تەخسىكەش
تەخسىكەش
ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم سەلكىن
(ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار بازارلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن)
(ساتىرا)
سەن پەرۋانە ئەمەلگە بولغاچ ئۇ بىر ئوت-ئاتەش،
‹‹چوڭام››لارنى يوقلايسەن شۇڭا ھەركۈن سەھەر-كەش،
غورۇرخەجلەپ باشلىققا تېپىپ ياخشى بىر‹‹ دىلكەش››،
ياشاپ كەلدىڭ ھاياتتا مانا شۇنداق بەك پەسكەش ،
دېسىمۇ گەر ئۆز خەلقىڭ ساڭا لەنەت تەخسىكەش.
ئۇخلىساڭمۇ تۇتۇسەن چۈشلۈرۈڭدە نام-مەنسەپ،
خىيالىڭدا ئالدايسەن ئۆز-ئۆزۈڭنى كۆپ بەزلەپ،
ھەريانغا تور توقۇيسەن ئەمەلنى دەپ پۇلنى دەپ،
توزاق قۇرۇپ بەزىگە ،بەزىلەرنى ھەم قەسىتلەپ،
پارازىتتەك ياشايسەن دىلىڭ مەينەت تەخسىكەش.
بىراۋلارنىڭ ئاستىغا قات-قات كۆرپە كەلتۈرۈپ،
دائىم تەييار تۇرىسەن خىزمىتىگە يەڭ تۈرۈپ،
ئۇ كۈلگەنگە ھېجىيىپ،قاپاق تۈرسە تەڭ تۈرۈپ،
ئەگىشىپلا يۈرەرسەن سەن ئۆزۈڭنى خار كۆرۈپ،
كۈچۈكلىنىپ ئىت كەبى دېسىمۇ‹‹كەت›› تەخسىكەش.
دەرىتتە قويدۈڭ ئازدۇرۇپ تالاي-تالاي باشلىقنى،
تۇيدۇرماستىن ئۆيىگە توشۇپ گوش-ماي،ئاشلىقنى،
يامان يولغا باشلىدىڭ ئۆگۈتۈپ ھەم‹‹شاش››لىقنى،
يەمچۈك قىلدىڭ ئۇيالماي سەتەڭ قەلەم قاشلىقنى،
غورۇرىنى ئىت يىگەن تەكتى نامەرىد تەخسىكەش.
خىيالىنى باشلىقنىڭ تېپىپ شۇئان دەل قىلدىڭ،
‹‹كەم››لىرىنى تولۇقلاپ ‹‹توققۇز››ىنى تەل قىلدىڭ،
بولۇپ قالسا كۆڭلى غەش ياشلىرىڭنى سەل قىلدىڭ،
مانا موشۇ يول بىلەن كۆپ ئىشىڭنى ھەل قىلدىڭ،
ئار-نومۇسنى ئۇنتۇدۇڭ قىلىقىڭ سەت تەخسىكەش.
يۈرۈشلۈرۈڭ بەك سىرلىق مەنسەپ ئۈچۈن شاپاشلاپ،
شۇ ۋەجىدىن يۈرۈيسەن دائىم بىر ‹‹تاغ››ھاپاشلاپ،
يۈردۈڭ بەزەن ئىشلىرىڭ ئەپلەشمىسە باش قاشلاپ،
كۆرۈنۈشتە سەن خۇشھال ، پىنھانلادا كۆز ياشلاپ،
ئۆتەرسەنمۇ ئاشۇنداق ئەي بەدنىيەت تەخسىكەش.
‹‹شوتا›› بولدى سەن ئۈچۈن نەپسى يامان تاماخور،
مال-دۇنياغا ھېرىسمەن تويماس ئاچكۆز بالاخور،
چۈشتى ئالدام خالتاڭغا بولغاچ بىرى زىناخور،
تېپىك يىدىڭ بەزىسى بولغاچ بەكمۇ گۇمانخور،
شۇنداقتىمۇ ۋاز كەچمەي قىلدىڭ غەيرەت تەخسىكەش.
ئەمەلدارغا ئېگىلىپ ،ئاتاڭغىمۇ‹‹پوش››دىدىڭ،
ئولار ئۈچۈن تاۋاپ قىپ ئامەت كەلسۇن قوش دىدىڭ،
مەيدانىڭ يوق مۇستەقىل ھەممە ئىشتا ‹‹خوش››دىدىڭ،
‹‹كىرپە- يۇمشاق تىكەنسىز،قاغا-ئاپئاق قۇش››دىدىڭ،
سېڭىپ كەتكەچ قېنىڭغا ناچار ئادەت تەخسىكەش.
سەن بولمىساڭ بەزىلەر ئارزۇسىغا قانالماس،
تاماخورلۇق كېسىلى بولغاچ ئۇندا ساقايماس،
ئىلىپ گالدىن سەن ئۇنى قىلىپ قويدۇڭ تانالماس،
كىردىمۇ بۇ كوچىغا ئەمدى ھەرگىز يانالماس،
چۈنكى يوقتۇر سېنىڭدە قىلچە شەپقەت تەخسىكەش.
تېپىپ بىر كۈن ئەقلىڭنى بىلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟
ۋىجدان ئۈچۈن سەدىقە تىلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟
ئادەمىيلىك يولىغا كىرەرسەنمۇ تەخسىكەش؟
ئېچىنىپ ئۆز ھالىڭغا كۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش؟
ياكى نومۇس-ئەلەمدىن ئۆلەرسەنمۇ تەخسىكەش…؟
2012-يىل17-ماي (ئاقيار)
مەنبە گۇما دىيارى تورىدىن كۆچۇترۇلدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: تەخسىكەش
ئېزىز قېرىبداشلار!
يىڭى يىلىڭلار مۇبارەك بولسۇن، ئۇتۇق تىلەيمەن. نەدە بولساقمۇ ئامان بولايلى.
قېرىداشلىق سالىمى بىلەن ۋەتەندىشىڭلار.
مەن نەدە؟
نەدە بۈگۈن، قايمۇقتى بېشىم؟
ئەتراپتا كالدىر چۈشىنەلمىدىۈ.
قېنى ئۇ ھۆيلام باراڭلىق ئۆيىم؟
مەن ئويناپ ئۆشكەن بوستاڭ باغلىرىم.
ئەتراپدا ئىگىز قەۋەتلىك ئۆيلە،
سارايلا، ماللا، يالنىراق سودا.
يوق ئىدى ئەۋۋەل ژىڭنە كۆز جانلا.
ئەمدى غىچ ئۇلا، يوق بادام دوپپا.
قېنى ئۇ ھەيتكا روھى باھارىم؟
بۇلۇتلا ئارا ھەيكەلنى كۆردبم.
قېنى ئۇ ئوردا ئۇلۇق قاغانىم؟
مامۇت كەپتەرنى پەشتاقدا كۆردىم.
…………………………………
يەنە 5 كۈپلېت بار. جۇۋاپ كەلگەندىن كىيىن يازىمە.
يىڭى يىلىڭلار مۇبارەك بولسۇن، ئۇتۇق تىلەيمەن
قېرىداشلىق سالىمى بىلەن ۋەتەندىشىڭلار.
رەخمەت! داۋامىنى ئەۋەتىڭ. بۇ سەھىپىگە قويايلى.
مەن نەدە؟
نەدە مەن بۈگۈن، قايمۇقتى بېشىم؟
ئەتراپتا كالدىر چۈشىنەلمىدىۈ.
قېنى ئۇ ھۆيلام باراڭلىق ئۆيىم؟
مەن ئويناپ ئۆشكەن بوستاڭ باغلىرىم.
ئەتراپدا ئىگىز قەۋەتلىك ئۆيلەر،
سارايلا، ماللا، يالتىراق سودا.
يوق ئىدى ئەۋۋەل ژىڭنە كۆز جانلار.
ئەمدى غىچ ئۇلا، يوق بادام دوپپا.
قېنى ئۇ ھەيتكا روھى باھارىم؟
بۇلۇتلا ئارا ھەيكەلنى كۆردبم.
قېنى ئۇ ئوردا ئۇلۇق قاغانىم؟
مامۇت كەپتەرنى پەشتاقدا كۆردىم.
نەدە مەن بۈگۈن ، مەن نەگە كەلدىم؟
كىمنىڭ جايى بۇ، ئۇيغۇر كۆرمىدىم.
يېنىمدا بىرسى بۇ، « خاشى» دىدى،
ئۇ، نىم دىگەن گەپ چۈشىنەلمىدىم.
سورۇدۇم ئۇنىڭدىن، قەشقەر نەدە؟ دەپ،
ئۇ جۇۋاپ قىلدى «مانا شۇ ئۆزى»
سورۇدۇم يانا ئۇيغۇر قېنى دەپ،
«مانا مەن ئۆزەم شىنجاڭ رىن» دىدى.
ماڭا قاراپ ئۇ ، «كىم» دەپ سورىدى،
مەن جۇۋاپ قىلدىم ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى.
«ئۇيغۇر دىگەن گەپ بۆلگىننىڭ سۆزى»
جۇۋاپ قىلدى ئۇ، جۇڭگۇلىق كىشى،
ئايلاندى بېشىم، كۆزىمدە تۇمان،
قەشقەر يوقارمۇ؟ ئويۇمدا گۇمان.
بەرگەنگە كۈلۈپ بۇگۇن تىزلانغان،
ئۇيغۇر قوپارمۇ قەشقەرگە قالقان؟
ئەيتىڭلا سىلەر ئەتراپتا كىملەر؟
ئەيتىڭلا نوۋرۇز كىمنىڭ بايرىمى؟
بولامدۇ ئۇيغۇر بولمىسا قەشقەر؟
ئۇيغۇرنىڭ روھى، ئۇيغۇر بايرىقى.
3. 11، 2011.