تور سەھىپىمىزدىن ئىلاۋە:

 

مەزكۇر تور سەھىپىمىز ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ھەر ساھەلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئىلمىي ئوسۇلۇبتا ئەركن پىكىر قىلشىنى ۋە يېزىشىنى قوللايدۇ. بىر جەمىيەت  ئ‍لغارلىرى ئۆزىدىكى بۇرۇقتۇملۇقنى، قاتمال ئەنئەنىيلىكنى ئىجابىي مەقسەتتە ئۆزگەرتىش يولىدا ئەركىن پىكىر قىلالغاندىلا ئاندىن ئۇ جەمىيەت ئۆز ئىللەتلىرىنى كۆورەلەيدۇ ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىش يولىنى تاپالايدۇ. بىز ھەر كۇنى «ئەينەك» ئارقىلىقلا ئۆز ئەكسىمىزنى كۆرەلەيمىز.   بۇ ماقالە «ئەينەك» تورىدىن تور سەھىپىمىزگە كۆچۇرۇلدى. شۇنى ئالدىدىن سەمىمىيەت بىلەن ئەسكەرتىمىزكى تور سەھىپىمىزدە ئېلان قىلىنغان يازمىلار بىلەن بىزنىڭ مەسئ‍ۇلىيەت مۇناسىۋېتىمىز يوقتۇر.


 

– لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور سەھىپىسى.


 

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

 


 

 

كېيىنكى كۈنلەردە خىتايلار ئابدۇۋەلى ئايۇپنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بىر مەھەل غۇلغۇلا بولغاندەك قىلسىمۇ تېزلا بېسىقىپ توختىغان ئىدى. ئەمدى ئىلھام توختىنىڭ «قولغا ئېلىنىشى» يەنە بىر مەتبۇئات قىزغىنلىقىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما بۇنىسىنىڭ دەبدەبىسى ئاۋالقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، كۆلىمى تېخىمۇ كەڭ بولۇۋاتىدۇ.

 

ئادەتتە سىياسىي ئويۇنلار مەتبۇئات ئارقىلىق باشلىنىدۇ: كۈچلۈك مەتبۇئات شاۋ-شاۋلىرى ئارقىلىق جامائەت بىر نىشانغا يۆنلەندۈرۈلۈدۇ. مەلۇم بىر خىل قاراش، تونۇش، چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈلۈدۇ. ئارقىدىن مەخسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسانلىشىدۇ. مەسىلەن: ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئايەتۇللاھ ھۇمەينى ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن نامزاتلىققا بەلگىلەنگەندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەتبۇئاتلارنىڭ باش خەۋىرى قىلىنىپ، قىسقا مۇددەتتە بىر نامسىز شەخستىن دۇنياۋىي مەشھۇر شەخسكە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. ئاندىن جامائەت ئېتىراپ قىلغان «لېدىر» سالاھىيىتى قازاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى سىياسىي سەھنىگە چىقىرىش ئۈچۈن شەرتلەر تامامەن ھازىر بولغان بولدى. نەتىجە ئېتىبارى بىلەنمۇ بۇ ئىش شۇنداق نەتىجە بەردى.

 

تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى ھەققىدە بۇرۇنقى يازمىشلىرىمىزدا ھىتلېردىن نەقىل قىلغان «تەشۋىقات ئىنتايىن ئاددىي بىر ئىشنى قىسقا مۇددەتتە جامائەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈدۇغان موھىم مەسىلىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ؛ شۇنداقلا ئىنتايىن موھىم بولغان بىر مەسىلىنى دىققەتتىن قاچۇرۇپ ئۇنتۇلدۇرۇۋېتەلەيدۇ» دېگەن سۆزلەردىنمۇ مۇشۇ ھەقىقەتنى كۆرەلەيمىز.

 

ئەگەر، مەلۇم تەشۋىقات (ياكى مەتبۇئات) قىزغىنلىقى ئۇزۇن زامان ئىزچىل داۋام قىلسا، كۆلىمى كەڭ، قىزىقتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولسا، دېمەك ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر تەشكىللىگۈچى بار دەپ پەرەز قىلساق خاتالاشمايمىز. ئەگەر، ئەكسىچە بولسا، يەنى مەتبۇئات قىزغىنلىقى قىسقا مۇددەتتە پەسەيگەن بولسا دېمەك بۇندىقى تەبىئىي شەكىللەنگەن بولۇدۇ. شۇڭا (دايىم بىرسى تەشكىللىك تۈردە رىغبەت بېرىپ تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن) تېزلا پەسىيىپ، جامائەت تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

 

يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى زىيالىي ھەققىدىمۇ مۇشۇ پىچىمدا پىكىر يۈرگۈزۈدۇغان بولساق، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەققىدىكى غۇلغۇلىلار تەبىئىي تۇغۇلغانلىقى، ئارقىسىدا ھىچقانداق تەشكىللەشنىڭ، پىلانلىق، مەخسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلى قىسقا مۇددەتتە ئۇنتۇلۇۋاتىدۇ. ئىلھام توختى ھەققىدىكى نوپۇز قازاندۇرۇش تەشۋىقاتى بولسا يىللاردىن بېرى سەھنىدىن چۈشمەستىن داۋام قىلىۋاتقان ئىدى. نۆۋەتتە بولسا يېڭى مەزمۇن، يېڭى كۆلەم قازىنىپ، يوقۇرى پەللىگە ئۇلاشماقتا.

 

بۇ تامامەن پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر مەخسەتنى كۆزلىگەن ئىشنىڭ ئىزچىل داۋامى بولۇپ، ئېتىۋارغا ئېرىشتۈرۈلگەن ئىلھام توختى بىزگە «ئىككىنچى ئەۋلاد داھى» سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىشى چوقۇم. بىز ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ قىلىشنىلا ياكى داۋراڭلارغا ئەگىشىشنىلا بىلىۋاتىمىز. مەسىلىنى باشقا بىر تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىۋاتقانلار يوق ھىساپتا. بىزگە قولغا ئېلىنغان شەكىلدە كۆرسۈتۈلگەن ئىلھام توختى ھەقىقەتەندىمۇ تۈرمىدىمۇ-يوق؟ بۇنى كۆرگەنلەر بارمۇ-يوق؟ ھىچ بولمىسا مۇشۇنداق ئويلاپ كۆرگەنلەر بارمۇ-يوق؟ بۇ تەرەپتىن نېمىشكە ئويلاپ كۆرمىدۇق؟ بەلكىم يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەربىيىلەش زۆرۈرىيىتىدىن ئۇنى بىر كۇرسقا ئەكەتكەن بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ ئادەتتە ئىستىخباراتتا ئەنە شۇنداق ئىشلار مەۋجۇت. بىر ئادەم مەلۇم بىر مەخپىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولسا جامائەتكە ئۇنى قولغا ئالغان شەكىلدە تەقدىم قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئاشۇنداق ۋەزىپىگە ئەۋەتىدىغان مىساللار نۇرغۇن. خۇددى شۇ شەكىلدە، ئىلھام توختىنى چەتئەللەرگە سىغىندۇرۇپ، بىزنىڭ «ئىككىنچى ئەۋلاد داھىمىز» قىلىشنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى، بۇ زۆرۈرىيەتتىن ئۇنى يەنىمۇ بەك پارلىتىپ، چولپانغا ئايلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتى ئۇنى «قولغا ئالغان» كۆرۈنۈش بېرىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى تامامەن ئەقىلگە ياتىدۇ. شۇنداقلا يەنە موھىم بىر كۇرس تەربىيىلەش زۆرۈرىيىتىمۇ بولۇشى مۈمكىن.

 

شۇنى كەسكىنلىك بىلەن ئېيتىشقا بولۇدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئارىمىزغا «غازى» سۈپىتىدە قايتىپ كېلىدۇ؛ ئەمما ئۇيغۇرلار ئابدۇۋەلى ئايۇپتىن ئەنسىرىشى كېرەك. ئابدۇۋەلى ئايۇپ گەرچە ئىلھام توختى قىلغان «قەھرىمانلىق»نىڭ ئوندا بىرىنىمۇ قىلمىغان بولسىمۇ، خىتايلار ئۇنى يوق قىلىۋېتىشى مۈمكىن.

 

ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممىتى مانا شۇنداق. ئىككىسىنىڭ زىيالىيلىق سۈپىتىنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە شۇنى دېيەلەيمىزكى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەقىقىي زىيالىي، ھەقىقىي مىللەت سۆيەر ھىساپلىنىدۇ. بىلىم ئاساسى بولغان شۇنداقلا پاكىز مىللىي روھى بولغان بىر سىما. ئىلھام توختىنىڭ زىيالىيلىقى ھەققىدىمۇ ئىشەنچ بىلەن خۇلاسە چىقىرىشنىڭ مۈمكۈنچىلىكى يوق، بىلىم ئاساسىدىن كۆرە مۇناسىۋەت ئاساسىنى تېخىمۇ بەك ئاساس قىلغان، مۇناسىۋەتشۇناس.

 

تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى، مەخسەتلىرى ھەققىدە ئىلگىرىمۇ ناھايىتى كۆپ توختالغان ئىدىم. تەشۋىقات مەلۇم كۈچلەر تەرىپىدىن، دۆلەت تەرىپىدىن پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇدۇغان، مەخسەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان نەرسە. ئۇنداق بولمىسا ئىزچىللىقى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمالدىن قالدۇرۇلۇشىدەك ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىرىنچى نومۇرلۇق مەسىلىمىز دەل تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلى، ئىلھام توختى مەسلىسىچىلىكمۇ تىلغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتامدۇق؟

  

ئەسلىدە كۈنتەرتىپتىن چۈشمەسلىكى كېرەك بولغان بىرىنچى مەسىلىمىز مانا شۇ تىل مەسىلىسى ئىدى. ئەمما ئۇمۇ دىققىتىمىزدىن چەتتە قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇمۇ بەلكىم غەرەزلىك بولۇۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.

 


 

مەنبە: http://www.eynek.biz/index.php/component/content/article/2-uncategorised/74-2014-01-26-19-26-39