ھۈسەنباي مۇسابايوفنىڭ تېرە زاۋۇت قۇرۇش جەريانى
ھۈسەنباي مۇسابايوفنىڭ تېرە زاۋۇت قۇرۇش جەريانى
ئاپتورى: بوراش ئېشىنئايوپ
ئىلى ئوبلاستلىق «لىچۇن»(ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەنزۇچە) تېرە زاۋۇتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەشھۇر نۇقتىلىق تېرە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بىرسى، شۇنداقلا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئالغاندا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زاۋۇتلارنىڭ بىرسى بولۇپ، زاۋۇت دەسلەپ بەرپا بولغان چاغلاردا نامى «مۇسابايوف تېرە زاۋۇتى» دەپ ئاتالغانىدى. بۇ زاۋۇتنى 1909–يىلى مىللىي سودا–سانائەتچى ھۈسەنباي مۇسابايوف قۇرغان بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللاردا ئۆزىنىڭ داڭلىق كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردىمۇ تونۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ مول چارۋىچىلىق مەھسۇلات مەنپەئىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆز ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىچىكى ۋە تاشقى سودا بازارلىرىدا ئاجايىپ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدەك قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ھازىرقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشكنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋاقتىمىزدىمۇ ئۆگىنىشكە ئەرزىگۈدەك قىممىتىنى يوقاتمىدى. مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش»ناملىق ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان ژۇرنال يۈزىدە ئۇنىڭ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن تېرە زاۋۇتى قۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى كارخانىلاشتۇرۇش ۋە ماشىنىلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى تۆھپىسىنى كەسپىي جەھەتتىنلا تونۇشتۇرغان ئىدىم. ھازىر شۇ ماقالەمگە ئاساسەن كېڭەيتىپ ۋە تولۇقلاپ خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، قايتا يازدىم.
ھۈسەنباي مۇسابايوف 1844–يىلى ھازىرقى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ بوۋىسى ئابدۇرۇسۇلباي ئۆز زامانىسىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ئىلى تەھسىل قىلغان ۋە ئانا مەكتىپىگە ئىزچىل ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسا، دادىسى مۇساباي ھاجىمۇ ئوخشاشلا شۇ مەدرىسنى تۈگەتكەن. 19–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زور مىقداردا سېخىي ئىنايىتىنى ھەدىيە قىلىپ، خانلىق مەدرىسنى بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلدۇرۇش بىلەن پۈتۈن قەشقەر ئاھالىسى ئىچىدە ئىززەت–ئابروي قازانغان ئۆلىما كىشىلەردىن ئىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە دېھقانچىلىق قىلىدىن مىڭ مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يېرى بولۇشتىن تاشقىرى، قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا سودا دۇكانلىرىنى قۇرۇپ، ماتا–چەكمەن، گىلەم–خۇرجۇن قاتارلىق يەرلىك توقۇلما ماللار بىلەن يەل–يېمىش سېتىپ تىجارەتچىلىك قىلىپ كەلگەن. 1860–يىلى ئابدۇرۇسۇلباي ئۆز تىجارىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن 16ياشلىق چوڭ نەۋرىسى ھۈسەيننى (ھۈسەنباي) ئېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئاۋۋال ماناسقا كېلىپ تۇرغاندىن كېيىن، غۇلجىغا كەلگەن. ئۇلار دەسلەپ چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىن سودا دۇكىنى قۇرۇپ تىجارەت قىلىشنىمۇ ئېلىپ بارغان ھەمدە روسىيە بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىپ، روسىيىدىن چارۋا مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشتۇرۇپ ئەكەلگەن گەزلىمە ماللارنى غۇلجا ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ساتقان، ؟–يىلى ھۈسەنباي روسىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ سودىگەرچىلىك قىلىش جەريانىدا تېرە–يۇڭ تىجارىتىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا ناھايىتى ئەتىۋارلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن. شۇڭا ئۇ ئىلىدىن كالا–قوينىڭ تېرە ۋە يۇڭلىرىنى ھەمدە قىممەت باھالىق (تۈلكە تېرىسىگە ئوخشاش) تېرىلەرنى يۆتكەپ، روسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن.
