ئىراق چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى
ئاپتورى: فايسال ئامىن رەسۇل ئەل-ئىسترابادى
(تەرجىمىدە: نەپرەت)
ھەلەبجەھ زوراۋانلىقى، كۇردلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇۋەتمەكچى بولغان كەڭ كۆلەملىك ئەنفال ھەرىكىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى نەزەردە تۇتقاندا، «ھازىر ئىقرا سادام ھۆكۈمرانلىقىغا قارىغاندا ياخشى كۈن كۆرۈۋاتامدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ھېچقانداق گۇمان يوق. ئىراقلىقلار ئاز دېگەندە مىليون ئاممىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇستەبىت سادامنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، سادامنىڭ سىياسىتى (خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىدا) 24 يىل ئىچىدە ئىراقنى 3 قېتىم ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى ھەمدە ئادەتتىكى ئاممىنى ب د ت نىڭ ئەڭ قاتتىق جازاسى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كۈنگە قويدى. شۇنداق، ئىراق بۇ زالىم پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياخشى كۈن كۆرۈپ باقمىغان.
ئەمما بىزنىڭ 2003-يىلدىن باشلاپ ئىراقنى قايتا قۇرۇشقا قاتناشقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇنداق جاۋاب ئىشنىڭ ئېغىرىدىن قېچىپ، يېنىكىگە يۈگۈرۈشتىن ساقلىنالمايدۇ. بىزنىڭ ئۆلچىمىمىز بۇنىڭدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئۇرۇشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش بولماسلىقىدا ئەلۋەتتە ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەت دېموكراتىيىسى ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇش نىشانىغا يېتىش يېتەلمەسلىككە قاراش كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقى ئۆلچەمگە ئاساسلانساق، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى كىشىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە ۋاقىتلىق ھوقۇق ئورگىنى ھوقۇق بەرگەن يېڭى بىر تۈركۈم سىياسىي سەرخىللار بىر-بىرىگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئورتاق نىشان ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىشمىدى. ئامېرىكىلىقلار مەجبۇرىي ئىجرا قىلغان ھەمدە ئىناقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي قانۇن مۇساپىسى يېڭى تەختكە چىققان سىياسىيونلارغا مۇرەسسە قىلىش ۋاقتى بېرەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، ھازىرقى بۆلىنىشىنى ئېغىرلاشتۇردى ھەمدە 2006-2007 يىلدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كۇردلار ۋە ئەرەب شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي زاتلار باغدادتا ئاجىز مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شىئە مەزھىپىنىڭ مۇنداق قىلىشى سۈننىي مەزھىپىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىدىن قورققانلىقىدىندۇر. سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب سىياسىي پارتىيىلىرى دەسلەپتە ھەر قانداق فېدراتسىيە دۆلىتى ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار شىئە مەزھىپىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆز رازىلىقى بىلەن ھوقۇقنى بۆلۈشمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. دەل بۇ خىل كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى ئايىغى چىقماس زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۈگۈن، سۈننىي مەزھىپىدىكى نۇرغۇن ئىراقلىقلار باغدادتىن شىمالدىكى كۇردلارغا ئوخشاش ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى سىياسىي پارتىيىلەر تۇنجى قېتىم ھوقۇقنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تېتىغاندىن كېيىن، ھازىر كۇردلار، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئىراقلىقلار ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ سىغدۇرۇش چەكلىمىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
بۇنىڭدىن سىرت، مالىكى يەنە جىنايى ئىشلار سوتىدىن پايدىلىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى باستۇردى. ئىراق سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇئاۋىن پرېزىدېنت تۈركىيەگە قېچىپ كەتكەن مەھبۇس، تېرورلۇق پائالىيىتىگە چېتىشلىق بولغانلىق سەۋەبلىك كۆپلىگەن جىنايەتلىرىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، ئەمما ھۆكۈم ئاساسلانغىنى پەقەتلا دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان قوغدىغۇچىسىنىڭ ئىقرارى خالاس (قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىر ھەتتا «تەكشۈرۈش» داۋامىدا ئۆلۈپ كەتتى). ئوخشاش خىلدىكى ئەيىبلەشنى ئاساس قىلىپ سۈننىي مەزھىپىدىكى سابىق مالىيە مىنىستىرىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
ئىقتىسادىي ساھەنى ئېيتقاندىمۇ، ھېچكىمدە گېرمانىيىنىڭ 1945-يىلدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ قايتا كۆرۈلىدىغانلىقىدىن ئۈمىد يوق. بىراق، ئىراق يەنىلا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، بارلىق چوڭ تىپتىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ نەپسىنى تاقىلداتماقتا. بارلىق كىشىلەر بۇ سەۋەبلىك مول مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ: كارخانىلار زور پايدا يارىتالايدۇ، ئىراق بولسا زور مىقداردىكى مەبلەغ ۋە يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ۋەيران بولغان ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.
