شائىرى رۇزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
شائىرى رۇزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
شائىر روزى سايىت 1943- يىلى 9-ئايدا خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن تاغلىق كەنتىدە ھەربىي گازارمىدا كونا ئەسكەر ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950- يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1954- يىلى خوتەن شەھىرى «چايخانا» باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1958- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇپ، 1973- يىلى 9- ئايغىچە بولغان 15 يىل ئىچىدە خوتەن شەھەر ئىلىچى يېزىسىدا، خوتەن ناھىيە بۇزاق يېزىسى ۋە «سېرىقئوت» دېھقانچىلىق مەيدانىدا دېھقانچلىق قىلغان. 1973- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1976- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەن ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ۋە خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
شائىر روزى سايىت يەڭگىل ، ھېسسياتقا باي، شېئىرىلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىدە شۆھرەت قازانغان شائىر.
شائىر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىرگە، جاندىل بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە بېغىشلىدى.
روزى سايىت يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە شۇنداقلا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تەسىرىدىن ئاۋام – خەلق ئارىسىدىكى تەسىرى چوڭ شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھاياتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ ھالىغا مۇڭداش، دەردىگە دەرمان بولدى.
دېھقانلار تۇرمۇشىنى ئاساسىي تېما قىلغان. شۇنداقلا دېھقانلار تۇرمۇشىنى ۋە ھاياتىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ھېسىسياتىنى ئىپادىلگەنلىكى، ھايات رېتىمىغا ماسلىشىپ ئۇسلۇبى يەڭگىل، تىلى ئاممىباب ھازىر جاۋابلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەم «دېھقان شائىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.
شائىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس باغلىغان بولۇپ، 15يىللىق دېھقانچلىق ھاياتىدىمۇ ئەدبىي ئىجادىيەت مەنتىقىسىنى ئۇچۈرۈپ قويمىغان. 1973- يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلنغان «دېھقانمۇ بولدى داشۆسىڭ» ناملىق شېئىرى بىلەن مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «قاشتېشى رىۋايىتى»، «شېئىرىي چۆچەكلەر»، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»، «مەرھابا»، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار»، «ئۆي ئالمىغىن، ئۆيلەنمىگىن، ئۆلىمىگىن» قاتارلىق شېئىرىي داستانلار توپلىمىنى نەشىرقىلغان. ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۆپ بولۇپلار قالماستىن بەدىئىي جەھەتتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى، شۇ سەۋەبتىن ئىزچىل ھالدا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا، ئاۋام – خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ 15يىل دېھقان بولغىنىغا ۋە ئۆزىگە «دېھقان» دېگەن تەخەللۇسنى قويغىنىغا لايىق ئىزچىل ھالدا دېھقانلار تۇرمۇشىنى كۈيلەپ كەلدى. ۋە ئەسەرلىرىنى باشتىن ئاخىرى دېھقانلارغا چۈشىنشلىك بولغان جانلىق خەلق تىلىنى قوللىنىپ ئەسەر يازدى. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى راۋان، ئاسان ئەستە قالىدىغان، خەلق قوشاقلىرىغا ئوخشايدۇ. شائىر ئۆزىمۇ ئۆزىنى «قوشاقچى» دەپ ئاتايدۇ.
روزى سايىت «چۈشنامە» قاتارلىق 12 پارچە داستان، باللادا، 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە روبائى يازغان. ئۇنىڭ «قاشتېشى رىۋايىتى»، «كۆڭۈلدىكى گەپلەر»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار»، «روبائىيلار»، «تۇيۇقلار»، «پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى» قاتارلىق 10 نەچچە پارچە داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىر ۋە ھىكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئەدىبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.
روزى سايىتنىڭ «ئاھ، مېنىڭ مىللىتىم»، «دېھقان بولماق تەس»، «دېھقان يىغلايدۇ» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى جامائەتچىلىك ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان. «دېھقان يىغلايدۇ»، «چۈشنامە»، «بالىلار پۇلغا زار، چىرىكلەر بەدخەج»، «بارات يازغان ھىكايە»، «يىپەك يولىدا نۇرۇز» قاتارلىق داستان، شېئىر، ھىكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدىئى سەنئەت فىلىملىرى؛ «بۇ جاھان»، «جاھان كەڭرى، يول كەڭرى« قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشا تىكىستلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. شائىر 2001- يىلى «ئۇيغۇر گىلىمى» ناملىق ئەسىرى بىلەن 11- نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدىبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
روزى سايىت 2001- يىلى 9- ئايدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى. شائىر روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش بولدى. شائىر ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ…
رۇزى سايىتنىڭ ۋەكېل خاراكتېرلىك شېئىرى
دېھقان بولماق تەس
شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس ،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى ، يالغاننى ئەمەس ،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مىنى مە س ،
مەستلىكتە دەۋالاي ، لېكىن مەن پەخەس ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،
ئۇ باقار شەھەرنى ، كىچىپ مەرىدىن ،
ئۇنىڭ يوق تاماسى ،تاختا-پەرىدىن ،
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ مۆمىن ، بەك يۇۋاش ،ساددا- مۇلايىم ،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم ،
دەر: ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم ،
تەقدىردە : ئېتىزدىن ئېلىنمىشلايىم ،
رىسقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
پاراغەت دىلبىرى ئاچقىچە قۇيۇن ،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئۇيۇن ،
قىشتا سۇغ ، يازدا ئۇپ ،باھاردا قۇيۇن ،
گاھ كەلكۈن،گاھ تۇمۇ قىسقۇزار بۇيۇن ،
دەر قىسمەت : جاپاغا خام كىكىر- تۇيۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
قاراشلىق كارا بار ئۇنىڭ بېشىغا ،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە – دامبا قېشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،
قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ- ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان ،