بۇندىن باشقا ئامېرىكا سودىگەرلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا مال يۆتكەپ سېتىپ، ئۇنى پاختىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىش بىلەن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن. چەت ئەللەردە مۇشۇنداق تىجارەت قىلىش جەريانىدا كۆزى ئېچىلىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ بارغانلىقتىن ئۇ ئەرزان باھادىكى خام تېرە–يۇڭلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئاندىن بازارغا سالىدىغان بولسا، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكتىن زاۋۇت قۇرۇشقا بەل باغلىغان. ھۈسەنباي مۇسابايوفنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئۇزۇن يىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا–تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا خېلى مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىدە يېتەرلىك مەبلەغ بايلىقى بار، ئەگەر ئائىلىسىدىكى ئىنىلىرىغا يۆلىنىپ، ئۇلارنى ئوبدان تەشكىللەيدىغانلا بولسا بۇنداق بىر كارخانىنى قۇرۇپ چىقىش مۈمكىن دەپ تونۇغان. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدىكى پىلانى بويىچە ئۆزىدىن مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى ھەم خېلى ئىقتىدارغا ئىگە چوڭ ئىنىسى باۋۇدۇنباي بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىكى ئىنىسى ئىمام ھاجى مۇسابايوفنى ئىلىغا كېلىپ ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇلارنى چاقىرىپ ئەكلىپ باۋۇدۇنباينى كارخانا ئىشىلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئوبۇل ھەسەن ھاجىنى يۇرتىدا قالدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپ بېكىتىپ، ئۆزى ئومومىي ئىشلارغا مەسئۇل بولغان، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان كارخانىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. 1885–يىلى قۇرۇلغان قول ئەمگىكىنى ئاساس قىلىدىغان كىچىك كارخانىنى كېڭەيتىپ، بىر قەدەر ئىلغار بولغان زامانىۋى كۆن–خۇرۇم زاۋۇتى قىلىپ قۇرۇش جەريانىدا ئىككى قىيىن مەسىلگە دۇچ كەلگەن، ئۇنىڭ بىرسى زاۋۇت قۇرۇلۇشى ۋە ماشىنا–ئۈسكۈنە مەسىلىسى بولسا، يەنە بىرسى قۇرماقچى بولغان زاۋۇتنىڭ مەخسۇس كەسپىي–تېخنىكا خادىملىرى بىلەن باشقۇرغۇچى خادىملار مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئىدى. زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، زاۋۇتنىڭ ئېگىز تۇرخۇنىنى ياسايدىغان ئادەم ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدا بولمىغانلىقتىن روسىيىدىن بىناكارلىق ۋە ياغاچچىلىق ئۇستىسى ئاساڭپۇ ئىبراھىمنى تەكلىپ قىلىپ ياساتقان. شۇ چاغدا ياسالغان «1909»دېگەن يىلنى كۆرسىتىدىغان سىفىرى بار تۇرخۇن تا ھازىرغىچە مەزمۇت تۇرماقتا (؟).
1907–يىلى گېرمانىيىدىن سېتىۋالغان زاۋۇتنىڭ ئون نەچچە ماشىنا –ئۈسكۈنىلىرىنى پويىز ئارقىلىق گېرمانىيىدىن روسىيىگە ئەكىلىپ، ئاندىن روسىيىدىن ئات–ھارۋىلار بىلەن، ھارۋىلار ماڭغىلى بولمايدىغان جايلاردا تۆگىلەرگە ئارتىپ بىر نەچچە ئايدا ئاران غۇلجا يەتكۈزگەن. ئەشۇ سېتىۋېلىغان ماشىنا–ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيىدىن بىر نەچچە تاتار باشقۇرغۇچى خادىملار (بوغالتىر، كاسسىر، يۇڭ پريۇمچىك، زاۋۇت كاتىپى قاتارلىقلار)نى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. ئەڭ مۇھىم ۋە قىيىن بولغان كەسپىي تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن گېرمانىيىلىك تېخنىك ئۇستىسى ماكس ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋېنگى بىرلىن بىلەن سلابودې قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، يۇقىرى مائاش بېرىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى غۇلجىغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئولتۇراقلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن نازۇك ماشىنا–ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، ئاسىراش، رېمونت قىلىش، مەسلىھەت بېرىش، باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيىلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك مۇشۇ بىر ئائىلىلىك چەت ئەللىك ئېنژىنېر–تېخنىكلار ئۈستىگە ئالغان. زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېخنىكىنى بىلمەيدىغان نامرات دېھقانلار بولغاچقا، زاۋۇت ئىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن كەسىپلەر بويىچە تۈركۈم، مۇددەتكە بۆلۈپ تەربىيىلەش بەكمۇ زۆرۈر ئىش ھېسابلىناتتى. بۇ ۋەزىپىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماكس ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستىگە ئېلىپ، بىرىنچى قاراردا تېرە ۋە يۇڭنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر–تېخنىكىسى بىلەن ئۇنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، ئىككىنچى قاراردا ئىگەر ياساش بىلەن شۇرنىكلىق قىلىش (خامۇت ياساش، بوغا–جاۋاڭ ياساش) تېخنىكىسى، ئۈچىنچى قاراردا زاۋۇت باشقۇرۇش ئىلمى بىلەن مالىيە باشقۇرۇش قائىدە–تۈزۈمى قاتارلىق مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈلۈپ ئىككى–ئۈچ يىل ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەربىيىلەنگەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھۈسەنباي مۇسابايوفنىڭ ئانا يۇرتى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ياشلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرقسىمى مۇشۇ مۇسابايوف تېرە زاۋۇتىدا ئىشلەپ، تېخنىكا بىلىمىگە ئىگە زاۋۇتنىڭ دەسلەپكى ئىشچى–خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىرقىسمى ئىلىدا قۇرۇلغان ئەلى ئەھمەد سەددى (تاتار)نىڭ «تىيانشان تېرە زاۋۇتى»، باباشۇفنىڭ تېرە زاۋۇتى، نۇراخۇن، موللاھاجخ، ۋاڭ بىڭخېڭ قاتارلىقلارنىڭ زاۋۇتلىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. قالغانلىرى يۇرتىغا قايتىپ ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىدۇ. زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ 1909–يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشىدۇ. زاۋۇتنىڭ نامىنى ھۈسەنباي 1885–يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن مەرھۇم دادىسى مۇساھاجىنى ئەسلەپ «مۇسابايوف زاۋۇتى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ زاۋۇتقا ھۈسەنباي ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. زاۋۇتنىڭ يېڭى قۇرۇلغان چاغدىكى كاپىتالى 3مىليون 600مىڭ دوللاردىن كۆپرەك بولۇپ (شۇ چاغدىكى خەلقئارالىق پۇل ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا)، جەمئىي 14سېخ قۇرۇلىدۇ. بۇلار ماتېرىيال تەييارلاش، تېرىدىن يۇڭنى ئاجرىتىش، مېيىنى ئاجرىتىش، بوياش، پارقىرىتىش، تەكشۈرۈش، كېسىش، قوي تېرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاياغ يۈزى، ئاياغ پاشنىسى، چەم ئىشلەش، تەييارلغان مەھسۇلات قاتارلىق سېخلاردىن ئىبارەت. كېيىن يەنە كۆپىيىپ ئىگەر ياساش، شۇرنىكىلىق قىلىش سېخلىرىمۇ قۇرۇلىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تېرىنىڭ %60ى روسىيىگە چىقىرىلىپ، قالغىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاپىرىلىپ سېتىلغان. ئىشلەپچىقىرىلغان ئاياغ كىيىملەر ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ سېتىلغان.
مول چارۋىچىلىق مەھسۇلات مەنبەسى بىلەن ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى، شۇنداقلا چەت ئەلنىڭ ئىلغار ماشىنا–ئۈسكۈنىسى بىلەن ئىلغار تېخنىكىسى بويىچە ئۇزۇن يىل سودا–سانائەت ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق «مۇسابايوف زاۋۇتى» قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۆلكە ئازات بولغانغا قەدەر 40نەچچە يىل جەريانىدا مۇسابايوفلار ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكىنى ئىنتايىن چوڭ تەرەققىي قىلدۇرغان. پەقەت ئىلىدىنلا 80مىڭدىن ئوشۇق قوي، 10مىڭدى ئوشۇقراق كالا، 2مىڭدىن كۆپرەك يىلقىسى بولغاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدا زور كۆلەمدىكى يايلاق ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 15تىن ئوشۇق ئورۇندا زېمىنلىق يەرلىرى بولغان. ئەسلىدىكى تېرە زاۋۇتى زورىيىپ غۇلجا ناھىيىسى، سۈيدۈڭ، بارىكۆل، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ 300گە يېقىن ئىشچى–خىزمەتچىسى بار يۇڭ يۇيۇش مويكا زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان، ئۈرۈمچىدە توقۇمچىلىق كارخانىسى قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بانكا تۈزۈلمىسىمۇ بەرپا قىلغان. غۇلجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچار، كورلا ۋە بېيجىڭ، تيەنجىنلەردە سودا سارايلىرى بولغاندىن باشقا، يەنە چەت ئەللەردىمۇ يەنى روسىيىنىڭ ياركەنت(ھازىرقى پانفىلوف)، ئالمۇتا، شەمەي (سېمپىلانىسكى ئوبلاستى) قاتارلىق شەھەلەردە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە سودا ساراي ۋە مېھمانخانىلىرى بولغان. شىنجاڭ ئازات بولغان مەزگىللەردە «مۇسابايوف تېرە زاۋۇتى»نىڭ 230مىڭ يۈەندىن ئوشۇق مۇقىم مۈلكى بولۇپ، ھەريىلى 16مىڭ دانە تېرە پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرالايتتى. 1951–يىلى شىنجاڭدا دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇلغاندا مەزكۈر زاۋۇت بۇ شىركەتكە قاتنىشىپ زاۋۇتنىڭ نامىنى شۇنىڭدىن باشلاپ «ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش تېرە زاۋۇتى» دەپ ئۆزگەرتكەن. شۇ چاغدىكى زاۋۇت قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 25840كۇادرات مېتىر بولۇپ، ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 500كىشىدىن كۆپرەك ئىدى. 1956–يىلى ھەممە ساھەلەر بويىچە دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكى يولغا قويۇلغاندا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئوبورت مەبلىغى 580مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى.
ھۈسەنباي مۇسابايوف چوڭ مىللىي سودا–سانائەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ شۇنداقلا ئىلى رايونىنىڭ ھازىرقى زامان كۆن–خۇرۇم ئىشلەش سانائىتىدە پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. بۇ يەردە يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇسابايوفلار ئائىلىسى يېڭى زامان مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 1885–يىلى ئاتۇش ئېكساقتا تۇنجى «ھۈسەينىيە پەننىي مەكتىپى»نى قۇرغان بولسا، 1889–يىلى غۇلجىدىمۇ «ھۈسەينىيە مەكتىپى»نى تەسىس قىلغانىدى. ھۈسەنباي مۇسابايوف 1926–يىلى 82يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ تۇنجى قېتىم غۇلجىدا ئىلغار زامانىۋى كارخانا قۇرغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چەت ئەللەردىن ئىلغا تېخنىكا بىلەن زامانىۋى ماشىنا–ئۈسكۈنە كىرگۈزگەن، ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان تىپىك مەشھۇر شەخس بولغاچقا، ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ بېتىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغۇسى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن چوڭ ئىنىسى باۋۇدۇنباي مۇسابايوف زاۋۇت باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. ئەمما ئۇمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي 1928–يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېغىر ۋەزىپە ھۈسەنباينىڭ چوڭ ئوغلى سابىت ئەپەندىگە قالغان. لېكىن ئۇ ياش شۇنداقلا تەجرىبىسىز بولغانلىقتىن شۇ چاغدىكى زاۋۇت بوغالتىرى مەخسۇم سۇلتان ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ زاۋۇت باشقۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن سابىت چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغان بولغانلىقتىن ئىنىسى ئابلەت مۇسابايوف (1986–يىلى ۋاپات بولغان، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئىدى) بىلەن تەلئەت مۇسابايوفلار تاكى ئازاد بولۇپ، دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكلىشىپ بىرلەشكە قەدەر زاۋۇت باشقۇرۇپ كەلگەن. تەلئەت مۇسابايوفمۇ كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ، 1987–يىلى يازدا تۇغقان يوقلاش ۋە زىيارەتتە بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا يۇرتى غۇلجىدا كوممۈقوناقتىن يېڭى ئۇسۇلدا ماي چىقىرىش زاۋۇتى قاتارلىق بىرنەچچە زاۋۇت قۇرىدىغانلىقى ھەققىدە غۇلجىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ توختام تۈزدى. زاۋۇتنى كەلگۈسىدە باشقۇرغۇچى ۋارىس قىلىش مەقسىتىدە ئاكىسىنىڭ ئوغلى خەنجەرنى چەت ئەلدە ئوقۇپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ كەتتى.
دېمەك، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك مۇسابايوفلار ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكى شۇنچىلىك روناق تېپىپ، گۈللەپ–ياشناپ، تەرەققىي قىلىشىدا بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك قايسى ئامىللار سەۋەب بولغان؟ بۇ يەردە مەن گەرچە پىشىپ يېتىلگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويالمىساممۇ، ئەمما دەسلەپكى قەدەمدىكى پىكىرىم بويىچە تۆۋەندىكىدەك شەرت–شارائىتقا باغلىقمىكىن دەپ تونۇيمەن. ئۇلار مۇنۇلار:
1) مول چارۋىچىلىك مەھسۇلات مەنبەسى بولغانلىقى؛
2) چەت ئەلنىڭ ئىلغار سانائىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئىشلەتكەنلىكى؛
3) ئەڭ ياخشى ئىچكى ۋە تاشقى سودا بازارلىرىنىڭ بولغانلىقى؛
4) ئۈزلۈكسىز كېلىپ تۇرىدىغان ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ بولغانلىقى؛
5) ئىلغار زاۋۇت باشقۇرۇش ئىلمى بىلەن ئىلغار زاۋۇت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللانغانلىقى قاتارلىق بىر–بىرى بىلەن زىچ ئورگانىك ھالدا باغلانغان تۈپ ئامىللار سەۋەب بولغان.
«لىچۈن تېرە زاۋۇتى»نى روناق تاپقۇرۇش ۋە ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىپ ئاشكارا ھالدا زاۋۇت باشلىقى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. 1987–يىلى 12–ئايدا سانجا (موڭغۇل) زاۋۇت باشلىقى بولۇپ، زاۋۇتنى ھۆددىغا ئالغان. 1987–يىلى دۆلەت يىنىك سانائىتى مىنستىرلىكى بۇ زاۋۇتقا ئوخشاش كەسىپلەر بويىچە ئالغاندا ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن جابدۇنغان ئۇنىۋېرسال پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوتتۇرا تىپتىكى نۇقتىلىق كۆن–خۇرۇم كارخانىسى دەپ نام بەرگەنىدى. بۇ زاۋۇتنىڭ ھازىر ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى، ئۆلچەپ سىناش ۋاسىتىلىرىمۇ ئىلغار، تېخنىكا جەھەتتىكى ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن يىلىغا 500مىڭ كىشلىك ئاياغ كىيىم ئىشلەپچىقىرالايدۇ. 120–150مىڭ دانىغىچە كالا تېرىسىنى، 240مىڭ دانە قوي تېرىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە، كۆچمە مەبلىغى ھازىرقى پۇل قىممىتىدە 15مىليون يۈەنگە بارىدۇ.
مەن ھۈسەنباي مۇسابايوف ۋە ئۇنىڭ زاۋۇت قۇرۇش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مۇشۇ ماقالەمنى يازدىم. بۇنى يېزىش جەريانىدا خەنجەر موسابايوف، بېلىقىز مۇسابايوفلار ۋە جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. ئوبلاستلىق ئارخىپ ئورۇنلىرىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلاندىم. «لىچۈن تېرە زاۋۇتى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتىم، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئوقۇش جەريانىدا كەم قالغان جايلىرىنى تولۇقلاپ، خاتا يېزىلىپ قالغان جايلىرىغا تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
————————————————-
پۈتۈك تېمىسى: ھۈسەنباي مۇسابايوفنىڭ تېرە زاۋۇت قۇرۇش جەريانى
پۈتۈك مەنبئى: «غۇلجا شەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى (1)»، 38–بەت.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ھۈسەنباي مۇسابايوفنىڭ تېرە زاۋۇت قۇرۇش جەريانى