لېكىن …
سەرگارى
مۇھەببەن دىسەم دوستۇم ۋەتەنگە،
يانىدۇ يۇرەكتە يەنە مۇھەببەت.
ئويلاپ قارىسام لېكىن ئەتەمگە،
كۆرىمەن تۇمانلىق، نۇرسىز ئاقىبەت.
مۇھەببەن دىسەم ۋەتەنگە ئاتاپ،
يانىدۇ يۈرەكتە جۇشقۇنلۇق بىرئوت.
لېكىن ۋاراقلاپ تارىخقا قاراپ،
ھېىس قىلىمەن، يانا بېشىمدا بۇلۇت.
لېكىن… لېكىن تۈگىمەيدۇ يازسام-
لېكىن، ھەرقېتىم تىلىمغا رەشتە.
دۇستۇ كۆز ئېچىپ باقسام ۋەتەنگە،
يەنە تولىدۇ قەغەز لېكىنگە …
22 .6 .1956 موسكۋا.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: لېكىن …