كۆيۈدۇ چۇققىسى ، كۆيۈدۇ تاپان ،
چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان ،
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،
ھە – دىمەي بۇلىدۇ يىغىم تەۋرىشى ،
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى ،
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ، قوينىڭ مەرىشى ،
يىل بۇيى ئۆكسمەي پىشىپ تەرلىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نېمى ،
مېنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كېمى ،
ئۈششۈيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خېمى ،
تۇرسا سىرت ئالۋىڭى ، ئۆزىنىڭ غېمى ،
تالجىقسا- ھېرىقسا كېسىلىپ دېمى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
كېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش ،
دىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش ،
ئوي- پىكرى ھېيت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كىرسە كۆپرەك ئاش ،
مەشربى- ماتېمى خاماندا ئاداش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى ،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى ،
يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۆزۈلمەس ئېشى ،
يوق مائاش – دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى ،
ئايدا ساق ئوتتۇزكۈن ئىشلەر ياز- قىشى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
چوڭ- كىچىك شىنچىلەر يۇقلىماس ئۇنى ،
تەنجىيامۇ شۇيجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى ،
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى ،
يوقلايدۇ ، ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى ،
شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش ،
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش ،
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش- ئوتياش ،
ئۇباققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش ،
ئۇ بولغاچ مەرت ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
مەن ،سەن ، ئۇ سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى ،
نىسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخت پەسلى ،
قەدرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى ،
يەسلىگە سۆزمسۇن قول ، ئاياز پەسلى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك ،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك ،
ئۆزىلا ئاق ،دىھقان كۆڭلى ئالىدەك ،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت- يالىدەك ،
رىسقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللىشىپ ،
ھىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ ،
سەھنىدە تۈزىشىپ توختام قوللىشىپ ،
”قاتلىنىپ ئاشتى“ دەپ دوكلات يوللىشىپ،
مۇكاپات ئېلىشتى تۆرنى گوللىشىپ ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق تۆھپە ئەمگىكى ،
يىل بۇيى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىكى ،
رەت قىلسا تۆلەم بار ، قالتىس دەللىكى ،
ئەرز قىلسا چاقۇندا قالار پەللىكى ،
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۆزىلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى ،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئەرز- تىلىگى ،
ھال سۇراپ كىلىشەر خىزمەت ئۈمىگى ،
يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق – يىمىگى ،
بارى بار نەھاجەت ،ئۇ-بۇ دىمىگى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۈمەككە ،
ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسىز مۇنەككە ،
بىز گويا قارچۇغا ؛ چۈشكەن تۈنەككە ،
مۇھتاج بىز يورۇققا ،بىر يار – يۈلەككە ،
دىمەيمىز بۇگەپنى سىزدىن بۇلەككە ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ساق تۇرۇپ ئىككى قول – ئىككى پۇتىمىز ،
دەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيتنى تۇتىمىز ،
تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز ،
كىملەرنىڭ پەيلىدىن نابۇت پۇتىمىز ،
قاچانمۇ ئۇتۇلماي ، يىڭىپ ئۇتىمىز ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
جەدىۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى ،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى ،
ئالدايدۇ دۆلەتنى ، سېلىپ زىياننى ،
پوچىلىق ، نوچىلىق ، قىينايدۇ جاننى ،
جەرىمان توختىماي كولايدۇ ياننى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
يۇرت- يۇرتتىن تەڭلەيدۇ ، كۆڭلەك ،چاپان-كەش،
ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش ،
بىزشۇنداق تىلەمچى ، گاداي كۆڭلى غەش ،
قىززىق ئىش يەر مۇنبەت ، ھەر خاماندا چەش ،
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
كۆردۈڭلار ھالىمىز شۇقەدەر ناچار ،
قازناقلار قۇپ- قۇرۇق ،چاشقانمۇ قاچار ،
يەي دسە تۈگىدى ، يىمىسە ئاچار ،
بىز نىچۈن بۇپ قالدۇق بۇ ھالغا دۇچار ،
كەتسەڭلار “ چاقتىڭ “ دەپ قەھرىنى چاچار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئوغۇتمۇ پۇل دەيدۇ ، يالتىراقمۇ ھەم ،
تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ ، جىنچىراقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ تاغارمۇ ، تۇخىناقمۇ ھەم ،
پۇل دەيدۇ يولدىكى بوغىناقمۇ ھەم ،
پۇل قېنى ؟ پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
دىسىمۇ مەركەزدىن باي بولسۇن دىھقان ،
كىمگىدۇر ياقمىغاچ دىھقانغا ياققان ،
ھەددىدىن ئاشماقتا “ ئۈچ قالايمىقان ،
بەس ئەمدى كۈتەرمەي بولمايدۇ چوقان ،
چاچمىغىن سېلىقكەش ، يۈز- كۆزگە قۇقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا ،
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا ،
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا ،
كىم دىدى ”دىھقاننىڭ قېنىنى شورا ،
دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
دىھقانمۇ ياشىسۇن ، كۈلسۇن ،يايرىسۇن ،
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن ،
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن ، ئۆسسۇن- ئاينىسۇن ،
قازىنى ماي كۆرسۇن ، پات-پات قاينىسۇن ،
ئۇھ…. دىسۇن ،ھېيت – بايرام مەشرەپ ئوينىسۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
سەن بىزدەك گەدىنى قاتقان نەدە بار ؟
مىۋە يەپ شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە بار ؟
دىھقاندەك ئەل – يۇرتنى باققان نەدە بار ؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغرىدا ئۆسكەن ،
شائىرمەن توي كۆرگەن ناغرىدا ئۆسكەن ،
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن ،
تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
مەنبە : قاشتىشى تورى
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: شائىرى رۇزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى