ئۇيغۇر يېزىقىدىكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىگە مۇبارەك بولسۇن
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن!
لوندوندا ئۇيغۇر تىللىق ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىقىدىن مېىنىڭ مۇتلەق خەۋىرىم يوق ئىدى. يېقىندا كۆرۈپ، ئۇنىىڭ يازمىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئادرېس بويىچە، Face Book تىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنڭ ئەسەرلىرىنى ”لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى“ تورىغا كىرىپ، ئەنگلىيەدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇ يەردىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراشلىرىنى دۇنيا ئەھلىگە ئاڭلىتىدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ مەۋجۇدلىقىنى بىلىپ بەك خۇرسەن بولدۇم.
ھازىر دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ۋەتەنسىز سەرگاردانلىقتا ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان مىڭلىغان قېرىنداشلىمىز بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىم، يازغۇچى ۋە شائىرلارمۇ ئاز ئەمەس. ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكىلىرى 20- ئەسىرنىڭ ئككىنجى يېرىمىدا ۋەتېنىنى تاشلاپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان 200 مىڭدىن ئوشۇق ۋەتەنداشلىرى توغرۇلۇق ناھايېتى ئاز مەلۇماتقا ئىگە ۋەياكى كۆپ ساندىكى ياشلىرىمىز ئۇلار توغرۇلۇق مۇتلەق خەۋىرى يوق. نىمە سەۋەب بىلەن ئۇلار ۋەتىنىنى تاشلاپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان، چەت ئەللەردە قورساق بېقىشنىلا ئۇيلىغانمۇ ياكى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلغانمۇ، بۇ ھەقتە بىلمەيدۇ.
ئۇلار بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى سەرخىللىرى ۋە قابىلىيەتلىك ياشلىرى، تالانتلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋەتەننىڭ غىمى بىلەنلا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن ئالىم، يازغۇچى ۋە شائىرلار چىقتى. ئۇلارنىڭ جىقلىرىنىڭ ئەسەرلىرى يورۇق كۆرەلمىدى، ئاۋازلىرى خەلقىگە يەتمىدى، قول يازمىللىرى ئىزسىز يوقالدى. ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋەتەندە چەكلەنگەن. ئۇلار ۋەتېنىنى، خەلقىنى، تىلىنى، يېزىقىنى ۋە دىنىنى جانلىرىدىن ئەۋزەل بىلەتتى.
ئەپسۇسكى، مۇشۇ كەمگىچە ئۇيغۇر ۋەتېنى ئاسارەت زۇلۇملىرى سەۋەپلىك بارغانسىرى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى چەت مەمىلىكەتلەردە كۆپەيمەكتە، ئەمما ۋەتەندە ئۇيغۇر روھى سۇسلاشتۇرۇلماقتا، تىلى بۇزۇلماقتا، يېزىق (خەت) ئۇنتۇلماقتا. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى بىزگە تاڭغان يېزىق ئىسلاھېتىدىن (يەنى لاتىن يېزىقىغا ئۆتىشدىن) كىلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقدىن خەلقىمىز تېخى ھۇشىغا كىلەلمىدى، ئۇ ئىسلاھەت ئۇيغۇر خەلقىنى ئىككى يېزىقلىققا بۆلۇۋەتكەندى. نۇرغۇنلارنى تارىخى ئەجدادلىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەندى. ھازىرغىچە بەزەن قېرىنداشلىرىمىز ئاتالمىش لاتىن ھەرىپلىك ئۇيغۇرچىنى قوللانماقتا، ھەر خىل ئۇسۇل – باھانىلار بىلەن ئۇ خەتنى خەلقىمىزگە تېڭىشقا ئىنتىلمەكتە. بەزەن قېرىنداشلىرىمىز، ھازىرقى ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ لاتىن ھەرىپلىك خەتنى ئۇقۇيالمايدىغانلىقىغا قارىماي، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىنتېرنېت تورىدا لاتىن يېزىغىدا يازماقتا ۋە Face Book قاتارلىق ئىجتىمائىي تور ئالاقىللىرىدە شۇ خەت ئارقىلىق پىكىرلەشمەكتە.
سابىق سوۋىېت تەۋەسىدىكى بىر مىللىون ئەتراپىدىكى قېرىنداشلار ئۇ دۆلەت (سوۋىېت) يوقالغان 20 يىل جەريانىدا رۇس ھەرىپلىك ئۇيغۇرچىدىن ھازىرقى ئۇيغۇرئەرەب يېزىقىغا ئۆتۇشنى ئويلاپمۇ باققىنى يوق. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز پۇخرالىرىنى لاتىنچىغا ئۆتكۈزىش پلانىغا ماھىلىلىق بىلەن لاتىن ھەرپىگە ئۆتىشكە تەييارلانماقتا. تۇركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر ھازىرقى يېزىقى(يەنى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ياكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى) نى قوللۇنىشتىن كۆرە لاتىن ھەرىپلىك تۇركچىنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
مانا مۇشۇ ئەھۋالدا، ئازغىنا بىر نەچچە ياش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ لوندۇندا ئۇيغۇر ھازىرقى يېزىقىدىكى ئىنتېرنېت سەھىپېسىنى ئاچقانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايېتى پەخرلىنەرلىك ئىش دەپ قارايمەن.
سەھىپېدە ئېلان قىلىنغان يازمىلارنى ئوقۇپ، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر سەرگارنداىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى يوقالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقىمىزگە يەتكۈزىدىغان ۋە ۋەتەننىڭ زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان پەشتاق (ترىبۇنا) پەيدا بولغانلىقىنى تۇيدۇم. خوشال بولدۇم.
سىلەرگە چوڭ رەخمەت باللىرىم!
نارىم سەرگارى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر يېزىقىدىكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىگە مۇبارەك بولسۇن
ۋەئەلەيكم سالام ئاكا، سىزنى يۇقۇردا يازغانلىرىڭىز بىز ياشلار ئۇچۇن ناھايىتى چوڭقۇر تەربيىۋىي ئەھمىيەتكە بىر ئىلھامدۇر . بىزمۇ بۇ سەرەگەردانلىق ھاياتتا ئۇيغۇر ئۇچۇن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشتۇق ۋە تىرشىمىز. مۇشۇنداق ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغان يازمىللىرڭىزنى بىزگە كۆپلەپ تەقدىم قىلىپ تۇرۇڭ. جانابى ئىگەم ئاللاھ مۇبارە تېنىڭىزنى ساغلام قىلسۇن! سىزگە كۆپ رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېزىز ئەپەندى!
سوغىڭىزغا رەخمەت. قەەرزدار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سوغىغا، سوغا قايتۇردۇم.
قوبۇل قىلغايسىز.
ھۆرمەت بىلەن سەرگارى.
لېكىن
مۇھەببەن دىسەم دوستۇم ۋەتەنگە،
يانىدۇ يۇرەكدە يەنە مۇھەببەت.
ئويلاپ قارىسام لېكىن ئەتەمگە،
كۆرىمەن تۇمانلىق، نۇرسىز ئاقىبەن.
مۇھەببەن دىسەم ۋەتەنگە ئاتاپ
يانىدۇ يۈرەكدە جۇشقۇنلۇق بىرئوت،
لېكىن ۋاراقلاپ تارىخقا قاراپ
ھىس قىلىمەن يانا بېشىمدا بۇلۇت.
لېكىن….، لېكىن تۈگىمەيدۇ يازسام
لېكىن، ھەركېتىم تىلىمغا رەشتە
دۇستۇ كۆز ئېچىپ باقسام ۋەتەنگە
يەنە تولىدۇ قەغەز لېكىنگە. …
22 ..6 .1956 موسكؤا.
ھۆرلىك پۇرىقى
گۇدەك ئىدىم، يېشىم تېخى ئالتىگە توشمىغان. ئامما، ”غۇلجىنىڭ نىلقا دىگەن يېرىدە غىنى ئوغرى باشلىق قاراقچىلار پەيدا بوپتۇ“ – دەپ ئاڭلىغىنىم ھىلىمۇ يادىمدا. چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ”يەتتە ئوغرىنىڭ“
ئىسيانى ھققىدە پات – پات ئاڭلايتتىم. چوڭ بالىلارنىڭ ئىچىدە: “ غىېنى ئىگىز بويلۇق، قاۋۇل، رۇستېمى دەستاندەك كۈچلىك، مۇشتلىرى بازغاندەك، بىر مۇش بىلەن تۆرت ئادەمنى ژىقىتالايدىكەن، ھويلىدىن ئاتنى قولى بىلەن كۆتۇرۈپ تامدىن ئاتىلدۇرۇپ قويۇپ مىنىپ كىتىدىكەن. بايلارنىڭ ئاتلىرىنى ئوغۇرلاپ سېتىپ، پۇلىنى كەمبىغەللەرگە بىرىدىكەن“ دىگەن ھىكايىنى ئاڭلايتتىم. بۇ، 1944 يىلىنىڭ بېشى، باھار ئايلىرى ئىدى.
بىز غۇلجىدىن 300 ك.م، شەرقى جۇنۇپقا جايلاشقان شىخو دىگەن شەھەردە يا ىشايتتۇق. سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ”يەتتە ئوغرى قاراقچىلىرى“ شىخونى قورشىۋالدى. يەتتە كىچە كۈندۈز داۋاملاشقان شىددەتلىك جەڭنىڭ يەتتىجى كۇنى خىتايلار شەھەرنى تاشلاپ ئالدىراپ، پاتىدەك تەرتىپسىز قېچىشقا باشلىدى. خەلىق ئىچىدە ئاز- تولا نامى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىمۇ خىتايلار بىلەن قېچىشقا مەجبۇرلايتتى، ئۇنىمىغانلارنى ئاتاتتى.
مىنىڭ دادام شىخودا خېلى نامى بار ئادەم ئىدى، ئەمەت سوپى دىسە شەھەردە بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى. ھەر جۈمەدە نامازدىن كىيىن مۇساپىرلانى يىغىپ، ئۇماچ پۇشۇرۇپ بىرەتتى. دادامنىڭ مۇرىتلىرى جاي- جايلاردىن ھەر خىل خەۋەرلەرنى ئىلىپ كىلەتتى.
بىز ئۇرۇش باشلىنىشنىڭ ئالدىدا شىخودىن ئانچە يىراق بولمىغان ئېتىزلىققا كۆچكەن ئىدۇق، گەمىدە ياشايتتۇق. كۇنلەرنىڭ بىرىدە، ئەتىمالىم شىخو ئۇرۇشنىڭ يەتىىنجى كۈنى بولسا كىرەك، يېرىم كىچىدە تالادا خىتايلارنىڭ كالدىرلىغان ئاۋازلارى ۋە ئۇيغۇرچە، ”چىق“ – دىگەن خىتاي تەلەپپۇزىدىكى ۋارقىراق ئاڭلاندى. دادام گەمىدىن چىقتى. مەنمۇ ئاكام بىلەن دادامنىڭ ئارقىدىن تالاغا چىقىپ، دادامنى قورشىۋالغان قۇراللىق تۆرت چىرىكنى كۆردىم. ئۇلارنىڭ بىرسى تىلىنى چايناپ، دادامغا – ئۈرۈمچىگە كەتسۇن – دىگىنىنى ئاڭلىدىم.
دادام ئۇنىڭغا – باللىرىم بەك ئۇششاق يولغا چىدىمايدۇ، ئۇرۇمچىدە تۇرىدىغان جايمىزمۇ يوق – دىدى. چىرىك گەپنى چۈشەندىمۇ يا چۇشەنمىدىمۇ بىلمىدىم، – كەتمىسە ئاتىدۇ، بۇيرۇق با – دەپ مىلتىقنى دادامغا بەللەپ تولىدى.
دادام – بولىدۇ، بولىدۇ، ماقۇل، تىرىكمىسىلە، بىز ھازىر – دەپ، ئىشتتىك گەمىگە كىرىپ – قوپاڭلار ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان بولدۇق- دىدى. ھەممەيلەن ئالدىراپ قوپۇشتى.
