ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بۇئايشەم سېلىم خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن يوپۇغا ناھىيە ئەشمە بازار جاغدا كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بۇلتۇر 650 مىڭ يۈەن ئىسسىق قوتان قۇرۇلۇشى تۈر مەبلىغىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ كەنتتىكى 50تىن ئارتۇق نۇقتىلىق باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ قوتانلىرىنى ياخشىلاپ، چارۋا باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى.