قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوف: ئۇيغۇرلار ئون ئىككى مۇقامغا ھازىرمۇ قىزىقماقتا
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئۆلمەس مىراسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي غۇرۇرى ئون ئىككى مۇقام 2005-يىلى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىي مىراسى سۈپىتىدە بىلىم، پەن ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى -ئۇنەسچو تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ يادىكارلىق، بولۇپمۇ يەركەن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە دۆلەت غەمخورلۇقى ئاستىغا ئېلىنىپ، دەسلەپكى قېتىم رەتلەندى. ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنىمۇ راۋاجلىنىپ، ئاممىۋى رەۋىشتە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا ھەم ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىشىدا مۇقامچىلار، تالانتلىق ناخشىچىلار ھەم سازەندىلەر كۆپ كۈچ چىقاردى. بولۇپمۇ، مەتتايىر ھاسانوف، نۇرمۇھەممەت ناسىروف، سۇلتانمۇرات رەزەموف، غوپۇر قادىرھاجىيېف ۋە قادىر رازى مۇھەممەتوفلار بۇ جەھەتتە دەسلەپكىلەردىن بولغان مۇقامچىلاردۇر.
ئون ئىككى مۇقام ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 70-ۋە 80-يىللىرى تاشكەنتتىكى ئۆزبېكىستان رادىئو ئاڭلىتىش ۋە تېلېۋىزىيە دۆلەت كومىتېتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلى ھەم ئالماتادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى يېنىدىكى «ناۋا» ئانسامبىلى تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىندى. قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوفنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە پەقەت «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ كەسپىي مۇقامچىلىرى، شۇنداقلا جاي-جايلاردىكى كۆپلىگەن ھەۋەسكار سەنئەت ئۆمەكلىرى بۇ ئەنئەنىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇقامشۇناس ئالىم باتۇر ئەرشىدىنوف ۋە كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
__________________________________________________
مۇناسىۋەتلىك تېما:
Bowl dance (chine usuli) by Uyghur Theatre
Bowl dance (chine usuli) – performed by Uyghur Theatre in Kazakhstan. Recorded by Aziz Isa & Rachel Harris in July 2003, in Almaty.
http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/h-uy-theatre-chine.html
__________________________________________________
مەنبە:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/on-ikki-muqam-01242014121718.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوف: ئۇيغۇرلار ئون ئىككى مۇقامغا ھازىرمۇ قىزىقماقتا