تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىنجاڭدا 63 مىڭ 400 نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىندى


   شىنجاڭدا 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 18-ئاۋغۇست ئاياغلاشتى، شىنجاڭدىن جەمئىي 63 مىڭ 400 نەپەر ئوقۇغۇچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ 19-ئاۋغۇست ئوقۇغۇچىلارغا ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئوقۇغۇچىلارغا ئەۋەتىلىۋاتقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى›› غا چىقىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى بىلىۋالسا بولىدىكەن.

   ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئېنىق بىلەلمەي قالغان مەسىلىلەر بولسا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش پونكىتى ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىسا، ياكى خىزمەت ۋاقتىدا 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەيدانى قىزىق لىنىيە تېلېفون نومۇرى 8750000  - 0991 غا تېلېفون قىلسا بولىدىكەن.

   ئۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 20-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون ئىچى، سىرتىدىن بولۇپ جەمئىي 130 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدىن 34 مىڭ 717 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.


ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز