرەككەپ، ئالىملار ئارىسىدا ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن چۈشەنچە يوق.
مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە غەربكە كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرىكى، كېيىنكى ئۇسۇنلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى مەسىلىسىدۇر. مېنىڭچە، ئۇسۇنلار غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا ئىرقىنى ئاساس قىلغان ئىرق بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلۇش تىپى غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى ئۇسۇنلارغا ئوخشاش ياكى يېقىن ئىدى دەپ قاراش بىر قەدەر ئەقلىگە مۇۋاپىق. ئۇلار تېخىمۇ بۇرۇنقى چاغلاردا غەربتىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ گەنسۇنىڭ غەربىي قىسمىغا كەلگەن غەرب ئىرقىنىڭ بىر تارمىقى بولۇشى مۇمكىن.
4. ھۇنلارنىڭ سۆڭەك مورفولوگىيسى ئۈستىدىكى تەتقىقات
بۇ يەردە ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن تېپىلغان، ھۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىمالىي ھۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
(1) قىرغىزىستاننىڭ تالاس دەرياسى ۋادىسىدىكى كېنكول دېگەن جايدىكى ھۇن قەبرىسىدىن چىققان ئادەم سۆڭىكى
بۇ سۆڭەكلەرنى ئا.ن. بىرنىشتيىن 1938-، 1939- يىللىرى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تالاس دەرياسى ۋادىسىدىكى كېنكول قەدىمكى قەبرىستانلىقىنى قازغاندا ئۇچراتقان، ئۇلارنىڭ يىل دەۋرى ئومۇمەن مىلادىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
گىنز بۇرگ بۇ 20 دانە باش سۆڭىكىنى بىر – بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سەككىزىنى شالغۇتلاشقان ئىرق تىپىغا كىرىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ، موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ بار دەپ قارىغان. يەنە توققۇزىنى موڭغۇل ئىرقى تىپىغا كىرىدۇ دېگەن. ئاران ئۇچلا باش سۆڭىكىدە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېنىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭا، بۇ سۆڭەكلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ئارىلاش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھامان خېلىلا بىردەك ھەم كۈچلۈك موڭغۇل ئىرقى سۈپىتىگە ئىگە. شۇ سەۋەبتىن، گىنزبۇرگ شۇنداق دەپ قارايدۇكى، بۇ باش سۆڭەكلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا تىپىغا، ھازىرقى شۇ رايوندىكى جەنۇبىي سىبىرىيە تىپىغىمۇ يېقىن كەلمەيدۇ، توڭگۇس – مانجۇ تىپىغا شىمالىي جۇڭگو ئادەملىرىگە ۋە تىبەتلىكلەرگىمۇ يېقىن كەلمەيدۇ. يۈز شەكلىنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە، ئۇلار شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان تۈركلەرگە بىر قەدەر يېقىن كېلىدۇ، لېكىن بېشىنىڭ قىسقىلىقى بىلەن ئۇلاردىن پەرقلىنىدۇ. بۇ باش سۆڭەكلىرى ئىچىدىكى ياۋروپا ئىرقىغا تەۋەلىرىنى گىنزبۇرگ قىسقا باش ئىرق بۇرۇن ئامۇ دەريانىڭ شەرقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ۋە شىنجاڭدا ياشىغان. بۇ جايلاردا ئۇلارنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى مىلادىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن يېقىنقى زامانغىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر كېنكول قەبرىستانلىقىدىن چىققان ياۋروپا ئىرقىي تەركىبى شۇ يەردە ئاپىرىدە بولمىغان بولسا، بۇ باش سۆڭەكلىرىدىكى ئاجىزلاشقان موڭغۇل ئىرقى سۈپىتىنى مەلۇم موڭغۇل ئىرقىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئارىلىشىشىدىن بولغان دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولاتتى. لېكىن بۇنداق موڭغۇل ئىرقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى تېخىچە نامەلۇم.
(2) تىيانشان – ئالاي رايونىدىكى ھۇنلارغا ئائىت ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى
ئاڭلىشىمىزچە، بۇ رايوندىكى ھۇنلارغا دائىر ماتېرىياللارمۇ گەمەسىمان لەھەت بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان ئاق ھۇنلار توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ئىكەن. گنزبۇرگ بۇرۇن بېرنىشتىيىن 1945-1948- يىللىرى تاپقان ئۈچ ئەر، ئالتە ئايالنىڭ باش سۆڭىكىنى ئېلان قىلغان. 1949- يىلى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئەرلەر باش سوڭىكىدىن يەتتتىنى، ئاياللار باش سۆڭىكىدىن ئۈچنى تاپقان. ئىككى قېتىمقى جەمئىي 19 باش سۆڭىكى، بۇ باش سۆڭەكلىرىنىڭمۇ كۆپ قىسمى قىرغىزىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كۆكئارت – ئالاي رايونىدىن تېپىلغان. يەنە ئىككى باش سۆڭىكى ئىسسىق كۆلنىڭ شىمالىي قېتىدىكى كىرچىن دېگەن يەردىن تېپىلغان. بۇ ھۇن قەبرىلىرىنىڭ دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكىI ئەسىردىن مىلادى IV ئەسىرگىچە قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىزئارتا ۋە ئات بېشى، ئارپالاردىن چىققان باش سۆڭەكلىرى مىلادىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ، مەدەنىيەت جەھەتتە كېنكولدىكى ھۇن قەبرىسىگە يېقىن دەپ بېكىتىلگەن. كۆكئارت – ئالايدىن، ئالامىشكتىن ۋە كىرچىندىن چىققان باش سۆڭەكلىرى – ھەممىسىنىڭ دەۋرى مىلادى II - IV ئەسىر قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ماتېرىياللارنىڭ چىققان جايى بىر قەدەر تارقاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەدەنىيەت خاراكتېرى جەھەتتە بىر – بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
گىنزبۇرگنىڭ تىيانشان ھۇنلىرىغا دائىر ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئاساسىي خۇلاسىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، تىيانشان ھۇنلىرىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق تىپىنىڭ ئاساسى ياۋروپا ئىرقىي تىپى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپى ۋە ئاندىرونوۋو تىپى بىلەن جەنۇبىي سىبىرىيە تىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىككىنچى، تىيانشان ھۇنلىرى ئىچىدە، ئاياللارنىڭ باش سۆڭەكلىرىدە موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېنىقراق، تىپ جەھەتتە ئارىلاش تەركىب كۆپرەك.
ئۈچىنچى، تەن قۇرۇلۇشى تىپى جەھەتتە، تىيانشان ھۇنلىرى بىلەن كېنكول ھۇنلىرى بەك ئوخشايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە باش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئادىتى بولۇپ، باش سۆڭىكىنىڭ شەكلى ئادەتتە ئېگىز، ئىللېپىس شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
تۆتىنچى، تىيانشان ھۇنلىرى بىلەن كېنكول ھۇنلىرىنىڭ باش سۆڭىكىدىكى ئىرق تىپىنى سېلىشتۇرغاندا، تىيانشان ھۇنلىرى ئىچىدە ئەرلەرنىڭ باش سۆڭىكىدە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى كېنكول ھۇنلىرىنىڭكىدىن ئېنىق. تىيانشان ھۇنلىرى قەبرىسىدىن ئاياللارنىڭ باش سۆڭىكىدە موڭغۇل ئىرقىنىڭ خاراكتېرى جىقراق، لېكىن تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلاردىن چىققان بۇنداق دەسلەپكى چاغلاردىكى ھۇنلار قەبرىسىدىن چىقان ئايال جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭىكىدە كۆرۈلىدۇ. تىيانشان رايونىدىكى ھۇن ئاياللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ باش سۆڭىكى ئۇنداق ئەمەس.
ھۇنلار ئاساسەن بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان، ئۇلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ھەم بۇنداق ئالاھىدىلىكنى ئوتتۇرا ياۋروپاغا ئېلىپ بارغان. شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ھۇنلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بېرىشتىن بۇرۇنلا، ھۇنلارنىڭ تىيانشان ۋە يەتتىسۇ رايونىغا كۆچۈش دولقۇنىغا ئەگىشىپ ياۋروپا ئېرقىي تىپىغا ئىگە ئاھالىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان. لېكىن ئارىلاشقان موڭغۇل ئىرقىنىڭ قايسى خىلىدىكى ئىرق ئىكەنلىكى داۋاملىق ئېنىقلاشقا تېگىشلىك مەسىلە.
(3) قازاقىستاندىكى ھۇنلارغا دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى
گىنزبۇرگ ئوتتۇرا قازاقىستاندىن چىققان ھۇنلارنىڭ باش سۆڭەكلىرىنى تەتقىق قىلغان. ھۇنلار ئوتتۇرا قازاقىستاندا مىلادىنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولغان بولسا كېرەك. تەتقىقاتقا قارىغاندا، ئوتتۇرا قازاقىستاندىكى ھۇنلار ئىنسانشۇناسلىق تىپى جەھەتتە تىيانشان ھۇنلىرىغا ئوخشاش شالغۇتلىشىپ كەتكەن، يەنى ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقى ئارىلىقىدىكى تىپىنى ھاسىل قىلغان.
(4) باشقا جايلاردىكى ھۇنلارنىڭ سۆڭەك ماتېرىياللىرى
موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نويىن ئۇلار دېگەن يېرىدىن ۋە خۇنى دەرياسى بويىدىن ھۇنلار دەۋرىدىكى بىر قىسىم قەبرە قېزىلدى. تاشقى بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ياپراق شەكلىدە ياسالغان قەبرىلەردىن چىققان. مىلادىدىن ئىلەىرىكى 1000 يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئەسىرگە ۋە مىلادىنىڭ دەسلەپكىئۈچ ئەسىرىگە تەۋە بولغان قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ سۆڭىكىمۇ ھۇنلارنىڭ يالدامىسى دەپ قارالغان. بۇ باش سۆڭەكلىرىدە ئاز ساندا ياۋروپا ئىرقىنىڭ قېنى بار، ئاز ساندا يىراق شەرق ئىرقىنىڭ قېىنىمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ جۇڭەونىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى خاتىرىلەر بىلەن ئوخشاش. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تاشقى بايقال ھۇنلىرى سىكىفلار دەۋرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەركىبىگە پەقەت بىر ئېلېمىنت سۈپىتىدە قاتناشقان.
(5) ھۇنلارنىڭ سۆڭەك شەكلى ئۈستىدىكى تەتقىقات توغرىسىدا قىسقىچە بايان
ئومۇمەن قىلىپ ئيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن تېپىلغان ۋە يىغىلغان، ھۇنلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان سۆڭەك تېخى كۆپ ئەمەس. لېكىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىملىرى ئېلان قىلغان تىيانشان – ئالاي رايونى ۋە تالاس ۋادىسىدىكى ھۇنلارغا دائىر سۆڭەكشۇناسلىق ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن مۇنۇ نۇقتىلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
بىرىنچى، بۇ سۆڭەكلەر ھۇنلارنىڭ بولغاندىمۇ شىمالىي ھۇنلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان گېئودېزىيىلىك تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە باشقا بازى ئىرقلارنىڭ ئارىلاش خاراكتېرى بار. بولۇپمۇ كېنكولدىن تېپىلغان ماتېرىياللاردا سۇسراق موڭغۇل ئىرقىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئازراق ياۋروپا ئىرقىنىڭ تەركىبى بار. تىيانشان ھۇنلىرىغا دائىر ماتېرىياللار كېنكولىنىڭكىگە نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلاردىكى ياۋروپا ئىرقىغا خاس خۇسۇسىيەت كېنكولنىڭكىدىن كۈچلۈك. شۇڭا گېنزبۇرگ ئۇلارنى موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئازراق ئارىلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا – ماۋرا ئۇننەھر تىپىگە كىرگۈزگەن.
ئۈچىنچى، ھۇنلاردىكى موڭغۇل ئىرقى تەركىبىىنىڭ مەنبەسى تېخى دېگەندەك ئېنىق ئەمەس. ئومۇمەن جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيادىن كەلگەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلنماقتا. ھۇنلار ئىچىدىكى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئامىللىرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانشۇناسلىق تىپىغا ۋەكىللىك قىلسا كېرەك. بۇ تىپىنى ئۇسۇن دەۋرىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ساكلار دەۋرىگىچە سۈرۈش مۇمكىن.
تۆتىنچى، مەيلى تىيانشان ھۇنلىرى بولسۇن، ياكى تالاس ۋادىسىدىكى ھۇنلار بولسۇن، ھەممىسىدە باش شەكلىنى ئۆزگەرتىش (كونۇس شەكلىگە ياكى دوقىسىنى غەلىتە شەكلىگە) ئادىتى بولغان. بۇ بايقال ھۇنلىرىنىڭ باش سۆڭىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى.
5. تۈركلەرگە دائىر سۆڭەك دورفولوگىيسى ئۈستىدىكى تەتقىقات
تۆۋەندە تىلغا ئېلىندىغان ئورۇن ئاسىيا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلار (قازاقىستان ۋە جەنۇبىي سىبىرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىمال بولغان باش سۆڭەك ماتېرىياللىرى بىر قەدەر كەڭ جۇغراپىيلىك دائىرىنى يەنى تاشقى بايقال كۆلىدىن جەنۇبىي سىبىرىيە، ئالتاي، تىيانشان، شەرقىي قازاقىستان، دون دەرياسىنىڭ بويى ۋە ئوكرائىناغىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گىنزبۇرگنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ رايونلاردىن يىغىلغان ماتېرىياللار سان جەھەتتە تولۇق بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ رايونلارنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى يەنى تاشقى بايقال كۆلى رايونىدىكى كۆچمەن چارۋىچى تۈركىي مىللەتلەردە ئېنىق موڭغۇل ئىرقىي تىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئالتاي تاغلىرى (جەنۇبىي ئالتاي)دىكى تۈركلەر بولسا، شالغۇت سىبىرىيە (تۇران) تىپىغا كىرىدۇ. ئالتاينىڭ ئالدى ئېتىكى، شەرقىي قازاقىستان، تىيانشان ۋە جەنۇبىي روسىيە يايلىقىدىكى تۈركلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە موڭغۇل ئىرقى ۋە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارىلاشمىسى بار. بۇ ماتېرىياللار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمىز:
(1) تاشقى بايقال، سېلىنگاۋادىسىدىكى كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەرگە دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى
بۇ ماتېرىياللار گ.ب. سوسنوۋىسكى قېزىپ ئالغان يىگىرمىدەك سۆڭەكتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ يىل دەۋرى مىلادى VIII - V ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. دېبېتسىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ باش سۆڭەكلىرى قىلچە ياۋروپا ئىرقىنىڭ قېنى ئارىلاشمىغان موڭغۇل ئىرقى تىپىگە كىرىدىكەن. بەزىلىرىدىكى ئايرىم ئۆزگىرىشلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ باش سۆڭەكلىرى قۇرۇلما شەكلى جەھەتتە يايپاڭ يۈزلىك شەرقىي ئاسىيا موڭغۇل تىپى (بايقال كۆلى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا تىپى) بىلەن جەنۇبىي سىبىرىيە تىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى ھالەتكە توغرا كېلىدۇ.
(2) شەرقىي ياۋروپادىكى تۈركلەرگە دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى
ۋولگاگرادتىكى تاشقى ۋولگا دەرياسى، دون دەرياسىنىڭ ئايىغى، ئوكرائىنا قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان، يىل دەۋرى مىلادىنىڭ بىرىنچى مىڭ يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە ئىككىنچى مىڭ يىلىنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۈرك كۆچمەن چارۋىچىلىرىنىڭ باش سۆڭىكى تۈر جەھەتتە قازاقىستاندىكى تۈركلەرنىڭ باش سۆڭىكىگە يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ياۋروپا ئىرقىنىڭ قېنى كۆپرەك.
(3) جەنۇبىي سىبىرىيە تۈركلىرىنىڭ سۆڭەك ئالاھىدىلىكى
دېبېتس بىلەن ئالىكسېيېۋنىڭ ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، كراسنويارسكتىكى مىنوسون ئويمانلىقىدا ياشىغان تۈرك كۆچمەن چارۋىچىلىرىنىڭ سۆڭىكى تىپ جەھەتتە ئېنىق ئاندىرونوۋو تىپىغا مايىل قازاقىستاننىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىن تېپىلغان تۈركلەرگە دائىر ماتېرىياللارغا يېقىن.
(4) شەرقىي قازاقىستاندىكى تۈرك كۆچمەن چارۋىچىلىرىغا دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى
بۇ ماتېرىياللارنى س. س. چېرنىسكوۋ شەرقىي قازاقىستاندىن ئارخېئولوگىيلىك قېزىش داۋامىدا توپلىغان. گىنزبۇرگنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ئۇلاردا ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار، شۇنىڭدەك موڭغۇل ئىرقىنىڭ قېنىمۇ ئارىلاشقان.
ئىرتىش دەرياسىنىڭ بېشىدىن تېپىلغان تۈرك كۆچمەن چارۋىچىلىرى (NKaMuK) نىڭ باش سۆڭەكلىرىنى شىمالىي قازاقىستاندىن چىققان تۈركلەرگە دائىر ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شەرقىي قازاقىستان تۈركلىرىدە قۇستاناي تۈركلىرىگە قارىغاندا ياۋروپا ئىرقىنىڭ خاراكتېرى كۆپرەك.
1954- يىلى ك. ئا. ئاكشىۋا باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئەترىتى ئىلى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئوڭ قېتىدىن تاپقان ئەر جىنىسلىق تۈركنىڭ ئىككى دانە باش سۆڭىكى (تەخمىنەن مىلادى VI - VIII ئەسىرلەرگە تەۋە) دە ياۋروپا (ئاندىرونوۋ) تىپىمۇ، شالغۇتلاشقان تىپىمۇ بار.
(5) ئالتاي تۈركلىرىگە دائىر ماتېرىياللار
VII - V ئەسىرلەردە، ئالتاينىڭ جەنۇبىدىكى تاغ رايونى بىلەن شىمال تەرەپتىكى تاغ ئېتىكىدىكى ئاھالىلەر ئانچە ئوخشىمايتتى. يەنى بۇ مەزگىلىدە جەنۇبىي ئالتاي ئاھالىسىنىڭ باش سۆڭىكىدە جەنۇبىي سىبىرىيە تىپى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. شىمالىي ئالتايدىن چىققان باش سۆڭەكلىرىنىڭ تەركىبى تېخىمۇ ئارىلاش، ئۇلاردىن ياۋروپا ئىرقىنىڭ ۋە موڭغۇل ئىرقىنىڭ تۈرلۈك تەركىبلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
(6) شىمالىي قازاقىستان قۇستاناي رايونىدىكى تۈرك كۆچمەن چارۋىچىلىرىغا دائىر ماتېرىياللار
بۇ ماتېرىياللار ئون چوڭ كىشى (سەككىز ئەر، ئىككى ئايال)نىڭ باش سۆڭىكى بولۇپ، 1955- يىلى قۇستاناي رايونىدىن تېپىلغان، يىل دەۋرى مىلادى VII - V ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن بەزى باش سۆڭەكلىرىدە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئامىللىرىمۇ بار. ئۇلاردىكى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى شەرقىي قازاقىستان تۈركلىرىگە قارىغاندا ئاز.
(7) تىيانشان – ئالاي رايونىدىكى يۈرك كۆچمەن چارۋىچىلىرىغا دائىر ماتېرىياللار
بېرنشتېيىن VI - VIIIئەسىرگە مەنسۇپ دەپ بېكىتكەن ئالاي تاغلىرىدىكى كۇكيالتى قەبرىستانلىقىدىن چىققان سۆڭەكلەردىمۇ تۈرك ئىرقىنىڭ تەركىبى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تىپىك موڭغۇل ئىرقى تىپىمۇ، ياۋروپا ئىرقىغا ئۆتۈۋاتقان تىپىمۇبار. گىنزبۇرگ بىلەن مېكلاشىۋسكايانىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمەن ئېيتقاندا، تىيانشان رايونىدىكى تۈرك كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ باش سۆڭىكىدە ياۋروپا ئىرقىنىڭ تەركىبى كۆپ.
(8) ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىگە دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرىغا قىسقىچە باھا
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى تۈرك كۆچمەن چارۋىچىلىرىغا دائىر ئىنسانشۇناسلىق ماتېرىياللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىن مەلۇمكى، ئەڭ شەرق تەرەپتىكى تاشقى بايقال رايونىدىكى دەسلەپكى تۈركلەردە ناھايىتى ساپ موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار. غەرب تەرەپتىكى شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تۈركلەردە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارىلاشقانلىق
收藏到:Del.icio.us