كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە
بۇ شىئېر نامەلۇم بىر قېرىندىشىمىز تەرپىدىن يېزىلپ، ۋەتەندىكى ئۇندىدار ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا تارقىتىلغان ۋە شۇ يەردىن كۆچۇرۇلدى. شىئېر خىتاي ھۆكۇمىتىنىڭ ھازىر يۇرگۇزىۋاتقان سىياسەتلەرگە قارتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارزلىقلىرىنى ىساتىرالىق شىئېرى تىللار بىلەن ئىپادىلىگەن.
كىرىپ قاپتۇ رەئىس چۈشۈمگە،
ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك.
تىنىچ ئىناق ئتپاقلق ئۈچۈن ،
ھەممە باراۋەر بولسۇن دىگۈدەك .
رەھبەرلەرمۇ بولسۇن ئۇيغۇردىن.
بۇ خەنلەرگە خاس ئەمەس دىگۈدەك.
ئۇرۇن بەرسۇن زاۋۇت ،كارخانىدىن،
بۇ ئۇلارنىڭ ھەققى دىگۈدەك.
كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە،
ھەممە ئەركىن بولسۇن دىگۈدەك.
ياغىلق ئاتسۇن،ساقالنى قويسۇن،
ھەر كىشىنىڭ مەيلى دىگۈدەك.
بالىلارنى قانداق خالىسا ،
ئۆز مەيلىچە ئوقىتسۇن دىگۈدەك .
نامازلانى مەيلى خالىسا ،
سورۇندىلا ئوقىسۇن دىگۈدەك.
كىرىپ قاپتۇ ماۋ رەئىس چۈشۈمگە
ئۇيغۇرلارنى بەك ئاز دىگۈدەك
ئەل نۇپۇسنى كۆپەيتىۋەتكەن
ئۇيغۇرلارنى ئەمەس دىگۈدەك
ئىچكىرىدىن ئادەم يۆتكەشنى،
ئاچچىقلىنىپ ئەيپلىگۈدەك .
باشقلارنى چەكلەپ تۇغۇتتىن،
ئۆزى كىلش ئەيىپ دىگۈدەك.
كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە،
ئۇيغۇرلامۇ ياشىسۇن دىگۈدەك .
قۇشۇلۋالىمىز ئۆزىمىزگە دىيش،
بۇ خەتەرلك قىلمىش دىگۈدەك
ئۇلاردا بار ئۆزىگە خاس مەدىنيەت،
بۇ دۇنيادا بىرلا دىگۈدەك.
ئۇسلۇبىچە ياشسۇن ئۇيغۇرمۇ.
ئىرادەڭنى تاڭما دىگۈدەك
كىرىپ قاپتۇ ماۋ رەئىس چۈشۈمگە،
قىزلىرىنى بۇزما دىگۈدەك .
ئچكىرگە يۆتكەپ قىزلارنى ،
ئەر غۇرۇرىغا تەگدىڭ دىگۈدەك.
مۇسۇلماندۇر ئۇيغۇر خەلقى،
ئىتقاتقىمۇ ھۆرمەت دىگۈدەك.
ئىسلام دىگەن قوغدار قىزلارنى،
بۇنىڭغىمۇ ھۆرمەت دىگۈدەك.
كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە،
ئۇيغۇرلارنى چۈشەن دىگۈدەك.
بۇشۇنچىلك ئاقكۆڭۈل خەلىق،
قويلاردىمنۇ ياۋاش دىگۈدەك
غۇرۇرىغا تەگمە ھەرگىزمۇ،
تىرورچى بەك سەت نام دىگۈدەك.
نۇمۇس ئۈچۈن ئۆلەر خەلق بۇ،
نۇمۇسىغا تەگمە دىگۈدەك.
كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە
قوش تىل يەسلى توختىسۇن دىگۈدەك
ئانا تىلدا چىقسۇن تىللىرى،
ئاندىن كىيىن ئۆگەت دىگۈدەك
ئۆز تىلدا سۆزلەش ھۇقۇقتۇر،
سەن تىلىڭنى تاڭما دىگۈدەك .
گەرچە ئۇ بىر ئاجىز بولسىمۇ ،
بۇ ھۇقۇقنى ئالما دىگۈدەك.
كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە،
ئاپتۇنۇميە بولسۇن دىگۈدەك.
ئۆز يولىچە ياشىسۇن ئۇيغۇرمۇ،
مۇستەبىتلك قىلما دىگۈدەك.
ئادالەتلك دۆلەت قۇرايلى،
ئۇيغۇرلارنى قايىل قىلغۇدەك.
چىن قەلبىدىن ھۆرمەت قىلسۇنلەر
بىزلەرنىمۇ ياخشى كۆرگىدەك
كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە،
ئۇيغۇرلار بەك خۇشال بولغۇدەك .
كوچىلارنى ئايلىنىپ خوشال ،
«ماۋ»رەئىسنى كۆتۈرۈشكىدەك.
پۇتۈن جۇڭگۇ بۇ ئەھۋالدىن ،
پەخىرلىنپ خۇشال بولغۇدەك.
بۇنى كۆرگەن دۇنيا خەلىقلەرنى ،
ئالقىش قىلپ چاۋاك چالغۇدەك …..
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: كىرىپ قاپتۇ «ماۋ» رەئىس چۈشۈمگە