خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەسقەر قاۋۇل كەنت كۇتۇپخانىسىدا ياشلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگەتمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى, فوتوسى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن « ئەل رايىنى بىلىش, ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش, ئەلنى مايىل قىلىش»پائالىيىتى بويىچە يوپۇغا ناھىيە ئاچچىق يېزا يار بويى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەنت ياشلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قىزىقتۇرۇش بىلەن بىرگە, ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ خەنزۇ تىلى, مۇزىكا چېلىش, ئۇسسۇل, رەسساملىق كەسىپلىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ, ياشلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتتى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-10/12/content_459921.htm