مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل كارلىنا كائۇنېنىڭ مودا سۈرەتلىرى
  • كەررىې بىكمور بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەتكە چىقتى
  • جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى
  • تارىخىي فىلىملەردىكى گۈزەل ئايال چولپانلار
  • جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئارتىسلار
  • «ئەۋرىشىم ئايال پادىشاھ» ۋاڭ ليۇتېڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تورت يېدى
  • لەيدى گاگانىڭ كىيىم كىيىش ئۇسلۇبى ئۆزگەردى
  • ئولىمپىك چەۋەنداز ماھىرى ليۇ لىنا شىنجاڭدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
  • جاڭ زىلىن مەلۇم داڭلىق ماركىنىڭ شاڭخەي خېڭ لوڭ مەيدانىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
  • «غەربكە ساياھەت»تىكى قىزىل باشلىق تۈگۈنەكنىڭ ھازىرقى ھالىتى
  • ئالاھىدە ئۇسلۇبدا لايىھىلەنگەن توي كۆينەكلىرى
  • ئوسكار كىنو خانىشىنىڭ يولدىشى يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن نىكاھتىن ئاجراشماقچى
  • داڭلىق مودا ژورنىلى باش مۇھەررىر ياردەمچىسىنىڭ خىزمىتى
  • ئۆزبېك مىللىي ئاكادېمىيەسى دراما-تىياتىر ئاكتيورلىرى تەقدىرلەندى
  • سەھەردىكى پارىژ كوچىسى «T سەھنىسى»
  • بوللىۋودتىكى ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغان داڭلىق چولپانلار

    مەنبە :indiatimes.com       يوللىغۇچى : kelly       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-29

    ئادەتتە بوللىۋود فىلىملىرى ناخشا-ئۇسسۇلسىز بولمىغاچقا، كىشىلەرنىڭ تەسراتىدا بارلىق بوللىۋود ئارتىسىلىرى ئۇسسۇلغا ناھايىتى ماھىردەك، ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغان ئادەم بوللىۋودتا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا ئەمەس، ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغانلار بوللىۋودتا ئارتىس بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى داڭلىق چولپانمۇ بولالايدۇ.

    1.      ئابخاي دېئول

    ئابخاي دېئولدا رېتىم تۇيغۇسىنىڭ يوقلۇقى ئۇ فەرخان ئەختەر ۋە رىتىك روشەن بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناشقا تىرىشقاندا يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. ئابخاي دېئولنىڭ ئۇسسۇلى بەئەينى قاتناش ۋەقەسى.


    2.      ئاجەي دېۋگان

    ئاجەي دېۋگان كىنولاردا شۇنچە خەتەرلىك قىين ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلىيالايدۇ لېكىن قول پۇتىنى زادى ئۇسسۇلغا سالالمايدۇ.

    3.      سالمان خان

    سالمان باي نۇرغۇن ئىشىلارنى قىلالايدۇ- ھىندىستاننىڭ يېرىمدىن ئارتۇق پۇقراسىنى ئۆزىنىڭ مەستانىسى قىلالايدۇ، مايكىسىنى يىرتىپ تاشلاپ مۇكەممەل مۇسكۇللىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇ پەقەت قىلالمايدىغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ-ئۇسسۇل.

    4.      ئابېشىك باچچان

    سىز فىلىم «Dostana» ياكى بىرەر «Dhoom» فىلىمىنى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز، ھېس قىلالايسىز. كىچىك باچچاننىڭ ئۇسۇلىنى كۆرگەندە كىشى ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوڭايىسزلىنىپ كېتىدۇ.

    5.      ئارجۇن رامپال

    رامپالنىڭ قاملاشقان بەدىنى، چولپانلارغا خاس چىرايى، يامان ئەمەس رول ماھارىتى بار لېكىن رامپال ئەينى ۋاقىتتا  ئۇسسۇل دەرسىدىن قاچقان بولسا كېرەك. 

    6.      جون ئابراھام

    ئىنتايىن قاملاشقان بەدەنگە ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل. ئەگەر سىز جون مۇكەممەل، پەقەت رول ئالالمايدۇ دەپ ئويلىسىڭىز، بىز سىزدىن پەقەت بىر سوئال سورايمىز-سىز جوننىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى قاچان كۆرۈپ باققان؟

    7.      تانىشا مۇكەرجى

    تانىشا راستىنلا بىر ناچار ئۇسسۇلچى، لېكىن «Halla Re  Neil & Nikki» دىكى ئۇسسۇلنى ئويناشقا خېلى كۈچىگەن، بۇنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ.

    8.       سانجاي دۇت

    بىز سانجايغا Sanju Baba ئۇسسۇلىنى ئۆگەتكەن بىچارە ئۇسسۇل يېتەكچىسىگە ھېسداشلىق بىلدۈرىمىز.

    9.      ساننىي دېئول

    خۇددى دادىسىغا ئوخشاش، بۇ دېئولمۇ ئۇسسۇل ئوينىيالمايدۇ.

    10.  سىدخارس مالوترا

    قاملاشقان چىراي، مۇسكۇلۇق بەدەن، ياخشى رول ئېلىش ماھارىتى، نۆل ئۇسسۇل ماھارىتى


    11.  نەرگىس فەكرى

    بىز ھەيران، نەرگىس ئۇسسۇل ئويناشنى زادى بىلمەمدۇ ياكى ئۇسسۇل قەدىمىنى خاتا ئۆگىنىۋالدىمۇ؟

    12. ئامىر خان

    ئوۋ، ئامىر، بىز سىزنىڭ مۇكەممەل بولۇشقا بەك ئىنتىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، لېكىن بۇ نۆۋىتىدە بىر نەرسىنى بىزمۇ ئېنىق دەپ قويايلى. «بىزنى قينىماڭ، سىز زادى ئۇسسۇل ئوينىيالمايسىز!» سىز «Dhoom3» دە ئوينىغان ئۇسسۇل سىزنى بەئەينى ھاڭۋاقتى پىنگىۋىنغا ئوخىشتىپ قويدى. خەقنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماڭ، سىزگە ئۇسسۇل ئوينىيالايسەن دېگەن ئادەم چوقۇم «Dhoom3» نى كۆرۈپ باقمىغان.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز