دېلمۇتىرەك كەنتىدە دېھقانلار باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى بۇيىچە تەربىيەلەندى
ئۇزار تورىنىڭ تەكلىپلىك ئىختيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، خەۋىرى، فوتوسى: چىرا ناھىيە گۇلاخما بازارلىق ھۆكۈمەتتىن 3-تۈركۈمدە « 3 ئەل » خىزمىتى بىلەن گۇلاخما بازىرىنىڭ دېلمۇتىرەك كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئەل ئارىسىدىكى تەجىربىلىك، پىشقەدەم تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، كىسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى بۇيىچە تەربىيەلىدى.
سۈرەتتە: تېخنىك خادىملار دېھقانلارغا ياڭاق ئۇلاش تېخنىكىسىنى كۆرسەتمەكتە