ئىلى ئۇيغۇر سەنايى نەفىسە توغرىسىدا
ئىلى ۋىلايەتلىك سەنئەت ئومىگىنىڭ ئەسلى گەۋدىسى – سەنايى نەفىسە توغرىسىدا
نەسىردىن ناسىر
ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيۇشما 1934-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۇيۇشما قارمىغىدا سەنايى نەفىسە بۆلىمى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىپ ،بىر تەييارلىق كوللىەىيىسى قۇردى.بۇ كوللىگىيە تەركىۋىدە تېيىپ ھاجى،قاسىمجان قەمبىرى،قالىدىن يەھيارى،مەرۇپ سەئىدى،مۇھەممەد ئەلى ئاقساقال،ئەخمەتجان تۇردى،نەزەرخان غوجا،،قاسىم قىسمىتى،خۇدابەردى تالىپ،قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ پىلانلىق ھالدا تەييارلىق كورىشى بىلەن ،سەنايى نەفىسە بولىمى رەسمى قۇرىلدى.ئاتاغلىق سازەندىلەر جەلىپ قىلىندى.جۇملىدىن سۇيدىڭدىن روزى تەمبۇرنى ئالدۇردى.شۇنىڭدەك ئىسكىرۇپكىچى سەيدۇللام،چالغۇچى مەرۇپ ناسىرى،،ھۇسەيىن تەمبۇر،،سازچى ئابدىغېنى غېجەكچى،،تېيىپ ئاخۇن،چالغۇچى نۇرمۇھەممەت ناسىرى،،تەمبۇرچى مەتتاھىرغوپۇر،،دۇتتارچى ساھىت ئاكا قاتارلىق سازەندىلەر جەلىپ قىلىندى.ئاياللاردىن رازىيە خانىم،تۇران خانىم ،ھەجەر خانىم،پەرىدە،شاكۇرە قاتارلىقلار جەلىپ قىلىندى،ئەينى ۋاقىتتىكى زىيالىلار ۋە ھەۋەسكار ياشلارمۇ سەنايى نەفىسەنىڭ ئەتراپىغائۇيۇشتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆمەك «قانلىق داغ»،«غېرىپ-سەنەم»،«پەرھات-شىرىن»،«ئارشىن مالئالان»قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئوپېرا سەھنە ئەسەرلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك سەھنىلەشتۇردى.
بۇ ئويۇنلار شۇ چاغدىكى ئىلى خەلقىنىڭ ئالغىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى،ھەر قېتىم سەھنىدە ئويۇن قويۇلسا،تەلەپلەر چاۋاكلار ياڭراپ تۇراتتى.1935-يىلىنىڭ باشلىرى ئىلى سەنئەت ئۆمىگىنىڭ ئىشتىراكىدا مىللەتلەر كىلۇبى قۇرۇلدى.(ئۇيغۇر-قازاق كىلۇبى دەپمۇ ئاتىلاتتى)بۇ كىلۇپنىڭ پۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەن توي ئوتكۇزۇلدى،بۇ تويغا بېغىشلاپ سەھنىدە«غېرىپ-سەنەم»ئوپېراسى ئوينالدى.بۇ تويغا ئىدارە جەمىيەت مەسئۇللىرى،يۇرت مۆتىۋەرلىرى،بولۇپ 600دەك ئادەم قاتناشتى.بۇلار بۇ ئوپېرانى كورۇپ زور تەسىرات ئالدى،بۇ خىل تەسىراتلار ئەينى چاغدىكى مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى،پۇتۇن ئىلى شاتلىق تەنتەنىسىگە چومدى.شۇنىڭ بىلەن ئىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە سەنايى نەفىسەنىڭ ئورنى خەلىققە تېخىمۇ رۇشەن تونۇلدى.سەنايى نەفىسەئىختىسات ۋە ھەممە جەھەتتىن يۇكسىلىشكە باشلىدى.يەنە نۇرغۇن مۇزىكانتلار ئوزلىكىدىن سەنايى نەفىسە تەركىۋىگە كىردى.شۇنىڭ بىلەن سەنايى نەفىسە تەركىۋىدە12نەپەر يازغۇچى،35نەپەر مۇزىكانت،25نەپەر ئارتىس ،15 نەپەر ئارتىسكا بولۇپ جەمئى87نەپەر كىشى ئىشلەيدىغان بولدى.(لاۋازىم،دىكراتۇرلار بۇنىڭ سىرتىدا).بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى خانىملاردىن گۇلسۇم نەزەرى،ئامىنە قادىرىۋا،ئالتۇنخان،سەلىمە زىياۋۇدۇن،دەناخان،قاتارلىقلارمۇ بۇ ئومەكنىڭ ھەۋەسكارلىرى ئىدى.
