: ئىسپانىيە «ھەۋەس» ئايلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قەيەردە سەن خەزىنەم» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مىسىرنىڭ ئالتۇن تاۋۇتلىرىدىن دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن قەدىمىي سودا كېمىلىرى، خام جەمەتىنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىغىچە، جاھاندىكى يۇشۇرۇن قويۇلغان ۋە يۈتۈپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان خەزىنىلەر ھازىرغىچە بايقالمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن بايلىقلارلا يەر شارىدا قېزىپ چىقىلغان ئالتۇن- كۈمۈشنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا تەڭ كېلىشى، ئومۇمىي قىممىتى 160 مىليارد ياۋروغا يېتىشى مۇمكىن.
سان-ساناقسىز بايلىقلار بېسىلىپ دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتلار بايلىق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ ياخشى باھانە بولالايدۇ، بولۇپمۇ ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتلار. 1530-يىلىدىن 1560-يىلىغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدىلا، دېڭىزدىن سېۋىللا پورتىغا 101 توننا ئالتۇن ۋە نۇرغۇنلىغان كۈمۈش توشۇپ كېلىنگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيەنىڭ «مۇقەددەس ئانا ئاتوچا» ناملىق چوڭ يەلكەنلىك كېمىسىمۇ بار. 1622-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىسپانىيەنىڭ ھەددى- ھېسابسىز ئالتۇن، كۈمۈش، يېشىل ياقۇت ۋە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بېسىلغان «مۇقەددەس ئانا ئاتوچا» ناملىق سودا كېمىسى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىنىڭ كېي ۋېست دېگەن يېرىگە تەخىمنەن 56 كىلومېتىر كېلىدىغان ماركۇساس ناملىق ھالقىسىمان مارجان تاش ئەتراپىدا دەھشەتلىك بورانغان ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن. كېمىدىكى 260 نەپەر يولۇچى قازا قىلغان، پەقەت بەش ئادەملا ئامان قالغان.
1969-يىلى، ئامېرىكىلىق مېل فىسچېر ئائىلىسىدىكلەر ئويلىمىغان يەردىن «مۇقەددەس ئانا ئاتوچا» ناملىق كېمىنىڭ سىرىنى بايقاپ قېلىپ، ئۇنى سۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ سۈزۈش قورالى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرزگە بۇغۇلۇپ كەتكەن، ھەتتا جان سېلىپ بەرگەن. 1975-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇنىڭ ئايالى ۋە چوڭ ئوغلى كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قازا قىلغان. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېل فىسچېرنىڭ بايلىق ئىزدەش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىگەن.
1985-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنى مېل فىسچېرنىڭ خوتۇن-بالىلىرى قازا قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن، غايەت زور بايلىق ئاخىرى قايتا كۈن نۇرىنى كۆردى. بۇنىڭ ئىچىدە 1041 پارچە زىخچە كۈمۈش ۋە نەچچە يۈز ساندۇق تىللا بار، ھەر بىر ساندۇقتىكى تىللانىڭ سانى 1000 غا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 127 مىڭ دانە كۈمۈش تەڭگە، 700 پارچە زۇمرەت تاش، 2500 پارچە ياقۇت، ئالتۇن زەنجىر، جاۋاھىرات ھەمدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مىس بۇيۇملار ۋە كرىست بۇيۇملار بار. ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ بايلىققا كۆز قىزارتىپ باققان. ئۇلار ھۆكۈمەت چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىكى بارلىق بايلىقنىڭ ئىگىسى دېگەن. ئەمما 1982-يىلى، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى تۆتكە قارشى بەش ئاۋاز بىلەن مېل فىسچېرنىڭ چۆكۈپ كەتكەن كېمىدە بايقىغان ھەر قانداق بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان.
گەرچە مېل فىسچېر 1988-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نامى ئاستىدىكى شىركەت ھېلىھەم «مۇقەددەس ئانا ئاتوچا» ناملىق كېمىدىن بايلىق ئىزدىمەكتە. ھازىرغا قەدەر، مېل فىسچېرنىڭ شىركىتى چۆكۈپ كەتكەن بۇ كېمىدىن بايقىغان بايلىقنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.
