”ق“ ھەرىپى بىلەن پۇتۇلگەن شىئېر
”ق“ ھەرىپى بىلەن پۇتۇلگەن شىئېر
شائىېر: جەزىرىيە
(A Uyghur poem written in alliteration style. Author: Jaziyra)
قايمۇقۇپ قالماقتا قەدىمىي قەۋىم ،
قىلىچسىز قالغاندا قاتقان قوللىرى ،
قالسىمۇ قانچىلىك قانلىق قىسمەتكە ،
قايرىلماس قۇت قوغلاپ قاققان قانىتى .
قۇزغۇننى قوشۇنغا قىلسا قوماندان ،
قاپلانلار قايغۇدا قالار قورۇلۇپ ،
قەلبىنى قىلمىغاچ قىلچىلىك قايىل ،
قەھىرلىك قەلىبتىن قانلار قۇيۇلۇپ .
قەدىرسىز قالغاندا قىممەتلىك قەلب ،
قاپ – قارا قارچۇقتىن قەترە قۇيۇلار ،
قەپەزگە قامالغان قەرىزدار قۇتلار
قاراڭغۇ قىسمەتتىن قاچان قۇتۇلار ؟
قۇرۇتتەك قەدىرسىز قالغان قىسمەتلەر ،
قاغىدەك قارىلىق قاملاشقان قامەت .
قەپەزگە قامالغان قەيسەر قاپلانلار . . .
قۇيۇلار قارچۇقتىن قەھىرلەر قەۋەت .
قاخشالدەك قاغجىراپ قالغانغا قەدەر ،
قۇياشقا قانالماي قالارمۇ قەلبىم ؟
قۇزغۇنلار قۇترىغان قاراڭغۇلۇقتا ،
قىرقىلغان قىياقچە قالمىدى قەدرىم . . . .
قايمۇقۇپ قالمايدۇ قان – قېرىنداشلار ،
قۇياشتەك قىززىقتۇر قەھىرلىك قەلبى ،
قالسىمۇ قەپەزگە قامىلىپ قامەت ،
قەلىبنى قاماللاپ قالالماس ، قەتئى .
قاناتلار قىرقىلغان قەبىھ قوللاردا ،
قەدىمىي قەلئەمۇ قۇملار قوينىدا ،
قەبرىسىز قېپقالغان قىپ – قىزىل قانلار ،
قىستايدۇ قىساسنى قايتۇرۇشقىلا .
قۇياشقۇ قەدىرلىك قەدىمدىن قەدەر ،
قەغىشلىق قىلىدۇ قارغۇ قەلىبلەر ،
قالمايدۇ قاتاردىن قەھىرلىك قاپلان ،
قەلبىدە قۇترىغاچ قانلىق قەرىزلەر .
قانوننىڭ قامىتى قالسا قېيسىيىپ ،
< قۇدرەتلىك > قوللاردا قۇللۇققا قېلىپ ،
قەدرىمۇ قالمايدۇ قىرقىلغان قىلچە ،
قاپلانلار قۇزغۇنغا قۇربان قىلىنىپ .
قۇياشمۇ قارىيىپ قالىدۇ قېيداپ ،
قۇزغۇننىڭ قىلمىشى قۇترىسا قانلىق ،
قەسەمخور قازىلار قەلبى قاباھەت ،
قۇيۇلغان قانلارغا قەرىزدار ، قانچىلىك ؟
قايناپمۇ قالىسەن ، قەلبىڭدە قايغۇ ،
قارىغا قالغاندا قەدىردان قەۋمىڭ ،
قاراملىق قاملاشماس قاراڭغۇلۇققا ،
قۇياشنى قىچقىرىپ قالىدۇ قەلبىڭ . . . .
قاغىلار قورقۇتۇپ قىينار قۇشقاچنى ،
قاپلانغا قەست قىلار قورقىتالمىغاچ ،
قۇرۇتلار قەدەمداش قاغا – قۇزغۇنغا ،
قاسراقسىز قالغاندا قاتمىغان قاقاچ .
قۇياشسىز قاغجىراپ قالار قەلىبلەر ،
قەلەندەر قارالماس قۇتسىز قالغانلار ،
قەدىرسىز قالغاندا قەلىپ قەسرىدە ،
قارۇنمۇ* قەلەندەر قېتىدا قالار .
قارا قول قۇترايدۇ قاپقانلار قۇرۇپ ،
قاپلانغا قەست قىلىپ قانىدۇ قەلبى ،
قەدىرسىز قالىدۇ قىيامەتكىچە ،
قاتمۇ قات قوشۇلۇپ قىساسى – قەرزى .
قەھرىمان قەدەمدىن قايتمايدۇ قەتئى ،
قالسىمۇ قاپ – قارا قىسمەت قوينىدا ،
قەلبىدە قۇترايدۇ قانلىق قىساسى ،
قارايدۇ قۇياشقا ، قىلىچ قولىدا .
قاۋانلار ، قۇرۇتلار ، قۇزغۇن قاپلىغان ،
قىلمىشتىن قارايغان قاراڭغۇ قەسىر .
قومورۇپ قاپقىنى قانلىق قىلىچتا ،
قاراڭغۇ قىسمەتكە قىلماقتا قەھىر . .
قەلەمنى قورال قىپ قەلىبنى قېزىپ ،
قەترىلەر قويىمەن قەيسەر قەۋمىمگە ،
قارىسام قاراڭغۇ قارا قىسمەتكە ،
قۇيۇلار قەھىرلەر قۇتسىز قەلبىمگە .
قېينايدۇ قەدەمدە قۇرۇلغان قاپقان ،
قانچىلاپ قەيسەرنى قەپەزگە قاماپ ،
قۇياشسىز قاراڭغۇ قاباھەتلەردە ،
قارچۇقمۇ قەھىردىن قالىدۇ قاناپ .
======================
قارۇن – رىۋايەتلەردىكى ئەڭ باي ئادەم .
مەنبە ئىزدىنىش تورى
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ”ق“ ھەرىپى بىلەن پۇتۇلگەن شىئېر