پرېستان: مۇۋەپپەقىيەت:ئۇزلۇكسسىز تىرىشقانلارغا ....مەغلۇبىيەت يەنىلا شۇ ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى..

  • 2009-02-24

    ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى - [تارىخ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35635747.html

    تۈركلەرنىڭ ئەجدادى جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشايدىغان (كۆك) تۈركلەر ئىدى. ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، دائىم تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرىسىغا بېسىپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك سالاتتى. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن غەربكە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەلجۇق تۈركلىرى11 - ئەسىردە روناق تېپىپ، ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى باغدادنى ئىشغال قىلدى، ئارقىدىنلا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، سەلجۇق تۈركلىرى دۆلىتىنى قۇردى. ئۇلار ئەرەبلەر ئىجاد قىلغان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلىپە دېگەن نامنى قوبۇل قىلماي، ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبىرىنى «سۇلتان» دەپ ئاتىدى. سەلجۇق تۈركلىرى خانلىقى ئابباسىيلار خانلىقىنىڭ خەلىپىسىنى بىكار قىلمىدى، بىراق ئۇنىڭغا پەقەت دىنىي رەھبەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى. ئوسمان تۈركلىرىمۇ سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە سەلجۇق تۈركلىرى قۇرغان دۆلەتكە بېقىناتتى.14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ بۇ تارمىقى سەردار ئوسماننىڭ رەھبەرلىكىدە بارا - بارا كۈچىيىشكە باشلىدى. مىلادىيە1326 - يىلى ئۇلار ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ برۇسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، برۇسانى پايتەخت قىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇردى. بۇ دۆلەت تارىختىن بۇيان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتىلىپ كەلدى. ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان قوشنىسى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتتى.1354 - يىلى ئوسمان تۈركلىرى داردانىل بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ھەرقايسى دۆلەت تەشكىللىگەن بىرلەشمە قوشۇننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى.1396 - يىلى رىم پاپاسىنىڭ قوللىشىدا، ۋېنگرىيە پادىشاھى ۋېنگرىيە، پولشا، چېخوسلوۋاكىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە ئىتالىيىنىڭ گېنويە ۋە ۋېنېتسىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى رىتسارلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قوشۇننى باشلاپ، دوناي دەرياسى بويىدىكى نىكوپول قورغىنىدا تۈرك قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى، نەتىجىدە ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنى ئېغىر مەغلۇپ بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن بالقان يېرىم ئارىلى ئاساسىي جەھەتتىن تۈركلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پەقەت كونستانتىنوپول ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلىرىلا قېلىپ، ئالدى - كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراشتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.1453 - يىلى ئوسمان تۈركلىرى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىپ (مەنىسى ئىسلام دىنىنىڭ شەھىرى)، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلدى. ئوسمان تۈركلىرى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلدى.16 - ئەسىردە ئوسمان تۈركلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىرانغا بېسىپ كىردى، مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. ئوسمان تۈركلىرى غەربتە ياۋروپانىڭ مەركىزىگە تاجاۋۇز قىلىپ، شۇ چاغدا ۋېنگرىيىگە تەۋە بولغان بېلگراد