2011- يىلى، مېل فىسچېر شىركىتىنىڭ سۈزۈش كېمىسى فلورىدا شىتاتىنىڭ كېي ۋېست ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن بىر دانە ئالتۇن زەنجىر سۈزۈپ چىقتى. 17-ئەسىرگە تەۋە بۇ زىننەت بۇيۇمىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىركەت بۇ ئالتۇن زەنجىرنىڭ ئەتراپىدا تېخىمۇ كۆپ بايلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىغا ئىشەندى. ئۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ بايلىقلارنىڭ قىممىتى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.
«مۇقەددەس ئانا ئاتوچا» ناملىق كېمىگە بېسىلغان بايلىقلارنىڭ سانى 1708-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتى كارتاگېنا ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكتۈرۈۋەتكەن «سان جوسې» ناملىق كېمىدىن ئەنچە پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما «سان جوسې» ناملىق كېمىدىكى بايلىقلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار يەنە بار، مەسىلەن 1601-يىلى ۋېراكرۇز ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە غايەت زور بورانغا ئۇچراپ بىتچىت بولغان 14 چوڭ يەلكەنلىك كېمە، 1631-يىلى يۇكاتان يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن «مۇقەددەس ئانا جونكال» ناملىق چوڭ يەلكەنلىك كېمە ھەمدە 1711-يىلى ھاۋانا ئەتراپىدا چۆكۈپ كەتكەن «ئۈچ بىر گەۋدە» ناملىق چوڭ يەلكەنلىك كېمە قاتارلىقلار بار. ئىسپانىيەنىڭ بۇ كېمىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىسىدىن شىلىۋېلىنغان تۈرلۈك جاۋاھىراتلار بېسىلغان.
تارىخ ئۆگەنگەنلەرگە ئايانكى، پەقەت ئىسپانىيەنىڭ پاراخوتلىرىلا دېڭىزنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئەمەس. 16-ئەسىردە پورتوگالىيەنىڭ «فلورىنسىيە» ناملىق چوڭ يەلكەنلىك كېمىسى شوتلاندىيەنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن. گەرچە بۇ پاراخوتتىكى بايلىقلارنى ئىزدەش تىرىشچانلىقى كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىنى رازى قىلغۇدەك نەتىجە كۆرۈلمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەنىڭ 1783-يىلى ئۈمىد تۇمشۇقى ئەتراپىدا مارجان خادا تاشقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتكەن «گروسۋېنور» ناملىق كېمىسىنى ئىزدەش خىزمىتىمۇ داۋاملاشماقتا، ئېيتىلىشچە بۇ پاراخوتقا قىممىتى ئۈچ مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدىغان تۈرلۈك بايلىق قاچىلانغانىكەن، شۇنىسى ئەپسۇس بۇ بايلىقلار ھازىرغا قەدەر قارىسىنى كۆرسەتمىدى. ئەگەر بۆيۈك دېڭىز سەپىرى دەۋرى ۋە مۇستەملىكە مەزگىلىدىكى بايلىقلارنىڭ دەۋرى بىزدىن تولىمۇ يىراق دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قېلىپ قالغان بايلىقلارمۇ خېلى كۆپ، ھەتتا بەزىلىرى ئىشىك ئالدىمىزدىلا.
ئەنگلىيەنىڭ «لاۋرىندىك» ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتىغا 40 توننا ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىلانغان بولۇپ، 1917- يىلى گېرمانىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئېرلاندىيەنىڭ شىمالىي دېڭىز تەۋەلىكىدە بۇ پاراخوتنى ئېتىپ چۆكتۈرۈۋەتكەن. بۇ ئالتۇن- كۈمۈشلەرنىڭ ھازىرغىچە دېرىكى بولمىدى.