ئەمەلىي ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. 10 يىلدىن كېيىن، ئىراق نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى ئاخىرى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيىگە يەتتى. ئەمما ئىراق ھۆكۈمىتى يېڭى دوختۇرخانا، مەكتەپ، يول ۋە تۇرالغۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخى بىرمۇ ئاساسىي ئەسلىھە تۈرىنى تاماملاپ باقمىدى.
توك تەمىنلەش ۋە ئەخلەت يىغىش قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەت باغداد قاتارلىق ئاساسلىق شەھەر مەركەزلىرىدىمۇ تېخى ئەسلىگە كەلمىدى. (ئۆز ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئىراق كۇردىستان رايونىنىڭ قاتا قۇرۇش خىزمىتى تېز سۈرئەتنى ساقلىماقتا). ئىراقلىقلار پات ئارىدا تېمپراتۇرا دائىم 50 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىغان 11-يازنى كۈتۈۋالىدۇ، ئەمما پەقەتلا ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ كېلىدىغان توك ۋە سۇ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
ئىراقنىڭ يېقىنقى 5 يىلدىكى يىللىق خام چوت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، مۇنداق تەرەققىياتقا ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئىقتىدارسىزلىق ۋە چىرىكلىكنىڭ يامرىشى ئاپەتكە ئايلاندى: ئىراق ئاشكارا خەلقئارا دۇنيا ئەڭ چىرىك دۆلەتلەر تىزىملىكىدە ھەمىشە ئاخىرقى ئوننىڭ ئىچىگە تىزىلىدۇ.
ئوخشاشلا، ئىراقنىڭ ئىشسىزلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يەنىلا ئەڭ يۇقىرى. ئىراق كۆزەتكۈچىسى جوئېل ۋىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاممىۋى ئىشلار تارماقلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى 2005-يىلدىن 2010-يىلغىچە بىر ھەسسە قاتلاندى، ھازىر پۈتۈن خىزمەتچى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىراقنىڭ تەربىيە كۆرگەن ياشلىرىدا 10 يىلدىن بۇيان ئىقتىساسلىقلارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ئېغىرلاشتى، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى قەيەردە ئىكەنلىكىنى قەتئىي كۆرەلمىدى.
خەلقئارا چوڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئىراقنىڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇققا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. ھەر قانچە ئۆزگەرسىمۇ، ئەمما ماھىيەت ئۆزگەرمەي قېلىۋېرىدۇ، دەرۋەقە، مالىكىنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن دىكتاتۇرىسى ھەر قانچە ناچار بولغان تەغدىردىمۇ سادامنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئېھتىمال بۇ مەلۇم ئىلگىرىلەشكە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ زىيانلىرىمىز ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىزدىن زىيادە كۆپ: بىز سادام ھەمدە ئۇنىڭ دىكتاتۇرىسى مۇبادا غۇلاپ چۈشسە،قەدىر قىممەتلىك، مۇقىم ۋە نورمال ۋەزىيەتنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، بۇ دەل 2013-يىلدىكى ئىراقنىڭ ھەقىقىي تراگىدىيىسى.
مەنبە: ئاپتورى فايسال ئامىن رەسۇل ئەل-ئىسترابادى 2004-2007 يىلغىچە ئىراقنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى بولغان، ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇھىم تۈزگۈچىلىرىنىڭ بىرى. ھىندىئاننا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بلۇمىڭتون تارماق مەكتىپىدىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى مۇدىرى، ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە دېپلوماتىيە ئەھلى. (نەپرەت تەرجىمە قىلدى)