ۋە بۇداپېشتنى ئىشغال قىلدى. قوشۇنلىرى ۋيېناغىچە يېتىپ بېرىپ، زېمىنى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە تۇتاشقان يەنە بىر چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلاندى. مىلادىيە17 - ئەسىردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جاھانگىرلار ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ئۈزلۈكسىز بۆلۈشۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسى1922 - يىلى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. -------------------------------------------------------------------------------- ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى(1922-1282) ئوسمان تۈركلىرى ئەسلىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوراسان ئەتراپىدا ياشايدىغان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كېيىن غەربكە كۆچۈپ ، كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان. ئۇلارنىڭ ئاتامانى ئەر توغرول رۇم سۇلتانلىقى بەرگەن ئانچە چوڭ بولمىغان ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى زېمىنى بىلەن چېگىرلىنىدىغان بىر پارچە سۇيۇرغال يەرگە ئىگە بولغان . ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىل(تەخمىنەن 1282‏-‏-‏- 1326 يىللىرى)دە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، زېمىننى كېڭەيتىپ 1326- يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىنىڭ بۇرسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، پايتەخىت قىلغان . ئوسمان تۈركلىرى تېز قۇدىرەت تاپقان . 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئوسمان تۈركلىرى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ ، 1362- يىلى ئادرىئانوپۇل(تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە دەپ ئاتىغان)نى ئىگىلەپ ، پايتەخىتنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرگەن . ئارقىدىن فراكىينىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان. 1389- يىلى كوسوۋودا بالقاندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېربىينى بويسۇندۇرغان. تۆت يىلدىن كېيىن بولغارىينى بويسۇندۇرغان. 1396-يىلى نىكوپولدا ياۋرۇپا بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بالقاندىكى كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگىلىگەن . 15- ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوسمان تۈرۈك ئارمىيسى شەرقىي رىم ئىمپىرىيسىگە ھۇجۇم قىلغان ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەخىتى كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قوزغىغان . ئۈچ ئەتراپنى دېڭىز ئوراپ تۇردىغان كونستانتىنوپولنىڭ قاتنىشى قولايلىق ، يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ، 4- ئەسردىن5- ئەسرىگىچە رىم ئىمپېراتورلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سېپىل سوقتۇرغانىدى. غەرپ تەرەپتىكى سېپىل قوش سېپىل بولۇپ ، ھازىر ئىستانبولدا يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ سىرتىنى خەندەك ئوراپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردە بىر مۇنچە ئىستھكام بولغاچقا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم ئىدى. دېڭىزدىن كېلىدىغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى خالىچ قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەنجىر ئورنىتلغانىدى. خالىچ قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى كالاتىيە رايونى كونستانتىنوپولنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى ئىدى . گېنۇيالىقلار ئۇ يەردە تايانچ پونكىت قۇرۇپ ، سېپىل سوقتۇرغانىدى . ئوسمان تۈركلىرىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەت(1481---1451يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان )قورغانغا ھۇجۇم قىلىشنى خېلى ئۇزاققىچە توختاتمىغان ،1453-يىلى ، ئوسمان تۈركلىرى كالاتىيە رايونىدىكى گېنۇيالىق سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىپ، گېنۇيالىقلارنىڭ مەزكۇر رايوندا سودا قىلىش ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن بۇ يەردىن يول ئېچىپ ، ئاخىرى زەنجىرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان . شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى يوقىتىلغان . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئوسمان تۈركلىرى پايتەختنى كونستانتىنوپولغا كۆچۈرگەن . 15- ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تۈركىيە پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىشغال قىلغان . يەنە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى قىرىم خانلىقىنى ئىشغال قىلغان( - 1457يىلى)16-ئەسرنىڭ50-يىللىرىغىچە ، تۈركىيە ئارمىيسى ئاسىيادا تاشقى كاۋكاز ، ئىككى دەريا ۋادىسى ، سۈرىيە ، پەلەستىن ، مەككە، مەدىنەۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى، ئافىرىقىدا مىسردىن ئالجىرىيگىچە بولغان كۆپ قىسىم رايونلارنى، ياۋروپادا بېلگىرادنى ئىشغال قىلغان ، يەنە ۋېنگىرىيەگە نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلغان ، 1459-يىلى ۋېنگىرىيە يىللىق ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان . ئىمپىراتور سۇلايمانI نىڭ زامانىغا كەلگەندە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى شەرقتە پارىس قولتۇغى، شىمالدا دون دەريا ۋادىسى، غەرپتە ۋېنا ۋە ماراكەش، جەنۇپتا سۇدان ۋە يەمەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقنى ئىشغال قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى . 1683-يىلى ئسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋىناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولدى، ئاۋستىرىيە، پولشا، ۋە ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنلىرى غەربى سەپتىن روسىيە شەرق ۋە شىمالدىن، ئىران شەرقى سەپتىن بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلدىن كۆكپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋېنگىرىيىنى ئاۋستىرىيىگە، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى يەرلەرنى روسىيىگە، ئازەربەيجاننى ئىرانغا تارتقۇزۇپ قويدى. فرانسىيە-ئەنگىلىيەلەرنىڭ باش ككتۈرۈشى ۋە ئەرەپ قەبىلىلىرىنى كۈشكۈرتۈپ تۈركلەرگە قارشى قويۇشى بىلەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىدىكى ئىككى چوڭ مىللەت ئەرەپلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئۇرۇشى مىسىر-تۈركىيە ئۇرۇشى يۈز بەردى. روسىيەنىڭ زور ياردىمى ئارقىسىدا مۇستەقىللىقنى ئالغان سېربىيە، بۇلغارىيە، رومانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەن سۈپىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشى، ئەرەپلەرنىڭ ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا توپىلاڭ قىلىش نەتىجىسىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ئۈزۈل-كېسىل ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالدى. ! 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈرك ئىمپىرىيىسى ئاۋستىرىيە، گېرمانيەلەر بىلەن بىللە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ قولدىن كەتكەن شان-شۆھرىتىنى قايتۇرىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ زىمىنىدىن مەھرۇم قىلدى. كۈنسېرى كىچىكلەۋاتقان دۆلەت زىمىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدە تۈرك مىللەتچىلىك ھەركىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. تۈركىيە مىللى قەھرىمانى مۇستاپا كامال گۈللىنىش ھەركىتى قوزغاپ مىللى پارلامېنت ھۆكۈمىتى قۇردى، 1922-يىلى 11ئايدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇھەممەدVI نىڭ تۈركىيەدىن كېتىشى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە خاتىما بېرىلدى. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى رەسمى قۇرۇلدى. -------------------------------------------------------------------------------- ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غەلبىلىرى تۈركىينىڭ 200يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىستىلاسىنى 3 باسقۇچقا بۆلۈشكە بۇلىدۇ . 1-باسقۇچ : 1360-1402يىلىغىچە بۇلۇپ ، ئىككى پادىشاھ ئىمپىرىيە زىمىنىنى نەچچە ھەسسە كېڭەيتتى ، 2-باسقۇچ : -1451 -يىلدىن 1512-يىلىغىچە بۇلۇپ ئوسمان تۈرۈكلىرى تۈمۈرىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەندى كىيىن ئىچكى ئۇتۇش ۋە غەرىپ خىرىستىيانلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشدا كۈچۈيۈپ ۋىزانتىيىنى ئىشخال قىلدى ھەمدە بالقان يەرىم ئارالىنى ئىشخال قىلىپ ئانادۇلۇنى بىرلىككە كەلتۈردى . 3-باسقۇچ 1512-يىلىدىن 1571-يىلىغىچە بۇلۇپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى تازا گۈللەنگەن دەۋرىگە كىردى ھەمدە ئاسىيا ياۋرۇپا ئاپرىقىغا كەڭەيگەن چوڭ ئىمپىرىيەگە ئايلاندى 1306-يىلى سۇلتان مۇرات تەخىتكە چىققاندىن كىيىن بالقانغا ئۇرۇش قوزغىدى چۈنكى بۇدەۋرىدە بالقاننىڭ ۋەزىيىتى تىنىچ ئىدى بۇچاغدا ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بۇلۇپ باشقۇرۇش دائىرىسى كۇنىستانتىننۇپۇل ئەتراپىدىكى زىمىنلاربىلەن چەكلەندى بالقاندىكى ئاساسلىق دۆلەت سىربىيە پارچىلىنىشقا يۈزلەندى بۇلغارىيە يەڭى باشتىن باشكۆتۈردى ئوتتۇرا دەڭىز ۋە دەڭىش بۇغەزى رايۇنىدا غايەتزور ئىختىسادى مەنپەئەتكە ئىگە تۇنىس بىلەن گىنۇيا ئۆزئارا زىمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلدى 1363-يىلى سۇلتان مۇرات ئىدىلنى ئىشخال قىلدى ئارقىدىنلا بۇلغارىيىنى ئىشغالقىلدى بۇنۇڭدىن ساراسىمىگە چۈشكەن ۋىڭگىرىيە سىربىيە بۇلغارىيە ۋالاكىيە بىرلەشمە ئارمىيە تەشكىل قىلىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن بولسىمۇ 1364-يىلىدىكى ئۇرۇشدا ئەسكىرى ئۈستۈن ئوسمان قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن يىمىرىلدى شۇنۇڭدىن كىيىن شەرقى جەنۇبى ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەر تۈرۈكلەرگە قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى 1389-يىلى ئىيۇندا 600مىڭ كىشىلىك ئوسمان ئارمىيىسىى سىربىيە بوسىنيە ۋېڭگىريە ۋالاكىيە ئلبانىيە پولشا چىخ تەشكىللىگەن يۈزمىڭ كىشىلىك بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن كۇسۇۋۇدا ھەلقىلغۇچ ئۇرۇش قىلدى ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا سىربىيە كىنەزى ھاياتىدىن ئايرىلدى ئۇنۇڭ ئوغلى ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلدە ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بولدى نەتىجدە بىرلەشمە ئارمىيە مەغلۇپ بولدى كۇسۇۋۇ ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبى راتۇنلىرىدا تۈركىيىگە قارشى ھەركەتلەر تۈگۈدى سىربىيىمۇ ئوسمانىلارنىڭ بىرقىسمىغا ئايلاندى سۇلتان مۇرات تەخىتتە 30يىلدىن ئارتۇق ئولتۇردى . زىمىنى بەش ھەسسە كېڭەيدى .ئۇنىڭ ئوغلى بايازىد تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن چىڭەيمىچىلىك نىشانىنى شەرىققە بۇرىدى . نەچچە ئون يىل ئۇرۇش قىلىپ تەسىر دائىرىسىنى ئىپراد دەرياسىغىچىلىك كېڭەيىتتى . بۇدەۋىردە غەرىپتىكى پى.ئودال دۆلەتلەر بىلەن دىنى جەمىيەتلەر شەرىققە تەھدىد سېلىشقا باشلىدى . 1936ۋە 1396-يىلى زور قۇشۇن تەشكىللىدى ۋىنگىرىيە پادىشاھى ئارمىيگە قوماندانلىق قىلدى ۋالاكىيە بوسىنىيە ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ،ئىتاليە .گىرمانىيە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 100ئاتلىق ئەسكىرى ئەھلى سەلىپ قوشۇنى بولۇپ تەشكىللەندى بۇ قوشۇن ئىككى يولغا بۈلۈنۈپ ئوسمان ئېمپىرىيىسىگە يۈرۈش قىلدى .فىرانسىيە ئارمىيىسى تاقەت قىلىپ تۇرالماي ، تۈركىيە قۇشۇنلىرىغا تۇنجى بۇلۇپ ئۇرۇش قوزغىدى . تۇركىيە قوشۇنى فىرانسىيە ئرمىيىسىنى ئىككى تەرەپتىن قىسماققا ئېلىپ تارمار قىلدى . نەتىجىدە ئەھلى سەلىپ تۇركىيە قوشۇنى تەرەپتىن مەغلۇپ بولدى .1451-يىلى مۇراد تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ، ئوسمان تۈرۈكلىرى تازا گۈللەندى .ئۇلار 2 يىل تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن ،1453-يىلى كونىستانتىننۇپۇلغا ھۇجۇم قلدى . 54كۈنلۇك قۇرشاپ ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە ئۇ يەرنى ئىشخال قىلدى . ھېساپسىز مال-مۇلۇككە ئېرىشتى . 60مىڭ پۇخرانى قۇل قىلدى . ئاياسۇفىيە چېركاۋىنى مەسجىدكە ئۆزگەرىتتى . كونىستانتىنپولنى ئىستانبولغا ئۆزگەرىتتى . كونىستاتىنپولنىڭ ئىشخال قىلىنىشى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۇنرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى .بۇنىڭ بىلەن ئوسمان تۇرۇكلىرى 200-30يىل ئىچىدە سىربىيە مۇلداۋىيا ،ۋالاكىيە ، بوسنىيە ، ئالبانىنەنى ئىمپىرىيىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى . ئاسىيادا سۇداننى ئىشخال قىلدى . قىرىم خانلىقىنى بوي سۇندۇردى . 1512-يىلى سەلىم تەخىتكە چىقتى .ئۇ يەنە بىر قېتىم كېڭەيمىچىلىك قىلدى . ئۇنىڭ رەقىبى ئىران بىلەن مىسىر ئىدى . ئوسمانتۇرۇكلىرى قۇشۇنلىرى 80مىڭ ئاتلىق قىسىمنى مەغلۇپ قىلدى 2-يىلى كۇربىستاننى ئىشخال قىلدى ،1516-يىلى سەلىم سۇرىيىگە ھۇجۇم قىلدى . 1517-يىلى قاھىرەگە ھۇجۇم قىلدى . بۇنىڭ بىلەن سۇرىيە ، پەلەستىن ، مىسىر ، جەنۇبىدىكى نۇبىيە رايۇنلىرى ئوسمان تۇرۇكلىرىنىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسنىغا ئايلاندى . سۇلايمان دەۋرىگە كەلگەندە ئوسمان ئىمىرىيىسى يەنە سىرىتقا كېڭەيمىچىلىك قىلدى . 13قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئاۋىستىرالىيىنى بوي سۇندۇردى . 1521-يىلى ۋىنگىرىيە ئىشخالىيىتىدىكى بىلگىراتنى تارتىۋالدى .1526-يىلى ۋىنىرىيە ئارمىيىسى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى . سۇلايمان ھۆكۇمرانلىق قىلغان دەۋىردە ، كاۋكاز بىلەن ئىراننى بوي سۇندۇردى . گىروزىيە ئەرمىنىيىنىڭ جەنۇبى رايۇنلىرى تۇركىيىگە قارام بۇلدى .1578-يىلى ھىندىتانغا يۇرۇش قىلدى . ئوسما ئىمپىرىيىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىكە نۇرغۇن رايۇنلارنىڭ ئىسلاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى .شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيا ۋەزەيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى . -------------------------------------------------------------------------------- ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاكىتى ! 1914-يىلى7-ئاينىڭ 28-كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى.گېرمانىيە ،ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلەشتى ۋە ئىتىىپاقداش دۆلەتلەر بۇلۇپ ئۇيۇشتى.ئەنگىلىيە،فرانسىيە،ۋە روسىيە ئانتانتا دۆلەتلەر گورۇھىنى شەكىللەندۇردى.ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تېزدىن كېڭىيىۋاتقان روسىيىنى چەكلەشنى ئارزۇ قىلاتتى .ئانتانتا دۆلەتنىڭ مەقسىتى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى يەر شارىدىن يۇقۇتۇش ئىدى. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ شاھزادە نىكولاي باشچىلىقىدىكى 200مىڭ كىشىلىك قۇشۇنى 1914-يىلى قىشتا ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدىكى 100مىڭ كىشىلىك تۈرك قۇشۇنىنى يوقاتتى.ئارقىدىنلا غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ ترابزون.ئەرزىنجان،مۇش ۋە تىبلىسنى ئىگەللەپ بۇ جايدىكى تۈرك ئاھالىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ،كاپكازدىن ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇرۇنلاشتۇردى.سۈۋەيش قانىلى بويىدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسى جامال پاشا قوماندانلىقىدىكى قۇشۇننى مەغلۇپ قىلدى.1915-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيسى پايتەخت ئستامبۇلنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ كەلدى. ئوسمان ئېمپېرىيىسىنىڭ سولتانى ،دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھەتتا ئىستانبولنى تاشلاپ كۇنياغا كەتمەكچى بولدى.1915-يىلدىن 1917-يىلغىچە ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بەسرە،باغدات،فرات دەريا ۋادىسى قاتارلىق ئوسمان ئېمپېرىيىسىنىڭ زىمىنلىرىنى ئشغال قىلدى.ئوسمان ئېمپېرىيىسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى. ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەپلەر مۇپتى ھۈسەيىننىڭ رەھبەرلىگىدە تۈرك ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى سەپ تۈزدى.ئۇ 1914-يىلى ئەنگىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى.كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئەرەپلەر ۋە ئەنگىلىيە بىرلىشىپ ئوسمان ئېمپىرىسىنى يۇقۇتۇش.ئەنگىلىيە ئەرەپلەرگە سۇرىيە ،ئىراق ۋە ئىئوردان دەريا سى ۋادىسىغا سۇزۇلغان ئەرەپ دۆلىتى قۇرۇپ بېرىش ئىدى.ئەرەپلەرنىڭ قوزغىلىڭى باشلىنىپ ،تۈرك ئاھالىلىرى ئۆلتۈرىلدى،تۈرك ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىش باشلاندى.1917-يىلى ئەرەپ-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئېرۇسالىمدىكى تۈرك ئارمىيىسىنى يۇقۇتۇپ ئېرۇسالىمنى تارتىۋالدى.1918-يىلى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئەرەپ-ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تۈرك ئارمىيىسىنىڭ 80مىڭ كىشىلىك قۇشۇنىنى ھەلەپتە قورشىۋالدى.ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ يېڭىدىن سەپلەنگەن ئوت كۈچى زور زەمبىرەكلىرى تۈرك ئارمىيسىنى تېرە-پېرەن قىلىۋەتتى،ئارقىدىنلا قىلىچ ۋە ئەنگىلىيە مىلتىقلىرى بىلەن قوراللانغان ئەرەپ جەڭچىلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى .80مىڭ كىشىلىك تۈرك قۇشۇنى ھەلەپتە يۇقۇتۇلدى.بۇنىڭ بىلەن تۈرك قۇشۇنىنىڭ ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلغۇدەك كۈچى قالمىدى. (بۇ ۋەقە گەرچە ئەرەپلەر ئۈچۈن ئازادلىق بەلگىسى بولسىمۇ ،ئەمىللىيەتتە ئەنگىلىيىنىڭ ئېروسالىمنى ئشغال قىلىشىغا ياردەملىشىشى دەل ئەرەپلەرنىڭ ئسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇشقا قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ قالدى) دەل شۇ پەيتتە مۇستاپا كامال مەغلۇپ بولغان تۈرك قۇشۇنىنى قۇشۇنىنى تەرتىپكە سېلىپ ،بىر-نەچچە كۈن ئچىدە قايتا ھۇجۇم تەشكىللەپ ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تارتىۋالغان دەمەشىق ،ھەلەپ ۋە ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋېلىشنى ،جەڭگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.بۇ تەلەپ سۇلتان تەرىپىدىن رەت قىلىندى. 1918-يىلى سۇلتان ۋاھىددىن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە تەسلىم بولدى.ئەنگىلىيە-فرانسىيە ئارمىيىسى ئستانبولغا كىردى.سولتان ۋاھىددىن نامدىكى سۇلتانلىقنى ۋە ئوردا -ساراي، كېنىزەكلىرىنى ساقلاپ قالدى . تۈرك ئارمىيسىگە قۇرالنى ئەنگلىيە-فرانسىيە ئارمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش،ئۆزلىرى ئۆيىگە قايتىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى .گەرچە مۇستاپا كامال چېچىلىپ كەتكەن تۈرك ئارمىيىسىنى قايتا تەشكىللەپ ،تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ تۈركىيىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ،ئوسمان ئېمپېرىيىسىنى قايتا قۇرالمايتتى،ئەلبەتتە. ئەنگىلىيە بولسا ئەرەپلەرنى تۈركلەردىن ئازاد قىلغان دوست سۈپىتىدە ئېرۇسالىمدا قۇشۇن تۇرغۇزدى.ئەنگىلىيىلىك دوستلار ۋە ئۇلارغا ئەگشىپلا يېتىپ كەلگەن يەھۇدى دوستلار ئېرۇسالىمغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى.ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىلارنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى.ئەرەپلەر يەرلىرىنى ،چۆللۈكلىرىنى ،قاقاس تاغلىرىنى سېتىپ بەردى.پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغان يەھۇدىلار ئنتايىن ياخشى تەسىرات قالدۇردى.ئەرەپلەر يەھۇدىلار پارچە-پۇرات يەرلەرنى ئۇلاپ < <ئسرائىلىيە>> دۆلىتى قۇرغانلىقىنى جاكالىغاندا ئشنىڭ ماھىيىتىنى ئاڭقىرالىغان بۇلۇشى مۈمكىن.بىراق بۇ چاغدا ھەممە ئىش ئۆتكەن ئىدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق