سۈرەتتە ناھىيەلىك رەسساملار جەمئىيىتىدىكى رەسساملار تەشۋىقات تام رەسىمى سىزماقتا
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن لوپ بازىرى قىقاش كەنتگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدىكى خادىملار يېقىندا ناھىيەلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ تاللانغان گۈزەل سەنئەت خادىمىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاساسلىق يول لىنىيەسى، كەنت تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى 500 كىۋادرات مېتىر دائىرىدىكى تاملارغا دېھقانلار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش»، « قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى»، شۇنداقلا «ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش» ئاساسىي مەزمۇنىدىكى تەشۋىقات تام رەسىمى سىزىپ، ئۆزگىچە كەنت مەدەنىيەت ھويلىسى بەرپا قىلدى.