شىخودا ئۇرۇش باشلىنىشدىن ئەۋۋەل دادام ئىككى يرىم ياشلىق نەۋرىسىنى – ئاچامنىڭ ئوغلىنى شىخودىن ئېلىپ چىققان ئىدى. تۈنۈگۈن تاغاممۇ شىخودىن چىققان. بىز ھەممىمىز يەتتە جان ئىدق.
– ئانام ، تالادىكى گەپنى ئاڭلىغان بولسا كىرەك ئەتىمالىم، – نىمە ئامال – دەپ، ئۇلۇق- كىچىك تىنىپ – قوپۇڭلار باللار، تىز كىيىنىڭلار – دەپ ئالدىراپ يوتقان كۆپىلەرنى يىغىشقا باشلىدى،
– شۇئاندا چىرىكدىن بىرسى – كوي – كوي – دەپ گەمىگە بېسىپ كىردى،
ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتە – ئۆتمەي، يۈك- تاقىلارنى چالا پۇچۇق يىغىپ ھارۋۇغا بېسىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يولىغا راۋان بولدۇق. ئۈرۈمچىنىڭ يولى – ھازىرقى چۈشەنجە بىلەن ئەيتقاندا يول دىگىنىمۇ بولمايدىغان – كاتاڭلىشىپ كەتكەن توپا يول ئىدى.
يولغا چىققاندا ھارۋۇلار كارۋىنىنىڭ ئارقىغا ئۇلاشتۇق. كارۋان شەرىققە قاراپ قوزغالدى. خەلپەت تېغىنىڭ ئۆدىلىغا بارغاندا دادام ھېلىم ئاكامغا – ھارۋۇنى ئوڭغا تارت – دىدى. ئاكام گەپ قىلماي ئاتنىڭ چۇلۋىرىنى ئوڭغا تارتىپ، ئاتنى قامچىلاپ ھارۋۇنىڭ مېڭىشىنى تىزلەتتى.
چۈشلەردە گاڭخوزا ئۆستىڭىنىڭ بويىغا كەلدۇق. دادام ئاكامغا – ھارۋۇنى يىراقراق ئاپىرىپ، ئاتنى قويۇۋەت – دەپ بۇرىدى. ئاكام ھارۋۇنى ھەيدەپ كېتىپ، يېرىم سائەتلەردىن كىيىن قايتىپ كەلدى، بىز چۇڭقۇر بىر يارغا مۈكۈندۇق، تاغام نەدىندۇر بىر قوينى تۇتۇتۇپ كىلىپ دادام بىلەن سويدى، ئۇ چاغدا نۇرغۇن ئىگىسىز ماللار سايلادا ئوتلاپ يۈرەتتى. ئانام گۆشنى قازانغا سېلىپ پۇشۇرىشقا باشلىدى.
كىچىك ئاكام نۇر يارنىڭ ئۆستىدە قاراۋئۇلدا تۇراتتى. قازاندىكى گۆش ئەمدى قايناپ كۈپىكلەشكە باشلىغاندا نۇر ئاكام – خىتايلار كىلىۋاتىدۇ – دەپ چۇڭۇلداپ يارغا چۈشتى. دادام ئانامغا – بالىلارنى ئېلىب تىز تاغقا مۈكۈنىڭلار- دەپ، ھېلىم ئاكامغا – بالىلارنىڭ چوڭى سەن ئوغلۇم، ئاناڭنى ئاسرا، ئۇكۇلىرىڭغا ياخشى قارا! – ئانىسى- خوش، خۇدايىم بۇرۇسا كۆرىشەمىز – دەپ، بىز بىلەن نىمىشقىدۇر ئايرىم- ئايرىم قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. ئانام ئۈنسىز يىغلاپ، يېشىنى تۆكۇپ، بىزنى باشلاپ تاققا ماڭدى. ھېلىم ئاكام ئاچامنىڭ بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئانامنىڭ ئالدىدا يول باشلىدى. مەن ئانامنىڭ پىشىگە ئېسىلدىم، ئاچام بىلەن نۇر ئاكام بىزنىڭ ئارقىمىزدىن ماڭدى. مامۇت تاغام دادام بىلەن قالدى. شۇ ئەسنادا كۈن پېتىپ، ئەتراپ گۈگۈملىشىپ، قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. بىز بىر ئۆڭكۈرگە مۈكۈندۇق.
ئانام نۇر ئاكامدىن خالتىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن نان، ئۆزۈم، شاپتۇللارنى چىقىرىپ، داسقاننى داق يەرگە سېلىپ، ئۈستىگە تىزدى. بىز ئەمدى غىزالىنايلى دەپ تۇرغاندا يېقىنلىشىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئانام بىزگە – قېچىڭلا – دەپ، ئۆزى داسقاننى يىغىشتۇرىشقا چۈشتى. بىز ھېلىم ئاكامغا ئەگىشىپ خىتايلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغان تەرەپنىڭ قارشىسىغا قاچتۇق. ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن ھېرىپ توختىدۇق. ئەتراپ تۇم قاراڭغۇ، ھېچ نىمە كۇرۈنمەيتتى. خىتايلارنىڭ ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. ھىلىم ئاكام – ئانا، خىتايلار ئەمدى بىزنى كۆرمەيدۇ، مۇشۇ يەرگە مۈكۈنسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ – دەپ پىچىرلىدى، لېكىن ئانامدىن جۇۋاپ قايتمىدى، ھەممىمىز- ئانا – دەپ، تۆۋەن ئاۋازدا تولىدۇق. ئانامنىڭ ئاۋازى چىقمىدى. ھېلىم ئاكام – تولىماڭلار! خىتايلار ئاڭلاپ قالىدۇ، كۈن يورىغاندا تاپىمىز – دىدى.
تاڭمۇ ئاتتى، كۈنمۇ يورىدى، لېكىن ئانامنىڭ قارىسى كۆرىنمىدى. ھەمراخان ئاچام بىلەن نۇر ئاكام ئىككىسى ئانامنى ئىزدەپ كىتىشتى. بىز ئەمدى ئۈچىمىز قالدۇق، مىنىڭ قوسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. يەيدىغان نەرسە يوق، چىداشقا مەجبۇر بولدۇم. ئاران چىدىدىم. كۈن ئۆرلەشكە باشلىدى. قاقاسچىلىق، ئەتراپدا گىيا ئۆسمەيتتى، ھاۋا ئىسسىشقا باشلىدى. ئۇكام- ئاچامنىڭ ئوغلى – ھۈممە، ھۈممە – دەپ تولاپ يىغلاپ سۇ سوراشقا باشلىدى. ئۇنى بەزلەش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئاكام مىنى ئۆزىنىڭ ئالقىنىغا سىگۈزىپ ئۇكامغا ئىچكۈزدى. ئۇ بېسىققاندەك قىلدى. ئامما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ، يەنە يىغلاشقا باشلىدى. ئاكام مىنى سىيىشكە زورلايتتى، لېكىن مىنىڭ سىگىم كەلمەيتتى. مىنىڭمۇ يىغلىغىم كىلەتتى، ئامما ”خىتايلار ئاڭلاپ كىلىپ قالارمىكىن“ دەپ قورقاتتىم. سىيىشكە تىرىشاتتىم.
كۈن غەرىپكە قاراپ سىلجىدى، لېكىن ئىسىق يانمىدى. ئاچام بىلەن نۇر ئاكاممۇ يوقاپ كەتتى. نىمە بولغىنىنى بىلمەيتتۇق، ئۇكاممۇ، بەلكىم يىغلاپ – يىغلاپ ھارغان بولۇشى كىرەك، يىغىسى توختۇتۇپ ئۇخلاپ قالدى. ئەتراپ جىم جىت ، ھەتتا چىكەتكىلەرمۇ جىمىققان ئىدى.
كۈن غەرىپتە خېلىلا تۈۋەنلىگەندە مەن يىراقدا كىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قارىسىنى كۆردىم. بىز دەرھال مۈكۈندۇق، ئۇلار يېقىنراق كەلگەندە، ئۇلارنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىنى چۈشۈنىپ، دالدىدىن چىقتۇق، نۇر ئاكام بىزنى كۆرۇپ قوللىرىنى پۇلاڭشىتىپ شىلتىپ، بىزگە قاراپ يۈگەردى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھەمراخان ئاچام، ئۇنىڭ بىلەن غەلىتە كىيىنگەن، مۈرىلىرىدە مىلتىق ئېسىقلىق ئىككى ياش يىگىت كەلدى. ئۇلار ھېلىم ئاكام بىلەن – بىز شەرقى تۈركىستان جەڭچىلىرى – دەپ تونۇشىشتى. ئاكام ئۇلارنى قۇچاقلاپ – ئۇزۇن بولدى كۇتكىنى – دەپ، خوشاللىقىدا نىمە قىلارىنى بىلمەي كەتتى. ”مەن ئاكام ئۇلارنى تونۇيدىغان ئوخشايدۇ“ دەپ ئويلۇدۇمۇ، ئامما ئۆزۇمنىڭ بالىلىق قەلبىدە، ئەۋۋەل سەزمىگەن، بىر خىل تۇيغىنى ھىس قىلدىم، لېكىن نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم. ئانام تېخى يوق ئىدى.
سەمەت – شەرقى تۈركىستان جەڭچىلىرىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى شۇنداق ئىدى – جۈرىڭلار شەھەرگە ئاپىرىپ قۇيېنى- دىدى. ھېلىم ئاكام ئۇلارغا – سىلەرگە كۆپ رەخمەت ئۇكۇلىرىم، بىز ئانىمىزنى تېپىپ، دادىمىزنى ئېلىپ ئاندىن كىتىمىز. بىز شىخولۇق، يولنى ياخشى بىلىمىز، سىلەر خىتايلارنى قوغلاۋىرىڭلا – دىدى . ئىككىنجى جەڭچى، ئىسمى نەسرىدىن ئىدى، – ھازىر قېچىپ يۆرگەن خىتاي چىرىكلىرى جىق، قۇرالسىز مېڭىش خەۋىپلىك، ئاناڭلارنى بىز بىللە ئىزدەپ تېپىپ، داداڭلار بار جايغا بارايلى، ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشتاپقا بارايلى، كوماندىرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ سىلەرنى ئاپىرىپ قويىمىز – دىدى. ھەممىمىز ماقۇل بولدۇق.
بىز ھەممىمىز ئانامنى ئىزدەپ تېپىپ، تۈنۈگۈن مۈكۈنگەن يارغا باردۇق، لېكىن ئۇ يەردە ھېچ كىم يوق ئىكەن، قازاندىكى گۆش پىشىپ سويۇپ قاپتۇ. ھېلىم ئاكام – ئولتۇرىڭلار قورساقنى بىر ئاز بولسىمۇ ئەپلىۋالايلى – دەپ، قازاندىن گۆشنى ئلىپ، بىزگە تارقىتىپ بەردى.
”دادامنى نەدىن تاپارمىز“ – دەپ قايغۇرۇپ ئولتۇرساق نەدىندۇر تۇيۇقسىز، مامۇت تاغام پەيدا بولدى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا يپىشتۇق. دادام قېنى؟ – دەپ سورىدۇق. ئۇ گەپ- سۆز قىلماي، خەتمە قۇران قىلدى.
بىز دادامنى خىتايلارنىڭ ئېتىۋەتكەنلىكىنى چۈشەندۇق. دۇئادىن كىيىن ئانام ئۆزىنى توختىتالماي ھۆكىرەپ يىغىغا چۈشتى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلىدۇق. شۇ ئەسنادا سەمەت بىلەن نەسرىدىن ئورۇندىن قوپۇپ – سەۋىر قىلىڭلار – دەپ، سەمەت – يىغىدىن ھېچ نىمە ئۈنمەيدۇ. داداڭلارمۇ باقىدىن قايتمايدۇ، ئۇ، سىلەرنىڭ، بىزنىڭ ۋە پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئۆز جىنىنى قۇربان قىلدى، بىز ئەركىن ۋە ھۆر ياشىساق ئۇ، ۋە ئۇ نىڭ بىلەن شىخو جېڭىدە ۋە باشقا جايلاردىكى جەڭلەردە ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان دوس – ئاغىنىلرىمىزنىڭ، ئۇرۇق- تۇققانلىرىمىزنىڭ، ئەسىرلەر بويى ھۆرلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭ تەمىنىمۇ تېتىيالماي، پۇرۇقىنىمۇ سىزەلمەي قۇربان بولۇپ، قەبرىسىىز چۆللەردە ياتقان ئىسىملىرىنى بىز ئۇنۇتقان، ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ روھلىرى باقى دۇنيادا جەننەتدە ھۆزىر ئالىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئنتىقامىنى ئالىمىز، غېنى باتۇر ئاكامنىڭ قۇماندانلىقىدا خىتاينى سەددىچىنىگە قوغلايمىز – دىدى.
ئەمدى مەن، غېنىنىڭ ئوغرى ئەمەس – خەلىق باتۇرى، نىلقىدىكى قوزغىلاڭ ئوغرى-قاراقچىلار ئىسيانى ئەمەس – خەلىقىمنىڭ باسقۇنچىلارغا قارشى قوزغىلىڭى ئىكەنلىكىنى ئۇ، چاغدا تولۇق چۈشىنىپ كىتەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن بايا سىزىپ چۈشىنەلمىگەن، قەلبىمدە پەيدا بولغان تۇيغۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئەمدى چۈشۈنىپ ھاياجانغا تولدۇم. ئۇ، ئەۋۋەل ئۇزۇن زامان ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار كۆرمىگەن ۋە تەمىنى تېتىپ باقمىغان، ھۆرلىكنىڭ يېقىملىق پوۇرىقى ئىدى. مانا مەن شۇ تەرىقىدە گۆدەك چېغىمدا ھۆرلىك بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن دوسلاشقان ئىدىم. ئەپسۇسكى، ئۇ، ئۇزۇن تۇرمىدى. ئاران بەش يىل تۇرۇپ، مىنى، خەلقىمنى، دادامنىڭ ۋە ئەژدادلىرىمىنىڭ روھلىرىنى خۇش قىلىپ، خوشلاشتى. 1949 – يىلى ئۇنى ئىككى چوڭ ئوغرى ئوغۇرلاپ كەتتى، ئامما پۇرىقىغا تىگەلمىدى، ئۇلار ئۇنى سىزەلمىدى، ھۆرلىكنىڭ پۇرىقى مىنىڭ دىمىقىمدىلا ئەمەس، شۇنداقلا قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدا ھۆرلىكنىڭ مۆرى بولۇپ بېسىلىپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن مەن چوڭ بولدۇم، ئۇقۇدۇم، بالاغەتكە يەتتىم، شەھەر ۋە ئەللەرنى كىزىپ بىلىم ئالدىم، سۇرگۈندە بولدۇم، سەگەردان بولدۇم. تارىخى ئەژدادلىرىمغا ئوخشاش تەڭرىدىن باشقىغا ئىگىلمەس ھۆرلىك سۆيەر روھقا ۋە سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولدۇم. قەلىمىمنى نەشتەر قىلىپ، ئۇ پۇراقنىڭ مەنبەئى – ھۆرلىكىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ئوغرىلارغا سانجىدىم. قەيەردە بولماي – ھەر جايدا، ئولتارسام، قوپسام ئۇ، پۇراقنىڭ مەنبەئى – ھۆرلىكنى كۈتتۈم، ئۇنىڭ بىلەن قېرىدىم. بەلكىم يېقىن ئارىدا ئانام، دادام ۋە ھۆرلىك بىلەن مىنى يەتمىش يىل ئەۋۋەل تونۇشتۇرغان شەرقى تۈركىستان جەڭچىلىرى بىلەن ۋىدالىشىمەن. بەلكىم مىنىڭ روھىم جەستىمسىز، ئۇ پۇراق بىلەن بىرلىكدە ۋەتىنىمگە قايتىدۇ.
