microsoft-produkey

ئىلگىرى مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى تور بىتىدىن Windows8 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەنىدىم ، يىقىندا سىستېمىنىڭ 8.1 نەشرى چىقىپ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشقانىدىم ، لېكىن توردا ناھايىتى ياخشى يىزىلغان مەنبەلەر بولسىمۇ ، نەشرنى كۆتۈرىمەن دەپ نەچچە يىلدىن بۇيان يىققان ماتېرياللىرىمنى يوقىتىپ قويماي دەپ قورقۇنچاقلىق بىلەن نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرمىدىم ، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ 8.1 نىڭ قاچىلاش نۇسخىسىنى تىپىپ قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئويلىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى Windows8 نىڭ تىزىملىتىش نومۇرىنى بولسىمۇ قەغەزگە يېزىۋېلىپ 8.1 سېستىمىسىنى تىزىملىتىش ئىشلىتىش مەقسىتىدە ئىلختىمنى ئىچىپ ئەينى ۋاقىتتا Windows8 نى سېتىۋالغاندا مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى بېتى ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن تىزىملىتىش نومۇرى بار خەتنى پەقەتلا تاپالمىدىم ، ئويلاپ باقسام ئىلگىرى ئەخلەت ئېلخەتلەرنى ئۆچۈرگەندە بۇ خەتنىمۇ قوشۇپ ئۆچۈرۋەتكەن چىراي . ما كارامەتنى كۆرمەمسىز ، شۇنىڭ بىلەن كاللامغا بىر خىيال كەلدى ، مەن ئىشلىتىۋاتقىنى ھەقىقىي نەشردىكى Windows تۇرسا چوقۇم سىستېما ھۆججەتلىرىنىڭ بىرەرىدە مۇشۇ تىزىملاش ساقلاقلىق بولىشى مۇمكىن دەپ Windows قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ تاپالمىغاندىن كېيىن ، توردىن مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدەنسەم ، مىنىڭ ھاجىتىمدىن چىقىدىغان نەرسە دەل بار ئىكەن . توردا ProduKey دەپ بىر ھەقسىز قورالنى تاپتىم ، بۇ قورال ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان ھەرقانداق Microsoft مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات نومۇرى بىلەن تىزىملىتىش نومۇرىنى تاپالايدىكەنسىز. شۇنىڭ بىلەن 8.1 سېستىمىنىمۇ ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالدىم . دوسلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنەي دەپ مونۇ يازمىنى تەييارلىدىم .

قورالنىڭ كەسمە يۈزى

 

ProduKey

 

قورالنىڭ ئورگان بېكىتى   http://www.nirsoft.net/utils/product_cd_key_viewer.html    

چۈشۈرۈش

 

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى تەرىپىدىن « قوراللار» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: قاچىلانغان MicroSoft مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملاش نومۇرىنى كۆرۈش
خەتكۈچلەر: ,

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



3 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:3 دانە ، يازما ئاپتورى:0 دانە )

  1. مۇئەللىم مۇنداق يازغان:

    سۈتتە ئىغىزى كۆيگەن ئادەم سۇنىمۇ پۇۋلەپ ئېچىدۇ ، دېگەندەك ، ھە!
    نەشىرىنى كۆتۈرسىڭىزمۇ يەنىلا ئاكتىپ دېسكا رايۇنىغا قاچىلىنىدىغاندۇ ؟ ياكى سىزنىڭ ھەممە دېسكا رايۇنىڭىز ئاكتىپ ھالەتتىمۇ ؟…..

    1 - قەۋەت

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش