ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات ۋە ياردەم پۇللىرى بىرىلىدۇ

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تۈركىيە دۆلىتى باش مىنىستىرلىكى خەلىقارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسىدىن، تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئەلاچى خەلىقارالىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ياردەم پۇلى بېرىلمەكچى. بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئايمۇ-ئاي بىرىلىدۇ.  ئىلتىماس تور ئارقىلىق بولىدىغان بولۇپ پوچتىدىن ياكى قولىدىن تاپشۇرۇۋېلىنمايدۇ.  بۇ ئوقۇش پۇلى پەقەتلا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان بولۇپ، تۈركيە پۇخراسى ياكى تۈركيە پۇخراسى بولىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا بىر دۆلەت پۇقراسى بولغانلار ئىلتىماس قىلسا بولمايدىكەن..

تەپسىلى مەزمۇنلار ۋە ئىلتىماس قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى زىيارەت قىلىڭ.

http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/tr/basari-destek-bursu

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى