قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە
قازاقىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. قازاقىستاندا رەسمىي رەقەملەرگە كۆرە 300 مىڭ، تولۇق بولمىغان رەقەملەرگە كۆرە 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن.
تۈركچە تارقىتىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان خەۋەر http://dogu-turkistan.net ناملىق ئىنتېرنېت تور گېزىىتىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر مەنپەئەت توغرىسىدا بىر – بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نامەلۇم كۈچلەر بۇ رايوندا خەلقئارالىق، مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچلەر بۇ يەردىكى ھەرىكەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. قازاقىستاندا، 20 – ئەسىردە ئىككى قېتىم دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىدە ئورۇن ئېلىشقا مۇۋاپپەق بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى قۇرۇشقا ئالاقىدار ھەق – ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.
ماقالىدە يەنە، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقلىرى ۋە قانۇنىي مەنپەئەتلىرىگە رىئايە قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي شارائىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ. خۇسۇسەن ھازىر قازاقىستاندا، ئالماتا شەھىرىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ناھىيىسى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئېچىپ بېرىلگەن 63 مەكتىپى بار. بۇ مەكتەپلەردە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئانا تىلىدا دەرس ئوقۇيدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى رەسمىي ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا 300 مىڭ دېيىلىگەن. ئەمما، تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلەر
ماقالىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: قازاقىستاندا بىر قانچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت ياردىمى بىلەن خىزمەت – پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.»قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەت مەركىزى«،»ئالماتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى«،»قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى«،»دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى«قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار قازاقىستاننىڭ رەسمىي ياردىمى بىلەن خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەشۋىقات ساھەسىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى بولۇپ،»ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى«ۋە»ئۇيغۇرچە رادىئوسى«قاتارلىق تەشۋىقات ئورگانلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئالماتادا، ئۇيغۇر ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى بويىچە خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. قازاقىستاندا ھازىر ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان 40 نەپەر ئۇيغۇر دوكتور بار ئىكەن. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلار ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى ئوخشىمىغان ساھەدىكى دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان پۈتكۈل رايونلاردا مەسچىت ۋە مەدرىسىلەر پائالىيەت قىلىدىكەن. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئەنئەنۋى ئېتىقادى بويىچە سۈننىي مەزھىپىكە مەنسۇپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئالماتادا يەنە ئۆسمۈرلەر سەنئەت گۇرۇپپىسى، ناخشا – ئۇسۇل ئانسامبىلى پائالىيەت قىلىدىكەن. مەدەنىيەت سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئەدەبىيات كۈنلىرى دېگەنگە ئوخشاش ناملاردا سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى پۈتۈن مەكتەپلەردە ئايرىم ھالدا مىللىي ئۆرپ – ئادەت، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەتلەر توغرىسىدا دەرس ئۆتىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئۇيغۇر ئالىملىرى، سەنئەتچىلەر ۋە زىيالىيلار ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ خاتىرىلەش يىغىنى، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدۇ.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن ياغاچ يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مۇزېي بولۇپ، بۇنىڭدا، قەدىمىي ئۇيغۇر قول – ھۆنەر تېخنىكلىرى بىلەن توقۇلغان تارىخى گىلەملەر، قەدىمىي ئۇيغۇر ئاشخانا بۇيۇملىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى قىياپەتلىرى بولغان مىللىي كىيىم – كېچەكلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، بۇ موزېي قەدىمىي ئۇيغۇر مىللىي ئېتنوگرافىنى ئىپادىلەيدىغان مۇزېي ئىكەن. بۇ موزېيدا يەنە ئارخىپ ئامبىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىرى، شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار توپلانغان بىر مەركەز بار ئىكەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستاننىڭ قازاق بولمىغان مىللەتلەرگە ئالاقىدار سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: قازاقىستاندا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە تۈزۈلۈشى ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان «قازاقىستان خەلقلىرى كېڭەش ھەيئىتى مەجلىسى»نىڭ كەڭ تۈردە ھوقۇق ۋە ئىمكانلىرى مەۋجۇت بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق مىللەت ياشايدىغان قازاقىستاندا بۇ مەجلىس 2000 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، تولۇق مەناسى بىلەن رەسمىي بىر ئورگان سالاھىىيىتىگە ئىگە بولغان. ھازىر 5 – نۆۋەتلىك پارلامېنت مەجلىسىدە بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئورنى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئايرىلغان بولۇپ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا، قازاقىستان سىياسىتىنىڭ مەقسىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازاقىستاندىكى پۈتكۈل ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى دەپ ھېس قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
بىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، قازاقىستان ئۇيغۇر بىرلىك جەمئىيىتى ياشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈزەلىيە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ماقالىنىڭ مەنبەسى:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/qazaqistan-uyghur-04122013210721.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە