جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» نىڭ 26-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستېر (Greater Manchester) دا بىر نەپەر 14 ياشلىق قىزچاق ئالدىنقى كۈنى بەش دانە خالجىرلاشقان تەلۋە ئىتلار تەرىپىدىن تالاپ ئۆلتۈرۈلگەن.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى جېد ئاندېرسون (Jed • Anderson) بولۇپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن مانچېستېرغا بىر ئىش بىلەن بارغان، ساقچىلار دىلو مەلۇم قىلىش تېلېفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرھال نەق مەيدانغا بارغان ۋە شۇنداقلا خالجىرلاشقان بەش ئىت ۋە ئۇلار تەرىپىدىن تالاپ ئۆتۈرۈلگەن جېد ئاندېرسوننى بايقىغان. ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار تۆت ئىتنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كىيىن يەنە بىر ئىتنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن.
ئەنگىلىيە «قوغدىنىش گىزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر تېخى بۇ ئىتلارنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بىراق بۇ ئىتلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خالجىر بولۇپ، مەخسۇس تالاشتۇرىدىغان ئىتلار ئىكەن.