كۆزۈمنىڭ ئوچۇق چېغىدا بۇ پانى دۇنياادا قالغان ئۇرۇق- تۇققان، قوۋمى- قېرىنداشلىرىمغا، ۋەتەندىكى ۋە سەرگەردان – ۋەتەنداشلىرىمغا، دينداش- قېرىنداشلىرىمغا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشلارغا، دەيدىغىنىم – ھۆرلىكنى ھېچ كىم بەرمەيدۇ، ئۇ يوق چاغدا ئۇنىڭ پۇرىقىنى سەزگەنلەر، ئۇ پۇراق بىلەن ياشىغانلار، ئۇنىڭ مەنبەئى – ھۆرلىككە تەشنا، ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن، پايدا- زىياننى ئويلىماي، جاننى قۇربان قىلايدىغانلار ئالىدۇ.
دوسلار! ھۆرلىك يوق چاغلاردا ئۇنىڭ پۇرىقى بىلەن ياشاڭلار، ئۇ، چوقۇم بىر كۈن بولمسا بىر كۈنى كىلىپ،
ئۆزىنىڭ پۇرۇقىغا قوشىلىدۇ.
قاراڭغۇ بولمىسا يۇرۇق بولمايتتىى، ياخشىلىق بولمىسا يامانلىق بولمايتتى، قۇللۇق بولمىسا ھۆرلىك بولمايتتتى، تەڭرىتالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرېتى بىلەن دۇنيانى جۇپ ياراتتى . بىر يامانغا بىر ياخشى ھەرجايدا بار، ئۇنى بىز ئۆزگەرتەلمەيمىز. بۇ ياراتقۇچىنىڭ قانۇنى. شۇ قاتاردا بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىگىمىز بىزگە ئۆزىنىڭ پاراسېتىنىڭ زەررىسىنى ۋە ئېقىل بىرىپ – ”تاللاڭلا، ھۆر ياشاڭلار“ – دەپ جاي بەردى. – ”جايىڭلارنى باسقانلار زۇلۇمچىلار، ئۇلار ھەقىقى كاپىرلاردۇر“ – دىدى. كاپىرلارغا قارشى جەھەت قىلىشنى بىزگە پەرز قىلدى. دىمەك، ئاللاھ بەرگەن، ئەژدادلار بىزگەمىراس قالدۇرغان جايىمىزنى بېسىۋالغانلارغا قارشى جەھەت قىلىش بىزنىڭ ياراتقۇچى ئالدىدكى پەرزىمىز ۋە ئەژدادلار ئالدىدىكى قەرزىمىزدۇر.
”جەھەت“ پەقەت ”قانلىق جەڭ “ – دەپ ئۇيلاش خاتا چۈشەنجىدۇر. جەھەت ئېڭ ئەۋۋەل ئەقلانە كۈرەش. قانلىق جەڭ بەزىدە ئۇنىڭ ھەمرايى بولىدۇ، بىزنىڭ ئەژدادلىرىمىز قانلىق جەڭ بىلەن ئىككى يۇز ئەللىك يىل جەريانىدا ھۆلىككە تۇراقلىق دوس بولالمىدى. بىز، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ھۆرلىكنىڭ پۇرۇقىنىمۇ تۈزۈك سىزەلمىدۇق. سەزگەنلەرنىڭ ئارقىدىن ماڭمىدۇق، كۈچنى ئېقىلدىن، پۇلنى بىلىمدىن ئەلا بىلدۇق. دۈشمەنلەر بىزنى كۈچ بىلەن ئەمەس، ئېقىل بىلەن يەڭدى، كۈچ بىلەن قۇل قىلدى. بۇنى بىلىپ، ئېقىل ۋە بىلىم تېپىش لازىم. ئامما ھۆرلىكنىڭ پۇرىقى دائىم بىللە بولۇشى كىرەك. ئۇ پۇراق، ۋەتەنگە مۈھەببەت، ھۆرلىككە ئشەنج ھاسىل قىلىدۇ.
ۋەتەنداشلار! كىلىۋاتقان نوۋرۇزىڭلار مۇبارەك بولسۇن.
ئۇلۇغ تەڭرىم ئىمان، ئەجدادلار مەدەت بەرسۇن! ئىلاھى بۆرە يار بولسۇن!
ت. سەرگارى.