ئىلىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى: ئايال سەنئەتكارلار
ئىلىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى: ئايال سەنئەتكارلار
ئاپتور: مەمتىمىن ھوشۇر
سەنئەت دۇنياسىنى ئاياللارسىز تەسەۋۋۇر قىلماق ناھايىتىمۇ تەس. ئەمما، خىلمۇخىل سەۋەبلەردىن تارىخىي ماتېرىياللاردا ئايال سەنئەتكارلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئاز يېزىلغان. بىزگە پەقەت 19–ئەسىردە ئۆتكەن پۇچۇنخېنىم ۋە «شاراپچى خېنىم» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان سۇمانىخانلارنىڭ داڭلىق ناخشىچىلاردىن بولغانلىقى مەلۇم.
پۇچۇنخاننىڭ ئەسلى ئىسمى مېھرىبانۇم بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن، ئەقىللىق ئايال ئىكەن. پۇچۇنخان ئىلىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ھاكىمبېگى خالزات ھېكىمنىڭ ھەدىسىنىڭ قىزى بولغاچقا ئوردىدا ئالاھىدە تەربىيە ئالغان، كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە مۇزىكىلارنى ئۆگەنگەن ئىدى. ئۇ كەملەردە بەگلەر ئۆز دەرىجىسىگە قاراپ، ئىككى–ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ خانغا كۆرۈنۈش قىلاتتىكەن. بىر قېتىم خالزات ھېكىم بېيجىڭغا كېتىپ بېرىپ، قۇمۇلنىڭ شۇ زامانلاردىكى ۋاڭى بېشىرۋاڭنىڭ كاتتا كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىپتۇ. خالزات ھېكىم بېشىرۋاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھەدىسىنىڭ قىزى مېھرىبانۇمنى خوتۇنلۇققا بېرىشكە ۋەدە قىپتۇ. شۇ چاغدا قۇمۇل بىلەن ئىلىدا ئالامەت كاتتا توي بولغان، دېيىشىدۇ. قۇمۇل بىلەن ئىلىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، بېشىرۋاڭ ئۆزى ئىلىغا بارالماي، نىكاھ ئۇنىڭ خەنجىرىگە ئوقۇلغانىكەن. پۇچۇنخاننىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ قۇمۇلغا ياتلىق بولۇشقا مەيلى يوق ئىكەن. ئىلىدىن ئۇزىتىلغاندا ئۇ ھەسرەت چېكىپ:
خالزات تاغام چىقىپ مەنسەپ تەختىگە،
تۇتۇپ بەردى مېنى قۇمۇللۇق بەختىگە.
تاغام مېنى تۇتۇپ بەردى پاتقاق ۋاقتىدا،
ئاتام بولسا ئۇزىتار ئىدى باھار ۋاقتىدا.
تاغام مېنى تۇتۇپ بېرىپ يامبۇ تاپامدۇ؟
قۇمۇل ياقتا ئۆلۈپ كەتسەم قۇمدىن تاپامدۇ؟
دەپ قوشاقلار قېتىپ يىغلىغانىكەن.
قۇمۇلغا بارغاندىن كېيىن پۇچۇنخان ئۆز يۇرتىنى، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنى ئۇنتالماي مىسكىن بولۇپ، «قارا دەيدۇ»، «غېرىبىم ئانام»، «مەن كەلمەسمەنا» («بىز ئاتلاندۇق») قاتارلىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ ئېيتىپ، ئەل–يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىزھار قىلغان ئىكەن. شۇ يىللاردا ئىلى بىلەن قۇمۇل ئارىلىقىدا قاتناپ يۈرگەن ئىلى ھارۋىكەشلىرى بىلەن ناخشىلارنى ئىلى يەتكۈزۈپ كەلگەن ئىكەن. كېيىن بۇ ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى ئىلى ھاكىمبەگلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان غىياسىدىن ھېكىم (جاھانگىر غوجا)نىڭ چوڭ ئوغلى پاشا غوجام ساقلاپ قالغانىكەن. پاشا غوجا كېيىن بۇ ئاھاڭلارنى روزى تەمبۇرگە چېلىپ بەرگەنىكەن. روزى تەمبۇر بۇ ئاھاڭلارنى ئۆگىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىگە كەلگەندە سەھنىلەردە ئورۇنداپ مۇكاپات ئالغانىكەن.
پۇچۇنخاننىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى سومانىخان بولۇپ، ئۇمۇ داڭلىق ناخشىچى ئايالكەن. ئارزۇلۇق قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان سومانىخان كېيىن ھەسرەتكە چىدىماي، شەھەردىكى داڭلىق نەغمىچى خوتۇنلارنى ھېكىمبەگ غوجىلار ئائىلىسىنىڭ قارادۆڭدىكى خاس بېغى— گۈلشەنباغقا يىغىپ، كېچە–كۈندۈز نەغمە قىلدۇرۇپ كۆڭلىنى ئاۋۇتىدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. بەزىدە ئۇ: «قېنى، ھېلىقى ھەسرەتنى يېنىكلىتىدىغان بىر نېمەڭلەرنى كەلتۈرمەمسىلەر!» دەپ ئازراق شارابمۇ ئىچىپ قويىدىكەن. شۇڭا، سومانىخان ئىلى خەلقى ئارىسىدا «شاراپچى خېنىم» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ قالغانىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «جېنىم خېنىم» دېگەن ناخشىنى سومانىخان قىزى پۇچۇنخاننى قۇمۇلغا ئۇزاتقاندا ئازابلىنىپ تۇرۇپ ئېيتقانىكەن.
ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ ئانىسى ھاشىخانمۇ ئۆز زامانىسىنىڭ ئۇستا ئايال ناخشىچىلىرىدىن ئىدى. ھاشىخان ئەسلى ياركەنتلىك بولۇپ، كېيىن ئىلى تەرەپكە ئۆتكەن. ئاياللار ئارىسىدا بولغان ئولتۇرۇش، چايلاردا ناخشا بىلەن ئۇسسۇلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ داڭق چىقارغان بولغاچقا، «ھاشىخان داڭلىق» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. پۇچۇن خېنىمنىڭ ئانىسى سومانىخاننىڭ:
ھاراق ئىچتىم، بوزا ئىچتىم
ھاشىخان داڭلىق بىلەن.
ئاچچىقى كەلسە ئۇرادۇر
قەلىقەي ياغلىق بىلەن.
دېگەن ناخشىلىرى ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
ئىلىدا ئەرلەر بولغان سورۇنلارغا ئاياللار قاتنىشالمايتتى. ئاياللارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى پەقەت ئۆزئارا بولاتتى، ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ چاي، ئولتۇرۇشلىرى بىلەنلا چەكلىنەتتى. 20–ئەسرنىڭ 30–يىللىرىغا كەلگەندە ئىلىدىكى ئاياللار سورۇنلىرىنى ئەلاخان دۇتارچى، ئاق بالىخان، پاتەم سەتەڭ قاتارلىق ئايال نەغمىچىلەر ئاۋات قىلغان.
