يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈكى B3 رەسمىي ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 يۈەندىن باشلىنىدۇ
  • ئالما سامسۇڭ بىلەن 2.6 مىليارد دوللارلىق OLED ئېكرانى كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • شىفىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالما يەنە بىر قېتىم FBI بىلەن تۇتىشىدىغان بولدى
  • ئالما IOS10 سىستېمىسىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى
  • گۇگۇل Live Case نۇسخىلىق يانفون قوغداش قېپىنى ئېلان قىلدى
  • مىكروسوفىت iOS نۇسخىسىدىكى ۋىنفون كۇنۇپكا تاختىسى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
  • LG gram 15 نۇسخىلىق تاختا كومپىيۇتېر ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى
  • Surface Phone كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ
  • گوللاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باكتېرىيىدىن باتارىيە ياساپ چىقتى
  • مىكروسوفىت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سوتقا ئەرز قىلدى
  • ئامازون پات ئارىدا يېڭى نۇسخىدىكى تاختا كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ
  • بۈگۈن نېمە ئۈچۈن ئالما ئەپ دۇكانلىرىنىڭ رەڭگى يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟
  • LG شىركىتى پولشادا ماشىنا ئاككۇمۇلياتورى زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدى
  • گېرمانىيە تەقلىدىي تېلېۋىزىيە سىگنالىنى توختاتماقچى
  • تەيجىدىيەننىڭ 1- پەسىللىك پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 تۆۋەنلەپ كەتتى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    روسىيە پۇقرالىرى بىت كويىنى سودىسى قىلسا تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ

    مەنبە :tech.163.com       يوللىغۇچى : مالدىنى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14


    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :

    روسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ دۆلەت تەۋەلىكىدە بىت كويىن ئىشلىتىش يېڭى بەلگىلىمىسى تەييارلاۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بىت كويىننى روسىيە تەۋەسىدە ئىشلىتىش چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا قانۇنسىز پۇل، چۈنكى روسىيە  قانۇن تۈزۈپ، پۇقرا ۋە شىركەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى پۇلنىڭ ئورنىنىڭ ئالىدىغان بۇيۇمنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

    ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا، بۇ دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى خادىمى بىر قاتار جىنايى ئىشلار قانۇنى تولۇقلىمىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار بىت كويىن ۋە باشقا سىفىرلىق پۇل ئىشلەتكەن روسىيە پۇقرالىرىنى جازالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، بىت كويى سودىسى ياكى بىت كويىن يىغىش بىلەن شۇغۇللانغان روسىيە پۇقرالىرى 500 مىڭ رۇبلى (7100 دوللار) جەرىمانە تۆلەشكە دۇچ كېلىدۇ.

    ناۋادا پۇقرالار جەرىمانىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مائاشى ياكى باشقا كىرىمىدىن ھەرئايدا تۇتىۋالىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئورنىغا ئالمىشىدىغان ئۇسۇل بولسا تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى. بۇنىڭدىن سىرت، كوللىكتىپ بىت كويىن سودىسى ياكى بىت كويىن يىغىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا 1 مىليون رۇبلى (14200 دوللار) جەرىمانە تۆلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت يەنە بۇ كىشلەرنىڭ ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە مۆھلەتتە جەرىمانىنى تاپشۇرىشىغا يول قويىدۇ، ناۋادا سودىيە زۆرۈر دەپ قارىسا، كوللىكتىپ ئىچىدىكى قىسمەن ئەزالار ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

    ئەڭ ئېغىر بولغان جازا پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى ئەمەلدارىغا بېرىلىدۇ. ئۇلار دۇچ كېلىدىغان جازا دائىرىسى بولسا 1 مىليون رۇبلىدىن 2.50 مىليون رۇبلىغىچە، ئۇلارنىڭ كىرىمى ياكى مائاشى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە ۋاقىتتا تۇتىۋېلىنىدۇ. ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا، ئۇلار يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 

    ئىلگىرىكى نۇسخا قانۇندا، ئادەتتىكى روسىيە پۇقراسىنىڭ جازا مۇددىتى ئاران بىر يىل، بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن جازا مۇددىتى ئىككى يىل ئىدى. 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز