ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرگۇل ھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قاغىلىق ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غوجىئېرىق يېزىسىنىڭ باشئاۋات 7-كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ياشلار، ئاياللار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 50 كە يېقىن كىشىنى تەشكىللەپ، قاغىلىق ناھىيەلىك مۇزېي، كۆرگەزمەخانا، شەھەر پىلانلاش سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار سارىيى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئېكولوگىيەلىك باغچىسى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ناھىيەنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى، ئۆتمۈش بىلەن ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات پىلان تەسەۋۋۇرلىرى سېلىشتۇرۇلغان سۈرەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە كوللېكتىۋىزملىق تەربىيەسىگە ئىگە قىلدى.