ئىلىدا سانائىنەپىسە قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا جەمئىيەتتە تېخى فېئوداللىق قاراش ۋە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى ئېغىر بولغاچقا، ئاياللار سەھنىگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. دەسلەپتە درامىلاردىكى ئاياللار روللىرىنىمۇ ئەرلەر ئوينىغان. كېيىن، قاسىمجان قەمبىرى، رەخىمجان سابىرى، ئەينىدىن قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار ئالدى بىلەن ئۆز خانىملىرىنىڭ سەھنىگە چىقىپ رول ئېلىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. ئاندىن تۇران خانىم، رازىيە خانىم، گۈلسۈم، پەرۇزە، مەدىنە، پەرىدەم، شاكۈرە، ئاۋتەت، سەلىمە، زەيناۋدۇن، مىنەۋەر، ھەجەر، خەدىچە باگى، ئالتۇنخان، داناخان، سۇلتانقىز قاتارلىق ئارتىسلار ئارقا–ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ سەھىنىلەرنى جانلاندۇردى. بولۇپمۇ، بۇ دەۋردە گۈلسۈم ئارتىس خەلق ناخشىلىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئۇستىلىقى، «غېرىب–سەنەم» قاتارلىق چوڭ سەھنە ئەسەرلىرىدە ئالغان روللىرى بىلەن كاتتا شۆھرەت قازانغان. ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى گۈلسۈمگە «خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا گۈلسۈم، ئامىنە قادىر، ئايتۇرغان، پاشا ئىشان، مەريەم كېرىم، بەختىنسا ئىسمائىل قاتارلىق ئارتىسلارنىڭ تۆھپىلىرى گەۋدىلىك بولدى. ئايتۇرغان سابىتىۋا (ئايتۇرغان سابىتىۋا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن ئانىسى تەرەپنىڭ «ھاسانىۋا» دېگەن فامىلىسىنى ئىشلەتكەن) 1935–يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1949–يىلى سانائىنەپىسگە قوبۇل قىلىنغان. ئابدۇۋەلى جارۇللايوف، سەيدۇللام، گۈلسۈم قاتارلىق سەنئەتچىلەرنىڭ تەربىيىلىشى بىلەن «غېرىب–سەنەم» ئوپېراسىدا «سەنەم»، «غۇنچەم» درامىسىدا «غۇنچەم» روللىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ چىققان. ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش» مەزگىلىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان چاۋشيەن ئالدىنقى سېپىدىكى پىدائىيلاردىن ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە چاۋشيەنگە بېرىپ، ئۆز ناخشىلىرى بىلەن جەڭچىلەرگە مەدەت بەرگەن. 1962–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان رېسپوبلىكىسىغا كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر سەنئەت ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ 1969–يىلى ئۆزبېكىستان رادىئو–تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلدى. بۇ يەردە ئۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى لېنتىغا ئېلىش خىزمەتلىرىگە قاتناشتى.
ئايتۇرغان سابىتىۋانىڭ «نىگارىمغا»، «ناخشام بىلەن»، «ھەيدادەي»، «ناۋا قىلدىم» قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلىرى رادىئولاردا بېرىلىپ تىڭشىغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. 2002–يىلى ئۇنىڭ «كەچكۈزدىكى ناۋا» ناملىق پىلاستىنكىسى تارقىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئايتۇرغاننىڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتىكى ماھارىتى ئۆزگىچە، ئاۋاز تۈسى يېقىملىق، ئىلاستىكىلىق، ناخشا تېكستلىرىنى ئاھاڭ بىلەن مەھكەم يۇغۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىش، ناخشىدىكى بەدىئىي مەزمۇننى ئىچكى ھېسسىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چىرايىدا ئىپادە قىلىش ماھارىتى يۇقىرى بولۇپ، تىڭشىغۇچىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتەلەيدۇ. ئايتۇرغان، بەختىنسالارنىڭ ئاجايىپ ناخشىلىرى، مەريەم كېرىمنىڭ شوخ لەپەرلىرى ئەينى يىللاردا سەھنىلىرىمىزنى زىلزىلگە كەلتۈرۈپ زور داغدۇغا پەيدا قىلغان ئىدى.
تەڭرىتاغ بۇلبۇلى پاشا ئىشان
پاشا ئىشان ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ياڭراق، يېقىشلىق ئاۋازى، سەنئەتتىكى تەبىئىي تالانتى، خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتىكقى ئۆزگىچە ماھارىتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ «تەڭرىتاغ بۇلبۇلى» دەپ شەرەپلىك نام ئالغان. ئۇ سەنئەت مۇساپىسىدا يېرىم ئەسىردىن ئوشۇق ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
پاشا ئىشان 1940–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭمەھەللە گۈللۈك مەسچىتى ئەتراپىدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرى قازانچى مەھەللىسىدە ئۆتكەن. ئەينى يىللاردا قازانچى شەھەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ھۈنەرۋەنلەر ئارىسىدا ئاجايىپ نەغمىچىلەر، ئۇستا ناخشىچىلار بارئىدى. قازانچىنىڭ كوچىلىرىدىكى تۈن يېرىمىغىچە ئوچۇق تۇرىدىغان موزدۇزخانا، ساتىراشخانىلاردىن كىملەرنىڭدۇ چالغان دۇتارى، مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. پاشا ئىشاننىڭ ئانىسى تۇراخانمۇ دۇتار چالىدىغان، ناخشا–مۇزىكىغا ھىرىسمەن ئايال ئىدى. بەزىدە ئۇ بالىلىرىنى دۇتار چېلىپ بېرىپ، ناخشا بىلەن ئەللەيلەپ ئۇخلىتاتتى. پاشا ئىشاننىڭ قەلبىگە سەنئەتنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلىرىنى ئەنە شۇ مېھرىبان ئانىسى چاچقان ئىدى.
پاشا ئىشان ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە «ئايخان» مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدى. پاشا ئىشان «ئايخان» مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلىق دەۋرىنى ئەسلىگىنىدە، ئۇ شۇ مەكتەپتە ئۆزىگە بىلىم بەرگەن ۋە ئۇنى سەنئەت يولىغا يېتەكلىگەن ئالىيە مۇئەللىمنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئالىيە مۇئەللىم پاشادىكى تالانتنى تۇنجى بولۇپ بايقاپ، ئۇنى مەكتەپ سەنئەت كۇرۇژۇكىغا قوبۇل قىلىپ تەربىيىلىگەن. پاشا ئىشاننىڭ مەكتەپ سەنئەت كۇرۇژۇكىغا قاتنىشىشى «ئايخان» مەكتەپنىڭ سەنئەت پائالىيىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ نامى تېزلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ھالقىپ چىقىپ جەمئىيەتكە تارالدى. ئەينى يىللاردا قازانچى مەھەللىسىدە تەشكىللەنگەن «5–رايون سەنئەت ئۆمىكى» پاشا ئىشاننىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلار قاتارىدا سەنئەت ئۆمەككە قوبۇل قىلدى. قازانچىدىكى بۇ سەنئەت ئۆمىكى ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدىكى تەسىرى چوڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يەرگ ھېزىم موللا، مۇساجان روزى، ماخمۇت چاڭ، ئابدۇرېھىم مەشچى، يۈسۈپچان سىدىق، سەلەي تۇردى، ئابلىزخان مامۇت، قۇربان ئۆمەر، ئابدۇكېرەش ئەلى، غىياسىدىن بارات قاتارلىق ناخشا–مۇزىكا ئۇستىلىرى جەم بولغان ئىدى. بۇ يەر پاشا ئۈچۈن بىر جانلىق سەنئەت مەكتىپى بولدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ سەھنىلەردە «چاۋشيەن قىزى»، «كۆز ئۇيقۇدا»، «داھىغا شەرەپ» قاتارلىق ناخشىلارنى ئۇرۇنداپ، ئاۋازىنىڭ سازلىقى، ناخشىلارنىڭ ئەۋجى، ئەگىتمىلىرىنى ئېلىشىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ھەممىنى تاڭ قالدۇردى.
شۇ يىللاردا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى بۇ ناخشىچى قىزنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، 1953–يىلى پاشا ئىشاننى ئىسمىنى ئاتاپ ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەككە ئالدۇردى. شۇ يىلى پاشا چاۋشيەن ئالدىنقى سېپىدىكى پىدائىيلاردىن ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە چاۋشيەنگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن شىنجاڭ ھەرمىللەت خەلقىنىڭ سالىمىنى پىدائىيلارغا يەتكۈزدى. 1955–يىلى پاشا ئىشان ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، ھۈسەنجان جامى ئىشلىگەن «ئازاد زامان»، «ۋەتىمنى كۈيلەيمەن» دېگەن ناخشىلارنى ئورۇنداش بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ ۋەتىمىزگە شان–شەرەپ كەلتۈردى.
پاشا ئىشان 1956–يىلى دۆلەت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مەدەنىيەت دىلگاتسىيىسى تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسياغا چىقىپ، شىرئەلى ئىشلىگەن «سېغىنىپ كەلدىم» دېگەن ئىجادىي ناخشا ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداش بىلەن ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان رېسپوبلىكىلىرىنىڭ سەھنىلىرىنى زىلزىلىگە سالدى. 1961–يىلى جۇئېنلەي زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇ ھىندونېزىيە، بېرما، نىپال، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ، ياڭراق ئاۋازى بىلەن دۇنيا سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كۈچىنى تەنتەنە قىلدى.
پاشا ئىشان 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە يېرىم ئەسىردىن ئوشۇق ۋاقىت سەھنىمىزنى جانلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان داڭلىق خەلق ناخشىچىسى. ئۇ ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ قالماي، كۈچانىڭ شوخ پەدىلىرى، قەشقەرنىڭ لەرزان ئاھاڭلىرىنىمۇ راۋان ئورۇندىيالايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھۈسەنجان جامى، ئابلىكىم ئابدۇللا، غىياسىدىن بارات، شىرئەلى، ئەمەتجان قاتارلىق مۇزىكانتلار ئىشلىگەن نۇرغۇن ئىجادىي ناخشىلارغا ئۆز تالانتى، ياڭراق ئاۋازى بىلەن ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان. شىنجاڭ ئۈن–سىن نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلار پاشا ئىشاننىڭ ناخشىلىرىنى تۆت يۈرۈش ناخشا لېنتىسى قىلىپ ئىشلەپ، جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئسىتانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ ئۈن–سىن نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 1986–يىللىق مۇكاپاتلىق ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدا ئۇ ئورۇندىغان «ئانا مېھرى» ناملىق ناخشا 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1987–يىللىق «باھار بەزمىسى» سەنئەت كېچىلىكىدىن كېيىن، ئۇ ئورۇندىغان «تاغ سۇلىرى» ناملىق ناخشا ھەممە كىشىنىڭ ياقتۇرۇپ ئېيتىدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى. 1992–يىلى ئۇ سەنئەت سېپىدىكى تۆھپىسى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەدەنىيەت سېپىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. 1989–يىلى ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم تاللانغان سەنئەتچىلەر بىلەن ياپونىيىگە چىقىپ ئويۇن قويۇپ «تاغ سۇلىرى»نى ئورۇنداپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. 2000–يىلى ئۇ ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، مۇساجان روزى قاتارلىق داڭلىق مۇزىكا ئۇستىلىرى بىلەن ئەنگلىيىگە چىقىپ «جانەي»، «يار سېنىڭ دەردىڭ يامان» قاتارلىق ئىلى ناخشىلىرىنى ئورۇنداش بىلەن شۆھرەت تاپتى. ئۇنىڭ نامى مەملىكىتىمىز ئىچىدىلا ئەمەس، چەت ئەللەردىمۇ مەشھۇر.
پاشا ئىشان خەلق ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتا ئاشۇ ئاددىي خەلقنىڭ ئازادە، مەردانە ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈرگەن. ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا، خەلق ناخشىلىرىنى ئاياللار يۇقىرى ئاۋازدا ئورۇنداشنىڭ ئۆزگىچە يېڭى ئۇسلۇبىنى ياراتقان داڭلىق ناخشىچى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ناخشىلىرى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن لېنتىغا ئېلىنىپ، ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ سەنئەت خەزىنىمىزدىكى قىممەتلىك بايلىق.
سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان شۇ تۆھپىلىرىگە مۇناسىپ پاشا ئىشانغا 1985–يىلى دۆلەت تەرىپىدىن «دۆلەتلىك 1–دەرىجىلىك ئارتىس» ئۇنۋانى بېرىلدى. ئۇ 4–، 5–، 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 7–، 8–نۆۋەتلىك مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 2004–يىلى ئۇنىڭغا «تەڭرىتاغ تۆھپىكارى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.
تېما: ئىلىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى: ئايال سەنئەتكارلار
مەنبە: «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى» 213–بەت
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئىلىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلىرى: ئايال سەنئەتكارلار