10 مىڭ توننىلىق بۇ غايەت زور پاراخوت ھەربىي ئىشلار تەلىپى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھۇجۇم قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەنىدى. ياپونىيە- ئامېرىكا كېلىشىمىگە ئاساسەن، «ئابوۋان» ناملىق بۇ پاراخوت قۇتقۇزۇش لازىمەتلىكلىرى توشۇيدىغان قۇتقۇزۇش پاراخوتى بولۇپ، ئامېرىكا قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ئىدى. ياپونىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە، «ئابوۋان» ناملىق پاراخوت ئەڭ بىخەتەر پاراخوت بولۇپ قالغانىدى. بۇ پاراخوت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن قوزغىلىپ، ياپونىيەگە قايتماقچى بولغاندا، 236 ئادەم سىغىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بۇ پاراخوتقا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇنلىغان سىرلىق ماللارمۇ كېچىدە پاراخوتقا قاچىلاندى. ئېيتىلىشچە بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە مىڭ توننا قەلەي، ۋولفرام، كاۋچۇك قاتارلىق ھەربىي لازىمەتلىكلەر بار ئىكەن، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى 40 توننا سېرىق ئالتۇن، 12 توننا ئاق ئالتۇن، 40 ساندۇق ئەتراپىدا جاۋاھىرات ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىرلىق ساندۇققا رىۋايەتلەردىكى بېيجىڭ ئادىمىنىڭ باش سۆڭىكى قاچىلانغانىكەن.
1945- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، يەنى غەربلىكلەرنىڭ ئالداش بايرىمى كۈنى، تەقدىر «ئابوۋان» ناملىق پاراخوتقا بىر ئېچىنىشلىق چاقچاق قىلدى. شۇ كۈنى كېچىدە، «ئابوۋان» ناملىق پاراخوت تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشەن ئارىلى ئەتراپىغا بارغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى كېمىسى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، قىسقىغىنە نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا «ئابوۋان» ناملىق پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋەتتى. تۈرلۈك ئالامەتلەردىن بايقىلىشچە، بۇ بەلكىم ئامېرىكا ئارمىيەسى ئېيتقاندەك ئاتالمىش «خاتالىق» ئەمەس، بەلكى بىر قېتىملىق ئالدىن پىلانلانغان ھۇجۇم بولۇشى مۇمكىن. «ئابوۋان» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى بىلەن، بۇ ۋەقە 20- ئەسىردىكى بىر مەشھۇر ئېچىلمىغان سىر بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، پاراخوتتىكى 2000 دىن ئارتۇق ئادەم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىپ، ھەممىسى دېڭىزغا غەرق بولغان، پەقەت بىر ئادەملا ھايات قالغان، ئېيتىلىشچە ئۇ بۇ پاراخوتتىكى بىر ئاشپەز ئىكەن. ئۇ «ئابوۋان» ناملىق پاراخوت ۋەقەسى توغرىسىدا بىر ئۆمۈر ئېغىز ئاچماي كەلگەن.
1977- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ۋە قاتناش مىنىستىرلىقى تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىرى «ئابوۋان» ناملىق پاراخوتنىڭ بېشىنى سۈزۈپ چىقتى. ئەمما رىۋايەتلەردىكى بايلىق بايقالمىدى. غەۋۋاسنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، پاراخوتنىڭ ئىچىدە ئىنگلىزچە خەت يېزىلغان سۇغا شۇڭغۇش گاز باكى بايقالغان، ئەمما كاپىتان ئىشخانىسىنىڭ كەينىدىكى بىخەتەر ساندۇق كىسىپ ئېلىۋېلىنغان. ئەجىبا بىرەرسى «ئابوۋان» ناملىق پاراخوتتىكى بايلىقلارنى ئېلىۋالغانمىدۇ؟ ياكى بۇ بايلىقلار دېڭىزنىڭ ئاستىدىكى مەلۇم بىر جايغا جىمجىت ياتامدىغاندۇ؟ بۇلارنىڭ بايقىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.