ئاتاغلىق مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتا،ئەخمەتجان بارات،سۇلتان مۇرات،قىزىقچى قاسىم ساماۋەر،ھەسەن تەمبۇر،ھۇسەن تەمبۇر لارمۇ بۇ ئومەككە قاتناشقان.شۇنىڭ بىلەن ئىلىنىڭ سەنايى نەفىسە ئىشلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىغان ئىدى،خەلق ئىچىدىكى توي توكۇن ئولتۇرۇشلارغىمۇ سازەندىلەر ئارتىس-ئاتىسكىلار تەكلىپ قىلىناتتى بۇنداق تەكلىپنى ئالغاندىن كىيىن بارىدىغانلارنڭ سەنايى نەفىسە بولۇمى كورسىتىپ بېرەتتى.،دىمەك سەنايى نەفىسەنىڭ تەرتىپ ئىنتىزاملىرى ئىنتايىن چىڭ ئىدى.1938-يىلى يازغۇچى ئەنۋەر ناسىرى ياردەم مەكتەپتىن يوتكۇلۇپ كېلىپ ئىجادىيەت گورۇپپىسى قايتا تەشكىللەندى،بۇ گۇرۇپپىغا يازغۇچى ئەدىپلەر ۋە تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ قاتناشتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپ،سىدىق نورۇز،نۇرمۇھەممەت بوساقۇپ،ئابدۇكېرىم ئابباسۇف،تاھىر دۆلەت،خۇدابەردى تالىپ،سىراجىدىن زۇپەر قاتارلىقلار بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىختىيارى قاتناشچىلىرى ئىدى. بۇ چاغلاردا يەنە ئۇيۇشمىنىڭ مائارىپ بولىمىگە زۇنۇن قادىرى،مۇھەممەت مەنسۇرى،تەشۋىقات بولىمىگەئېلاخۇن ھەمرايۇفلار يوتكەپ كېلىندى. بۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ غەيرىتى بىلەن نۇرغۇن سەھنە ئەسەرلىرى رەتلەنگەن ۋە ئىجان قىلىنغان.بۇ چاغدا «لەلى مەجنۇن»،«پېرىىخۇن»،«گۇلنىسا»،«تاھىر زوھرە»،«گۇلەمخان»…قاتارلىق سەھنە كىتاپلىرىمۇ ئوينالغان ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، سەنايى نەفىسە بولۇمى ۋە بۇ ئومەك ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ھەممە ناھىيە –رايۇنلاردىكى شوبە سەنايى نەفىسە بولۇم ئومەكلىرىنىڭ ،ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى سەنئەت كۇرجۇك كەسپى ئىشلىرىغىمۇ يېتەكچىلىك قىلاتتى.ۋە بۇلار ئۇچۇن كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۇرۇپ بېرەتتى. بۇ سەنايى نەفىسە يەنە نەچچە نوۋەت سازەندىلەر كۇرسى ئېچىپ نۇرغۇن سازەندە مۇغەننىيلەرنى تەربىيىلەپ چىققان ئىدى. بۇ كۇرسلاردا پىشقەدەم مۇقامچى مۇۇھەممەت موللا(كارۇشاڭ ئاخۇن)،روزى تەمبۇر،ھەسەن تەمبۇر ساز ماھارىتىدىن ۋە «12مۇقام»دىن دەرسلەر ئوتۇپ سازەندىلەرمىڭ كەسپى ماھارىتى ئاشۇرۇلغانىدى.بۇ چاغدا توھپىكارلارغا ئەجرىگە لايىق ھەق بېرىلەتتى،يازغان ئەسەرلىرى مەدبۇئاتلاردا تۇنۇشتۇرىلاتتى، دىمەك بۇ مەزگىلدە ئىلىنىڭ مەدىنى مائارىپ سەنەيى نەفىسە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئۇتۇغلۇق ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. لىكىن بۇ ئىش ئۇزاققا بارمىدى. كىيىنكى كۇنلەردە جاللات شېڭ شىسەينىڭ ساختا نىقاۋى يىرتىپ تاشلىنىپ ئىلغار زاتلار تۇتقۇن قىلىندى.تېيىپ ھاجى،قاسىمجان قەمبىرى، قاتارلىق كىشىلەر تۇتقۇن قىلىندى، ئۇيۇشما ۋە ئومەكنىڭ پۇتۇن مال مۇلكى ئوي زىمىنلىرى مۇسادىرە قىلىندى،جۇملىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشما ۋە سەنايى نەفىسە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر كىلۇبى»بىناسىمۇ مۇسادىرە قىلىندى.كىلۇپ ئارقىسىدىكى ئىشخانا ئويلەر پىچەتلەندى، خادىملار تەھدىد ئاستىدا قالدى….جۇش ئۇرۇپ راۋاقلىنىۋاتقان سەنئەت ئىشلىرى قانىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەك بىردىنلا توختاپ قالدى. بەش ئايدىن كىيىن خەلقنىڭ كۇچلۇك تەلىۋى بويىچە ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما چوڭ سايلاپ ئوتكەزدى ،ئۇيۇشما رەئىسلىكىگە ئەخمەتجان روزى،مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە مىجىت مۇسابايۇفۋە ئابدىراخمان مەخسۇملار سايلاندى.كام ئورۇنلار تۇلۇقلاندى.
يېڭى سايلانغان ھەيئەتلەر مىللەتلەر كىلۇبىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ھوكىمەتتىن تەلەپ قىلدى،،ئاخىرى بۇ كىلۇپنى 10،000تۇياق قوي،10،000خو ئاشلىق تولەش ھېساۋىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى .ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇنىڭغا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن ھشلىقنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى، قوينى قازاق- قىرغىز ئۇيۇشمىسى ئۇستىگە ئېلىپ تولەپ بۇ كىلۇپنى ئاخىر قايتۇرىۋېلىندى .ئۇيەۇر ئۇيۇشما رەئىسى ئەخمەتجان روزى بىلەن قىرغىز ئۇيۇشما رەئىسى ئىسھاقبېك كېلىشىپ بۇ كىلۇپقا «ئۇيغۇر قازاق قىرغىز كىلۇبى»(قىسقارتىپ ئۇ، ق، ق كىلۇبى)دەپ نام بېرىلىپ ئورتاق باشقۇرىلىدىغان بولدى.
1938-يىلى ھازىرقى ياشلار كومتىتى قىلىنغان ئورۇنغا ئۇيغۇر ئۇيۇشما بىناسى سېلىندى،بۇنىڭ بىلەن سەنايى نەفىسە ئىشلىرى ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى.لېكىن شېڭ شىسەينىڭ تۇتقۇن قىلىشى سەۋەپلىك ئىلگىرىكىدەك جانلىنالمىدى.ئۇيۇشمىنىڭ زاپاس ئىختىسادىمۇ خوراشقا تۇگەشكە باشلىدى،،ئىلى سەنايى نەفىسەدىكى تالانتلىك سازەندىلەردىن مەرۇپ ئاكا،سەيدۇللام، مەتتاھىر قاتارلىق6 كىشىئۇرۇمچى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا يوتكەپ كېتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىلى سەنايى نەفىسە ئىشلىرىمۇ ئاجىزلىشىشقاقاراپ يۇزلەندى،يېڭى سايلانغان ئۇيۇشما ردئىسى ھۇسەيىن تەراۋۇپ ھەرقانچە قىلسىمۇ ئىشلىر ى يۇرۇشمىدى.
مەنبە: «شىنجاڭ تارىخ ماتېرياللىرى» مەجمۇئەسىنىڭ 20 -سانىدىكى نەسىردىن ناسىرنىڭ « ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى مائارىپ ھەققىدە ئەسلىمە » ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئىلى ئۇيغۇر سەنايى نەفىسە توغرىسىدا