تۇركىيەدىكى نامايىشتا 1700 ئادەم قولغا ئېلىندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئىيۇن ئەنقەرە خەۋىرى: تۈركىيىە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاممەر گۇلەر يەكشەنبە كۈنى مۇخببېرلارغا بايانات بېرىپ، 2 كۈندىن بۇيان پۈتۇن مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا 1700 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ساقچىلىرى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۇچۇن نامايىشچىلار توپىغا ياش ئاققۇزۇش گاز بومبىسى ئاتقان ۋە سۇ ناسۇسى ئارقىلىق سۇ چاچقان.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە شەھەر مەركىزىدىكى باش مىنىستىر بىناسىغا قاراپ يورۇش قىلغان 1000 ئەتراپىدىكى نامايىشچىلارنى قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ توسۇپ قالغانلىقىنى، ھازىرچە 53 پۇقرا، بۇلارنىڭ 19 نەپىرى ئىستانبولدىن ۋە 26 ساقچى خادىمنىڭ نامايىش داۋامىدا يۇز بەرگەن توقۇنۇشتا يارىدار بولغانلىغىنى بىلدۈردى.
نامايىش دەسلەپتە ئىستانبولدا باشلىنىپ، ئۆتكەنكى 5 كۈندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ باشقا بىر قانچە شەھەرلىرىگە كېڭەيگەن.
نامايىشچىلار ئىستانبۇل شەھەر مەركىزىدىكى باغچىنى قوغداش، ئورنىغا بۇزۇپ سودا-سېتىق مۇلازىمەت بىنالىرى سېلىشقا قارشى چىققان بولۇپ، بۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇش پىلانىنى ھۆكۈمەت قوللىغان ئىدى.
خەۋەر مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئىيۇن ئەنقەرەدىن بەرگەن خەۋىرى. (ئېنگلىزچە)
خەۋەرنى ئېنگىلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى.
خەۋەر ئادرېسى:
http://english.peopledaily.com.cn/90777/8267739.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: تۇركىيەدىكى نامايىشتا 1700 ئادەم قولغا ئېلىندى