قەشقەر – ئىككى دۇنيا ئارسىدىكى شەھەر
قەشقەر – ئىككى دۇنيا ئارسىدىكى شەھەر
Kashgar, a city between two Worlds
This is an excerpt from one of the Colourful Journeys epsidodes. This short video focuses on the tension between the Chinese government and the Uighur people of Kashgar and their old city that has now all but disappeared.
from BlueDogFilms
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قەشقەر – ئىككى دۇنيا ئارسىدىكى شەھەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئەيسا!
ئەزىز ئۇكام، بىلىمەن، سىلەر ئەڭگلىيەدىكىلەر ئۆزەڭلەرنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، جان بېقىش بىلەن بىللە، «ۋەتەن، مىللەت» دەپ، جىق ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلە، ۋاختىڭلار قىس. شۇنداق بولسىمۇ ۋاقىت تېپىپ، سىلەرنىڭ سەھىپەڭلەردە ئېلان قىلىنغان ”قەشقەر – ئىككى دۇنيا ئارسىدىكى شەھەر“ دىگەن ئىڭگلىسچە ۋىدېئو ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلساڭلار ياخشى بولار ئىدى. چۈنكى قەشقەرنى بىلمەيدىغان باشقا جايلىق ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، شۇنداقلا قەشقەرلىقلارمۇ جىق. ئۇلار ئۆز ۋەتنىنىڭ كىندىكى بىلەن ياخشىراق تونۇشىۋالغان بولار ئىدى. قەشقەردە ياشاش، ئۇنى كۆرۈپ ساياھەت قىلىش ۋە ”قەشقەر بىزنىڭ قەدىمى شەھېرىمىز“ دەپ پەخىرلىنىشلا قەشقەرنى بىلگەنلىك بولمايدۇ.
ئەپسۇسكى، مەن ئىڭگلىسچە بىلمەيمە، ماقالىنىڭ سۈرىتىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، ئامما گېپىنى چۈشىنەلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ”بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئاڭلىشىغا ۋە كۆرىشىگە لايىق ماتېرىئال ئىكەن“ دەپ خۇلاسە چىقاردىم.
ھەممىڭلارغا سەمىمى سالام. ئىشىڭلارغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىڭلارغا بەخىت-سائادەت، ئۈمۈدىڭلادرغا ئەمەللىك، مەنزىلىڭلارغا يورۇقلۇق، تېنىڭلارغا سالامەتلىك ۋە ئىمانىڭلارغا كامىللىق تىلەيمەن.
رەخمەت.
ت. سەرگارى.