تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېكخامنىڭ ئايالى ۋىكتورىيە بۇلتۇر بايراقدار دۇكان ئېچىش ئۈچۈن ئۈچ مىليون 800 مىڭ فونىستېرلىڭ (تەخمىنەن 35 مىليون يۈەن) زىيان تارتقان بولۇپ، بېكخام ئايالىغا بەش مىليون 200 مىڭ فونىستېرلىڭ (50 مىليون يۈەن ئەتراپىدا) نى ئايلاندۇرۇپ سودىسىنى يۈرۈشتۈرىۋېلىشكە بەرگەن.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېكخام ۋە ۋىكتورىيەنىڭ كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2-كەسىپتە قىلغان كىرىمى 1-كەسىپتىن قىلغان كىرىمىدىن خېلىلا كۆپ بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بېكخام ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بېكخام. ۋىكتورىيەنىڭ شىركىتى زىيان تارتىپ كەتتى، ھالبۇكى بېكخامنىڭ شىركىتى ئاساسىي جەھەتتىن مەبلەغسىز تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر پەقەت سۈرەت ھوقۇقىنى سېتىشتىن تاپقان ساپ پايدىسى 12 مىليون 700 مىڭ فونىستېرلىڭغا يەتكەن.
ئىگەللىنىشىچە، 2011-يىلى ۋىكتورىيە ئەنگىلىيە كىيىم-كېچەك ماركىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىكەن.