ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقتىدىكى سېرىك ئويۇنلىرى
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقتىدىكى سېرىك ئويۇنلىرى
شېرىپ خۇشتار
ئۈچ ۋىلايەتتە ،سېرىك ئويۇنى تەرەققىي قىلغان، ئىلى رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس سېرىك ئۆمەك تەشكىل قىلغان. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سېرىكچىلىرى يەككە سېرىكچىلار بولۇپ، ئۇلار، ئۇيغۇر،خەنزۇ،پىروتكا(ئىككى قانلىق كىشىلەر)لاردىن تەركىب تاپقان، بۇلار ئۆز ئالدىغا شەخسى ئويۇن كۆرسىتىپ ،شەخسى كىرىم قىلغان. ھەر قايسى ۋىلايەت ناھىيىلەر ئويۇن كۆرسەتمەك بولغاندا،مەزكۇر سېرىكچىلەرنىڭ قىزىقارلىق نومۇرلىرىنى تەكلىپ بىلەن سەھنىگە ئېلىپ چىققان. بەزى چاغلاردا جايلاردىن كەلگەن سېرىكچىلەر بىر چوڭ مەيداندا، ئايرىم-ئايرىم ئويۇن قويۇپ رىقابەتلىشكەن.
ئۇيغۇر داربازلىق ئويۇنى سېرىكچىلىكنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ داربازلىق ئويۇنى قويۇش ئالدىدا، سېرىكچىلىكنىڭ بىر قانچە نومۇرلىرىدىن ئورۇنلىسا دار ئۈستىدىمۇ يەنە بىر قانچە نومۇر ئورۇقلىغان ئۇلارنىڭ نومۇرلىرىدا، ئوتلۇق چەمبىرەكلەردىن ئوتۇش،تاش چېقىش،پىچاق ئېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرمۇ بولغان.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقتىدىكى سېرىك ئويۇنلىرى